ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىدىكى 50 نۇمۇر ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
<<
بۇ تېمىنى يېزىشىمغا مۇنبەردىكى مارشال ئەپەندىنىڭ بىر ئىنكاسى سەۋەب بولۇپ قالدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-74537-4-1.html
‹‹ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ئاساسى مائارىپ ›› ھەقىقەتەن شۇنداق، مائارىپىغا كۆڭۈل بۈلمگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ .
دىيارىمىزدا قوش تېللىق مائارىپ تەجرىبە قىلىنىپ يولغا قۇيۇلدى . قوش تېل سېنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئانا تىل سېنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە پەرىق پەيدا بولدى ، يەنى قوش تىل سېنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسى خىلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . بۇنىڭغا خېلى سەۋەبلەر بار .
1. قوش تېل سېنىپقا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئېچىدىكى خەنزۇ تىلى ھەم باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسى يۇقىرى بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلدى.
2. ھەر قايسى مەكتەپلەر قوش تىل سېنىپلىرىغا مەكتەپنىڭ خىل ئوقۇتقىچىلىرىنى تاللاپ سالدى.
3.ماتېرىيال مەنبەسى . خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيال مەنبەسى بەكلا كەڭرى ، بۇ جەھەتتە قوش تېل سېنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ياخشى بولغان ماتىريال مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
4. ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سېياسەتلىرى
5. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى. باشلانغۇچ مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا كۆپ قىسىملىرىنىڭ تېرىشچانلىقى كۈچلۈك.
مىنىڭچە مۇشۇ بىر نەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەندىكى نەتىجىلىرى ئاشتى .
بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغان مەسىلە ، قوش تىل سېنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي مەكتەپ ئېنتىھانىدا 50 نۇمۇر قېتىپ بېرىش . بۇ نۇمۇرنىڭمۇ ھەقلىق يېرى بار چۈنكى ئۇلار باشقا تىل ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ ، ئېنتىھان بېرىدۇ ، تەپەككۇر قىلىدۇ.... لېكىن قىززىق بولغىنى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا ھەرگىزمۇ 50 نۇمۇر قىتىپ بەرگەن بالىلار بىلەن قىتىپ بەرمىگەن بالىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلمايدۇ . پۈتكۈل قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇ تولدۇرغاندا مەخسۇس قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چىقىرىپ بەرگەن مەكتەپلەرنى تاللايدۇ . شىنجاڭدىكى ھەممە قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 50 نۇمۇر قىتىپ بىرىپ ئۇلارنى ئايرىم ئارزۇ تولدۇرغۇزۇش ، 50 نۇمۇرنى قاتمىغان بىلەن باراۋەر . ئوخشاش نۇمۇر چېكىمۇ 50 نۇمۇر ئاشىدۇ .... بۇ زادى قانداق ئىش؟!
مۇھىم مەسىلە ھەرگىزمۇ نۇمۇر مەسىلىسى ئەمەس ، مەيلى قاتسۇن ، قىتىپ نۇمۇر يۇقىرى چېقىپ خۇش بولسۇن بۇ بەرىبىر ئۆزنى ئالداش بۇلىدۇ. مۇھىم مەسىلە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان شۇ ئەللىك نۇمۇرغا يۆلىنىۋېلىش مەسىلىسى . بۇ بەلكىم ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا سەلبىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇ ئادەت بىر قىسىم ئۇنۋېرسىتىتلاردىمۇ بار . مەسىلەن : شىنجاڭ مالىيە_ئىقتىساد ئۈنۋېرسىتىدە قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاستە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئوقۇتىلىدۇ،مەۋسۇملۇق ئېنتىھاندا ئۇلارغا ئاساسىي پەنلەردە 15 نۇمۇر قېتىلىدۇ ، يەنى 45 نۇمۇر ئالسا لاياقەتلىك بولىدۇ.
ئەمدى كاللىمىزنى سېلكىۋېتىپ بىر ئويلىنايلى ، مۇشۇ قىتىپ بەرگەن نۇمۇرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا پايدىسى بارمۇ ؟ بار دېيىلسە ئۇلار ئىنتىھاندىن ئاسانلا ئۆتىدۇ ، قايتا ئىنتىھانغا قىلىشى ئازىيىدۇ . لىكىن ئاخىرىدا ئەمەلىي بىلىمدە مۇشۇ 45 نۇمۇر ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن 60 نۇمۇر ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلاردا قانچىلىك پەرىق كىلىپ چېقار؟! مىللىتىمىزدە ‹‹ ئۇستازى زالىم بولسا شاگىرىتى ئالىم بولۇر دىگەن ›› ھىكمەت بار ، ئەگەر مۇشۇنداق كەڭرى قۇيۇلۇپ بېرىلسە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى پۇرسەتپەرەسلەرگە يېشىل چېراغ يېقىلىپ قالىدۇ ، ئەلۋەتتە !
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا ، مەكتىپىمىز خەنزۇ ۋە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى، بىزنىڭ ئىنتىھان سوئالىمىز خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش قىلىنىپ چېقىرىلاتتى ، كىيىن قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ نەتىجىسى بەك تۆۋەن بولغاچقا ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى (ئۇيغۇر ) قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايرىم سالمىقى تۆۋەن بولغان ئىنتىھان سوئالى چېقىرىش كىرەك دەپ ، سوئال سالمىقىمىزنى تۆۋەنلىتىۋەتتى . سىنىپتا بەش - ئالتىمىز ماتىماتىكىدا 150 نۇمۇرلۇق سوئالدىن تولۇق نۇمۇر ئالدۇق . گەرچە بۇرۇن ئۇنداق نۇمۇر ئىلىپ باقمىساممۇ ، لىكىىن ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يەنىلا غەش بولدى، چۈنكى قورساقتىكى ئۇمىچىمىز ئۆزىمىزگە ئايدىڭ ئىدى....
دۆلىتىمىز ،پارتىكوم، مىللىيلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سېڭدۈردى ، بىزگە پايدىلىق نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى چىقاردى . لىكىن مۇشۇ نۇمۇر قىتىپ بىرىش مەسىلىسى يەنە بىر قىتىم ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ، چۈنكى بۇنىڭ ئىجابى تەرىپىدىن سەلبىي تەرىپى كۆپرەك...
ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم ، بۇنىڭدا ھىچقانداق سىياسىي غەرەز يوق . پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ سالماقلىق بىلەن پىكىر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esyankar75 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-26 04:59 PM