29-41-تېئورمىلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى
قاسىم سىدىق
مەن29-تېئورمىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى پەرەزگە ئاساسلانغان ئىدىم.
1. قەدىمكى زامان يونان مۇتەپەككۇرلىرىگە ئوخشاش ھەرخىل جىسىملاردىن تۈزگۇچى قايتا پارچىلانمايدىغان ئەڭ كىچىك ماددى بىرلىك بار دەپ قارىۋىلىش.
2. ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاساسىدا، فىزىكىدىكى زىچلىق ئۈقۈملىرىدىن بىرخىل كىرىتىك زىچلىقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى پەرەز قىلىش.
يۇقارقى ئىككى پەرەز«ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ» دېگەن بۇ قەدىمى مەسىلە بىلەن زىدىيەتلىك. ھالبۇكى،ئاتالمىش «چەكسىز پارچىلنىش» ئىدىيىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كەم دېگەندىمۇ تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىدىن ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.
1- چەكسىز پارچىلنىش جەريانىنى تاماملىغىلى بولمايدۇ. بۇ جەريان تاماملانسا بۇ ھالدا ئۇ «چەكسىز پارچىلنىش جەريانى» بولماي ئەكىسچە«چەكلىك پارچىلىنىش جەريانى» بولۇپ قالىدۇ. ھەرخىل زىچلىقتىكى جىسىملارنىڭ مەۋجۇتلىگى بۇنداق چەكسىز پارچىلنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. مۇبادا«چەكسىز پارچىلنىش جەريانى مەۋجۇت» دەپ قارىساق بىز ئۆزىمىزنىڭ، قۇياش سېتىمىسى ۋە گالاكتىكالارنىڭ مەۋجۇتلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. سەۋەپ، چەكسىز پارچىلىنىۋاتقان شەيئىي ھىچقاچان نىسپىي مەنىدە مۇستەقىل بولغان، ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە سېستىملارنى تۈزەلمەيدۇ.
2- ماددا (ماسسا – ئېنىرگىيە) تۇراقلىق ۋە چەكلىك مىقدار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. سەۋەب،چەكسىز پارچىلىنىدىغان شەيئىي چەكلىك بولمايدۇ. بۇنداق شەيئىي ئۆزى چەكسىز بولۇشى كېرەك. ئۆزى چەكسىز بولغان شەيئى ماكاننى تولۇق قاپلىغان بولغاچقا، ئۇنى پارچىلاش مۇمكىن ئەمەس، يەنى ئۇنى پارچىلاشنىڭ ماكان شەرتى مەۋجۇت ئەمەس. چۇنكى بىز ھەرقانداق نەرسىنى پارچىلىساق، ئۇنىڭ پارچىلىرىنىڭ پارچىلانمىغان ھالەتتىكى ۋاقتىغا قارىغاندا چوڭ بولغان ماكاننى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. سىز خالىغان بىر نەرسەئارقىلىق سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
دىمەك، «چەكسىز پارچىلىنىش» ئەقىدىسى مەيلى لوگىكا جەھەتتىن ۋە ياكى ئوبېكتىپ پاكىتلار جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلا رەت قىلىنىدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن ئالغاندا «چەكسىز پارچىلىنىش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى جەزمەن «چەكسىز بىرىكىش» بولۇشى كېرەك. چۇنكى «چەكسىز بىرىكمىگەن شەيئى»نى«چەكسىز پارچىلاش» زۆرۇرىيىتىمۇ ۋە
ئىمكانىيىتىمۇ يوق①. ھالبۇكى، «چەكسىز بىرىكىش»نىڭ ئۆزىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ھادىسە. بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەبلەرمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش، ئوخشىمىغان زىچلىقتىكى جىسىملارنىڭ مەۋجۇتلىگى بىلەن لوگىكا نوقتىسىدىن مۇمكىن بولماسلىقىدا. بىزبۇ يەردە پەقەت «پارچىلىنىش» ۋە«بىرىكىش»نىڭ مەۋجۇتلىگى ۋە مۇمكىنلىگىنى ئاتالمىش «چەكسىز پارچىلنىش» ۋە «چەكسىز بىرىكىش»نىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. ئالەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا «بىرىكىش» ۋە «پارچىلنىش» جەريانلىرىنى «ئالەمنىڭ كىڭىيىشى» ۋە «تارىيىشى»دىن ئىبارەت ئىككى جەريان بىلەن بىردەكلىككە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
«چوڭ پارتىلاش ئالەم مودېلى»دىكى «غەيرى نوقتا» نوقۇل نەزەرىيىۋى مەسىلە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇ«بىرىكىش»نىڭ پەرەز قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى چىكى (لىمىتى) بولۇپ, «بىرىكىش»جەريانىنىڭ «چەكسىز» بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ يەردە ماتېماتىكىلىق ئىدىيە ۋە مىتود سۇپىتىدىكى «چەكسىز»لىك بىلەن فىزىكىلىق رىئاللىقنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى نەرسە ئىكەنلىگى رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ماكانى ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، ئومۇمىيلىقتا چەكسىز «ماكان» بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىر كونكىرىتلىقتىكى چەكلىك ماكان «چەكسىز بىرىكىش»كە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە «غەيرى نۇقتا»- ساقلىنىش قانۇنلىرى ئوخشاشلا ئۈنۈملۇك بولغان بىرنوقتا بولۇپ، بۇ يەردە ئالەملىك ئومۇمىي ھەركەت مىقدارى، زەرەت مىقدارى شۇنداقلاماسسا – ئېنىرگىيەنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن Nدانە ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە -ئىيېن بار دەپ قارىلىدۇ. بۇ،«غەيرى نوقتا»نىڭ ئەمەلىي قىممىتىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئوخشاشلا شەكىل نەزەرىيىسىدە تەۋرەنمەيدىغان پىرىنسىپال مەۋقە.
مەن يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە زىچلىقنىڭ كىرتىك نوقتىسى ۋە ياكى «بىرىكىش»نىڭ كىرتىك نوقتىسىدىن«ماددا» (ماسسا –ئېنىرگىيە)نىڭ مۇتلەق تۇراقلىق بولغان گىئۇمىتىرىيىلىك ھەجىمىنىڭ مەۋجۇتلىگىنى پەرەز قىلىدىم.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، مەن ۋە بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار ھازىرغىچە كەلتۈرۈپ چىقارغان«
مۇتلەق ھەجىم»گە ئالاقىدار سانلىق قىممەتلەر پەقەت تەقرىبى، رىئاللىقتىن يىراق قىممەتلەر بولۇشى، ئۇلار پەقەت «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تىپىشتىكى بىر ئۆتكۈنچى جەريان بولۇپ قىلىش مۇمكىن. ئالدى بىلەن مۇھاكىمە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، زادى مۇشۇ «مۇتلەق ھەجىم»دېگەن ئۈقۈمنى نەزەرىيىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئىلىپ كىرىشنىڭ زۆرۇرىيىتى ۋەئاساسلىرى بارمۇ-يوق؟ دېگەن نۇقتىدىن ئىبارەت.
ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە – ئېيىن مەۋجۇت دەپ توغرىدىن –توغرا پەرەز قىلىۋىلىش «مۇتلەق ھەجىم»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ يەنە بىر قەدەم باشقۇچى، بۇ خىل پەرەز قىلىۋىلىش قەدىمقى يونان پەيلاسۇپلىرىدىن تارتىپ، بۇگۇنكى دەۋىر مۇتەپەككۇرلىرىغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىرخىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر يۆنولۇشىدىن ئىبارەت.
يۇقارقىلار مىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە -«ئېن»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى تەپەككۇر جەريانىمنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى.
ئەمدى تېمىنىڭ نەق ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك، تۆۋەندە نېمە ئۈچۈن 29-ۋە 41-تېئورمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمدىكى سەۋەبلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
شەكىل نەزەرىيىسىدە ھەركەت پەقەت ماددىغىلا خاس خۇسۇسىيەت ۋە ھەركەت مىقدارنىڭ ساقلىنىش قانۇنى زەررەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى، ماسسا – ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىدىكى بارلىق مىقدارلار «ئېيىن»لارغا تەقسىملەنگەن دەپ قارىلىدۇ.
مۇشۇ «ئېيىن»لار «گۆمۇرۆلۇش» ياكى «بىرىكىش»نىڭ ئاخىرقى چىكى «غەيرى نوقتا»نى شەكىللەندۇردۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى o گە ئىنتىلگەن (مۇتلەقo دىگىلى بولمايدۇ) بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى غايەت چوڭ قىممەت ئالىدۇ(چەكسىز ئەمەس)، ئۇمۇمىي ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.
ئالەمنىڭ «غەيرى نوقتا»دىن ئىبارەت دەل مۇشۇ «پەيتى»دە خاۋكىڭ قاتارلىقلار ۋە ئالاقىدار نەزەرىيىلەر «فىزىكا قانۇنلىرى ئەھمىيەتسىز» دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەكىسچە«شەكىل نەزەرىيىسى» بولسا «ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتى- ھەتتا غەيرى نۇقتىغا نىسبەتەنمۇ ئۇنۇملۇك» دەپ قارايدۇ.
بۇ يەردە پەقەت «كۈچ»ۋە «مەيدان» ئۇقۇملىرى ئەھمىيەتسىز بولىدۇ. چۈنكى، مەن بۇرۇنقى ئالاقىدار يازمىلىرىمدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەندەك «كۈچ» ۋە«مەيدان»ئۇقۇملىرى «كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچە» قويۇپ بىرىلگەن،«مەيدان زەررىچىلىرى-مەيدان كىۋانتلىرى» مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدىلا ئاندىن رىئالىققا ئايلىنالايدۇ. «ئېيىن»لاربولسا ئىچكى تۈزۇلۈشكە ئىگە بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئۇلارنى «زەررىچە قويۇپ بىرىدۇ»دەپ تەساۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇناسىپ مىقداردا«ئېن»لاردىنمۇ كىچىك بولغان ۋە ياكى ئۇلاردىن مۇستەقىل تۇرىدىغان كۈچ توشۇغۇچى زەررىچىلەر بار دىيىشنىڭمۇ ھېچقانداق ئاساسىي يوق.
«فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ ھىچقانداق ئاتۇم، مالىكۇلا تۇزۈلىشىگە ئىگە بولمىغان، پەقەت «ئېيىن»لار مەۋجۈت بولغان بىرەر پەيتى («غەيرى نۇقتا»غا ئوخشاش) بولغان، بۇ «پەيت»تە «كۈچ» ۋە«مەيدان»ئۈقۈملىرى ئەھمىيەتسىز دەپ پەرەز قىلساق، بۇ ھالدا بىز ئەڭ دەسلەپكى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە «سىستېما» زادى قانداق شەكىللەنگەن؟ دېگەن سوئالغا دۇچ كىلىمىز.
بۇ يەردە پەقەت«ھەركەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ»دېگەن ئىدىيە نوقتىسىدا تۇرۇپلا ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە «ئىپىتىدائىي سىستېما»لارنىڭ شەكىللىنىشىنى چۇشەندۇرۇشتىن باشقا چارە يوق. يەنى بۇ جانابى «ئېن»لار 29-تېئورمىدا دىيىلگەندەك ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۇلۇشىگە قاراپ ئېغىپ بىر فوكۇس نوقتىسىدا ئۇچرۇشۇپ، دەسلەپكى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە سىستېملارنى تۈزۈدۇ ۋە ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى، زەرەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى، ماسسا – ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىدىكى بارلىق مىقدارلار «ئېن»لارغا تەقسىملەنگەن دەپ قارىلىدۇ.
دەل مۇشۇ «ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە سىستېما»لارنىڭ قايسى باسقۇچىدا ئاندىن «كۈچ» ۋە «مەيدان» ئۈقۈملىرى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ئەلبەتتە بۇ نۇقتا سىستېملىق ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ.
ساقلىنىش قانۇنلرىدىكى بارلىق مىقدارلار ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرگىلا تەقسىملەنگەن بولىدۇ(جۇملىدىن ھەركەت مىقدارى) دېگەن مۇشۇ پەرەز ئورۇنلۇق دەپ قارالسا 49-تىئورمىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە بىز ئومۇمىي ھەركەت مىقدارىنىڭ تۇراقلىق مىقدار ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ھەركەتنىڭ ئومومى جەھەتتىن «تۈز» ۋە «ئەگرى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل كونكىرىت شەكلىگە ئىرىشىمىز. كۆرۇۋىلىش تەس ئەمەسكى ھەركەت مۇتلەق مەنىدە «تۈز» بولىدۇ دىيىلسە «غەيرى نوقتا» (فىزىكىلىق ئالەمنىڭ بىرىكىش، گۆمورلۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىكى)نى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.ھەركەت مۇتلەق مەنىدە «ئەگرى بولىدۇ»دىيىلسە ھەرگىز «كىڭىيىۋاتقان ئالەم»نى تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. يوقۇردا تىلغا ئىلىنغان ئاتالمىش ھەر ئىككى «مۇتلەقلىق» بىز ياشاۋاتقان بۇ پىلانتا ۋە بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. يەنى ھەركەت مۇتلەق ئەگرى بولىدۇ دىيىلسە
فىزىكىلىق ئالەم ھىلىھەم «غەيرى نوقتا»داتۇرۇپ قالغان بولاتتى. «مۇتلەق تۈز» بولسىمۇ يەنىلا «بىز» شەكىللەنمىگەن بولاتتۇق.
29-ۋە 41-تىئورمىلارفىزىكىلىق ئالەمنىڭ كېڭىيىپ –تارىيىشىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر دەۋرى جەرياندىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدىكى دادىل تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. ئەلبەتتە بۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېللىرى تۇرغۇزۇلىشى كېرەك. لېكىن ماتېماتىكىلىق مودېل ئوتتۇرىغا قويۇلىسمۇ ئۇ يەنىلا نەزەرىيە، پەرەز بولۇپ قالىۋىرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى تەجىرىبە ئىسپاتى. 2010-يىلى ئەرمىنيىلىك ۋاچ .گوسادىيان ۋە ئەنگىليىلىك روگىر.پىنروزلار ئالەمنىڭ دەۋرىلىكىگە ئائىت ئىسپاتقا ئىرىشكەنلىگىنى خەۋەرقىلىندى، مۇشۇخىل دەۋرىلىك بىلەن 29-ۋە 41-تىئورمىلارنىڭ ھەقىقەتەن بىرەرباغلىنىشى بارمۇ-يوق؟ بۇ بىز تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىدىغان نوقتا.
ئېينىشتېيىن زامان-ماكان ئىدىيىسىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە خاتالىغى ئىسپاتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە مېنىڭچە يەنىلا «ماكان ئەگرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەركەت ئەگرى بولىدۇ»دەپ يۇرۇش بىمەنىلىكتۇر!.
2011-يىلى 1-ئاينىڭ27-كۈنى
بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرىتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەتكە كۇچۇرۇشكە بولىدۇ.
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2114&page=1&