مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 14

ئىلىم پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ‹‹ بوشلۇق نەزەرىيىسى › [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 01:02:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلىم پەن ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ  ‹‹ بوشلۇق نەزەرىيىسى ››گە (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىگە) بەرگەن باھالىرى


  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى دوتسېنتلىرى: شاۋكەت تۇرسۇن،  شەمشىدىن شاكىر،قۇببەس يولداشلارنىڭ باھالىرى


   قاسىم سىدىقنىڭ "بوشلۇق نەزەرىيىسى" گە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بايان قىلغان ئىككى پارچە ماقالىسى ھەققىدىكى پىكرىمىز تۆۋەندىكىچە. 1. بۇ ماتېرىياللاردا ئادەتتىكى فىزىكا ئۇقۇملىرىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلىدىغان مەزمۇن يوق. ئاساسىي جەھەتتىن ئىجادىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇلاردىن كلاسسىك فىزىكىغا ياكى ئەمەلىي، نەزەرىيىۋى فىزىكا چۈشەنچىلىرىگە قارىتا تەنقىد دەپ چۈشىنىۋېلىشنىڭ ئاساسىي يوق. 2. ئالەمنى ماددا، بوشلۇق، "يوقلۇق"دىن تۈزۈلگەن دەپ قاراش ۋە شۇنداق چۈشەندۈرۈش دىئالېكتىك پەلسەپە پرىنسىپلىرىغا خىلاپمۇ ئەمەس. لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسقا ئىگە. 3. "چەكلىك ۋە چەكسىز ئالەم" كۆز قارىشىنى ئۆز شەرتلىرىگە نىسبەتەن توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە شەكىلنىڭ مىقدارغا شۇنداقلا "چەك" كە ئىگە بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 4. "مۇئەييەن شەكىل بەلگىلىك كۈچنىڭ تەسىرىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ" دېيىش فىزىكىدىكى كۈچ ئۇقۇمىغا زىت ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يەنە بىرخىل بايان قىلىنىش شەكلى. 5. "يوقلۇق" نى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئومۇمىي ئالەملىك بوشلۇق شەكىلگە ئىگە ئەمەلىي گەۋدە بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل شەكىل جەزمەن دىئالېكتىك پەلسەپە نۇقتىسىدىن "شەكىلسىزلىك ۋە چەكسىزلىك" دىن ئىبارەت بولغان "يوقلۇق" نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.       شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتى دوتسېنتلىرى:     
  شاۋكەت تۇرسۇن.      

شەمشىدىن شاكىر.   

قۇببەس يولداش.        

           1990-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى.



شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن دوتسېنت  سابىت ھامۇتنىڭ باھاسى
يولداش قاسىم سىدىقنىڭ "بوشلۇق نەزەرىيىسى" نىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىكى ئىلمى ئىزدىنىشىنى كۆرۈپ چىقتىم. بۇ ئىزدىنىشتە لوگىكىلىق ئەقلى خۇلاسە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلىمى بايان قىلىنىپتۇ.        مېنىڭچە قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق شەكىل-فىزىكىلىق كۈچنىڭ ئىپادىلىنىشى، شەكىلسىز ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكى، يەنى شەكىل دەل كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىقى، "فىزىكىلىق بوشلۇق" فىزىكىلىق شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى، بوشلۇق دېگەنلىك كۈچ دېگەنلىك بولىدىغانلىق ئىدىيىسى دادىل ئىدىيە. مۇشۇ ۋەجىدىن مەن قاسىمنىڭ: "فىزىكىلىق بوشلۇق" نىڭ ماھىيىتى جىملىق، "بوشلۇق ھەرىكىتى" نى ماددا ھەرىكىتى  كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى  ئىلمىي تەپەككۇرىنى، بوشلۇق ھەرقانداق شەكىلدىكى ماددىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ئورۇن ئالدىغانلىقى ئۇستىدىكى مۇھاكىمىسىنى  مۇناسىۋەتلىك (ئىجتىمائىي پەن ھەم تەبىئىي پەن) كەسىپداشلارنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.         ئۇنىڭ يەنە:  ھەرقانداق ئەمىلى گەۋدە ۋە شەكىل ئىپادىلىنىشتە "يوقلۇق" نى شەرت قىلىدىغانلىق ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشى، ماددا ھەرىكىتى مۇتلەق، جىملىقى نىسپى، بوشلۇق جىملىقى مۇتلەق، ھەرىكىتى نىسپى نۇقتىئىنەزىرى بىزنىڭ ماددا دۇنياسىنى ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشىمىزگە قۇلايلىق ئەكېلىشى مۇمكىن.

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدىن
دوتسېنت  سابىت ھامۇت.  
    1990-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى.


شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسورى مەرھۇم ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىننىڭ باھاسى


   قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكىلىق بوشلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار فىزىكىلىق سۇبستانسىيە، شەكىل ۋە كۈچ، بوشلۇق، فىزىكىلىق "يوقلۇق" ۋە ئالەمنىڭ ئۇچ قاتلاملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىزىكا بولۇپمۇ ماددىي دۇنيا قۇرۇلما نەزەرىيىسىدىكى يېڭىچە تەپەككۇرنى گەۋدىلەندۈرگەن.    بۇنداق قاراش خىلى زور ئىلمىيلىككە، بۆسۈش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ ئەگەر تولۇقلىنىپ قوبۇل قىلىنسا بىزنىڭ فىزىكىلىق ئالەم قارىشىمىزنى يەنە يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشى مۇمكىن.    پەن قانۇنلىرى بىرسى ئاساسىدا يەنە بىرسى ئىختىرا قىلىنىپ كەلگەن. بىلىش تارىخىمۇ بىر قاتلامدىن بىر قاتلامغا كۆتۈرۈلگەن. بۇنداق ئىختىرالار ئومۇمەن، ئالدىنقى قائىدىلەرگە قانائەتلەنمەسلىك، باشقا نەرسىلەر ئۇستىدىكى تەجرىبە جەريانى، تاسادىپ تەسەۋۋۇر ياكى ئوخشىتىشلار ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئو قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن بىلىش ۋە تىخنىلوگىيىلىك ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ كەلگەن.     قاسىم سىدىقنىڭ تەبىئەت ئىلىمىدە نەزەرىيىۋى فىزىكىلىق تەپەككۇر قابىلىيىتى ئۈستۈن، قائىدە تۈزۈش ۋە ئىخچاملاش ئىقتىدارى ياخشى ئىكەن، قوللاشقا ئەرزىيدۇ. بۇ ماتېرىيالىستىك پەلسەپىگە زىت ئەمەس، ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىختىرانىڭ چەكلىگۈچىسى، تەپەككۇرنىڭ زىندانى ئەمەس. ئۇ ئىلھاملاندۇرغۇچى ۋە ئۆزىنى تولۇقلىغۇچى كەمتەرلىكى بىلەن يېتەكلىگۈچى. يوقلۇق بىلەن "فىزىكىلىق يوقلۇق" بىر نەرسە ئەمەس. يوقلۇق-فىزىكىلىق يوقلۇق ماددا ۋە بوشلۇقىدىن كېيىنكى تەتقىق قىلىنمىغان 3-قاتلام سۈپىتىدە يەنىلا پەلسەپىۋى بارلىق، بۇلار زىت ئەمەس. مېنىڭچە قىزغىن قوللاش، پىكىر ئوچۇقچىلىقى، ئىقتىسادىي ياردەم مۇھىم. مىللىتىمىزنىڭ تەبىئەت ئىلىمىنى يوقىتىپ قويغىنىغا 5 ئەسىر بولدى. قوللاش ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىغا بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشىمىز لازىم.   تەبىئەت ئىلمى قانۇنىيەتلىرى سەمەت ھەل قىلمىسا ئەمەت ھەل قىلىدىغان زۆرۈر نەرسىلەر بولۇپ، يازغۇچىنىڭ يازمىسىمۇ بولۇۋېرىدىغان ئەسىرى ئەمەس.
ھۆرمەت بىلەن   :  
       ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن.     
       شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىسورى.  
       1990-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پەلسەپە پىراففىسورى باۋدۇن توختىنىڭ باھاسى

"بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى" نى ئوقۇغىنىمدىن كىيىن       "بوشلۇق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسلىرى" دېگەن بۇ ئىلمى ماقالىنى غۇلجا ناھىيە دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يولداش قاسىم سىدىق يازغان ئىكەن. مەن قاسىم سىدىق بىلەن مۇشۇ ماقالىسى ئارقىلىق تونۇشتۇم.    مەن فىزىكا جەھەتتە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقىمدىن ئالدىدا بۇ ماقالىغا ئانچە قىزىقمىدىم. كىيىن بۇ ماقالىنى رەسمىي ئوقۇشقا كىرىشكىنىمدە بۇ ماقالە مەندە زور قىزىقىش پەيدا قىلدى. شۇڭا  ئۇنى بىر نەچچە  قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.     بۇ ماقالە ئەسلىدە ئېينىشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلىنىپ يېزىلغان ئىكەن. ئېينىشتېيننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ماكان بىلەن زاماننىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ماددا بىلەن بولغان باغلىنىشىنى فىزىكىلىق دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تولۇقلاپ دىئالېكتىكىغا تۆھپە قوشقان ئىدى. يولداش قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ماقالىسى نەزەرىيە جەھەتتە مانا مۇشۇ مەسىلىنى دەللىلەپ كىشىنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى بۇ ماقالە ھەجىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ ۋە تەپسىيلىراق يېزىلغان بولسا تېخىمۇ ئوبدان بولغان بولاتتى.      ھەرقانداق بىر ئىلىم – پەنگە ئوخشاش فىزىكا بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى يېقىن. فىزىكا تەتقىقاتى ئەگەر ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلىدىكەن ئۇ، قىڭغىر يولغا كىرىپ قالماي قالمايدۇ. بۇ ماقالە ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭغا ماركسىزملىق پەلسەپىنىڭ ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىك پرىنسىپلىرى مۇناسىپ ھالدا ياخشى سىڭدۈرۈلۈپتۇ. بايان ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئۇنىڭغا خىلاپ ئەھۋال مەۋجۇد ئەمەس.     بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىستىك ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىزدا بەزى ئىجتىمائىي پەن جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلىرىمىز بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي پەن جەھەتتە بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىق ئاساسى پەنلەردە تېخى كۆپ ئارقىدىمىز. بۇ جەھەتتە يولداش قاسىم سىدىق ئالغا بىر قەدەم تاشلاپتۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ ئۇنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشىمىز كېرەك.       مەن ماتېماتىكا، فىزىكا تەتقىقاتىدا قاسىم سىدىققا ئوخشاش ياش ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   
                               باۋدۇن توختى.            
                     1990-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى.
ئەسكەرتىش: مىنىڭ ئىش ئورنۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى، كەسپى ئۇنۋانىم پەلسەپە پىراففىسورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 01:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 01:28:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگو ئەنئەنىۋى پەلسەپىسىدىكى «بارلىق» بىلەن «يوقلۇق» ئۇقۇمى


ئاپتور: ئابلىكىم ئالاۋۇدون


پروفېسسۇر ھوشۇر ئىسلامنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى


چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس

پىرافىسۇر،دوكتۇرلارنىڭ باھا،تەكلىپلىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-26 03:09 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11089
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3300 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:07:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىل فىزىكا بىلىملىرىگە يەنىلا كەسىپ ئەھلىلىرى توغرا باھا بىرەلەيدۇ. بىز پەقەت كۆرۇپلا قويالايدىكەنمىز.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26906
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7271
تۆھپە نۇمۇرى: 307
توردا: 2300 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 10:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ ماقالىسىگە بولغان باھالىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم ... دېمەك قاسىق سىدىق ئاكىمىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۇقۇمنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىرىپ تۇرۇپتۇ ....

ئەل–يۇرت ئۈچۈن تارتقان ئازابنى، شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك. ئەل ئۈچۈن چەككەن بىر مىنۇت قايغۇ، مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75996
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 11:50:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن زامانۋىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى قاسىم سىدىقنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2431
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9100
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 03:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدەك كەسپى تىمىلارنى بىز پەقەت كۆرۈپلا قويالايدىكەنمىز .. كەسىپ ئەھلىلىرلا ھەقىقى پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ ... مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شۇ كىشىنىڭ ئىلىم -پەن يولىدا باسقان ھەر بىر قەدەملىرىدىن گۈل چىچەكلەر ئۈنسۈن ..!!

تا ئەزەلدىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ،ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى. http://alpha.freeoda.com

ھەرقاچان خۇشال ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58510
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1190 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 04:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ھەممىمىزنى قايىل قىلىدۇ. گەرچە بۇ نەزىرىيە مەلۇم ماتېماتىكىلىق جەريان ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، فىزىكىلىق تەجىرىبە جەريانى  يەنىلا يىتەرلىك بولمىغان بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا ئۈزلۈكسىز تىرىشتى، ھەم تىرىشىۋاتىدۇ.  ئۇلار بىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىمىزگە مۇھتاج. شۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىمەنكى، قاسىم ئەپەندىن فىزىكىدا ئوقۇغان بولسىچۇ...

ھەربىر مىنۇت ۋاقتىىڭنىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقىن! ئېسىڭدە بولسۇن يېيىش ئۈچۈن ياشىمىغىن، ياشاش ئۈچۈن يىگىن!

مۇھەببەت شەخسنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43372
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7361
تۆھپە نۇمۇرى: 1381
توردا: 1115 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:15:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق مىلتىمىز دىن  چىقان شەخسلەرگە رەھمەت

مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4147
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بەك  ياخىشى  ماتىرىيال  ئىكەن  بۇ  نەزىرىيەلەر  بار  تىمىدىكى     كىتاب  بارمىدۇ ؟  بار  بولغان  بولسا  ماڭا  خەرەر  بەرگەن  بولساڭىلار ؟؟؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4147
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 07:56:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يەنى   pirisiyamakan@sina.com  مۇشۇ  ئىلىكىتىرونىلىق خەت  ساندۇققا !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش