مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2722|ئىنكاس: 51

قاسىم سىدىق:«دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«دولقۇن-زەررىچە»ئەپسانىسىگە تەنقىدىي نەزەر


(1)

قاسىم سىدىق

(غۇلجاشەھەر دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

ئاساسىي مەزمونى:

زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت يورۇقلۇقلا ئەمەس،بەلكى بارلىق ھەرىكەت سوبىكىتلىرىنىڭ (زەررىچە،جىسىم) ماھىيىتى بولۇپ،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت پەقەت تۈرلۈك- تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى بىرشەكىلدىن ئىبارەت.دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتنى ھەرىكەت شەكلى دەپ تونۇپ،ماكرو جىسىملارھەرىكىتىگىمۇ تەدبىقلىغىلى بولىدۇ.ھالبۇكى،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت شەرتلىك،ۋاستىلىق،پەيتلىك،ھادىسە ۋە نەتىجە خاراكتىرلىك رېئاللىق.زەررىچە(ماددى نۇقتا)لىك بولسامۇتلەق،بىۋاستە،ئىزچىل، ماھىيەت ۋە سەۋەپ خاراكتىرلىك رېئاللىق.شۇڭائىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ،بىرلىككەكەلگەن نەزىرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.

يەككە زەرىچىنىڭ ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغاندا،دولقۇن تەلىماتىدىن ۋاز كېچىپ،ھەرىكەت شەكلى ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشى قاتارلىقلارغامۇراجەت قىلىش كېرەك.‹‹ماسسا-ئېنىرگىينىڭ مۇتلەق ھەجىمى››،‹‹ھەرىكەت بىلەن ئارقاكۆرۈنۈش مۇناسىۋىتى››،‹‹كېكىم ئۆلچىمى ›› قاتارلىق يېڭى ئىدىيە ۋە ئۆلچەملەردىن پايدىلىنىپ،ئىنتىرفىرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى زەررىچە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.


ئاچقۇچلىق سۆزلەر: دولقۇن ئۇزۇنلىقى ،دولقۇن چوققىسى،چاستوتا،مۇتلەق ھەجىم، مۇساپە،ھەرىكەت شەكلى،يۆنىلىش،ك ك م ئۆلچىمى.


مەسىلىنىڭ قويۇلىشى ۋە زۆرۈرىيەت


يونان ئەپسانلىرىدا «ئادەم باشلىق، ئات تەنلىك غەلىتە مەخلۇق» ھەققىدە رىۋايەت بولۇپ، بەزىلەر ‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇندىن ئىبارەت ئىككى ياقلىملىقق رىئاللىق›› نى دەل شۇ مەخلۇققا ئوخشاتقان(1)

‹‹ھەم زەررىچە ھەم دولقۇن››دىن ئىبارەت زىددىيەت نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرىنى بۇ خىل ئىدىيىنىڭ ئاقىۋەت خاتا بولۇپ چىقىش مۇمكىن دىگەن ئەندىشىگە سالغان(2) ئۇ، ئەزەلدىن بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارىلىپ كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا دۇنياسىنى ئەمدى كىلاسسىك فىزىكا ۋە كۋانت فىزىكىسىدىن ئىبارەت ئوخشاشمىغان‹‹قانۇنىيەت››لەرگە بويسۇنىدىغان ئىككى لاگىرغا ئايرىۋەتكەن .بۇ ھال ‹‹فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئىنرىتسىيلىك سېستىمىلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك››دىگەن پرىنسىپنى مەسخىرە قىلدى.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى زەررىچەنۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىنترفىرىنسە، دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈش،زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى .تۆۋەندە، يوقىرىقى تەشەببۇسلارغا ئالاقىدارمۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.


1


‹‹دولقۇن››-‹‹ دولقۇن ئۇزۇنلىقى››،‹‹دولقۇن چوققىسى››،‹‹چاستوتا(تەۋرىنىش)››،‹‹سىنۇس ئەگرى سىزىقى›› قاتارلىق ئۇقۇملارئۈستىگە قۇرۇلغان .ھالبۇكى يوقۇرىقى ئۇقۇملار ماكان(مۇساپە)نىڭ مۇئەييەن مىقدارلىرى ۋە ھەرىكەتنىڭ گىئومېتىرىيلىك شەكىللىرىدىن ئىبارەت.يەنى ئۇلارنى پەقەت زەررىچىنىڭ مۇساپىسى ۋە ھەرىكەت شەكلى(سىنۇس ئەگرى سىزىقى ،دەۋر،چاستوتا)دەپ چۈشۈنىشكەبولىدۇ،ماددا دەپ چۈشۈنىشكە بولمايدۇ.يەنى دې بىروگلى ‹‹ماددى دولقۇنى ››نىڭ ھەرگىز‹‹ماددى ››ئەمەسلىكىنى دې بىروگلى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان.(3)مۇبادا يۇقۇرقىلارنىمۇماددى رىئاللىق دەپ قارىساق،ئۇلارمۇ ماسسىغا،زەرەتكە ئىگە ئىگە بولىشى كىرەك.


2



‹‹فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى››دە ئالەمدىكى ماسسا ئېنىرگىيە مۇتلەق ھەجىمگە ئىگە ،،بۇ ئىدىيەمۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ھەر قانداق شەكىلدىكى زەررىچىنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 7-ئاكسىئومىسىدا:‹‹ھەر قانداق ھەرىكەت ئارقا كۆرۈنۈشتىن ئايرىلالمايدۇ››دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ(بۇ يەردىكى ئارقا كۆرۈنۈش نىيوتون ماكانىدىن ئىبارەت).ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنى پەقەت زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى دەپلا چۈشۈنىشكە بولىدۇ.

‹‹ماسسا –ئېنىرگىيە ھەجىمگە ئىگە بولمايدۇ›› دىگەن ئىدىيە ئۆزىگە ئىسپات تاپالغان شارائىتتلايوقارقى نۇقتىنەرەر مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمى››ۋە ھەرىكەت بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى7-ئاكسئوما ئېتراپ قىلىنغان ئەھۋالدا،يەنە‹‹دولقۇن تەلىماتى››نى سۆرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.


3


بارلىق‹‹دولقۇن تەلىماتى›› تەرەپدارلىرى يورۇقلۇقنىڭ مەنبەدىن چىققاندا ۋە ئېكراندا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەتنى
ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇنداقتامەنبە بىلەن ئېكران ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقتا ‹‹دولقۇن››ئىدىيسىنى قوللايدىغان قانداق رېئاللىق بار؟بىز ئېكراننى مەنبەگە قارىتىپ قانچە سۈرسەك(مەنبەنى سۈرسەكمۇئوخشاش)يەنىلا ئارىلىقنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىدا زەررىچىلىكىنى بايقايمىز،تاكى مەنبەبىلەن ئېكراننى چەكسىز يېقىنلاشتۇرغىچە ئەھۋال شۇنداق ئۇنداقتا ‹‹دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت ››قەيەرگە كەتتى؟سەۋەپ شۇكى،زەررىچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى ماكان ۋە زامانداھېچقاچان روشەن ئىز قالدۇرمايدۇ.ھالبۇكى،زەررىچىلىك مۇتلەق ۋە ئىزچىل بولىدۇ.


4


ئىنتىىفرىتسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرى زەررىچىلەر(كوللىكتىپ)ئېقىمىنىڭ يىغىندى نەتىجىسى بولۇپ،يەككە زەررىچىدە بۇھادىسەشەكىللەنمەيدۇ.‹‹دولقۇن››تەلىماتى تەرەپدارلىرى بۇ نۇقتىنى ئېتراپ قىلىدۇ.(باشقىچەئېيىتقاندا بۇ ھادىسىلەر گويا ‹‹بىر توپ كىشى››نىڭ ئورتاق نەتىجىسى.ھالبۇكى،بىرتوپ كىشى بولسا ئايرىم-ئايرىم كىشىلەرنىڭ يىغىندىسى)ئورتاق نەتىجىنى نوقۇل يەككىلىك بىلەن ئورۇنلىغىلى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.يەككە زەررىچىدىن ئىنتىرفىرىنسىيە ھادىسىلىرىنى تەلەپ قىلىش بىمەنىلىكتۇر.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاستىكا مېتود سۈپىتىدە ئەۋزەللىككە ئىگە.لېكىن ئۇلار ئېلىمىنتار فىزىكىنىڭ ھوقوقىنى تارتىۋالسا بولمايدۇ.


5


ھەر قانداق مەنبە مۇئەييەن ماسسا مەركىزىگەئىگە.بۇمەنبەدىكى زەررىچىلەرنى مەركەزگە نىسبەتەن قانۇنىيەتلىك ۋە كۋانىتلىق ھالدائورۇنلاشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئورۇنلىشىش تەرتىۋى ئۈزۈل-كېسىل مەنىدە:ماكان-ماددا-ماكان-ماددا-ماكان....شەكلىدە بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە ۋە ياكى تار يوچۇقتىن()قوزغالغان زەررىچىلەر ماسسا مەركىزى بىلەن تىك بولغان بىر تۈز سىزىق شەكىللەندۈرگەن ئاساستا ئېكرانغاسوقۇلىدۇ ۋە ئېكراندىكى ئىنتىرفىرىنسىيە،دىفراكسىيە ھادىسىلىرىنىشەكىللەندۈرىدۇ.ئېكراندىكى تىلىمچە ۋە بەلۋاغلارنىڭ رېئال خاسلىقى مەنبەدىكى كىۋانىتلىق ھالەتنىڭ كېڭەيگەن شەكلى.باشقىچە ئېيىتقاندا،فوتۇنلارنىڭ يۆنىلىشى بىلەن دەسلەپكى ئورۇن فازىسى ئوخشاش بولىدۇ.(4)دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،بۇ يەردە بىر بۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت مەۋجۇت!قۇياش رادىئاتسىيسى چوڭ پارتىلاش؛ۋە ياكى ھەر قانداق مىكرومەنبەگە نىسبەتەن بۇنداق قاراش ئورۇنلۇق.(ئەنئەنىۋى تىل بىلەن ئېيىتقاندا‹‹سىفرىك يۈز››).


6


فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسىنىڭ 29-تىئورمىسىدا،‹‹زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ››.دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ،.بۇ خىل ئېغىش ‹‹دولقۇن››نى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرىنىڭ بىرى.يەنەبىر شەرت شۇكى ،سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان زەررىچنىڭ ئۆز ئوقىمۇ ئايلىنىشى  كېرەك.فوتون دەل يوقارقىدەك ئىككى شەرتنى قانائەتلەندۈرىدۇ،يەنى فوتوننىڭ ئوقى ئايلانغاندىن باشقا بۇ ئوققا تىك ھالدا،29-تىئورمىدا كۆرسىتىلگەندەك،زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى ئايلىنىدۇ ۋە ئاغىدۇ.ئوقنىڭ يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇئوققا تىك بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ماس قەدەملىك بولىدۇ.

ئوقنىڭ تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىدىن تەكشىلىكتە سىنۇس ئەگرى سىزىقى، بوشلۇقتا سېفىرال سىزىق ياكى كونۇس شەكىللىنىدۇدەپ پەرەز قىلشقا بولىدۇ.ئوقنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن دولقۇن ئۇزۇنلىقى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.(47-تىئورما)

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،يۇقارقى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرگەن ھەر قانداق زەررىچە ۋەياكى جىسىمنى(ئاسمان جىسىملىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)دولقۇن شەكلىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

ھالبۇكى،‹‹دولقۇن››تۈرلۈك–تۈمەن ھەرىكەت شەكىللىرى ئىچىدىكى شەرتلىك ھادىسە خاراكتىرلىك بىرلا شەكىلدىن ئىبارەت.


خۇلاسە


‹‹دولقۇن-زەررىچەئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››سېپى ئۆزىدىن زىدىيەتلىك مەسىلە بولۇپ،ئۇ ھەرىكەت سوبىكتىنىڭ شەكلى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى ئارىلاشتۇرىۋېلىشنىڭ نەتىجىسى.يوقارقى زىدىيەتلىك ئىدىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ،بىرلىككە كەلگەن نەزەرىيۋى فىزىكا بىناسىنى قۇرۇپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا،نۇرغۇنلىغان فىزىكا ئالىملىرى ۋەمۇتەپپەككۈرلەر بىمەنە نەزىرىيە دەپ قاراپ كەلگەن(4) ‹‹دولقۇن تەلىماتى››دىن ۋازكېچىش كېرەك.‹‹دولقۇن››نى ھەرىكەت شەكىللىرى ئاتلىسى ئىچىدىكى بىر شەكىل سۈپىتىدەقىستۇرۇپ قويۇش كۇپايە.ئېشىپ كەتكەندىمۇ ‹‹ھەرىكەت شەكىلشۇناسلىقى›› ئىچىدە‹‹دولقۇنشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بىر تەتقىقات تېمىسى تۇرغۇزۇشقىلا بولىدۇ.ئېھتىماللىق نەزىرىيسى ۋە سىتاتىستىكا ئەلۋەتتە ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك قورالى.


يۇقۇرقلار مىنىڭ دەسلەپكى پەرەزلىرىم،داۋاملىق ئىزدىنىش ئارقىلىق مەزمۇنلار بىيىشى ۋە ئۆزگىرىشى مۆمكىن.سەھۋە-خاتالىقلار كۆرسۆتۆپ بېرىلسە قىزغىن قارشى ئالىمەن.


پايدىلانغان ماتىرىياللار:


(1).رىدنىك‹‹مەيدان›› پەننى ئوموملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى1986-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 242-بەت.

(2) jبروۋن، w.c.p. داۋس «ئاتوم ئىچىدىكى ئەرۋاھ» شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى2005- يىل 8- ئاي. ئۇيغۇرچە نەشرى
7- بەت

(3)لىيۇيوۋچاڭ‹‹ھازىرقى زامان فىزىكا ئىدىيلىرىنىڭ مەنبەلىرى›› ؛بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى نەشىرىياتى ؛1995-يىل نەشىرى105-بەت؛

(4)‹‹فىزىكىدىكى مۇھىم تەجرىبىلەر››شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى117-بەت؛

(5)قولۇڭلاردىكى بۇ ماقالە ‹‹زەررىچە-دولقۇن ئىككى ياقلىمىلىق خاراكتىر››ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى لوگىكىلىق تەھلىل بولۇپ،فىزىماتلىق ئىسپاتلارئۆستىدە ئايرىم ئىزدىنىشكە توغراكىلىدۇ.


2009 -يىل12-ئاينىڭ10-كۈنى

ئۈرۈمچى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9328


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 11:47 PM  


سْــــمﷲِارَّحْم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 182
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13844
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 1637 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:07:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن قېرىندىشىم  جاپا تاتىپسىز

تارازىغا بىر_بىرلەپ سېلىپ،ھىساپ ئالغان ئاللاھ بۇيۇكتۇر.

●مۇۋەپپەقىيەتكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13166
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8834
تۆھپە نۇمۇرى: 687
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 02:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بۇماقالىڭىزنى يىزىشتىن بۇرۇن ئالىي كىۋانىت مىخانىكىسىنى(高等量子力学 )ئوقۇپ ھەزىمقىپ باقتىڭىزمۇ يوق؟؟؟؟ قارىسامغۇ ھىچ ئۇنداق ئەمەستەك تۇرىدۇ. بولمىسا مانداق قۇرۇق سەپسەتىنى يازماس بولغىيتىڭىز؟!
دې بىروگلى ‹‹ماددى دولقۇنى ››نىڭ ھەرگىز‹‹ماددى ››ئەمەسلىكىنى دې بىروگلى ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان.(3)مۇبادا يۇقۇرقىلارنىمۇماددى رىئاللىق دەپ قارىساق،ئۇلارمۇ ماسسىغا،زەرەتكە ئىگە ئىگە بولىشى كىرەك.

سىز ماقالىڭىز دە  ماددىي دولقۇن(物质波) نى تىلغا ئىلىشتىن بۇرۇن ماددىي دولقۇن(物质波)  نىڭ نىمىلىگىنى چۇشەندىڭىزمۇيوق؟؟؟  (قارىغۇلارچە باشقىلارنىمە دىسە شۇنى ماقالىڭىزگە كۆچۈرۈپ كەلمەڭ!!!!)

قارىغاندا سىزدە كىۋانىت مىخانىكىسىغا ئائىت ئازراقمۇ  چۇشەنچە يوقكەن.  
سىزگە تەۋسىيە: يەنە مانداق جۆيلۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شۇسىز بىرنىمە دىمدكچى بولغان سەھەنى ئوبدانراق چۈشۈنۈڭ!!!  
يەنەكەلىپ فىزىكىدا ئەزەلدىن قۇرۇقگەپ ئاقمايدۇ. ئەگەر دىگىنىم توغرادىسىڭىز قىنى شۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىڭ  .

ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 03:21:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fysikantئەپەندى،ياخشى تەكلىپلىرىڭىزگە رەھمەت!.

سىزچە« ماددى دولقۇن»،«دولقۇن» دىگەنلەرنىڭ ئۈزۈل-كىسىل ئېنىقلىمىسى نىمىدۇ؟.
«چاستوتا»،«دولقۇن ئۇزۇنلىغى»قاتارلىقلار ماددا ھەركىتىنىڭ تەسۋىرى ياكى  مىقدارىمۇ ياكى ماددا (زەررىچە) ئۈزىنىڭ تەسۋىرى ياكى مىقدارىمۇ؟.ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقسىڭىز.
بۇيەردىكى موھىم نۇقتا«دولقۇن»نى ھەركەت شەكلى دەپ قاراشتىن ئىبارەت.سىز بۇ تەشەببۇسقا قۇشۇلمامسىز؟.

引力波
维基百科,自由的百科全书

维基百科,自由的百科全书


波可视为简谐运动


物质波
百科名片


سىزگە بىر تەكلىپ:
مۇنازىرە ئاياقلىشىشتىن ئىلگىرى تۈۋەندىكىدەك ئىبارىلەرنى يازماي تورسىڭىز قانداق؟:

سىزگە تەۋسىيە: يەنە مانداق جۆيلۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شۇسىز بىرنىمە دىمدكچى بولغان سەھەنى ئوبدانراق چۈشۈنۈڭ!!!  
يەنەكەلىپ فىزىكىدا ئەزەلدىن قۇرۇقگەپ ئاقمايدۇ. ئەگەر دىگىنىم توغرادىسىڭىز قىنى شۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىڭ  .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 04:34 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 05:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

KKMدۇنياسى-«كۈچ»، «دولقۇن»ئىدىيىلىرى ئۈنۈمسىز دۇنيا

قاسىم سىدىق


KKMدۇنياسى - «كۈچ»نىڭ ئۇنۇمسىز دائىرىسى


نۆۋەتتىكى فىزىكا نەزەرىيىلىرى ئۈنۈملۈك تەسۋىرلەش ئىلىپ بارالمايدىغان پىلانىك ئۇزۇنلۇقىنى چىگرا قىلغان تېخىمۇ مكرۇ بولغان بىر دۇنيا بار. مەن بۇ دۇنيانى شەكىل نەزەرىيىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان KKM ئۆلچىمى بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولىدىغان KKM دۇنياسى  دەپ ئاتاشنى توغرا تاپىمەن.
«غەيرى نوقتا»بىلەن پىلانىك ئۇزۇنلۇقىغىچە بولغان بۇ ئارىلىق بۇنداق دۇنيانىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈتلىگىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىي.
KKM دۇنياسىدا كىلاسسىك ۋە رىئال مەنىدىكى «كۈچ ئىدىيىلىرى ئورۇنلۇقمۇ؟» نۆۋەتتىكى فىزىكا بۇ سۇئالغا جاۋاب بىرەلمەيدۇ. بۇ يەردە ئىككى خىل تاللاش بار:
1- پىلانىك ئۇزۇنلۇقىدىن قىسقا بولغان بۇ دۇنيادىكى (KKM دۇنياسىدىكى) فىزىكىلىق جەريانلارنى «كۈچ»ئۈقۈملىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ تەسۋىرلەش يولىدا ئىزدىنىپ كۆرۈش.
2- ئەگەر مۇمكىن بولسا «كۈچ» ئۈقۈملىرىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى KKM دۇنياسىغا كېڭەيتىش (مېنىڭچە بۇ بەك مۇشكۈل).
مەن 1-لايىھەگە مايىل. بۇ يەردە پەقەت ئۆزئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا خىل مۇناسىۋەت مەۋجۈت دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئىنېرتسىيە قانۇنى تۈپ قانۇن؛ KKM دۇنياسىدىكى ئالاقىدار جەريانلارنى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن ئىنېرتسىيە قانۇنى ئارقىلىق تامامەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

KKM دۇنياسى -«دولقۇن»ئۇقۇمى ئورۇنسىز دۇنيا

KKM دۇنياسىدا خۇددى «كۈچ»ئۈقۈملىرى ئورۇنسىز بولغىنىدەك، «دولقۇن»ئۈقۈملىرىمۇ ئوخشاشلا ئورۇنسىزدۇر. چۈنكى، دولقۇن ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ كەم دېگەندىمۇ بىر دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىن ئارتۇق قىممەتكە ئىگە بولغان ئارىلىق بولۇشى كېرەك.
زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت پۇتكۇل KKM دۇنياسىنىڭ تۈپ ئوبرازى.

خۇلاسە

KKM دۇنياسىدا كىلاسسىك ۋە ئەمەلىي فىزىكىدىكى «كۈچ»، «دولقۇن» ئىدىيىلىرى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. بۇ دۇنيادا زەررىچىلىك خۇسۇسىيەت ۋە 29-تېئۇرمىچە ئېغىش ئەڭ رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقۇرقىچە ئىدىيىلەرنى چىقىش قىلىپ كۋانت دۇنياسىدىكى فىزىكىلىق رىئاللىقلارنى «كۈچ»، «دولقۇن» ئىدىيىلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا تەسۋىرلەشكە بولامدۇ؟، زادى قانچىلىك دائىرە ئىچىدە قانچىلىك تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ؟ مانا بۇ بىز نۆۋەتتە ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە.
                     
                         2011.9.17

مەنبە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5771&extra=page%3D1   

  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 05:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 09:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېزىنبېرىگ «ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپى»مۇناسىۋىتى بىلەن بىرنەچچە ئېغىزگەپ

قاسىم سىدىق

1



  2012- يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۇنى(بۇگۇن) پەن-تىخنىكا تورى ياپۇنيىلىكلەرنىڭ تەجىربىدە ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىغا خىلاپ ھادسىنى بايقىغانلىغى ھەققىدە خەۋەر بەردى،بۇخەۋەر شەكىل نەزەريىسى ئۇچۇن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كاتتا خۇشخەۋەر.
شەكىل نەزىريىسى ئېنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ فىزىكىلىق مەسىلە بولماي،بىلىش نەزىريىسى خاراكتىرلىك مەسىلە ئىكەنلىگىنى،زەررىچىنىڭ تىزلىگى،ھەركەت مىقدارى ۋە ئورنىنى بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق بىلىشنىڭ مۇمكىنلىگىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن،ئەگەر يۇقۇرقى خەۋەر شۇنداقلا ۋاچ.گورزادىيان،روگىر.پىنروزلارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ۋە نېتىرۇنو تەجىربىسى مۇئەييەنلەشتۇرۇلسە شەكىل نەزەريەسى تۇپ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن  تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەلبەتتە 29-تىئورىما تەجىربىسى سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى كىرەك.

2



ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە_«ئېن»نى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن  بېۋاستە كۇزىتىش مۇمكىن ئەمەس،دەپ قارايمەن،ھېچبولمىغاندا يىقىن كىلەچەكتە شۇنداق.«ئېن»لارنىڭ ھەركەت جەريانىنى كۇزۇتۇش،ئۇزىنى كۇزۇتۇشكە قارىغاندا بۇرۇنراق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ ،ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باياناتچىسى كىرىستىن سوتتون ([Christine Sutton) «بىز زەررىچىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان ئىزى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت جەريانىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، زەررىچىلەرنىڭ ئۆزىنى بولسا ئەسلا كۆرگىلى بولمايدۇ»دېگەن.ئەلۋەتتە،ئۇلارنىڭ كۇزەتكىنى «ئېن»نىڭ ھەركەت جەريانى ئەمەس .«ئېن»غا نىسبەتەنمۇ ئەھۋال شۇنداق ،بۇ مەسىلە كۇنتەرتىپكە قويۇلسا،شەرىت-شارائىتلار پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن
«ئېن»لارنىڭ پەقەت ھەركەت جەريانىنىلاكەلتۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىن.ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە(«ئېن»)نى تىپىش پۇتكۇل زەررىچىلەر فىزىكىسىنىڭ ئەڭ ئاداققى غايىسى،ئەلۋەتتە.

     

ياۋرۇپا يادرۇ تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار چوڭ تىپلىق يادرۇ سوقۇشتۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىغا بەكمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان سۇرەتلەرنى تارتىۋالغان.


3

  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا مەيدانغا كەلگەن يىڭى بايقاشلار شەكىل نەزەريىسنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق ئاساسلىرىنىڭ ۋە تەتقىقات رامكىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىغىنى،تەپەككۇر يۇلىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى كۇرسەتتى.شەكىل نەزەريىسنىڭ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىگىدە ئىختىلاپ بولمىسا كىرەك دەپ ئۇيلايمەن.بۇ خىل تەتقىقاتنىڭ ئومۇمەن ئۇچ كونكىرىت قەدەم باسقۇچى بار:
1.مىكرۇ دونيا-زەررىچىلەر دۇنياسى تەتقىقاتى.ھاسىلى زەررىچىلەر  (تۇزۇلۇشكە ئىگە زەررىچىلەر)جەدىۋىلى تۇرغۇزۇپ چىقىش.دەسلەپتە«ئېن»نىڭ ھەجىمى ۋە باشقا فىزىكىلىق قىممەتلىرىنى بەلگىلىۋىلىپ،ئاندىن ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مۇتلەق ھەجىمى،كۇرۇنمە ھەجىمى شۇنداقلا باشقا فىزىكىلىق مىقدارلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش.بۇ ئىزدىنىشنىڭ دائىرىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېندىن پىرۇتۇن ۋە ئىلىكتىرۇنغىچە بولىدۇ.ئىلىكتىرۇننىڭ شار شەكىللىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىزنىڭ زەررىچلەرنىڭ ھەجىمى ۋە شەكلى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلايدۇ.ئېنىقسىزلىق پىرنسىپى ۋە ئىلىكتىرونغا ئائىت بۇ يىڭى نەتىجىلەر شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»دىگەن پىرىنسىپال مەۋقەسىنىڭ تۇغرىلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ.بۇ يەردە يەنە فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئىمكانيەتلىرى ئۇستىدىكى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرلارغىمۇ ئىرىشەلەيمىز.بۇ غايىلەرنى رىيالىققا ئايلاندۇروشتا «مۇتلەق ھەجىم»،«كۇرۇنمە ھەجىم»ئۇقۇملىرى شەكىل نەزىرييىسىنىڭ ئۇزىگە خاس يادرولۇق نەتىجىسى ۋە يىڭى قورالى .«ئېن»بىزنىڭ نەزەريە بىنارىمىزنى ۋوجۇتقا چىقىرىشتىكى ئېلېمىنتار كىسەك.
ھەر بىر نۇقتىدا «ئېن»ۋە«ھاسىلى زەررىچىلەر»نىڭ ھەركەت شەكلى ۋە شەرىتلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش نەزىريىمىزدىكى موھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى.

ئىلىكتىروننىڭ شار شەكلىگە ئىگىلىگى بايقالدى

十年研究发现电子是近乎完美球形


2. ئالاقىدار تەجىربە لايىھىلىرىنى لايىھىلەش.مۇمكىن بۇلغانلىرىنى ئىشلەپ سىناپ كۇرۇش، ئۇزىمىز ئىشلەشكە ئىقتىدارىمىز يەتمەيدىغان،غەلىبە قىلىش ئىھتىماللىغى يۇقىرى بولغان تەجىربە لايىھىلىرىنى ئىقتىدارى بار ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىشلىشىنى قولغا كەلتۇرۇش يوللىرى ئۇستىدە ئىزدىنىش.
3.ئەڭ زۇرۇر،تەخىرسىز خىزمەتلەرنىڭ بىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ زۇرۇرى بولغان ماتىماتكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئىشلەش.زۇرۇرى فورمۇلا،تەڭلىمىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇش.ئىپادىلىرنى بىكىتىپ چىقىش قاتارلىقلار.

4


بۇ تەتقىقات نۇرغۇن كۇچ تەلەپ قىلىدۇ.لىكىن،شەكىل نەزەريىسى تۇلىمۇ ئاددى نەزەريە.ئۇنىڭ ئاددىلىغىنى كۇزدە تۇتقاندا بۇ نەزەريىنى(تەجىربە ئايرىم مەسىلە) ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا غەلبىلىك تاماملاش تامامەن مۇمكىن ،دەپ قارايمەن.
ئۇزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،تەتقىقات سۇرئىتىنى ۋە ئىزچىللىغىنى يوقۇرى كۇتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇبۇ تەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرى قاتناشسا پايدىلىق ئىدى،لىكىن،ھەر خىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن رىياللىق غايىدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بەزى پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەتلەر قولدىن كىتشى تەبى.شۇڭا،بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان تولمۇ ئازسانلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇتەتقىقاتقا كۇپرەك ئۇيغۇر كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشتىن باشقا، قىرىنداش مىللەتلەردىن كەسىپ ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىش ئۇچۇنمۇ تىرىشچانلىق كۇرسىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن.

تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس ياكى ماڭا ئۇچۇر قالدۇرسا بولىدۇ.
2012.1.18

مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:

1. چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۇچۇرۇشكە بولىدۇ.

مەنبە:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8341&page=1&extra=#pid24762

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 09:40 PM  


قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3301
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 09:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىقىمدا بىر تۇننا گەپ قىلىۋىتىدىغاندەك!بولدى ئارتۇق ەەپ ئىشەككە يۈك ! سىزگە ئۇتىلەيمەن مىستى ق !

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 10:12:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئاتوم»،«كىۋانىت»ئىدىيىلىرىدىن «ئېن»غا نەزەر

قاسىم سىدىق



قىسقىچە مەزمۇنى:
    «كىۋانىت»ئىدىيىسى شەكىل نەزىريسدە تەشەببۇس قىلىنغان«ئېن»پەرىزى بىلەن پىرىنسىپال زىدىيەتكە ئىگەئەمەس،ئەكسىچە «ئېن»مۇقەررەر ھالدا«كىۋانىت»ئىديىسىنىڭ مەنتىقى رىۋاجى.«كىۋانىت»ئىدىيىسى ماھىيەتتە زامانىۋى تۇس ئالغان قەدىمى پەلسەپەۋى مەسىلە.«كىۋانىت»لىق ماددى ئالەمنىڭ ماھىيىتى.


ئاچقۇچلۇق سۇزلەر:«ئاتوم نەزىريىسى»، «كىۋانىت»،«ئېن»،«پەلسەپە».

«كىۋانىت» ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يىلتىزلىرى




لېئۇكىپپوس
(م.ئى500-440-يىللار)


تېلىستىن باشلانغان  قەدىمكى گىرىك(يونان) پەلسەپەسى ھازىرغىچە بولغان تەجىربە پەنلىرىنىڭ تەتقىقات يۇنۇلۇشى ۋە تەتقىقات رامكىسىنى بەلگىلىگەن،ھازىرقى زامان پەنلىرى بۇ يۇنۇلۇش ۋە رامكىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق.ئەگەر بىز ھازىرقى زامان تەبىئەت پەنلىرىدىن قەدىمكى زامان«ئۇقۇم-ئىدىيە كىسەكلىرى»نى چىقىرىپ تاشلىساق تەبىئەت پەنلىرىدىن ئىبارەت تىخى پۇتمىگەن بۇ ھەيۋەتلىك بىنا ھەش-پەش دىگۇچە گۆمۆرۆلۆپ چۆشۆدۇ.سىز «ئاتوم»ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا كىۋانىت نەزىريىسىنى،«ئۆزلۆكسىز» لىك ئۇقۇمى ۋە ئىدىيىسىدىن مۇستەسنا نىسبىلىك نەزىريىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟،بۇ ،مۇمكىن ئەمەس.ھالبۇكى،يۇقۇرقى ئۇقۇم ۋە ئىدىيىلەر قەدىمقى يونانلىقلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى بىناسىغا قويغان ئۇل تاشلار ئىدى.بۇنداق مىساللارنى كۇپلەپ كۇرسۇتەلەيمىز.


دىموكىرىت
(م.ئى460-370-يىللار)


  قەدىمكى يونان مۇتەپپەككۇرلىرىدىن لېئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلار«ئاتوم»ئىديسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچىلار بولۇپ،گىرىكلارنىڭ نەزىرىدە ئاتوم- قايتا پارچىلانمايدىغان،جىسىملارنى تۇزىدىغان ئەڭ كىچىك ماددى بىرلىك دەپ قارىلاتتى.
لېئوكىپپۇسنىڭ ئەسەرلىرى تولوق ساقلانمىغان بولۇپ،ئونىڭ ئاتوم ھەققىدىكى يادرولۇق ئىدىيىلىرى بەخىتكە يارىشابەزى شېئىرلىرىنىڭ پارچىلىرىدائىنىسكىلوپىدىك ئالىم دىموكىرىتقا يىتىپ كەلگەن.دىموكىرىت ئەسەرلىرىدە ئەينى دەۋىردىكى ئاتوم ئىدىيىلىرىگە ئائىت كۇزقاراشلار بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان.دىموكىرىت يونان ئاتوم نەزىريىسىنى رىۋاجلاندۇرغۇچى ۋە تاماملىغۇچى ھىساپلىنىدۇ.
كىۋانىت مىخانىكىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋېرنى.كارىل.ھېزىنبېرىگ(Werner Karl Heisenberg,1901-1976) دىمۇكىرىت ئاتوم ئىدىيىسىنىڭ 19-ئەسىردىكى ھاياتى كۇچى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە«پەلسەپە ۋە فىزىكا» ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق يازىدۇ:«دىموكىرىتنىڭ ئاتوم نۇقتىنەزىرى ئالدىنقى ئەسىردىكى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىۋى قىسمى ئىدى.بونداق ئاتوم نۇقتىنەزىرىنى ئاساسەن چۇشەنگىلى بولۇپلا قالماي،نىسبەتەن بىۋاستە كۇزەتكىلى بولاتتى،بۇ نۇقتىنەزەر فىزىكلارنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنى بەلگىلىدى.ھەتتا پەيلاسوپلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى خالىمايدىغان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئىدىيە مىتودلىرىنىمۇ بەلگىلىدى. ».
بۇ يەردە گىرىكلارنىڭ «ئاتوم»ئىدىيسىگە ۋارسلىق قىلغان رىملىق مۇتەپەككۇرلوكىرىتسى.كار(Lucretius,Carus م.ئى:55 -99) نىمۇ ئەسلەپ ئۇتۇش كىرەك .لوكىرىتسى ئۇزىنىڭ «ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە» ناملىق پەلسەپەۋى داستانىدا«ئاتوم»ھەققىدە خىلى تەپسىلى توختالدى.«ئاتوم» نىڭ كونكىرىت «شەكىل»لىرى ھەققىدىمۇيونانلىقلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كەڭ سەھىپە ئاجىراتتى.بۇ ئەسەرئۇزىدىكى مول مەزمۇنلار ۋەجىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى موھىم ئەسەرلەر كاتۇلۇگىدىن  ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ.ئالبىرىت.ئېينىشتىيېن 1924-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ نىمىسچە تەرجىمىسىگە كىرىش سۇزمۇ يازغان  ئىدى(1-توم 200-بەت).



لوكىرىتسى.كار( Lucretius,Carus م.ئى:55 -99)


ئېھتىمال،ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ تاكى گالىلىغىچە بولغان ناھايتى ئۇزۇن مەزگىللىك ھۇكۇمرانلىغى ۋەجىدىن بولسا كىرەك،«ئاتوم»نەزىريەسىدە ئىلگىرلەش بولمىدى ۋە ھەتتا بۇ تەلىمات ئاسەن ئونتۇپ كىتىلدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.ماتىرياللاردىن مەلۇم بولىشىچە گالىلېئۇ.گالىلې(1564-1642) زامانسىدا بۇ مەسىلىنى فىرانسىيىلىك پەيلاسۇپ،فىزىك ۋە ئاستىرۇنۇم گاسسىندى(1592-1655)قايتا ئوتتۇرىغا قويدى،لىكىن،گاسسىندى يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريسىنىڭ ئاساسچىسى دىگەن شەرەپكە نائىل بولالمىدى،ئۇنى«ئاتوم تەلىماتى»نى تارىخنىڭ يادىغا سالدى دىسەك بولىدۇ.
يىقىنقى زامان ئاتوم نەزىريىسىنىڭ ئاساسچىسى  ئەنگىلىيە فىزىكا ۋەخىمىيە ئالىمى جون.دالتون(John Dalton,1766-1844)بولۇپ،دالتۇننى تۆپ پىرىنسىپ جەھەتتە يونان ئاتوم ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە رىۋاجلاندۇردى دەپ قاراشقا بولىدۇ.


جون.دالتون

(John Dalton,1766-1844)


چۇنكى جون.دالتۇن گىرىكلارنىڭ ئاتومنىڭ پارچىلانماسلىقىدىن ئىبارەت تۇپ مەۋقەسىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.بۇ يەردە دالتوننىڭ «ئاتوم»ىنىڭ قەدىمقىلارنىڭكىدەك ھەر خىل شەكىللەرگە ئەمەس، پەقەت شار شەكلىگىلا ئىگە ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۇتۇش كىرەك.

ھالبۇكى تارىخ تومسۇننى(Thomson,Joseph John) سەھنىگە چىقارغىنىدا گىرىكلارنىڭ بۇئىدىئال زەررىچىسى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدى.


جوسىف.جون.تومسون
(1856~1940)


چاتاق دالتوننىڭ ئەسلا «ئاتوم»ئەمەس نەرسىنى «ئاتوم»دەپ قارىۋىلىشىدىن باشلاندى.مۇبادا لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرتلار قەبرسىدىن چىقالىغان بولسا دالتون ۋەتومسۇنغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ «سەنلەر بىزنىڭ ئاتومىمىزنى نىمە قىلىۋىتىشتىڭ»دەپ كايىغان ،ئۇلارنىڭ كۇرسەتكۇچ بارمىغىدىن نېلىس. بورمۇ چەتتە قالمىغان بولاتتى.چۆنكى، دالتوننىڭ«ئاتوم»ى ئۇنىڭ ئۇزى ۋە گىرىكلاركۇزدە تۇتقان قايتا پارچىلانمايدىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە بولماي،ئەكسىچە ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە سىستىما ئىدى.تومسۇن ئالاھىزەل 1890-يىللاردا ئاتالمىش«ئاتوم»ئىچىدىكى ئىلىكتىروننى تەجىربىدە بايقىدى،بۇ بايقاش شۇبھىسىزكى ئولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە.لىكىن«ئاتوم»نىڭ ئىچكى تۇزۇلۇشكە ئىگە ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت فىزىكا دونياسىدا«چەكسىز پارچىلىنىش»ئەقىدىلىرىگە ئىلھام بەرمىدى دىيەلمەيمىز.تاكى ھازىرغىچە جوڭگۇدىكى كۇپ سانلىق پەيلاسۇپلار ۋە فىزىكلارماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قاراشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى شۇكى،تەبىئەت پەنلىرى بىناسىنى تولوق  پۇتتۇرۇش ،ئوبېكتىپ ئالەمنى ئۆزۆل-كىسىل بىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئىنشائاللا، مەلۇم مەنىدە گىرمانىيەلىك ماكىس.پىلانىك(1858年4月23日-1947年10月4日) تەرىپىدىن بۇ خىل ئۆمىتسىزلىك كەيپىياتىغا جەڭ ئېلان قىلىندى دەپ قاراشقا بولىدۇ.


ماكىس.پىلانىك


پىلانىك 1900-يىلى «كىۋانىت »ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.بۇ ئاتالغۇ لاتىن تىلىدىكى«quantus»دىن كەلگەن بولۇپ،«قانچە،قانچىلىك»دىگەن مەنىگە ئىگە ئىكەن. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى«ئۇزۇك -ئۇزۇك»،«دانە»،«يەككە»دىگەندەك سۇزلەربىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.لىكىن،پىلانىك بۇ ئاتالغۇنى فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىگى دىگەن يىڭى ئۇقۇمغا ئايلاندۇردى.«پىلانىك تۇراقلىغى» بۇنىڭ دەلىلى.
«كىۋانىت »ئۇقۇمى خىلى كەسكىن مەنىدە قەدىمكى گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ئىدىيىسىنى قايتىدىن ھاياتى كۇچكە ئىگە قىلدى.ئىھتىمال 1900-يىلى لىئوكىپپوس ۋە دىموكىرىتلارئۇئالەمدە تۇرۇپ پىلانىكقا غايىۋانە رەھمەت ئوقۇغاندۇر.
چۆنكى،«كىۋانىت»بىلەن گىرىكلارنىڭ«ئاتوم»ى «ئەڭ كىچىك»، «قايتا پارچىلانماس» دىگەن پىرىنسىپال نۇقتىدا بىردەكلىككە ئىگە ئىدى.
  ئېينىشتىيېن 1905-يىلى يورۇقلۇق كىۋانتى-«فۇتۇن»پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى،1922-1923-يىللاردا كومپىتۇن فۇتۇننىڭ زەررىچە ئىكەنلىگىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇدىغان تەجىربىلەرنى ئىشلىدى.مەيلى«كىۋانىت»ياكى«فۇتون»بولسۇن ئۇلاردا«ئەڭ كىچىك»،«قايتا پارچىلانماس»دىگەن قەدىمكى ئىدىيە-«ئاتوم»ئىدىيىسى ئەكىس ئەتتى.ئۇنداقتا تارىخ بىر قەدەممۇ ئالدىغا سىلجىمىدىمۇ؟،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،20-ئەسىرنىڭ ئىجادىلىغى شۇكى،پىلانىك ۋە ئېينىشتىيېن قاتارلىقلار بۇ قەدىمكى مەسىلىنى مىقدارلاشتۇردى،خالاس.لىكىن بۇيەردە قەدىمكى گىرىكلار ۋە دالتۇن نەزىريىلىرىدە ئىزچىل ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەسلى مەنىدىكى«ئاتوم»نىڭ «شەكلى»(فىزىكىلىق شەكىل) ئۇستىدىكى ئىزدىنىش غايىپ بولدى.

يىڭى خىرىس:«كىۋانىت»ئەڭ كىچىك بىرلىك ئەمەس


ئالەمنى ماكرۇ ۋە مىكرو نوقتىدىن«پىلانىك تۇراقلىغى»،«پىلانىك ئۇزۇنلىغى»قاتارلىقلار ئارقىلىق چۇشەندۇرگىلى بولسا ئىھتىمال فىزىكا ئاياقلاشقان بولاتتى.ئەپسۇس «غەيرى نۇقتا»نىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى نەزەريەلەر ئالەمدە پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىنمۇ كىچىك رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىدىن بىشارەت بىرىپ پىلانىكنى دالتۇنچە تەقدىرگە گىرىپتار قىلماقتا.بۇ خىل تەقدىر 2009-يىلى ئامىرىكا تەۋەلىگىدىكى خەنزۇئىلىمگەر چىنگاڭ (陈刚)نىڭ پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن 1000ھەسسە كىچىك بولغان مىكرۇ رىياللىقنىڭ مەۋجۇتلىگىگە تەجىربە ئارقىلق ئىرىشكەنلىگى تۇپەيلى ئۇزۇل-كىسىل مۇئەييەنلىشىدۇ.پىلانىك ئۇزۇنلىغىدىن قىسقا بولغان مىكرۇدۇنيادا پىلانىك ئۇلچەملىرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان چىنگاڭ 2010-يىلى ئامىرىكا دۇلەتلىك قۇرۇلوش ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى،ماسساچۇتىس سانائەت پەنلىرى ئىنستېتوتى نانومىتىرقۇرۇلۇشى تەجىرىبەخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ قالىدۇ.

来源:中国新闻网  作者:唐嘉丽 选稿:屠瑜


چىنگاڭ (陈刚)


ئالىمجان ئوبۇلقاسىم ئۇزىنىڭ«مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە»ناملىق ماقالىسىدا پىلانىك ئۇلچىمىدىن كىچىك بولغان مىكرۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىگى ئۇستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدەنگەن. بۇ يەردە پىلانىك تۇراقلىغنىڭ 1900-يىلى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلىغى،«غەيرى نۇقتا»ئىدىيسنىڭ بولسا كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىغىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كىرەك.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۇتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فۇتۇنمۇ ھەرگىز ئىلېمېنتار بىرلىك ئەمەس،چۇنكى فۇتۇن ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدۇ ۋە ئىنىرگىيە قوبۇل قىلىدۇ دىگەن چۇشەنچە ۋە تەجىربە نەتىجىلىرى فۇتۇننىڭ ئېلېمىنتار زەررىچىلىگىنى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى «كىۋانىت»لىغىنى ئىنكار قىلىدۇ.
مۇبادا فۇتۇننىڭ ئىنىرگىيە قويۇپ بىرىدىغانلىغى ياكى قوبول قىلىدىغانلىغى مۇئەييەنلەشسە بۇ ھالدا كۇچ توشۇغۇچى زەررىچىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇزى تۇزۇلۇشكە ئىگە بولغان زەررىچىلەرمۇ بار دىگەن يەكۇنگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.چۇنكى فۇتۇن ئىلېكتىر ماگىنىت كۇچىنىڭ توشۇغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ.

ئېن


«ئېن» شەكىل نەزىريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان پۇتۇن ماددى ئالەمنى تۇزۇدىغان ئىدىئال زەررىچە ۋە ئەڭ ئېلېمىنتار بىرلىك.گىرىكلارنىڭ ئاتومى ۋە ھەقىقى مەنىدىكى كىۋانىت،ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە.
«ئېن»ئىدىيىسى گىرىكلارنىڭ ئاتوم ئىدىيىسى ۋە پىلانىكنىڭ «كىۋانىت»ئىدىيىلىرى بىلەن «قايتا پارچىلانمايدىغان ئەڭ ئاساسى بىرلىك»دىگەن مۇشۇنوقتىدا تارىخى ئىزچىللىقنى ساقلىغان.
ئەسلى مەنىدىكى ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇنمۇ يىڭى ئاتالغۇ زۇرۇر ئىدى.لىكن «ئېن»نوقۇل ئاتالغۇ زۇرۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.ئۇ،ئاتوم ۋە كىۋانىت ئىدىيىلىرىگە ئىجادى ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مەھسۇلى،مىنىڭچە«ساقلىنىش قانونلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ئېنلارغا تەقسىملەنگەن بولىدۇ»دىگەن بۇ قاراش بۇ ئۇقۇمدىكى ئىجادى ئىدىيە.مۇشۇ ئىدىيە  شەكىل نەزىريىسىدىكى« ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە ئورۇنلۇق بولىۋىرىدۇ» دىگەن يەكۇننىڭ ئاساسى.«ئېن»ئىدىيىسىنى ئۇز ئىچىگە ئالمىغان نۇۋەتتىكى فىزىكا«غەيرى نۇقتا»نى چۇشەندۇرۇشكە ئامالسىز،لىكن،«غەيرى نۇقتا»دىن ئىبارەت بۇ نەزىريەۋى مودىلنىڭ ئەمەليەتتە مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىغىدىن قەتئى نەزەر،«ئېن »(«مۇتلەق ھەجىم»)ئارقىلىق غەيرى نۇقتىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ.

_______________

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.ھىزىنبىرىگ:فىزىكا ۋە پەلسەپە
2.ئالفىرىد.ۋېبېت:«غەرىپ پەلسەپە تارىخى»(ئېنگىلىزچىسى«پەلسەپە تارىخى»،خەنزۇچىگە«ئاتلانتىك ئوكيان پەلسەپە تارىخى»دەپ تەرجىمە قىلىنغان)خىۋادوڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
3.ۋاڭشاۋچاۋ:«يونان پەلسەپەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» شاڭخەي ئۇچ بىرلەشمە نەشىرياتى،2007-يىلى نەشىرى.
4.لوكىرىتسى.كار:«ماددا خۇسۇسيىتى ھەققىدە»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى) 1981-يىل نەشىرى.
5.«ئېينىشتىيېن ئەسەرلىرى»-سودا نەشىرىياتى(شاڭۋۇ كىتاپچىلىغى)1977-يىلى نەشىرى،1-توم 200-بەت
6.«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ،1993-يىلى ئويغۇرچە نەشىرى 744-بەت.
7.بەيدو تورى
8.گوگىل تورى
9. ئالىمجان ئوبۇلقاسىم:مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4114&extra=page%3D1


10.قاسىم سىدىق: فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە تەتقىقات رامكىسى

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=61



داۋامى ئەلۋەتتە بار

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7918&extra=page%3D1


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 10:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 11:42:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھەمەت fysikant ئەپەندى،يۇقۇرقى چاپلانمىلارنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ نوقسانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەيسىز.ئەلۋەتتە بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىۋاتقان كۆرسىتىشكە تىگىشلىك«نۇقسان» ــــــــــــ شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئىدىيە،ئۇقۇم سىستىمىسىدىكى «نۇقسان»بولىشى كىرەك!.شەكىل نەزەريىسى راستىنلا سىز ئىتقاندەك «سەپسەتە»مۇ ياكى ئازىراق بولسىمۇ ئىلمى قىممەتكە ئىگىمۇ؟ ،كۆپچىلىك بىلەن بىر مۇنازىرە قىلىپ كۆرۆپ ئاندىن بىرنىمە دىمەمدۇق!.
ھەراسىت،سىز«ئىسپات»نىڭ گىپىنى قىلىپ قاپسىز،«تەجىربە ئىسپاتى» دىمەكچىمۇسىز؟،«تەجىربە ئىسپاتى»بولمىغان نەزەرىيە،پەرەزلەرنىڭ ھەممىسى سىزچە«سەپسەتە»بولامدۇ؟!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 11:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-14 10:37:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   قاسىم سىدىق:ھەجىملىك ساقلىنىش - يىڭى مەنزىرىلەر


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-76239-1-1.html


«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلې»(ئۇيغۇرچە،تەبىئى پەن قىسمى)نىڭ 2011-يىل 6-سانىدا خۇاڭ جىشۇن ئەپەندىنىڭ ئەھەت ئەھمەت ئەپەندى تەرجىمە قىلغان«تارمەنىدىكى نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ تەجىربىۋى راۋاجى ۋە ئۇنىڭ تەجىرىبىدە سىنىلىشى»سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنىپتۇ.ماقالە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى كۆرۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىغان،ئۆچۆر مىقدارى كۆپ، ياخشى ماقالە ئىكەن.ماقالىدە ئىلىكتىرون،فۇتۇن قاتارلىقلارنىڭ ھەجىمى ۋە فۇتوننىڭ تىنىچ ماسسىسىغا ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۇچۇرلار بىرىلگەن.مىنىڭچە مىكرۇ رىياللىقلارنى «ھەجىم»ۋە«شەكىل»نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسىنىڭ جىددى تەلىۋى.

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8994


«ھەجىملىك ساقلىنىش»دىگەن مۇشۇ ئۇقۇم پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ-يوق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 01:11 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش