مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2820|ئىنكاس: 0

جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي تىركىشىش ۋەزىيىتىنى قانداق مۆلچەرلەيمىز؟  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 938
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26317
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7838 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 12:11:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي تىركىشىش ۋەزىيىتىنى قانداق مۆلچەرلەيمىز؟

ئاپتورى: شۈەن لىتەي

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى ھەربىي يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەربىي تىركىشىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كارتېر 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كەلگۈسى نەچچە يىلدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھەربىي پاراخوت سانى نۆۋەتتىكى دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى ئومۇمىي سانىنىڭ %52 دىن كۆپىيىپ %60 گە يېتىدىكەن، بۇنىڭدا يەنە بىر ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى كۆپىيىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئورۇنلاشتۇرغان ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى 6 گە يېتىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل ئارمىيىلىرى ئىچىدە، دېڭىز ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئەڭ نامايەن قىلىپ بېرىدىغان ئارمىيە خىلى. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ھازىرغىچە دېمەي تۇرايلى، دېڭىز ئارمىيىسىنى ھاۋا ئارمىيىسىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يىراق ئوكيانغا قوشۇن ئۇزۇتۇش ئىقتىدارى ھەمدە ئۇرۇشتا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ نايامەن قىلىپ بېرىدۇ. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەر خىل ئەسكەرلىرىدە، يىراق ئوكيانغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك پارتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىنى دەل ئاۋىئاماتكىنى ئۇرۇش قىلىش سۇپىسى قىلغان دېڭىز ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ»، چەتئەللەردە ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ يادرولۇق كۈچى بولۇپ كەلدى، نەچچە قېتىملىق خەلقئارالىق كىرزىستە، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتكە ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى بىرىنچى تاللىشى ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنى تەڭشەش ھەمدە ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىغا تايىنىپ دېڭىز، ھاۋانى كونتول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش بولۇپ كەلدى. بۇ ئاساسىلىقى ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى خىل، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەمدە ئۇرۇش قىلىش دائىرىسى كەڭ، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقىت ئۇزۇن بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.

بۇنىڭدىن سىرت، بەش بۇرجەكلىك بىنا 2013-يىللىق مالىيە يىلىدىكى ھەربىي خام چوتىدا، يېڭى تىپتىكى رادارغا چۈشمەس يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئاجراتماقچى. يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى شىۋاس گېنرال دېيىشىچە، ئامېرىكىنىڭ غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ يېڭى تىپتىكى يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان تەتقىق قىلماقچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى، «جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە تورىنى بۆسۈپ ئۆتۈش كۆزدە تۇتۇلدى».

ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەربىي تىركىشىشنى كۈچەيتىۋاتامدۇ؟

شىۋاسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىگە دۇنيادىكى ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھاۋا مۇداپىئە تورى ئورۇنلاشتۇرغان، ئىرانمۇ يادرو ئەسلىھەسى قاتارلىق مۇھىم جايلارغا بىر گەۋدىلەشكەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، «ئۇلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە تورى قۇرۇلۇشى دەل بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولغانلىقىدا» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان خىرىسقا تولغان ھەربىي ئىقتىدارىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رادارغا چۈشمەس يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پىلانلاۋاتقان «ھاۋا دېڭىز بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۇقىمى» نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى قىلغان.

