كۈنلۈر ئۆتتى ئايلار ئۆتتى ،
كىملەر كەلدى كىملەر كەتتى.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدىكەن،
ئاشىق دېگەن كۈتىدىكەن.
ئازابىڭنى تەرگۈم بارتى ،
دەرتلىرىمنى تۆككۈم بارتى.
يۈرەك سۆيگەن گۈزەل جانىم،
بۇ قەلبىمدە بولدۇڭ بارىم.
ئېسىڭدىمۇ ماي ئايلىرى ،
بىرگە ماڭغان تاغ بويلىرى.
ئەشۇ كۈنلەرگۈزەل ئىدى،
ھەمراھ بولغان باھار ھىدى.
شۇ چاغلارنى ئۇنتالمايمەن.
ئەسلىمىسەم تۇرالمايمەن .
سەن قوشۇلغاندا ساياھەتكە،
مەنمۇ تولدۇم ساياھەتكە .
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كەتتۇق،
چاقچاق بىلەن شوخ ئۆتەتتۇق.
ئۈرۈمچىدىن بىز ماڭغاندا،
مېنىڭ كۆلبەم شۇ باغراشقا .
قانچە خوشال بولغانىمنى ،
بەخىتكە ھەم تولغانىمنى .
بەلكىم سەنمۇ سېزىپ قالدىڭ،
مەن بىلەن ھەم بىرگە ماڭدىڭ.
پويىز بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق،
چاقچاقلىشىپ كۈلۈپ كەتتۇق.
شۇ كۈنلەرنى ئۇنتالمايمەن،
ئەسلىمىسەم تۇرالمايمەن.
ئەجەپ شىرىن چاغلار ئىكەن،
ئاشىق دائىم ئەسلەيدىكەن .
پۈتۈن كېچە كۆزنى يۇمماي ،
كۈلكە بىلەن ماڭغان ھارماي.
مۈرەمگە ھەم باشنى قويدىڭ،
مەڭگۈلۈككە ئىزنا سالدىڭ .
سۆيۈنۈپ ھەم سەندىن قەلبىم،
كۈيلەپ يۈرەر مېنىڭ قەلبىم .
شۇ ئەسنادا چىرماپ خىيال ،
چىقسا دېدىم مەيىن شامال.
شۇ چاغلاردا مەن ئەرىشتە ،
باغلاندى ھەم دېدىم رىشتە.
ئۆز-ئۆزۈمگە خىيال ئەيلەپ،
مەڭگۈگە تاڭ ئاتمىسۇن دەپ.
شۇنداق قىلىپ شىرىن كېچە،
ئۆتۈپ كەتتى تېزلا شۇنچە.
دوستلۇرۇڭمۇ ئىككىمىزدىن ،
گۇمانلاندى ئىشىمىزدىن.
ئۇلار نېمە دېسە مەيلى ،
سەن بولساڭلا ماڭا لەيلى.
شۇنداق قىلىپ تاڭمۇ ئاتتى،
ھەممىمىزگە ھاردۇق يەتتى.
قاراشەرگە دېدۇق سالام ،
چۈشكىچە بىز ئالغان ئارام.
سېنى كۆردۈم ئۆز يۇرتۇمدا،
يەنە تېخى كۆزئالدىمدا.
ئۆز-ئۆزۈمگە ئىشەنمەيتىم،
بۇ راست سەنمۇ دېيەلمەيتىم.
شۇ چاغلاردا مەن بەك خوشال،
ھەمراھ بىرگە مەيىن شامال.
ھاردۇقمۇ ھەم چىقىپ قالدى،
سېنى كاككۇك ئېلىپ ماڭدى.
ئالدىمىزدا گۈزەل ماكان،
قارشى ئالدى سېنى جانان.
كۆل بويىغا يۈرۈپ كەتتۇق،
خوشاللىققا بىرگە يەتتۇق.
مانا دېدىم باغراش كۆلى ،
كاككۇك قانات قاققان ئۆيى.
چېھرىڭدىكى خوشاللىقتىن،
مەمنۇن بولدۇم ئاشىقلىقتىن.
ئەي زەينىپىم كۆزى بۇلاق،
كۈلەر ئىدىڭ شۇنچە ئوماق.
شۇ ئەسنادا خىيال باستى،
ھەسرەتلەرنى دارغا ئاستى.
خىيال سۈرۈپ كۆلگە چۆكتۈم،
قەلبىمگە ھەم سېنى پۈكتۈم.
مەڭگۈ بىرگە ياشاي دېدىم،
سېنى ھەمدە ئالاي دېدىم.
ئۇرۇلغاندا شادلىق ھىدى ،
خىياللىرىم شىرىن ئىدى .
سېنىڭ بىلەن تويۇم بولسا،
بەش ئالتىدىن بالام بولسا.
ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ كەتسەك،
كۆل بويىدا كېچىپ يۈرسەك.
ئاقماس ئىدى يۈرەك يېشىم،
تېپىلاتتى سەندىن بەختىم .
خىيالىمدا تويمۇ قىلدىم ،
مۇھەببەتنى سەندىن بىلدىم.
ھەپتىدە بىر كۆل بويىدا ،
تاماق يېسەك دەيمەن دالا .
شۇ كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ،
كۈتكەنمىدىڭ ئۆتۈشىنى .
خىيال بىلەن رېئال پەرقى ،
بۇ بەختىمنى قىلار غەرقى .
قايتىپ كەلدىم خىيالىمدىن،
شادلىق تاپاي رېئالىمدىن.
كۆل بويىدا بىرگە يۈردۇق ،
خوشاللىقتا سۇغا كەچتۇق.
شۇنچە خۇشال بولغانىڭنى،
شادلىققا ھەم تولغانىڭنى.
كۆردۈم جانىم تۇنجى قېتىم،
باشلاندى ھەم سۆيگۈ بېتىم.
شۇنداق قىلىپ كەچمۇ بولدى،
مىسكىن دىلغا شادلىق تولدى.
ئۆتۈپ كەتتى گۈزەل بىر كۈن،
ئۇيقۇ بىلەن كەتتى بىر تۈن .
خۇشال ئۆتتى بىزنىڭ سەپەر،
كۈتۈۋالدۇق يېڭى سەھەر.
سەھەردىلا يۈرۈپ كەتتۇق ،
بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدۇق.
شۇ چاغلارنى ئەسلەرسەنمۇ ،
يەنە ئۆيگە كېلەرسەنمۇ .
ئەجەپ قىززىق ئىشلار بولغان،
شادلىققا ھەم قەلبىم تولغان.
ئېسىڭدىمۇ گۈزەل جانان ،
ئاتقا مىنگەن گۈزەل ماكان.
ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە،
چۈشۈپسەنكە مۇڭلۇق كۈيگە.
دوستلار بىلەن مىنسەك ئاتقا،
ئاخىرىدا كەلدىڭ ئاستا .
مېنەلەمسەن دېسەم ساڭا،
چاتاق يوققۇ دېدىڭ ماڭا.
تۇتۇپ بەرسەم ئاستا مىندىڭ،
پونى ئېتىپ ئالغا ماڭدىڭ .
ئون بەش مېتىر ماڭا -ماڭاي،
توۋلاپ كەتكەن ئىدىڭ ۋاي-ۋاي.
ئېلىپ قاچسا سېنى ئېتىم ،
تېزلەپ كەتتى يۈرەك رېتىم .
كەينىڭدىن ھەم قوغلاپ ماڭدىم،
موتو بىلەن ئاران يەتتىم .
چۈشۈرۋالدىم ئاتتىن سېنى ،
ئەنسىرەتتىڭ جانىم مېنى .
مىنەلمىگەچ سەنمۇ ئاتنى،
ئېتىپسەنكە ماڭا پونى .
پو ئاتمىساڭ ئەگەردە سەن،
ئىلىخولۇق بولماي قالسەن.
ئەشۇ كۈنلەر گۈزەل ئىدى،
ھوزۇر بەرگەن باھار ھىدى.
ئۈچ كۈنمۇ ھەم ئۆتۈپ كەتتى،
ھەممىمىزگە ھاردۇق يەتتى.
ئۈرۈمچىگە ماڭدۇق سەھەر،
ئاخىرلاشتى بىزنىڭ سەپەر.
بىز بارمىغان باغراش بويى ،
قالمىدى ھەم دەريا كۆنچى.
قول تۇتۇشۇپ بىرگە ماڭدۇق،
كوچىلارنى بىرگە كەزدۇق .
سۆيگۈمىزگە ياقار چىراق ،
تارىم بويدا بىر جۈپ توغراق.
ئىككىمىزگە سالام بەرگەن ،
تارىم دەريا گۈزەل ئىكەن.
شۇ يەرنىمۇ كېزىپ كەلدۇق،
قايدۇ بويدا خوشال كۈلدۇق.
شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن سەپەر،
مۇھەببەتكە بەردى كەۋسەر.
ئەشۇ گۈزەل كۈننى جېنىم،
ئەسلەيدىكەن مېنىڭ قەلبىم.
..............................
..............................
مەنبە..... باغراش كاككۇكى.....
4
ئاتقان ئوقتەك ئۆتتى كۈنۈم،
شۇنچە شىرىن ھەر بىر تۈنۈم.
مېنىڭ بىلەن دائىم بىرگە ،
يۈرەر ئىدىڭ قىلىپ كۈلكە.
ساڭا بولغان چىن ئەقىدەم،
ۋىسال تاپقان ھەر دەقىقەم.
ئەشۇ كۈنلەر گۈزەل ئىدى ،
كاككۇك سېنى سۆيدۈم دېدى.
شۇ كۈنلەرنى ئەسلەيمەن يار،
ساڭا قەلبىم بەك ئىنتىزار.
يوللاردا ھەم بىرگە ماڭغان،
ھەركۈن كېچە سەيلە قىلغان.
بېقىشاتتى بىر جۈپ كۆزلەر،
تۈگمەس ئىدى شىرىن سۆزلەر.
قارار ئىدىڭ ئوماق ماڭا ،
تويماس ئىدىم قاراپ ساڭا.
سېھرى كۈچىڭ قالتىس ئىكەن،
ھەركۈن بىرگە يۈرگەن بىلەن.
زېرىكمەيتىم سەندىن جانىم،
بولغان ئىدىڭ مېنىڭ بارىم.
قورقار ئىدىم ئايرىلىشتىن،
قاناتىمدىن قايرىلىشتىن.
سېنى قانچە سۆيگەنىمنى،
ئوتۇڭدا ھەم كۆيگەنىمنى.
تىلىم بىلەن دېيەلمەيمەن،
ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.
كۈيلىرىڭگە سازچىدۇرمەن،
ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى سەن.
مانا شۇنداق ئۆتسە كۈنلەر،
ھوزۇر تاپار ئىدى تۈنلەر.
سېنىڭ بىلەن ئۆتكەن مىنوت،
يۈرەگىمگە سالدىغۇ ئوت.
قەدىرلىكىم ئوماق زەينەپ،
ساڭا ئاشىق بولۇش شەرەپ.
ھاياتىمدا مۇشۇ كۈنلەر ،
بەرگەن ماڭا شىرىن كۈيلەر.
سېنىڭ بىلەن بىرگە يۈرسەم،
خۇشاللىقتا بىرگە كۈلسەم.
بۇندىن ئارتۇق بەخىت يوقتۇر،
چىن سۆيگۈگە يۈرەك توقتۇر.
مۇشۇ كۈنلەر داۋام ئەتسە ،
يۈكىڭ ماڭا سۆيگۈ بەرسە.
ياشار ئىدىم تېپىپ بەخىت،
مۇھەببەتكە قۇرۇپ تەخىت.
ئېيتقىن جېنىم بەخىت شۇمۇ،
ۋىسال تاپقان بولدۇق بىزمۇ.
نەگە ماڭسام قېشىمدا سەن،
تاماق يېسەم يېنىمدا سەن .
ئايلىناتتىڭ مېنىڭ بىلەن ،
چاقچاق قىلىپ كۈلكە بىلەن.
ماڭا بەردىڭ گۈزەل سۆيگۈ،
داۋام قىلسۇن دەيتىم مەڭگۈ.
ئۆتكەن كۈنلەر ئەجەپ شىرىن،
بولۇر قانداق كۈنلەر كېيىن.
سېنىڭ بىلەن تائابەتكە ،
ئىمزا قويسام مۇھەبەتكە.
تېپىلاتتى مەندىن بەخىت،
قۇرۇلاتتى سۆيگۈمگە تەخىت.
ئېسىڭدىمۇ گۈزەل جانان،
ئەسلەرسەنمۇ مەندەك ھامان.
بىرگە ماڭغان يوللار بويى ،
ئاشىقلىقنىڭ بولغان ئۇلى .
سېنىڭ بىلەن كېلەچەككە،
ئۈمۈد تىكتىم مەڭگۈلۈككە.
قوللۇرۇمنى تۇتقىنىڭدا،
چۈمەر ئىدىم ھاياجانغا.
بۇ دۇنيادا مەن ۋە سەندەك،
يوقتۇر دەيتىم بىر جۈپ يۈرەك.
ھايات يولى ئەگرى توقاي ،
بۇ يوللاردا قانداق ماڭاي .
بولساڭ جانىم يېنىمدا سەن،
بۇ يوللاردا تەمتىرمەيمەن.
سېنى سۆيۈپ قالغانىمغا،
ساڭا كۆيۈپ قالغانىمغا.
شۈكۈر دېدىم ئاللاھىمغا،
باڭا بەرگەن باھارىڭغا.
ئېسىڭدىمۇ گۈزەل كۈنلەر،
سەيلە قىلغان شىرىن تۈنلەر.
شۇنچە مۇڭلۇق كۈيگە سالغان،
ياشلىقىمغا سەن شام بولغان .
شاملار يانغاچ مۇھەببەتكە،
شادلىق كەلگەن قوش يۈرەككە.
سېنىڭ بىلەن گۈزەل جانان،
قەلبىم بىرگە بولغان ھامان.
ئايرىلىشقا ئازمۇ قالدى ،
كۈنلەر ئاتقان ئوقتەك ماڭدى.
كېتەر ئىدىڭ يىراققا سەن ،
ئايرىلىشتىن قورقاتتىم مەن .
ھەر كېچىدە گۈزەل جانىم،
تېلفۇن قىلار ئىدىڭ دائىم.
ئەشۇ كۈلەر ئەجەپ گۈزەل،
ھەممەلەردىن ئىدى ئەۋزەل.
كېلىپ قالدى تەتىل پەسلى ،
ئايرىلغۇم يوق جېنىم لەيلى .
ماڭار بولدۇم سەندىن ئاۋال ،
ئۆتمەس ئىدى كۈنلەر خۇشال.
ئۇزتۇپ چىقتىڭ بېكەتكە ھەم،
قولۇڭ يۈزدە كۆزلىرىڭ نەم .
ئايرىلالماي تۇرۇپ سەندىن ،
شەپە كەلدى ئەسلەش غەمدىن.
ئەشۇ مىنوت ئىدى گۈزەل ،
قىلغان سۆزۈڭ بالدۇر ھەسەل .
سېنى ئېلىپ كەتكۈم بارتى ،
قەلبىم ساڭا ئەجەپ زارتى .
ئېلىپ كەتسەم ۋاقتى ئەمەس،
شۇ كۈنلەرگە قىلاي ھەۋەس .
سىلاپ تۇردۇڭ يۈزلىرىمنى ،
قويغۇم يوقتى قوللۇرۇڭنى .
شۇنداق قىلىپ كېتىپ قالدىم ،
سېغىنىشنى ئەسكە ئالدىم .
سېنىڭ بىلەن يۈرسەم بىرگە ،
ئايرىلمايتى مەندىن كۈلكە .
بېرىۋالدىم مەنمۇ ئۆيگە ،
بېرىۋالدىڭ سەنمۇ ئۆيگە .
كۈندە سېنى كۆرەلمەيمەن،
يوللاردا ھەم يۈرەلمەيمەن.
چاقچاق قىلىپ يۈرەلمەيمەن،
سىرلىرىڭنى بىلەلمەيمەن.
كۆرۈشمىدۇق بىزمۇ ئۇزاق ،
بولساڭمۇ گەر مەندىن يىراق.
تېلفۇن بىلەن سالام بەردىڭ،
ئۇچۇر يازسام جاۋاپ يازدىڭ .
ئەھۋالىڭدىن خەۋەر بەردىڭ،
يۈرەگىمنى خۇشال ئەتتىڭ .
سەن ئۇياقتا مەن بۇياقتا،
كۈنلەر ئۆتەر سېغىنىشتا.
قاچانغىچە مۇشۇ كۈنلەر ،
سېغىنىشتا ئۆتەر تۈنلەر .
قول تۇتۇشۇپ يۈرەلمىدۇق،
سەيلە قىلىپ كۈلەلمىدۇق.
چىدىمايتى ساڭا يۈرەك ،
بىر دىداردۇر ئارزۇ-تىلەك.
ئاللاھىمدىن تىلەر يۈردۈم،
ئامان بول دەپ دۇئا قىلدىم.
ئىشىق ئوتتا كۆيەر ئىدىم ،
سېغىنساممۇ چىداي دېدىم .
سېغىنىشتا ئۆتەر كۈنۈم ،
سۆرىتىڭگە قاراپ كۆزۈم.
يىراقلاردا بىرى بار دەپ ،
ئەسلىدىڭمۇ ئوماق زەينەپ.
كۈنۈم ئۆتەر تەلپۈنۈشتە،
ھەسرەت شاملى يەلپۈنۈشتە.
ئىرادەم بار ساقلايدىغان ،
ئەقىدەمدىن كەچمەيدىغان .
شۇ كۈنلەرنى كۈتۈپ تۇرغىن ،
جانىم مەڭگۈ ئامان بولغىن.
................................
................................
باغراش كاككۇكى!!!!!
5
كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى،
ئاشىقلىقم داۋام ئەتتى.
شادلىق مەندىن يىراق كەتتى،
بۇ قەلبىمگە ھاردۇق يەتتى.
سېغىنىشنىڭ ئوتى قىيناپ ،
ئېلىپ كەلدى ماڭا ئازاب.
مەھەللەڭگە ئىزلەپ باردىم،
مىڭ تەسلىكتە سېنى كۆردۈم،
سېنى كۆرۈپ خۇشال بولغان،
كۆكتە قانات قاقماق بولغان.
بىراق سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن،
شادلانمىدىم سۆزلىرىڭدىن.
بېرەلمىدىڭ سۆيگۈدىن تەم،
مۆكۈۋالدىڭ ئۆيۈڭدىن ھەم.
سېنىڭ شۇنچە باھەنەڭ جىق،
بىلەلمىدىم قانداق قىلىق.
جېنىم دەيتىڭ بىر چاغلاردا،
سېلىپ مېنى ھاياجانغا.
ئەشۇ كۈننى ئۇنۇتتۇڭمۇ،
پاك سۆيگۈنى قۇرۇتتۇڭمۇ.
كۆزلىرىڭدە بىرخىل سىر بار،
سىرلىرىڭغا مەن ئىنتىزار.
قېنى جانىم ماڭا دېگىن ،
ئۆزۈڭ تەنھا دەرت يېمىگىن.
بىلەلمىدىم ئوماق جانان ،
تاللامدۇ يا سۆيگۈڭ ماكان .
مەيلى كورلا مەيلى باغراش،
ئۈرۈمچىدا بىز قەلىبداش.
ئاشىق بولۇپ ئۆتكەنلەرنى،
ئۇنۇتتۇڭمۇ شۇ كۈنلەرنى .
بەرگىن جاۋاپ سوئاللارغا،
قويما مېنى ئارمانلارغا .
سەندىن سۆيگۈ تىلەپ كەلسەم،
بارلىقىمنى ساڭا بەرسەم .
ئۇنۇت دېدىڭ قالدىم ھەيران،
پاك سۆيگۈمنى قىلدىڭ ۋەيران.
كەچكىن دېدىڭ ئەشۇ بىر كۈن،
بەربات قىلدىڭ مېنى پۈتۈن .
سەندىن كېچىش مۇمكىن بولماس،
يۈرەكمۇ ھەم بەخىت تاپماس .
كەچكىن دېدىڭ مېنى سۆيسەڭ،
چىن يۈرەكتىن ماڭا كۆيسەڭ .
بىر چاغلاردا سېنى سۆيدۈم ،
ھاياتىمدا تۇنجى كۆيدۈم .
دېگەن قىزدىن بۇنى ئاڭلاپ،
تاپتى يۈرەك نۇرغۇن ئازاب .
بىلەلمىدىم قانداق قىلاي ،
ئاشىق يولدا قانداق ماڭاي.
قىينىغىم يوق سېنى جانان ،
كۈلەلمەيمىز بىرگە ھامان .
شۇڭا سەندىن كەچمەك بولدۇم،
كۆزلۈرۈڭدىن يۈتمەك بولدۇم.
كېچىپ باقتىم ئالمىزاردىن ،
ئالما كەبى سەندەك ياردىن .
كەچتىم دېگەن سۆزنى قىلدىم،
ئازابىمنى ئۆزۈم بىدىم .
مەن كەچتىمغۇ بولغاچ گۈدەك،
كېچەلمىدى سەندىن يۈرەك .
خۇشال ئۆتسەڭ بەخىت تېپىپ،
كېتەلەيمەن سەندىن كېچىپ .
يىراقلاردا تەنھا يۈردۈم ،
چۈشلىرىمدە سېنى كۆردۈم .
خىيالىمدا بىر سەن ئىدىڭ ،
سېغىندۇردى خۇشىۇي ھىدىڭ .
ئەسلەش بىلەن ئۆتەر كۆنلەر،
كەلمەس بولدى شىرىن تۈنلەر.
ئوماق ساڭا بەخىت تىلەپ ،
قەلىمىمدە دائىم كۈيلەپ .
بۇمۇ بىر خىل بەخىت دېدىم ،
ساڭا ئاتاپ دۇئا قىلدىم ،
سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭ دېدىم ،
شادلىقلىرىڭ مېنىڭ تەختىم .
كۈنلەر شۇنچە ئۆتتى تېزلا ،
خىيالىمدا پەقەت سەنلا .
سېنى ئۇنتۇش مۇمكىن ئەمەس ،
خىياللىرىم ئارام بەرمەس.
سېنىڭ بىلەن ئۆتەلمىسەم ،
بىرگە كۈلۈپ يۈرەلمىسەم.
مۇھەببىتىم تاپماس شادلىق،
زەپەر قۇچۇپ چاپماس ئاتلىق.
ۋاز كەچكىم يوق ۋاز كەچتىم مەن،
رېئاللىققا تەن بەردىم مەن .
بۇ تەقدىرگە ئامال قانچە ،
سۆيەر ئىدىم سېنى شۇنچە .
يىراقلاردا تەنھا ئۆزۈم ،
سۆرىتىڭدە ھەردەم كۆزۈم .
ھايات دېگەن ئەجەپ ئىكەن،
ئاشىق بولۇش ئازاب ئىكەن .
كەچتىم دېدىم سۆزلىرىمدە ،
كېچەلمىدىم يۈرەگىمدە .
ئۇتۇت دېدىڭ جانىم مېنى ،
ئۇنتالمىدىم پەقەت سېنى .
سۆيگۈن دېدىڭ باشقا بىرنى،
سۆيەلمەيمەن باشقا يارنى .
سېنى سۆيۈپ بى ياشلىقتا ،
ياشالمىدىم رېئاللىقتا .
خىيال بىلەن ئۆتەر كۈنلەر ،
قەلبىم پەقەت سېنى كۈيلەر .
سېنى ئەسلەپ ئۆتەي ئەمدى،
ئەسلەشكە ھەم يۈرەك كۆندى.
سۆيەلمىسەڭ مەيلى مېنى ،
سۆيگۈن دېمە باشقا بىرنى .
لېۋىمدە لەۋ ئىزىڭ قالغان ،
يۈرەككە ئوت ئوتنى سالغان .
ئەشۇ كۈننى ئەسلەپ يۈرەي،
ساڭا مەڭگۈ بەخىت تىلەي .
بەخىتلىك بول ئوماق جانىم،
بىلسەڭ ئۆزۈڭ مېنىڭ بارىم.
يىراقلاردا ساقلاي سېنى .
ئۇنۇتساڭمۇ مەيلى مېنى .
مەڭگۈلۈككە سۆيگۈنۈم سەن،
بۇ ھاياتتا كۆيگۈنۈم سەن ،
بۇ ھاياتتا مۇھەببەتكە ،
ئىمزا قويغىن تائابەتكە .
دېگەن سۆزنى ئەسلەپ قويغىن،
قېشىمغا يار قايتىپ كەلگىن.
بېلىق تەشنا ئىكەن سۇغا ،
قەلبىم تەشنا مەڭگۈ ساڭا .
بولالمىدىڭ ماڭا لەيلى ،
باشقا بىلەن ئۆتسەڭ مەيلى.
خۇشال ئۆتكۈن مېنىڭ شەرتىم ،
بىلسەڭ سېنى ساقلار قەلبىم .
ئامان بولغىن ئوماق جانىم ،
بەخىت تىلەر ساڭا بارىم.
ئاللاھىمغا ئامانەت سەن ،
يىراقلاردا ئەسلەرمەن مەن.
سېنى سۆيگەن كاككۇك باغراش،
بولغۇسى بار مەڭگۈ دىلداش.
خەيىر جانىم خەيىر ساڭا ،
بەختىڭ ئۈچۈن ماڭغىن ئاڭا.
خەيىر جانىم خەيىر سۆيگۈ ،
ئۇنتۇلمىغىن مەندىن مەڭگۈ .
تۈگىدى.....
باغراش كاككۇكى!!!!!