مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

سۈكۈت ئىچىدىكى فىزىكا ۋە ماتېماتىكا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78690
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3018
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە ھەر قانداق بىر ماقالىگە مەيلى ئۇ قانداق داڭلىق ئادەم يازغان، قانداق داڭلىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ، توغرا مۇئامىلە تۇتۇش كېرەك...مېنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ھىس قىلغىنىم بولسا بۇ ماقالىنى يازغۇچى فىزىكا تەرەققىياتى ۋە فىزىكىنىڭ بەزى ئاساسىي نەزەرىيەلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  مۇكەممەل نەزىرىيە بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ...لىكىن مەن بۇ ماقالىنى يازغۇچىنىڭ چەتئەلنىڭ  ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى توغۇرلۇق كىتاپ ژۇرناللىرىدىن ئەڭ بولمىغاندا تور دۇنياسىدىن ھازىرقى زامان فىزىكا تەرەققىياتىغا ئائىت بىر نەرسە كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن...كۋانت مېخاينىكىسىنىڭ تۇرمۇشۇمىزغا ئىلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرىنى ئانچە مۇنچە ئويلاپ كۆرگەن كۆرمىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىمەن..ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن تارتىپ،ئاسمان جىسىملىرى سىپقكتىر ئىلمىغىچە كۋانت مىخانىكىسىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ...بىر پەن ساھەسىدە مەلۇم مەزگىل نەزىرىيە بىلەن تەجىرىبىنىڭ ماسلىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ...ئىنسانلار تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەجىرىبە ئەمەلىيىتى نەزەرىيە سىستىمىسىنىڭ ئارقىدا قىلىشى نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ...بەزىدە بىر ساھە ئالدىن تەرەققىي قىلىپ يەنە بىر ساھەنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ...مىنىڭچە يازغۇچى يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە ئىچىلىۋاتقان فىزىكا ساھەلىرىدىن لازىر نۇر ئىلمى ، قاتتىق جىسىم فىزىكىسى ، ۋە سۇيۇق جىسىملار فىزىكىسىنىڭ يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان...ئەلۋەتتە بۇ ساھەلەردە قولغا كەلگەن ئۇتۇقلار فىزىكا ئاساسىي نەزەرىيەلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ۋە بۇ ئۇتۇقلار ئاساسىي نەزەرىيەلەرنىڭ قانۇنىيتىگە خىلاپ ئەمەس...

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 3074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15496
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2507 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 08:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككلىسى ئىنتايىن مۇھىم پەن،مەن بۇلارنى چوقۇم ئاللاھ خالىسا ياخشى ئۈگىنىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 08:25 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېنشتيىن تۆۋەندىكى 23خىل ئىلمى خاتالىقنى سادىر قىلغان


ھانىس ئوھانىيان ئۆزىنىڭ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتىنىڭ بىركلي شۆبىسىدە ئالغان. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى پىرىنىستون ئونۋېرسىتىتىدا ئالغان. بۇ يەردە جون ۋىللېر بىلەن بىرگە ئىشلىگەن. ئۇ رىسسىلېر سانائەت ئىنىستىتوتى،  يۇنىيون ئىنىستىتوتى ۋە ۋېرمونىت ئونۋېرسىتىتلىرىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ "فىزىكا"، "فىزىكا پىرىنسىپلىرى"، "ھازىرقى زامان فىزىكىسى"، "نىسپىيلىك نەزەرىيىسى"، "كىۋانىت مىخانىكىسى پىرىنسىپلىرى"، "كىلاسسىك ئىلىكتىردىنامىكا" قاتارلىق بىر قىسىم تۇلۇق كورۇس سەۋيىسىدىكى دەرىسلىك كىتاپلارنى تۈزگەن. ھەمدە رىمۇ رۇفىنى بىلەن بىرگە "تارتىش كۈچى ۋە زامان-ماكان" ناملىق كىتاپلارنى يازغان. ئۇ يەنە تارتىش كۈچى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كىۋانىت مىخانىكىسىغا ئالاقىدار ئون نەچچە پارچە ماقالە يازغان. فىزىكا ئاساسلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ماقالىلىرى ئامېرىكا فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇ ژۇرنالدا بىر قانچە يىل مۇئاۋىن باش مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر ۋېرمۇنىت ئونۋېرسىتىتنىڭ پىرافىسورى.


ئامېرىكا «بايقاش» ژورنىلى يىقىندا ئېنشتېيىننىڭ خاتا بولغان ئىلمى نوقتىنەزەرلىرىنى ئېلان قىلغان. مەسلەن: قارا ئۆڭكۇرنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ئالەم تىنىچ ۋە ئۆزگەرمەيدۇ. «خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ» قاتارلىقلار. بىر قانچە كۇن ئىلگىرى بۇ ژورنال يەنە ئېنشتېيىننىڭ ئۆمرىدە سادىر قىلغان 23خىل خاتالىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛

1905-يىل: تار مەنىلىك نىسپيىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغاندا، سائەتنىڭ ماس قەدەملىگىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان.

1905-يىلى: مىكلىسون –مورلى تەجىرىبىسىنىڭ نەتىجىسىنى خاتا مۆلچەرلىۋالغان.

1905-يىلى: يوقىرى تىزلىكتىكى زەررىچىلەرنىڭ كۆندىلەڭ ماسسسىنى خاتا ھىسابىلىۋالغان.

1905-يىلى: مالىكولىلارنىڭ سويۇق جىسىملاردىكى يىپىشقاقلىقىنى ھىسابلىغاندا، ماتېماتىكىلق ۋە فىزىكىلىق كۆپ تەرەپلىمە خاتالىقلارنى سادىر قىلغان.

1905-يىلى: ئىسىقلىق رادىئاتسىيىسى ۋە يورۇقلۇق كىۋانتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۇشەندۇرۇشتە خاتالاشقان.

1905-يىلى: ماسسا –ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىنى ھىسابلاشتا تۇنجى قىتىملىق خاتالىق يۈز بەرگەن.

1906-يىلى: ئىككىنجى،ئۈچۈنجى ۋە تۆتىنجى قىتىم ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانونىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان.

1907-يىلى: تىزلىنىشچان موھىتتىكى سائەتنىڭ ماس قەدەملىگىنى (بىر ۋاقىتلىق) ھىسابلاشتا خاتالاشقان.

1907-يىلى: تارتىش كۇچى ۋە تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ تەڭ ئۈنۈملۈكىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان.

1911-يىلى: تۇنجى قىتىم يورۇقلۇقنىڭ ئىغىش پەرقىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان.

1913-يىلى: نىسپيىلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۇنجى دەلىلىدە خاتالاشقان.

1914-يىلى: ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانونىنى ھىسابلاشتا 5- قىتىم خاتالاشقان.

1915-يىلى: ئېنىشتېيىن –دى خاس تەجىرىبىسىدە خاتالاشقان.

1915-يىلى: نىسپىيىلىك نەزەريىسىنى يەتتىنجى قىتىملىق دەلىللەشتە خاتالاشقان.

1916-يىلى: ماخ پىرىنسىپنى چۇشەندۇرۇشتە خاتالاشقان.

1917-يىلى: ئالەم تۇراقلىغىنى ئىلىپ كىرىشتە خاتالاشقان.

1919-يىلى: نىسپىيىلىك نەزەريىسىگە تۇزۇتۇش كىرگۇزۇشتە خاتالاشقان.

1925-يىلى: بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى لايھىلەشتە نۇرغۇن قىتىم خاتالاشقان.

1927-يىلى: بور بىلەن كىۋانىت ئىنىقسىزلىقىنى موھاكىمە قىلغاندا خاتالاشقان.

1933-يىلى: كىۋانىت مىخانىكىسىنى چۇشۇنۇشتە خاتالاشقان.

1934-يىلى: ماسسا ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى (( نى ھىسابلاشتا 6-قىتىملىق خاتالىق يۈز بەرگەن.

1939-يىلى: سىۋارشىلىد غەيرى نوقتىسى ( Schwarzschild singularity) ۋە قارا ئۆڭكۇرنىڭ تارتىش كۇچى سەۋەبىدىن قورولىشى ( gravitational collapse)نى چۈشۈنۈشتە خاتالاشقان.

1946-يىلى: ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىنى ھىسابلاشتا يەتتىنجى قىتىم خاتالاشقان.

تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە

مەنبە: ئامرىكا «بايقاش» ژورنىلى.

خەنزۇچە تەرجىمىسى خەلىق تورىدىن ئېلىندى.



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4939&extra=page%3D1

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 11:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Einstein's 23 Biggest Mistakes


论坛:爱因斯坦一生中的23个错误


سىتىۋېن ۋېنبېرىگ: ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-12 11:07 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:37:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىماتىكىنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدى پەقەتلا پىرىنسىپ جەھەتتىن سۇز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە بولىدىغان،لىكىن بۇنداق قىلغاندا ناھايتى كۆپ سۇزلەشكە توغرا كىلىدىغان نەرسىلەرنى ئاددى ۋە بېۋاستە كۆرۈشكە بولىدىغان قىلىپ خاتىرىلەش.
ــــــــــ رېدنىك.«مەيدان» ـ23-بەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8515
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 09:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دۇنيا ئىلىم-پەن باش جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ، نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىنى ئىنسانلار ئىدىئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كەشىپ قىلغىنى بىر ئارال بولماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن ئىلىم-پەن يېڭى ئىدىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇقلىقى دەپ جاكارلىغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:32:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن،ھازىرقى فىزىكا بىلىملىرى ۋە نەزەريىلىرىنىڭ ئاخىرقى چەك ئەمەسلىكىنى ھەممە ئىتراپ قىلىدۇ.ئۇلار ھەل قىلىپ بولالمىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس.

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3686
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 05:47:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىككىلا پەنگە مەن خىلى قىزىقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 175 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 04:09:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ماقالىلار مېنى بەك خىجىل قىلىدۇ .. نېمىمۇ دەي ، دەسمىرىم يوق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش