altiwip يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 03:04 PM
مىللى مۇزىكىلارمۇ مىللى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ...
توغرا دەيسىز ! ‹‹ باللىرىمىزغا ›› دېسىڭىز ، كۆپچىلىككە دېيىلگەندەك
تويۇلۇپ كېتدىكەن .
ئەمما ، مەن بالامغا ھەرگىز ئۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگەتمەيمەن .
مەرىپەتپەرۋەر ، ئىسلاھاتچى ئالىمىمىز ئابدۇقادىر داموللام _
<< بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانىي ئەمەس ، جاھىللىق
نادانلىق دەۋىرى ئەمەس ، ئېلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر .
باشقا مىللەتلەر ئىلىم _ مەرىپەت ساھەسىدە ، ھاۋادا ئۇچۇپ
پەرۋاز قىلماقتا . سۇ ئاستىدا ، قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن
ئۈزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت تۇيغۇسىدا ياتماقتىمىز .
بۇ ھالەتتە داۋاملىق ئۇخلىماق ، ئۆلۈم ۋە يوقىلىش يولىدۇر.
ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگنىشى ، سانائەت بىلەن
شوغۇللىنىشى كېرەككى ، ھەر قانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا
چىقرىشنى ئاللاھ ئادەت قىلمىغاندۇر ! ھەر قانداق ئىش تېرىشچانلىق
ئىجتىھاد بىلەن مەيدانغا كىلىدۇ . ھەممە ئىشقا تېرىشچانلىق ، پىداكارلىق
كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر .
<< ئىنساننىڭ تېرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە بار >> دېگەن ئايەت
بۇنىڭغا ئىسپاتتۇر . >> دەپ خىتاب قىلغان ئىدى .
ئەمما بىز تېخىغىچە ئىلىم پەندىن بەكرەك ، ناخشا سازغا ھېرىس قىلىپ
كەلدۇق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-13 03:30 PM