makanmusic يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 03:24 PM 
بۇ ئېنكاسقا كۈلەيمۇ يىغلايمۇ؟
سىزنىڭ بولامدۇ،ياكى مى ...
كۈلەيمۇ يىغلايمۇ دېگەن گېپىڭىزنى كۆرۈپ سەل غىدىقىم كېلۋاتدۇ . ساز ئۆگىنىش
شەرەپ دەڭ !
شەرەپ _ غىلجىڭ ئاياللاردەك غىڭشىپ غەزەل توۋلىغانلىق ياكى بىر
ئۈستەللىك تاماق ـ قورۇما ، بىر ئىككى بوتۇلكا ھاراق ئۈچۈن جان باقتىلىق
قىلىش ئەمەس ، بىر ئىككى ساز چالالىغانلىق بىلەن پەخىرلىنىشمۇ ئەمەس .
ھەقىقىي شەرەپ __ ئەل قايغۇسىغا قايغۇرۇپ ، جەمىيئەت ، ئىنسانىيەتكە
ئاز تۇلا تۆھپە قۇشۇش ، يېڭىلىق ، ھۆنەر ـ تېخنىكا ، ئىلىم ئۆگىنىپ
پول تېپىپ مىللىتىنىڭ ساپاسىي ، ئىقتىساد تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشتىن
كىلىدۇ .
مەن سەنئەتنى يامان كۆرۈپمۇ كەتمەيمەن ، ئەمما سەنئەت بىلەن
ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولمايدۇ . ئەگەر ناخشا ـ ئۇسۇل بىلەن
تەرەققىي قىلغىلى بولغان بولسا ، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئۇسۇل ـ ناخشا
ئۇرۇندىيالايدۇ . نېمىشقا باشقا مىللەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمىدۇق .
سەبىيلەرنىڭ قەلبىنى ئازغۇن شەيتاننىڭ قارا كۆلەڭگۈسى بىلەن ئەمەس
ئىمان ـ مەرىپەت ، غۇرۇر شىجائەت ، ئىجادىيەت ، كەشىپيات بىلەن
يۇرۇتايلى ! دۇنيادىن ناخشا ئېيتىپ ، ساز چېلىپ ئۆتۈپ كەتمەيلى !
ئۇيغۇرلاردىنمۇ كۆپرەك كەشىپياتچىلار ، كارخانىچىلار ، سىياسۇنلار ،
پەت ـ تەتقىقات مۇتەخەسىسلەر چىقسۇن ...
بىزنىڭ ئىتقاد ، نەزەر دائىرىمىز تەپەككۇرىمىزدا ئۇرتاقلىق يوقلىقىنى ھىس قىلدىم .
شۇڭا مۇنازىرلىشىشتىن ۋاز كەچتىم . بۇ تېما ئون بەت بولغۇچە دېيىشسەكمۇ ھەر
ئىككىمىز ‹‹ مىنىڭ راسىت ›› دپ ئۆتىمىز .