مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1298|ئىنكاس: 39

پۇل ۋە مۇھاببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەننەت ۋە دوزاخ _

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25248
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 19251
تۆھپە نۇمۇرى: 1372
توردا: 4892 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 07:10:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل ۋە مۇھاببەت

مەردان ئابدۇللا


<-كېلە ئەمسە!!باي بولغاندىكىن!ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كەلسەڭ بىردەمدە كىلىسەن،ھەم ھارمايسەن.ھېچ بولمىسا پويىزدا ،ماشىنىدا كەلسەڭمۇ ئۆلۈپ قالمايسەن!؟!ئەگەر مېنى ياخشى كۆرسەڭ،مېنى ھەقىقىي سۆيسەڭ نېمىلا قىلىپ بولسۇن مۇشۇنداق كۈندە مېنى كۆرگىلى كېلەتتىڭ!مېنى يالغۇز قويمايتىڭ!>ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مېڭەمدە غەززەپ ئۇچقۇنلىرىنى ياندۇرۇپ،ئەقلىمدىن ئازاي دېگەن ئىدىم.مەن باي ئەمەس ،ئۇ دېگەن ئاتا-ئانامنىڭ پۇلى،قايسى يۈزۈم بىلەن....ئەگەر ئۆزەمنىڭ پۇلى بولسا ھېلىغۇ ئايروپىلانكەن،راكىتاغىلا مىنىپ بېرىپ ئالدىڭدا پارتىلاپ مۇھاببىتىمنى ئىزھار قىلاتتىم ،شۇ چاغدىكى ئاچچىقىمدا!!ئەگەر پۇلۇم بولغان بولسا شۇ دەقىقىدە يىنىڭغا خۇددى كىنودىكى كۈرۈنىشلەردەك ئۇچۇپلا بارسام بۇ سۆيگۈم ھەقىقىي بولاتتى،ھاقارەتكە ئۇچرىمايتتى.مانا بۇ مەن ۋە دىلدار.

<- ۋاي ئاداش !شۇنچە يىراقتىن سېنى كۆرگىلى كەپتۇ،بىر قېتىم ئايروپىلاندا،بۇ قېتىم بولسا پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ كەپتۇ،ئەگەر بىر ئوغۇل بالا مەن ئۈچۈن بۇنچىلىك قىلىدىغان بولسا ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ سۆيگۈ تەكلىپىگە قوشۇلاتتىم..>-ئابىدەنىڭ ياتاقداشلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشىپ ئۇنىڭغا توختىماي كوتۇلدايتتى..مانا بۇ ئابىدە بىلەن سەمى....
مەكتەپ،ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان،ئاي سۈتتەك نۇرىنى تۆكۈپ تۇرغان كېچىدەك ئاجايىپ تەسۋىرلىگۈسىز چاغلاردۇر!ئالىي مەكتەپ بولسا شۇ يۇلتۇزلۇق ئايدىڭ كېچە قوينىغا بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى باغاشلىغان بىر كۆركەم ،رومانتىك رەسىمگە ئوخشايدۇ.بۇ رومانتىك رەسىمگە ياشلىقنىڭ باھار پەسلى قوشۇلسا كىم ئاڭا تاڭ قالماي تۇرالىسۇن!!!ئەمما بىر نەرسە قانچە مۇكەممەل بولغانسېرى ئۇنىڭغا شۇنچە ئاسان ئەرزىيەت يىتىدۇ،خۇددى ئاپئاق نەرسە ئەڭ ئاسان بۇلغىنىپ قالغاندەك.مانا ئىككى جۈپ ئاشىق مەشۇقلارنىڭ ھېكايىسى دەل مۇشۇ سۈتتەك ئايدىڭ،يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ياشلىق باھارىنىڭ كارتىنىسىدا قارا سىياھ ئىزىنى قالدۇردى.....
ئۆيدىن تۈزۈك تۆت كۈن ئايرىلىپ باقمىغان مەن جوڭگونىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە ئالىي مەكەتپتە ئوقۇش ئۈچۈن كەلدىم.ياخشى بىر مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىمدىن بىردە خوشال بولسام بىردە يىغا تۇتاتتى.كىمگە ئاسان؟؟يۇرتنى تاشلاپ،ئاتا-ئانا قېرىنداشنى  تاشلاپ يات بىر يۇرتتا كۈن ئۆتكۈزمەك.ساۋاقداشلار بارمۇ دەيلى،بىر مەكتەپنى ئىزدىسە شۇ ئوقۇغۇچى سانىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ يۈزدىن بىرى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى.ئىشقىلىپ دوست-قېرىنداشنىڭ قەدرى ھەقىقى ئۆتىلىدىغان يەردە بۇ.ھەممە ئالدىراش دەرس بىلەن،تۈگىمەس تاپشۇرۇق تەكرار بىلەن.ئەگەر ئاغىرىپ يېتىپ قالسا ئوقۇتقۇچى يوقلىما قىلىپ ماۋۇ ئوقۇغۇچى قېنى دېمىسە سىنىپتا كىم بار كىم يوق ھېچكىممۇ ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ.شۇڭا ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققانلارنىڭ تېپىشىپ قېلىش تولىمۇ ئومۇملىشىپ قالغان ئىش.پەقەت شۇلارلا بىر بىرىگە ئازتولا غەمخورلۇق قىلىشىدۇ،ئاچمۇ-توقمۇ سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدۇ.غېرىبلىقنى ھېس قىلدۇرمايدۇ.مۇشۇنداق بولغاچقا بارا بارا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر بىرىگە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ دە،يالغۇز ياشاشتىن ئىككى كىشلىك مۇھاببەت ھاياتىغا قەدەم قويىشىدۇ.ئەنە شۇلارغا قاراپ مەنمۇ چوڭقۇر ئويلارغا چۆكەتتىم،مەنمۇ بۇ ياشلىقنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرىغا مۇھاببەت ئۈنچىلىرىنى تۆكۈشنى ئويلايتىم.مەن ئانامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئۆزەمنىڭ ئەقلى –ھوشى بىلەن مۇشۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك يۈردۈم،<ئەركىنلىك>كە چىقتىم دەپ كەيىپ ساپا ،ئويۇن –تاماشىغا قېتىلمىدىم.بەلكى شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك يالغۇز قالىدىغان ۋاقتىم ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىدىن كۆپ ئىدى.خىيالىمدا ھەمىشە ماڭىمۇ بىر ھەمراھ چىقارمۇ دېگەن ئويلار پەيدا بولاتتى.ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ئىنساننىڭ نىيىتىگە قاراپ بېرىدىكەن ئەمەسمۇ؟!بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى تاماملاپ يۇرتقا قايتىدىغان پويىز بېلىتى ئالىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.بىر مەكتەپتە بىر مەۋسۈم ئوقۇپ،يەنە تېخى بىر يۇرتتىن دېسە ،كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم.ئۇ قىز بولغاچقا  بېلەت ئېلىشنى ،شۇنداقلا سەپەردە يالغۇز قېلىشنى ئويلاشقان ئاساستا سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ مېنى تېپىۋالسا بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر تونۇشۇم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بىلەن بېلەت پۇلىنى ماڭا بەردى.مەن بىلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن بېلەتنى بېرىدىغان چاغدىلا ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى رەت  يۈز كۈرۈشتۈم.ئىككىلىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى بەكلا ياخشى بولغان بولسا كېرەك،شۇنداق قىلىپ كېيىنكى كۈنلەردە بىز تەرەققىي قىلىپ بىر جۈپ ئاشىق مەشۇققا ئايلاندۇق.بىر يۇرت ،بىر مەكتەپ ،شۇنداقلا ئىككىلا تەرەپ ياخشى كۆرۈش بىلەن باشلانغان بۇ مۇھاببەت ھېكايىسىنى مۇكەممەل ئاياغلاشتۇرۇشقا تاغدەك ئىشەنچ قىلىپ،شۇنچىلىك گۈزەل ،رومانتىك ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى يېڭى قەدەمنى باستۇق.دەسلەپكى كۈنلەر ،ئايلار شۇنداق مەنىلىك ،مېھرى-مۇھاببەتلىك تاتلىق ئۆتتى.ۋاقىت ئۇزىراپ يىلغا قەدەم قويغاندا ئاز-تولا جېدەل ماجرا بولدى.ئەمما مۇھاببىتىمىز بۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلەتتى دە،بىردەمدىلا ياخشى –خوپ بولۇشۇپ قالاتتۇق.ئەمما كىم ئويلىغان تەۋرەنمەس مۇھاببەتنىڭ ئۇلىنى شۇ مەينەت پۇل بۇزىدۇ دەپ.
بۇبىزمۇھاببەتلەشكەندىن كېيىنكى  ئۈچۈنچى تەتىل ،يەنى بىر قىشلىق تەتىل ئىدى.ئىلگىرىكى تەتىللەردە مەن ئۇنى كۆرگىلى ھەر تەتىلدە ئىككى قېتىم باراتتىم.مېنىڭ ئۆيۈم شەھەر ئىچىدە ئۇنىڭ بولسا ناھىيىدە ئىدى.تەخمىنەن ئىككى سائەت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۆرگىلى باراتتىم.بۇ تەتىل ئىشلار باشقىچە بولۇپ قالدى،شۇنداقلا مۇھاببىتىمزنىڭ دەز كېتىشىگە سەۋەب بولدى.ئۇلارنىڭ فاكۇلتىتى بۇ مەۋسۈملۈك پىلاننى بالدۇر ئورۇنلاپ بولغاچقا يەنە كېلىپ مەن يەنە بىر قاتار تەجىربە ئىشلەپ ئاندىن قايتىدىغان بوپقالغاچقا قىشلىق تەتىلگە ئۇ مەندىن يىگىرمە كۈنلەرچە بالدۇر قايتتى.مەن ئۇنىڭغا مېنى ساقلامسەن يا دېسەم ،ۋاي !!بىر كۈن ،ئىككى كۈن ئەمەس يىگىرمە كۈن ساقلامدىم؟؟بولدى قىلە دەپلا مېنى سەل خىجىل قىلىپ قويدى.مەن چاندۇرماستىن ئۆيگە بېرىپلا مېنى سېغىنىپ كېتەرسەن،ئۇنىڭدىن مەكتەپتىلا تۇرە دېسەم،ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كىم سېنى سېغىنىدىكەن؟سەن سېغىنساڭ تېلفۇن قىل جۇمۇ دەپ چاقچاق قىلىشقانمۇ بولدۇق.شۇنداق قىلىپ ئۇ كەتتى.مەن بولسام تەجىربىخانىدا ئاچ توق تەجىربە ئىشلەپ كەتتىم.دائىم ئەگەر ئۇ مەكتەپتە بولغان بولسا ھېچ بولمىغاندا ماڭا تاماق تۇشۇپ بېرەر ئىدى.ئەجەپ بىچارە بوپكەتتىمغۇ دەپ ئويلايتىم،تەجىربە جەريانىنى كۆزەتكەچ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يېزىپ تۇراتتىم.ئەمما ئۇنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ بۇ گەپلەرنى دېمەيتىم.شۇنداق قىلىپ ئون كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى .ئاخىرى ئۇ مېنى سېغىنىپ كەتكەنلىكىنى تېزراق كېلىپ ئۇنى كۆرگىلى بېرىشىمنى ئېيتتى.مەن ئۇنىڭغا :ئۆيگە بېرىپلا سېنى كۆرگىلى بارالماسلىقىم مۇمكىن ،ھەپتىدىن كېيىن باراي دېسەم ئازراق جىدەللىشىپ قالدۇق.شۇنداق قىلىپ سېغىنىش بىلەن كۈنلەر ئاجايىپ ئاستا ئۆتىۋاتىدي جۇمۇ.مەكتەپتىن قايتىدىغانغا ئازلا قالغاندا ئۆيدىكىلەر ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالىمىز شۇڭا ئۈرۈمچىگە كەلگىن دېمەسمۇ،بۇ گەپلەر مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىرىۋەتتى.ئاھ!!بىزنىڭ پىلانلىرىمىز!!ئاللاا نىسىپ قىلسا دېمىگەن بولغىيىتۇق؟!؟بىزنىڭ خاتىرە كۈنىمىزگە ئاتاپ تۈزۈشكەن پىلانلىرىمىز؟!؟يەنە تېخى مەن خالىمىساممۇ ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن بىللە ئاشۇق مەشۇقلار كۈنىنى ئۆتكۈزۈش پىلانىمىز،قىشلىق كۆڭۈل ئېىش ئورنىغا بېرىپ مۇز تېيىلىش،چانا ئويناش....ئەمدى ئۇنىڭغا قانداقمۇ چۈشەندۈرەرمەن بۇ ئىشلارنى.نېمىمۇ دەرمەن!!!

داۋامى بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5867
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:03:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق باللانى بەش مىنۇتلۇق ھېسسياتقا تايىنىپ بىر بۆلەك يېزىپ قويۇپ ئاندىن ‹‹داۋامى بار...›› دەپ قويۇپ ئوبۇرنىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن يازامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ۋوردقا كىرىپ ھەممىنى يېزىپ بولۇپ بىراقلا يوللىسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ بۇنى ئازراق كۆرۈپ قويىدىكەنمەن داۋامى چىققۇچە يەنە بىر ھېكايىنىڭ بېشىنى ئوقۇيدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن 3-4 ھېكايىنى ئارىلاشتۇرۇپ يا لەغمەن يېگەندەك ئەمەس يا سومەن يېگەندەك ئەمەس بىر خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەنمەن. بۇنداق قىلسا ھېكايىنىڭ ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىتىنى چۈشەنمەك تەس بوپ قالىدىكەن.
ئەي ‹‹داۋامى بار...›› دەپ ئەسەر يازىدىغان تورداشلار، سىلەر نېمە ئۈچۈن ھەممىنى بىراقلا يوللىمايدىغانسىلەر؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~OT~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 08:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76446
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-2-23
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ !!!   داۋامىنى بولسا يوللار بىرقۇر ئۇقۇپ  چىقتىم . شۇ سەۋەپلىك مۇھاببەت
كۆزقارشىغا ئىگەبوپ قالار مەن  بىراق پۇل بىىلەن مۇھاببەتنىڭ قانداق مۇناسىېۋېتى قىززىقىۋاتىمەن.................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76446
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-2-23
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ !!!   داۋامىنى بولسا يوللار بىرقۇر ئۇقۇپ  چىقتىم . شۇ سەۋەپلىك مۇھاببەت
كۆزقارشىغا ئىگەبوپ قالار مەن  بىراق پۇل بىىلەن مۇھاببەتنىڭ قانداق مۇناسىېۋېتى  بارلىقىغا قىززىقىۋاتىمەن.................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7694
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5053 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە بولسۇن ئەمىلىيەت بولسۇن مۇشۇ ئاشىق مەشۇقلاربايرىمىنى ئۆتكۇزۇش دىگەن گەپنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن سىقىپ چىقىرۋەتسەك دىگەن ئۈمىتتىمەن ،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 997
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 2090 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامەت بار يەردە ئاپەت بار،خوشاللىق بار يەردە ئازاپمۇ بار،پۇلى بارلاردا ساختا مۇھاببەت قىينايدۇ،پۇل يوقلاردا بولسا ھەقىقى مۇھاببەت قىينايدۇ،توققۇزىڭىز تەل،ھىچ نىمىدىن خەم قىلمىغان چاغدا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.بۇ دۇنياغا سىز تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگىلى كەلگەن.ھەممە نەرسىگە ئىرىشىشنى مۇسۇلمانلار ئانچە ئويلىمايدۇ،چۈنكى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بەرگەن كۈنىگە شۈكرى قىلدۇ،كۇپارلار بولسا ئەكسىچە،ھاياتلا بۇلىدىكەنسىز ياخشلىقىڭزنى قەدىرلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76846
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
HSK MSK  ئىنتاھانىدىن ئۆتمەكچى بولسىڭىز بىزنى ئىزدەڭ بىزدە ئىنتاھاندىن ئۈتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بار ...ئىنتاھاندىن چۇقۇم ئۆتەلەيسىز---QQ:947907495

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 08:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77084
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 09:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي قانداق قىلاي... ئاخىرنى تىزرەك پۇتتۈرەلا ... ياخشى بوپتۇ،،،

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا ،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 855
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 09:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىق پىغان ،ئەسرىڭىزنىڭ ئاخىرنى كۈتۋاتمەن تىزراق يولاسىز بولمسا ئۇخلاپ قالدغاندەك تۇرمەن،،،،،ياخشى بىر ھىكىايگە تۇتۇش قىپسىز  ئاخىرسنىمۇ تىزراق يوللاڭ ..............

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش