مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5234|ئىنكاس: 129

سىزمۇ نېگىرلارنى كەمسىتەمسىز ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2143
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن  ياتاقتا تور كۆرۈپ ئولتۇرسام ،بىر دوستۇمدىن  ئۇچۇر كەلدى ،ئۇچۇردا،مەن يەنە بىرەر سائەتتىن كېيىن مەكتىپىڭىزگە يېتىپ  بارىمەن ،دەپ يېزىلغانىدى .
  ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئانچە خۇش بوپ كەتمىدىم . ۋە يەنە بىر دوستۇمغا ئۇنى كۈتۈۋالغىلى بىللە چىقىشىپ بېرىشىنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلىپ ئالالمىدىم .ئۇنى قارشى ئالغۇم يوق ئەمەس ،لېكىن  ئەتراپىمىدا غەلىتە بالىلار باركى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلماي ئەتىدىن كەچكىچە خەقنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تېپىپ يۈرىيدىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلمەكچى  بولغىنى ئافرىقىلىق نېگىر بالا ئىدى . مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىش جەريانىم مۇنداق ئىدى .
  ئالاھازەل ئىككى ئايلار بۇرۇن مەن بىزنىڭ مەكتەپنىڭ باش مەكتەپ رايونىغا بىر ئىشنى  بېجىرمەكچى بولۇپ باردىم ،ئىشىمنى  بېجىرىپ بولۇپ يەنە بىر دوستۇمنى ساقلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتىپ كەتمەكچى بولۇپ كۇتۇپخانىدا ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن ماڭدىم .دوستۇمنىڭ دەرسى بار ئىدى .
كۇتۇپخانىغا ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز بىرسى سالام قىلدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قارىسام بىر نېگىر ئوغۇل بالا بىلەن  تۈركلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر بالا ماڭا قاراپ تۇراتتى ،سۆزلەۋاتقىنى نېگىر بالا ئىدى .
-ۋئەلەيكۇم ئەسسالام
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟(كيف حالك )
-ئاللاھقا شۇكرى ، ياخشىمەن ،ئۆزىڭىزچۇ ؟
-الحمدلله ،مەنمۇ ياخشى ، سىز قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭىز ؟
-ھە......... مەن جوڭگۇلۇق .
-ۋاھ . مەن جوڭگۇغا كېلىپ ئەرەبچە سۆزلىيەلەيدىغان جوڭگۇلۇقنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم ....
ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ  ئافرىقىدىكى بىر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ئەرەب تىلى بىلەن فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدىغانلىقى ، ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ، ئوقۇتقۇچىلىرىنڭ بولسا خەنزۇچىنى  ئنگلىزچە بىلەن  بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىتىدىغانلىقىنى ،شۇڭا خەنزۇچە ئۆگىنىشتە بىرئاز قىينىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى ۋە يېنىدىكى بالىنى تۈركمەنىستاندىن كەلگەن دوستى بولۇپ ،ئىككىسىنىڭ بىر سىنىپ ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى .
  شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم .ئاڭغىچە دوستۇم دەرستىن چۈشۈپ كەلدى ،بىز قايتىپ كەتتتۇق ، كېلەركى قېتىم مەن مەكتەپكە كەلگەندە يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە سكايپ نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇشۇپ قويدۇق .مېنىڭ مەقسىتىم ئۇنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلسام ئۇمۇ مېنىڭ ئەرەبچە ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلاتتى ،ئۇ ئەرەبچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ ئۆلچەملىك ئەرەب تىلىدا سۆزلەيتتى.
  قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىدا قويۇپ بەرگەندە مەن ،دوستۇم ،ئۇنىڭ پاكىستانلىق يەنە بىر دوستى ئۈچىمىز بىر ساياھەت نۇقتىسىغا بېرىپ كۆرۈپ كەلمەكچى بولدۇق ، مەن ئابدۇللاھنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن بۇيان تۈزۈك بىر يەرنى كۆرۈپ باقمىدىمب دېگەن گېپىنى ئەسكە ئېلىپ ئۇنى چاقىرىۋالماقچى بولدۇم .
تۆتىمىز بېرىپ كۆرۈپ  ،ئارىلىقتا ھەرخىل تىلدا سۆزلىشەتتۇق ،خەنزۇچە ،ئىنگلىزچە ،ئەرەبچە ،بەزىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئوردۇچىنى سېلىشتۇرۇپ دېگەندەك،چۈش بولغاندا بىز ئازراق بىر نەرسە يەۋالماقچى بولۇپ سومكىلىرىمىزدىن يەيدىغان نەرسىلەرنى چىقاردۇق ،ئابدۇللاھ  ئۆزىنىڭ بۈگۈن روزا تۇتقانلىقىنى ئېيتىپ يېمىدى ،بىز بىر نەرسە يەۋاتقاندا مەن بەك خىجىل بولدۇم .پاكىستانلىق ئەلى مەندىن سورىدى ،ئۇ نېمىشقا بۈگۈن روزا تۇتىدۇ ؟
مەن ئۇنىڭ ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتىم ..
بىردەمدىن كېيىن ئابدۇللاھ باغچىنىڭ خاليراق بىر يېرىدە پېشىن نامىزى ئوقۇدى .
ئەلى توختىماي ئۇنى ماختايتتى ،ھەقىقەتەن ياخشى مۇسۇلمانكەن ،مەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم،،،
،قايتىدىغاندا  مەن تېلفۇنىمدىكى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ  مەنزىرىلىرىنى ئابدۇللاھقا كۆرسەتتتىم ،ئۇ بەك چىرايلىقكەن دەپ ماختاپ كەتتى ،شۇڭا بۈگۈن مەكتەپنى كۆرگىلى كەلگەنىدى .بىزنىڭ مەكتەپ چەتتىرەك بولغىنى بىلەن بەك چىرايلىق ئىدى .
  مەن ئۇنىڭغا مەكتەپنى ئايلاندۇرۇپ  چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بىلەن ئاشخانىغا كىرمەكچى بولدۇق ،دوستۇمغا تېلفۇن قىلسام يەنە ئالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن كىرىۋەردىم ، مېنىڭ بىر نېگىر بالا بىلەن كىرىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ
ئاشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاراشتى .
-دوستىڭىزما ؟ بىر قىز غەلىتە كۈلۈپ سورىدى
-ھەئە .
-ئاداش ، گېپىنى قانداق چۈشىنىۋاتىسەن ؟
ياندىكى جوزىدا ئولتۇرغان  قىز مەسىخىرە ئارىلاش ،سورىدى
-ئەرەبچە سۆزلەۋاتمامدۇ ، ئاڭلاپ بىلەلمەپسەندە ؟! دېدىم جاۋابەن .
-شۇ ئارىدا ئارقامدىكى جوزىدا ئولتۇرغان ئوغۇللارنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى .
-نېمە نېگىرلار بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرىدۇ دەيمەن
-شۇنى دېگىنە ، نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ئادەمنىڭ
- تىل ئۆگىنىمەن دېسە باشقا ئادەم چىقمىغاندەك
-راستلا جىڭ نېگىركەن، قاپقارا .....ھا ھا ھا .....
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر قىسما بوپ قالدىم .
  بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ،
-ئەرەبچىنى قانداقراق ئۆگىنىۋاتىسىز ؟
-خېلى ياخشى ،
ھە ، ئاڭلىسام نېگىر دوستىلىرىڭىز باركەن .
ئۇ نېگىر دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن ئېيتتى .
يەنە بىر سى دوستۇمغا ، ئالىيە تولا گەپ قىلماي يۈرگىنى بىلەن نېگىرلار بىلەن يېقىنكەن ھە ،دەپتۇ مەسخىرە ئارىلاش .
  بىزدىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش باركەن دېسە ،بۇ چوڭ شەھەردە ياشاۋېتىپمۇ يەنە مۇشۇنداق قاراش بارلىقىغا ھەيران قالدىم ،نېگىر بولسىمۇ ئاللاھنىڭ بەندىسىغۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇسۇلمان .ئۇنى كەمسىتكەن  ئاشۇ بالىلار نى مەن ياخشى بىلىمەن ،ئوغۇل بولسا جيۇبادىن ،قىز بولسا دىبادىن كېلەلمەيدىغانلار .نېگىر دوستۇم بولسا ھەر جۈمە كۈنى مەسجىدكە بېرىش سەۋەبى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىدىن دائىم گەپ ئاڭلايدۇ .
مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق بىر چەتئەللىكنى ماختاپ ،ئۆز مىللتىمنى چۈشۈرمەكچى ئەمەس ،لېكىن مۇشۇنداق ئىشلارغا جىق ئۇچراپ كەتتىم ،نېگىر بولسا نېمە بوپتۇ ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقانغا نېمە بوپتۇ ، بۇ پەقەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ،تىل ئۆگىنىش ئۈچۈنغۇ ؟ خەقنى كۆزگە ئىلماي يۈرگىنىمىز بىلەن ئاشۇلار قىلغاننى بىزلەر قانچىلىك قىلالىدۇق ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   blueleaf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 10:56 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:09:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ تېخى باشقىلارنى كەمسىتكۈچىلىك ئەھۋالىمىز يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 873
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىمەن. نىگىرلارمۇ ئادەم. ئۇلارنىمۇ خۇدايىم ياراتقان ئۇلارنى پەس كۆرسەك بولمايدۇ. ئادەمنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بېرىدىغان زامان ئاللا بۇرۇن كەلمەسكە كەتتى. ھازىرقى كىشلەر سىرتقى قىياپەتكە ئەمەس قوساقتىكى ئۇماچقا بىلىمىگە ئەخلاقىغا قارايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76975
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-3-5
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:12:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، تېشى ئۇن خالتاسىغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئاق بولغان بىلەن ئىچى قارىداپ كەتكەنلەردىن 1000نى ئاشۇ سىز دىگەن نىگىرغا تەڭ قىلمايمەن

دىلىمدا بىر ئاللاھ ...

ئىتقاد-ئارغامچا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54691
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1198
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 2278 سائەت
تىزىم: 2011-9-4
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:13:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى ، بوي يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق ، دەپ ئولتۇرۇۋىرىڭ . ئۆزلىرى شۇلار بىلەن يات بىر  تىلدا بىر ئىككى ئىغىز جايلاپ سۆزلىشەلگەن بولسا بەلكىم «مىنىڭ چەت ئەللىك دوستۇم بار » دەپ تازا كۆرەڭلىگەن  بولار ئىدى سىز ئۇلارغا ياردىمىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ، ياخشىلىق يەردە قالماس دىگەن گەپ بارغۇ .

دۈشمەن قاچسا قەھرىمان كۆپىيىدىكەن ، جانابلىرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى كىشىلەر باركى ئۆزەم قانداقراق دىمەي خەقنى كەمسىتىپ يۈرگەن . ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن . بوپتۇ قىرىندىشىم ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ . ئاللاھ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ .   

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74753
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇچىغا چىققان ئەخمىقانىلىق...
بىز شۇلارنى كەمسىتكەن شۇ دەقىقىدە بىزلەرنى كىملەر كەمسىتىپ كەينىمىزدىن گەپ قىلىۋاتقاندۇ دەيمەن.
شۇ كەمسىتكۈچىلەر بەلكىم كەمسىتىلگۈچى ياراتقان قىممەتنىڭ  يېرىمىچىلىك قىممەت يارتالىغان بولسىدى كاشكى...

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 17318
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6794 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلپىقار بارات ئۆزباشمۇ ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى››دېگەن كىتابتا چەتئەلدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ،بىر چەتئەللىك ناخشا ئېيتسا،ئۇ ناخشا بەك سەت ئاڭلاندىمۇ ئۇ كىشىگە،شۇ مىللەتنى ھاقارەت قىلىپ يازغان يازمىسىنى شۇ كىتابتىن كۆرگەن ئىدىم.
لېكىن،ئەسەت سۇلايمان‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك››دېگەن كىتابتا 2مىللەتنى ناھايىتى ياخشى سېلىشتۇرۇپتىكەن،كەمسىتىش دېگەن يوق دېيەرلىك.
زۇلپىقارنىڭ كىتابىنى نەشىر قىلغان نەشرىيات خادىملىرىنىڭمۇ كاللىسى ئىشلىمەي قالدىكەن بەزى يەرلەردە،مۇشۇنداق كەمسىتىش زىيالىيلارنىڭ كىتابىدا چىقىۋاتسا،ئۆزى شۇنداق باشقا مىللەتنىڭ توۋلاپ قويغان ناخشىسىنى زاڭلىق قىلىپ،كەمسىتكەندەك يېزىۋاتسا،ئۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نىگىرلارنى كەمسىتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس مەنچە.......


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1964
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1865 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ئەجىر  بەرسۇن  سىز  شىئەندە  ئۇقۇمايدىغانسىز  ھە ..   ئاللاھنىڭ  ئالدىدا   ئىككىلا قەۋىم  بۇلىدۇ  بىرى مۇسۇلمان  يەنە بىرى كاپىر  .مۇشۇلار  يىتەرلىك  .ئاللاھنىڭ  سىناقلىرىغا ئەڭ  چىدىغان  مىللەت بۇ  ،،بۇلار نىڭ چىدامچانلىق  روھى  كىشىنى  قايىل قىلىدۇ ،،پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالامنىڭ  يىنىدىكى  تۇنجى  ئەرزان ئىتقان بىلال  مۇ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن  رازى  بولسۇن ) قارا  ئىدى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كەمسىتمىگەن  ،،،،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 784
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقلارنى كەمستشتن بۇرۇن مەن كىم دىگەن سۇئالنى ئۇزىمزىدن سۇراپ باقايىلى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش