nap--rat يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 01:51 PM 
17 ياشلىق بالىغا مۇددەتسىز قاماق بىرىشى سەل ئىغىر كەتتى ...
كەچۈرسىز پېرزىنىت ئەپەندىم ، بىزنىڭ بۇ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىمىزنىڭ قانۇن نىزاملىرى ، سىزنىڭ ئامىركىغا قوشما شىتاتلىرىنىڭ قانۇنلىرىغا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ ، سىز تەرەپتە 5 ، 10 ئادەمنى قوي سويىغاندەك سوياپ ، قۇچ قاچ ئاتقاندەك ئېتىۋەتسىمۇ ، ئاسانلىقچە ئۆلۈم جازاسى بىرىلمەيدۇ ! بىز تەرەپ تىچۇ ئاتىمىز دەپلا تۇردۇ ، ھەربىلىرىمىز ئاتقىلى ، سوتچىلىرىمىز كەسكىلى ، ساقچىلىرىمىز باسقىلى بەك ئۇستا ..... مۇشۇ تەرەپلىرى كەسكىن بولغاچقا ، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەت قان بىلەن گوشتەك بولۇپ ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرالىغاچقا ، خەلقىمىزنىڭ قورسىقى توق تۇرمۇشى باياشات ئۆتمەكتە ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئامىركىنىڭ كىدىن قېلىشمايدىغان سەۋېيگە يىتىشكە ئازلا قالدى .... پات يېقىندا ئامىركىنىڭ ئالدىغا ئېشىپ كىتىدىغاندەك تۇردۇ ... !
ئەسكەرتىش : ما دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئامىركىنىڭكىدىن ئېشىپ كىتىدۇ دېگەن گەپنى مەن دېمىدېم جۇمۇ ..... قايسى كۈندىكى خەنلەرنىڭ مۇنبىردىن كۆردۈم ، قارىسام ۋەتىنىمىزنى ماختاپ تۈركىيەنى خۇ رەئىسىمىز ھە دېسىلا تەيۋەننى ۋەتىنىمىزگە قوشىۋالغاندەك قوشىۋالىمىز ، دېگەندەك پىس پاس گەپلىەرنى قىلىشىپ شالۇكلىرىنى ئېقىتىشىپ كېتىپتىكەن ... ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا んiЯоУιN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 03:51 PM