ئامېرىكا يەر شارى دائىرىسىدە ئۇرۇش سېپىنى قىسقارتىۋاتقاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى ئازلىماقتا يوق ئەكسىچە كۆپەيدى. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى كېيىن جۇڭگونىڭ ھاۋا مۇداپىئە تورىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن يەنىلا بىر تارماق يېڭى تىپتىكى رادارغا چۈشمەس يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان توپى قۇرۇشقا جىددىي موھتاج. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئامېرىكا جۇڭگونى ئاساسلىق مۇداپىئە كۆرىدىغان ئوبيېكىت قاتارىغا كىرگۈزۈپ بولدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قارايدىغان ئىستراتىگىيىلىك مۆلچەرى ئاساسەن شەكىللىنىپ بولدى. بېيجىڭ ئىستراتىگىيىچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، بۇ مۆلچەر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سېلىنمىسى ۋە قورال تەتقىقاتىدا جۇڭگونى ئاساسلىق تەقلىدىي دۈشمەن قىلىش، ھەممىدە تىغ ئۇچىنى جۇڭگوغا قارىتىپ ھۆكۈم قىلىشنى شەكىللەندۈردى.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاق ساراي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنا ئېلان قىلغان كەلگۈسى 10 يىللىق ئامېرىكا يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىيىسىنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى كۆلەمنى قىسقارتىش، قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا دىققەت قىلىشتۇر. 2013-يىللىق مالىيە يىللىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ راسخوتى قاتتىق ئازلىدى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ راسخوتى يەنىلا خېلى سەۋىيىنى ساقلاپ قالدى، بۇ ھەربىي خىراجەتتىكى يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىيىنىڭ جەۋھىرىنى نامايەن قىلىپ بەردى.

ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيىسى ۋە ھەربىي ئورۇنلاشتۇرىشىغا نەزەر سالساق، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا جۇڭگو بىلەن ھەربىي تىركىشىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» سىياسىتىنى كۆزەتسەك، ئەمەلىيەتتە، يادرولۇق مەزمۇنى رايونلۇق تەشكىلات، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، دېپلوماتىيە ئۈستۈنلىكىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، رايونلۇق ھەربىي كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاسىيانىڭ سودا قورغىنىنى ئېچىش ھەمدە جۇڭگو بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلاش بولىشى كېرەك. ئوبامانىڭ «ئاسىياغا قايتىش» سىياسىتىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاشۇرالماسلىقىنىڭ ھالقىسى جۇڭگو بىلەن مۇقىم مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش قالالماسلىقىدا.

ئامېرىكا ئىران بىلەن بولۇپ باشقىلارغا قول سالالمايدۇ

يەنە كېلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراننىڭ يادرو قورالى قۇرۇلىشى ئومۇمىيلىق مەسىلىسى، يوشۇرۇن خەۋپ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئىران ئوتتۇرا ھال كۈچلۈك دۆلەت، ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئىراق، ئافغانىستان، لىۋىيە ياكى سۇرىيەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىران يەنە پارس قولتۇقىدىكى مۇھىم نېفىت يولى ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن، ئىرانغا قورال ئىشلىتىش ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قامال قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ بىر ئېنىرگىيە جان تومۇرىنىڭ ئۈزۈلىشىگە باراۋەر بولىدۇ، بولۇپمۇ قەرزى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي ئاپەت بالا ئۈستىگە قازا كەلگەندەك ئىش بولىدۇ. غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا دېپلوماتىيە، ئىقتىساد، ھەربىي كۈچ قاتارلىق بەزىدە يېنىك، بەزىدە ئېغىر تەھدىتلەرنى سېلىشىنىڭ ھەممىسى نامۇۋاپىق بولۇپ، ۋەزىيەت ئىنچىكە بولۇپ قالدى، بىر مويىنى تارتىپ پۈتۈن بەدەننى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكچى بولغانغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەل بولمىسا، ئامېرىكا جۇڭگوغا غايەت زور ھەربىي بېسىم قىلامدۇ؟

ئىران يادرو مەسىلىسىدە قىلچىمۇ يول قويماي، ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەلەر يەنىلا ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغان تەغدىردىمۇ، يامان ئاقىۋەتكە سەل قاراشقا بولامدۇ؟ ش ئا ئە ت نىڭ ئىراق، ئافغانىستان ئىككى كىچىك دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدى، ئۇرۇش ئوتى 10 يىلغا سوزۇلدى، بۇ قېتىم ش ئا ئە ت ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى پەقەت يادرو ئەسلىھەسى بىلەن چەكلىنىپ، يەر يۈزى ئۇرۇشى قىلمىسىمۇ، ئىران ئېھتىمال قايتۇرما ھۇجۇم قىلغاندا، «سەنمۇ ئۆزەڭنىڭ نىشانىغا ھۇجۇم قىل، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ نىشانىغا ھۇجۇم قىلاي» دېگەن ئىسراتىگىينى ئىشلىتىپ، ئۇرۇش ئوتىنى باشقا رايونلارغىمۇ يامرىتىپ تاشلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشى بىر يىل ئىچىدىلا ئاخىرلىشىپ قالمايدۇ. ئامېرىكا ئىراننى بوي سۇندۇرغاندىن كېيىن كۈچى خوراپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان جۇڭگوغا غايەت زور ھەربىي بېسىم ئىشلىتىش ئىقتىدارى بولامدۇ؟ جاۋابى «ياق» بولىشى كېرەك.

يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ھەربىي كۈچىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا توپلىغان بۇ نۇقتىغا ئاساسەن، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ھەربىي تىركىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلساق يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغانلىق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ئارمىيىسى كۈچلىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا توپلىنىشى يەنە ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرىشى يېڭى ئەسىردىكى يەر شارى ئىقتىساد ماتورى ئۈچۈن ھەربىي كاپالەت تەمىنلەشنى ئويلاشقان.

ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، شۇ پادىشاھى ۋۇ پادىشاھلىقىغا ھەربىي يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ. ۋۇ پادىشاھى قاتتىق چۆچۈيدۇ. كېڭەش بېگى جاۋزى مەسلىھەت بېرىپ:«كەمىنلىرى ئەلچى بولۇپ، ۋېي پادىشاھى ساۋپىنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ، پايدا زىياننى بايان ئەيلەپ، خەنجوڭغا ھۇجۇم قىلغۇزسام، شۇ لەشكەرلىرى ئۆزلىكىدىن ھالاك بولىدۇ» دېدى. جاۋزى كېچىچە شۇدۇغا يېتىپ كەلگەن. ساۋپى كۆرۈشكەندە ۋۇ ئەلچىسىنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن:«مەن ۋۇ پادىشاھلىقىغا قوشۇن تارتماقچى بولىۋاتىمەن، قانداق؟» دېگەندە، جاۋزى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:«كۈچلۈك دۆلەت قوشۇن تارتىدۇ، ئاجىز دۆلەت مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ» دېگەن. تارىخ جاۋزىنىڭ جاۋابىنىڭ ئۆز جايدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتىكى ئامېرىكا، جۇڭگو ئۇنۋېرسال كۈچىنى سېلىشتۇرساق، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ساۋ جەمەتىنىڭ ۋېي، سۇن جەمەتىنىڭ ۋۇ پادىشاھلىقىغا تەخمىنەن ئوخشىتىشقا بولىدۇ، جاۋزىنىڭ ۋېي پادىشاھى قوشۇن تارتسا ۋۇ پادىشاھى مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ دېگەن قارىشى ھازىرقىغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچلىق بىلەن قەد كۆتۈرۈش مۇساپىسىدا، ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك لاھىيىسىدىكى يۇمشاق كۈچ بىلەن خەلقئارالىق ھەربىي كىرزىستىكى قاتتىق كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولىشى، ئاخىرقى نىشانغا پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىشى، ئۆزىنىڭ سېپىنى ئۆزى قالايمىقان قىلىپ تاشلىماسلىقى كېرەك.

مەنبە: ئاپتورى شۈن لىتەي ستانفورد ئۇنۋېرسىتىتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى. نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى. (باشقۇرغۇچىلارنىڭ تېمىنى تاقاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-1 12:24 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
madonna + 10 ئامرىكا چاققانراق دوڭ.
gulbaxikar + 100 ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!
aptap104 + 10 قوساقئاغرىقىمىزيوق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش