ھەجىملىك ساقلىنىش - يىڭى مەنزىرىلەر
قاسىم سىدىق
1
شەكىل نەزەريىسىدە ھەركەت ۋە ھەركەت مىقدارىنى ئۈچ ئۈلچەملىك-ھەجىملىك رىياللىق سۆپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەش تەشەببۇس قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇۋەتتىكى بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تەسۋىرلەشىنىڭ رولى،ئەھمىيتىمۇ ئىنكار قىلنمىغان.تۆۋەندە مەن ھەركەتنى ئۈچ ئۈلچەملىك (مىتىر كۇپ)رىياللىق سۈپىتىدە بىلىش ۋە تەسۋىرلەشنىڭ زۆرۆرىلىگى ھەققىدىكى ئاساسلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن.
1.ھەر قانداق ھەركەت سۇبىكتى(ھەركەت قىلغۇچى جىسىم،زەررىچە) ئۈچ ئۈلچەمگە،ھەجىمگە ئىگە بولغان بولىدۇ.ئىنسانىيەت ھازىرغىچە پەقەت بىر ياكى ئىككى ئۆلچەمگە ئىگە بولغان جىسىم،زەررىچە بىلەن ئۇچراشقىنى يوق.
2.زەررىچە ۋەجىسىملارنىڭ ماكاندا قالدۇرغان ئىزى ،تىرايىكتۇرىيىسى يەنىلا ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ.ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن پەن پەقەت ئۇنىڭ بىرلا ئۆلچىمىنى نەزەرگە ئالدى،خالاس.
3.تەبىئەت پەنلىرىنىڭ تۈپ مەقسىدى ئوبىكتىپ چىنلىقنى ئەينەن بىلىش ۋە ئىپادىلەش ،بۇ بىلىشلەر ئاساسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەرتەرەپلىمە تەرەققىياتىغا خىزمەت قىلىش.
4.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا ساقلىنىش قانۇنلىرى پۆتكۆل فىزىكىنىڭ ئۇمۇرىتقىسى.شەكىل نەزەريىسىدە ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە ــــــــ «ئېن»لارغا تەقسىملەنگەن دەپ قارىلىدۇ.ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك بايانى ھەجىملىك ساقلىنىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .يەنى ھەجىملىك ماسسا-ئىنىرگىيە،ھەجىملىك ھەركەت مىقدارى،ھەجىملىك زەرەت مىقدارى قاتارلىقلارئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تۇراقلىق سان بولۇپ،ئۇلار ساقلىنىدۇ.
2
يۇقۇرقىچە ئىدىيە نۇقسىدا تۇرۇپ تەبىئەت دۇنياسىغا قايتا نەزەر سالساق بەزى يىڭى مەنزىرىلەرگە ئىرىشىمىز.ئۇلار كەم دىگەندىمۇ تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1.ئېينىشتىيېننىڭ «ماكان»چۈشەنچىسى ۋە «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن ئىدىيىسى خىرىسقا يولۇقىدۇ.يەنى ماددا(ماسسا-ئىنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى تۇراقلىق مىقدار بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنى«سوزۇلىدۇ»دىيىشنىڭ ئاساسى يوق.ئەگەر ماددا«سوزۇلسا» ئادەتتىكى قاراش بۇيىچە تەبىئى ھالدا زىچلىق كىمىيىدۇ.دىمەك«سوزۇلمىغان»غا باراۋەر.ئۈز-ئۈزىدىن مەلۈم بولۇپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردىكى ئارتۇق ھەجىم نىيوتۇنچە ماكان ـ يوقلۇقنىڭ ھەجىمى.ئەگەر ھەقىقەتەن «سوزۇلسا»زىچلىق كىمەيمىگەن بولاتتى.
2.«ھەجىملىك ساقلىنىش»(مۇتلەق ھەجمنىڭ ساقلىنىشى)ئىتىراپ قىلىنغان ئەھۋا ئاستىدا بىز تىزلىكنىمۇ«ھەجىملىك تىزلىك»دەپ تەسۋىرلەيدىغان يىڭى قورالغا ئىرىشىمىز.بۇ ھالدا ئېينىشتىيېننى خاتا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان «باش جىنايەتكار»نىڭ ئەينى ۋاقتتا ئېينىشتىيېىگە ئۈزىنى كۈرسەتمىگەن«ھەجىملىك تىزلىك»ئىكەنلىگىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.ئېينىشتىيېننىڭ ئۇقۇم فۇندىدا «ھەجىملىك تىزلىك»دىگەن ئۇقۇم پەيدا بولغان ۋە يادىرۇلۇق ئۇرۇنغا ئۈتكەن بولسا ئۇ ھەرگىز «ماكان ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دەپ يازمىغان بولاتتى.يەنى ئېينىشتىيېنچە ماكاننىڭ كىڭىيىپ تارىيىشى «ھەجىملىك تىزلىك »ۋە ماددىنىڭ كونكىرىت ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىغىنى كۆرۆپ يەتكەن بولاتتى.
3.«مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك تىزلىك» ئۇقۇملىرى قوبۇل قىلىنغان ئالدىقى شەرىت ئاستىدا «كىۋانىت داۋالغۇشى»قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ يىڭى قورالىغا ئىرىشىمىز.بۇيەردە بىر ياكى بىر قانچە زەررىچىنىڭ(كىۋانىتنىڭ)كىچىك بىر ئەمىلى دىيامىتىرنى بۇيلاپ بىر ئەمىلى تىزلىكتە بىر مەركەزنى ئايلىنىپ ياكى بۇ مەركەز ئۈپچۈرىسىدە «تەۋرەپ» ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.بۇ مەنزىرىنى ««مۇتلەق ھەجىم»،«كۆرۆنمە ھەجىم»ۋە«قاپلاش»ئۇقۇمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرى ئارقىلىق تولىمۇ گۈزەل تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ دىگەن ئۈمىتتىمەن.
4.پۇتكۈل كىۋانىت دۇنياسىغا «مۇتلق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»نۇقتىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالساق يىڭى مەنزىرىلەر كۆزئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.سىممىتىرىيىلىك،كىۋانىتلىق قاتارلىقلار «مۇتلەق ھەجىم»ۋە«ھەجىملىك ساقلىنىش»قۇرالىغا ئىرىشكەندىن كىيىن تىخمۇ چىن ۋە مۇكەممەل تەسۋىرگە ئىرىشىدۇ دەپ قارايمەن.
5.«ھەجىملىك ساقلىنىش»بىزگە ئاتاقىلىدىغان يىڭى مەنزىرىلەربىپايان، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل.بۇ ئۇقۇم تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ھەممە ساھەسىگە دىگۆدەك تەسىر كۆرسىتىدۇ.بىر-بىرلەپ بايان قىلىش مۈشكۈل ۋە ھازىرچە ھاجەتسىز.نۈۋەتتە مۇھىمنىڭ موھىمى مۇشۇ ئۇقۇمنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش-تۇرالماسلىغىنى تەكشۆرۆپ كۆرۆش.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە
قاسىم سىدىق:«كۆرۇنمە ھەجىم»، «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر
2012.3.31
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8994&page=1&extra=#pid27064