مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 17

قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 10:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار


قاسىم سىدىق


ۋىكىپىدىيە قاتارلىق بىرقانچە نوپۇزلۇق ۋاستىلەر ئارقىلىق 2004-يىلى فىرانىسىيلىك فىرانسىئۇ مىگۇئىل ماركۇس يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرپپىنىڭ فىرانسىيە لېئون فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا 4 دانە نىيتېرۇننىڭ بىر يەرگە يىغىلغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭغا «نۆلىنجى ئېلمىنېت» دەپ نام بەرگەنلىگىدىن خەۋەر تاپتىم.

نۆلىنجى ئېلمىنېت دېگەن بۇ ئىسىم ئەڭ دەسلەپ ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، زىچلىقى پەۋقۇلئادە چوڭ بولغان سىرلىق زەررىچىگە ۋەكىلىك قىلغان، 1926-يىلى ئاندېرىئا. فۇن. ئاندېرى پوپۇپ دېگەن ئالىم بۇ ئىسىمنى كەشىپ قىلغان ئىكەن.

نۆۋەتتىكى ئۆلچەملىك زەررىچىلەر فىزىكىسىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى مۇمكىن ئەمەس، يادرۇ كۈچى ھەرقانچە كۈچلۇك بولسىمۇ  پىرۇتوندىن مۇستەسنا 4دانە نىيتىرۇننى بىر يەرگە يىغىلمايدۇ دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نىيتېرۇن يۇلتۇزلارنىڭ بايقېلىشى نىيتېرۇنلاردىنلا تەركىب تاپقان ماددىنىڭ مەۋجۈتلىگى ھەققىدىكى نەزەرىيىنى قوللايدۇ، بۇ پاكىتلار ئالەمدە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىرخىل كۈچ ئۇلارنى بىر يەرگە يىغقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

گەرچە نۆلىنجى ئېلمىنېتنىڭ بايقالغانلىقى ئىنىق بولسىمۇ، لېكىن «نۆلىنجى ئېلمىنېت»دىن ئىبارەت بۇ ئىسىم ئۈستىدە تالاش –تارتىش مەۋجۈت ئىكەن.


نەق گەپكە كەلسەك، 4دانە نىيتېرۇننىڭ پىرۇتوندىن مۇستەسنا ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇشىنى نۆۋەتتىكى كۈچ، مەيدان، ئۆز ئارا تەسىر ئۈقۈملىرى نوقتىسىدىن چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ ھال ئالەمدە تېخى بايقالمىغان سىرلىق بىر كۈچنىڭ مەۋجۈتلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەن مۇشۇ نوقتا مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. بۇ ئۇچۇرلار شەكىل نەزەرىيىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:

1.شەكىل نەزەرىيىسى؛ ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە -«ئېن» لار ئوتتۇرىسىدا كۈچ،مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرى ئەھمىيەتسىز؛ ئۇلاردا پەقەت ئۆزئارا سوقۇلۇشتىن ئىبارەت بىرلا خىل «تەسىر»نىڭ مەۋجۈتلىگىنى تەسەۋۋۇر قېلىشقا بولىدۇ، كىلاسسىك ۋە رىئال كۈچ، مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرى ھاسىلى زەررىچىلەرنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئۈقۈملارنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

نۆلىنجى ئېلمنېتنىڭ كۇچلۇك ئۆزئارا تەسىر (يادرۇ كۇچى) دىن مۇستەسنا شەكىللىنىشى شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇس –پەرەزلىرىگە نىسبەتەن بىرخىل قوللاش.

2.نېيتىرۇن يۇلتۇزلارنىڭ مەۋجۈتلىگىنىڭ ئۆزىلا شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يۇقۇرقىچە پەرەزلىرىنىڭ دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، يادرۇ كۈچى يادرۇدا پىروتۇنمۇ بولغان ئاتوملارغىلا تەدبىقلاشقا ماس كېلىدۇ.

3.مۇھاكىمە قېلىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى؛ زىچىلىقى نېيتېرۇن يۇلتۇز زىچلىقىدىن يۇقىرى بولغان ھەر قانداق زەررىچە ۋە جىسىملاردا كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر (يادرۇ كۈچى)ئەھمىيەتسىز دەپ قاراشقا بولىدۇ، سەۋەبى يۇقۇردىكىگە ئوخشاش.

بۇ ھالدا نېيتېرۇن يۇلتۇز ۋە قارا ئۆڭكۇرلەرنىڭ يادرۇ كۈچىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچۇرمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز، ئاق پەتەك يۇلتۇز ۋە ئىمپۇلىس يۇلتۇزلارغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. شەرىت شۇكى؛ ئۇلار ئاتوم تۈزۈلىشىگە ئىگە بولمىسىلا.

4.نۆلىنجى ئېلمىنېت ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان يازمىلاردا نېيتېرۇنلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا سەۋەب بولغۇچى تېخىچە بىزگە مەلۇم بولمىغان قانداقتۇر بىر سىرلىق كۈچ بار دەپ قارالغان.

مېنىڭچە بۇنداق بولۇشى ناتايىن، بىز كۈچ، ئۆزئارا تەسر ۋە مەيدان ئۈقۈملىرىنىڭ رولىنى ۋە تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلەپ مۇبالىغە قىلىۋەتكەندەك تۇرىمىز. مېنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى، بۇ خىل ھادىسىنى «ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىي خاراكتېرى ئەگرى بولىدۇ» دېگەن مەۋقەدە تۇرۇپ چۇشەندۇرۇپ بىرىش مۇمكىن. 29-تېئۇرمىنىڭ تەجرىبە ئىسپاتى كۈچ، مەيدان، ئۆزئارا تەسىر ئۈقۈملىرىدىن مۇستەسنا ھالدا يۈز بېرىدىغان بۇنداق «ئەگرىلىك»نىڭ مۇمكىنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇخىل ئەگرىلىكنى بولسا ئىنېرتسىيە قانۇنىنى تۈزۈتۈپ –تولۇقلاش، ئۈقۈم دائىرىىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

5.يەنە بىر مۇھاكىمە نوقتىسى شۇكى؛ شەكىل نەزەرىيىسى زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ زىچلىقى قانچە چوڭ بولغانسىرى تىزلىگىنىڭ شۇنچە ئىشىپ باردىغانلىقىنى، مەلۈم مەنىدە زىچلىق بىلەن تىزلىكنىڭ ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تىزلىكى ۋە زىچلىقى يېتەرلىك چەككە يەتكەن، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان زەررىچە ياكى جىسىمنىڭ «ئېغىش ئىنېرتسيىسى» (29-تېئۇرمىچە ئېغىش) نىڭ غايەت زور بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماق قېيىن ئەمەس. بۇ خىل ئېغىشنىڭ ياكى ھالەتنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى تىل بىلەن ئېيتقاندا غايەت زور كۈچ كېرەك. ھالبۇكى ئەنئەنىۋى لىباس كېيگەن بۇ خىل كۈچنى بىز قەيەردىن تاپىمىز؟

مەن يۇقۇرقى ئاساسلار مەيدانىدا تۇرۇپ ئاللىقانداقتۇر «يېڭى بىر كۈچ» نى ئىزدەپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىنېرتسىيە قانۇنى تۈپ قانۇن، بۇ قانۇننىڭ ئۈقۈم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ شەرھنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەت قىلغۇچى جىسىم ۋە ياكى زەررىچىنىڭ ئۆزىدە ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئىشتىراكىسىز يۈز بېرىدىغان يۇقۇرقىچە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن دەپ قارايمەن.

قارىغاندا، بىز كۈچ ۋە ئۆزئارا تەسر ئۈقۈملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسى ھەققىدە قايتا ئويلاشساق بولىدىغاندەك قېلىدۇ.


بۇ يازما يەنە تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.

تورداشلارنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

0号元素

维基百科


中国物理学家刘敦钰攻克了爱因斯坦遗留未解决的三大科学难题

0号元素
百科名片


2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 04:17:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخماق ئەپەندىم ئېنىرتسىيە قانونىنى بىر ئىزاھلاپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 04:32:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق جىسىم(زەررىچىلەرمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۆچ تەسىرىگە ئۆچىرىمىسا ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆزسىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

«قىسقىچە فىزىكا لوغىتى»953-بەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55786
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 04:57:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نىئوتوننىڭ 3. قانۇنىغۇ دەيمە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 05:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-قانۇن،ئىنىرىتسىيە قانۇنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77357
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 05:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر فىزىكا دەرىسخانىسىغا ئايلىنىپ قاپتىغۇ ~~
   مۇنبەردە قانچىلىك ئادەم چۈشۈنۈپ كىتەر بۇلارنى ؟      
بۇنچە كۆپ ئىلمىي ئەمگىكىڭىز بولغاندىكىن ، نوپۇزلۇق ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرۇپ ، كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلسىڭىز ياخشىراق بولمامدۇ ؟   

سەن ئاللىقاچان ئۆزگەردىڭ ، مەڭگۈ !
ئەسلىڭگە قايتىشىڭ مۇمكىن ئەمەس ، قارا ، ئۇلارغا نىسبەتەن سەن پەقەت بىر غەلىتە مەخلۇق ، ماڭا ئوخشاش !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 06:08:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر فىزىكا دەرىسخانىسىغا ئايلىنىپ قاپتىغۇ ~~
   مۇنبەردە قانچىلىك ئادەم چۈشۈنۈپ كىتەر بۇلارنى ؟      
بۇنچە كۆپ ئىلمىي ئەمگىكىڭىز بولغاندىكىن ، نوپۇزلۇق ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرۇپ ، كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلسىڭىز ياخشىراق بولمامدۇ ؟
ــــــــــــــــــــــــ-
ھەرئىككىسىنىڭ يولى ،يىتىدىغان مەقسىتىدى ئايرىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 06:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2330 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 06:40:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاسىم سىدىق:29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار


يۇقۇرقى تېما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ كۆرۆڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-30 06:42 PM  


نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4688
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 08:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نۆلىنجى ئىلمىنتى دەڭ ... ئۇ مەن .

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 11:38:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئەگرى بولىدۇ› دېگەن قارىشىڭىز بىلەن كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريىسىدىكى ئالەمنىڭ ئەگىرلىگى،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق جىسىم تۈز سىزىق بويىچە ھەركەت قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئۇنىڭ ھەركەت ئوربىتىسى ھامان ئەگرى بولىدۇ.دېگەن قاراش بىلەن چىقىشالايدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش