xamal22 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 10:03 PM 
''مەن  پەقەت   پۇل  تېپىشقا  ئىشلىگەن  بىلىمنىلا  ھەقىقى ...
 
قەيرى  قىززىق  تۇيۇلدى  ؟
نۇرغۇن  كىشىلەر  بىل  گەيتىسنى  ئەقىللىق  ئادەم  دەپ  قول  قۇيىدۇ  ،  ئەمەلىيەتتە  
ئۇنىڭ  نۇرغۇن پۇلى  بولغاچ  شۇنداق  قارايدۇ  .  ناۋادا  ئۇ  ئەقلىنى  پۇل  تېپىشتىن
باشقا  ئىشقا  قارىتىپ  يۈرگەن بولسا  ھېچكىم  ئۇنى  ئەقىللىق  دىمەيدۇ  .  پۇلى  كۆپ 
 ئادەمنى  ئەقىللىق  دېيىش  ئەمەلىيەتتە  پۇلنى  ھۆرمەتلىگەنلىك  ،  چوڭ  بىلگەنلىك 
 بولماي  نېمە  ؟  
پۇل  مۇھىممۇ  ،  بىلىممۇ  ؟
ئەلۋەتتە   بىلىم  مۇھىم  .  
ئۇنداق  بولسا  نىمە  ئۈچۈن  بىلىملىك  كىشىلەر  بايلارغا  ئىشلەيدۇ  ؟
بايلار  ئەجەب  بىلىملىك  كىشىلەر  ئۈچۈن  ئىشلىمەيدىغۇ  ؟  كۆپچىلىككە  مەلۈم  ، 
 ئالىم  ، پەيلاسۇپلار ھەمىشە  بايلارغا  ياخشىچاق  بولۇش  ئۈچۈن  پالاقلاپ 
 يۈرسىمۇ ،  ئەمما  ،  بايلار  بىلىملىك ،  ئەقىللىق كىشىلەر  ئارىسىدا   مەغرۇر 
 يۈرىيدۇ  .  
بۇ  ناھايتى  ئاددى  ــ  ئەقىل  ـ  پاراسەتلىك  ئادەملەر پۇلنىڭ  قىممىتىنى 
 بىلىدۇ  ،  ئەمما  بايلار   بىلىمنىڭ  قىممىتىنى  بىلمەيدۇدە  ؟  
بىلىملىك  كىشىلەر  پۇلنىڭ  قىممىتىنى  بىلگەن  تۇرۇقلۇق  نىمە  ئۈچۈن  ئۆز  
بىلمىگەتايىنىپ  پۇلتاپمايدۇ  ؟  ئۇ  پۇلنىڭ  قىممىتىنى  بىلگەن  بىلەن  بايلارغا  ئىشلەپ  ئازر
اق  نەپكە  ئېرىشمەكچى بولغان .   قېنى  دەپ  بېقىڭە  !  بۇنداق  بىلىمنىڭ  ،  ئەقىل  ـ  
پاراسەتنىڭ  نىمە  رولى بولسۇن ؟
ئۇ  ، ئەقىل  ـ  پاراسەت  دېگەن  نامغا  لايىقمۇ  ؟ شۇنداق  ئىكەن  پۇل  تېپىشقا  
ئىشلىگەن  بىلىم  ۋە  بايلارنى  ھەقىقىي  ئەقىل  ـ  پاراسەتلىك  كىشى دېسەك 
 خاتالاشمايمىز  ،  پۇل  تېپىشقا  ئىشلىمىگەن ئەقىل   بىلىم  ،  ئۆلۈك   بىلىم  ۋە  ئەقىلدۇر  .
بۇنىڭدىن  نەچچە  يىللار  ئىلگىرى  ئامرېكا  سانائەت  پىشۋاسى  ،  فورد  ئاپتومۇبىل 
 شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  ھېنرى  فورد نىڭ   بەزى  كۆرەلمەس  دۈشمەنلىرى ، 
باشلانغۇچنىڭ  6  ـ  سىنپىغىچە   تۈزۈك  ئوقۇيالمىغان  فوردنى  بىلىمسىز  دەپ  سۆز - 
چۆچەك  تارقاتقان  .  
بۇ  دېلو  ئاخىرى  سوت  قىلىپ  ئاخىرلاشتۇرۇلغان  .  سوتتا  ،  قارلىغۇچى  تەرەپ
  فوردنىڭ  بىلىمسىزلىكىنى  ئىسپاتلاش  ئۈچۈن  بەزى  ئۇرۇشقا  دائىر  سۇئاللارنى  س
ورىغان  .  ئەمما  فورد  قۇلىنى  
شىلتىپ  تۇرۇپ  ،  سىز  سورىغان  سۇئاللار  مىنىڭ  كەسپىم  بىلەن  مۇناسىۋەتسىز  . 
شۇنداق  ئىكەن  ،  مەن  نېمە  ئۈچۈن  كاللامنى  ئاۋارە  قىلىپ  كەسپىمگە 
مۇناسىۋەتسىز بىلىملەرنى  ئۆگەنگۈدەكمەن  ؟ 
ناۋادا  راستىنلا  جاۋابقا  ئېرىشمەكچى  بولسىڭىز  ،  كۇنۇپكىنى  بىرلا  باسسام 
 قول  ئاستىمدىكىلەر  سىزنىڭ  سورىغان قانداق  سۇئالىڭىز  بولسا  جاۋاب  بېرەلەيدۇ  .
  دەپ  جاۋاپ  بەرگەن  .    سوت  كوللىگدىيىسى  فوردنى  بىلىمسىز  ئەمەس،
بىلىملىك  كىشى  ئىكەن  دەپ   باش  لىڭىشتىقان .
بۇنى  ئوقۇپ  ئازراق  نەرسىنى  ھىس  قىلدىڭىزمۇ  يا  سېرىق يۇمۇر ئاڭلىغاندەك
 قىززىق ، كۈلكىلىك بىلنىۋاتامدۇ ؟  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 10:36 PM