simab يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 08:42 PM 
بولدى قىل بۇرادەر تاۋۇزدەك تۇلا يۇمىلىما ئۇزىڭنىڭ ن ...
بولدى قىلىڭە لاۋزىلاشماي ، سەنلەپ چۈشكىنىڭىزگە قارىغاندا گەپلىرىم جان يىرىڭىزگە تەگكەن ئوخشايدۇ ، مەن باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى قوللاپ كەلدىم .
سىز كىم ،نىمىش قىلۋاتىسىز بۇنى بىلمەيمەن ، ئەمما مەن تىلغا ئالغان چەتئەل شىركەتلىرى ھەققىدە خېلى چۈشەنچەم بار ، تىلغا ئالغان ئۇيغۇر شىركەتلىرى بىلەن خېلى تۇنۇش بىلىشلەردىن دېسەكمۇ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن شۇڭلاشقا ئۇلار مەھسۇلاتىنى ئىچكىرىدە ئىشلىتىدۇ دەپ چەتكە قاقماي قوللاپ قويايلى دەۋاتىمەن ، ئىزچىل شۇ گەپنى قىلۋاتىمەن ، چۈشەنمىگەن بولمىسىڭىز ئىنكاسلىرىمنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ، مەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنى بوشاڭ ،ياكى بىرنەرسە دەپ باقمىدىم ، پەقەت ئۇلار مەيلى مەھسۇلاتىنى قەيەردە ئىشلەتمىسۇن باھانە تاپماي قوللايلى دەۋاتىمەن.
سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولدى قىلايلى بولدى ، مۇشۇ مۇنبەردە سەنلىشىپ ،تىللىشىپ يۈرىدىغان ئىشقا ئۆمرۈمدە ئۆچ .
سىز بىلەن تۇنجى قېتىملىقىمۇ ئەمەس ، بولسا بۇندىن كېيىن مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا ئىنكاس يازمان سىزمۇ مېنىڭ ئىنكاسىمغا ئىنكاس يازماي ئۆتۈپ كەتسەك ، بولمىسا ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ۋاقتى ئىسراپ بولغاننىڭ ئورنىغا بىكاردىن بىكار سەت گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىۋالدىكەنمەن.
ھە راست ئاۋۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاب بېرۋىتەي.
زاۋۇت قۇرۇش ،ياساش كەسىپى ياۋرۇپا ۋە ئامىركىدا بارلىققا كەلگىلى 200-300يىل بولدى ، لىكىن 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن ئۇلار بۇ كەسىپنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگوغا قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ قويدى ، سىزنىڭچە باشقىلارنى بوزەك قىلىشنىڭلا پېيىدا يۈرىدىغان ئەجنەبىيلەر تۇيۇقسىز دۆتلىشىپ قالغانمىدۇ ، جۇڭگولۇقلار تاش سانىسا ئەجنەبىيلەر قۇم سانايدۇ ، بىز بۇنداق مۇھىت بۇلغايدىغان ، پايدىسى ئاز ، جىسمانى ئەمگەك تۈرىدىكى كەسىپلەرنى خەقتىن تالىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ،لىكىن بىر يىمەكلىك كەسىپىدە چوقۇم ئۆزىمىز زاۋۇت قۇرمىساق بولمايدۇ،سەۋەبىنى دەپ يۈرمىسەممۇ سىز بۇنى چۈشىنىسىز، مۇسابايوفلار خېلى بۇرۇن دىيارىمىزدا زاۋۇت قۇرغانلار ئىدى ، لىكىن شۇ زاماندا زاۋۇت ئەڭ ئىلغار كارخانا شەكلى ھېسابلىناتتى، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس ، ھەتتا كىچىككىنە تاللا بازارلىرىمۇ زاۋۇتلارنىڭ ئالدىدا گېپى چوڭ. مانا بۇ مېنىڭ زاۋۇت قۇرمايمىز دېيىشتىكى سەۋەبىم ، لىكىن بۇ پەقەت مېنىڭ ئىدىيەم ،باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايمەن،زورلاپ تاڭىدىغان ھوقۇقۇممۇ يوق .
ئەمسە گەپ تامام ۋەسسالام ،بۇندىن كېيىن مەن سىزنى تونۇمايمەن ،سىزمۇ مېنى تونۇمايسىز، بولسا يەنە قاتتىق قۇرۇق گەپ قىلىپ مېنى ئىنكاس يېزىشقا زورلىمىسىڭىز .