مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 31

«شەكىل نەزەريىسى»مۇ«شەكىل سەپسەتەسى»مۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 02:14:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kadihan قاتارلىق بىر-ئىككىيلەن««شەكىل نەزەريىسى»مۇ«شەكىل سەپسەتەسى»مۇ؟»ۋە«ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا» دىگەن ئىككى تېمىنى باشقا تېمىلارنىڭ ئاستىغا چاپلاپ بەك جاپا تارتىپ كەتتى ۋە باشقا تېمىلارنىڭ مۇھاكىمە يۆنلىشىنى ئۆزگەرتىۋىتىش قەستىگە چۈشكىلى تۇردى.ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى تېمىسىنى ئايرىم-ئايرىم يوللاپ قويدۇم.مۇشۇ تېمىلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىغىنى كۆپچىلىك مۇھاكىمە قىلىپ باقساق.

ـــــــــــــــــ ھۆرمەت بىلەن: توقماق


«شەكىل نەزەريىسى»مۇ«شەكىل سەپسەتەسى»مۇ؟


ئاپتۇرى :قۇناخۇن


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنىڭ بېرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش >>شەكىل نەزىرىيىسى << نىڭ داۋراڭلىرى ئاز بولمىدى ، ھېلىھەم شۇ داۋراڭلار پەسكويغا چۈشكىنىمۇ يوق .فىزىكىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرلمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ، تىپىك ئىجتىمائى پەن ساھەسىگە تەۋە ئەدىبتىن بىرسى چىقىپ قاتتۇرۇپ ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېدى ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە ئۇ نەزىريىنىڭ قانداق نەزىرىيە ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدۇق . ئۇيغۇرغا كېلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدۇق . كەم دىگەندىمۇ 4~5 يىل ھاياجان ئىچىدە ساقلىدۇق . ئەمما بۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزغا كەلمىكى بەكمۇ قىيىن بولدى . نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى تەلمۈرتكەن نوبىل مۇكاپاتى بىزلەرگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى . ئەمدى بىلدۇقكى ، نوبىل مۇكاپاتى دىگەن قۇرۇق ھاياجان ، خام خىيال قىلغانغا بېرىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ . ئۇنداقتا شەكىل نەزىرىيىسى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرۇپمۇ نومۇس قىلماي ، ئەتراپىغا شايكا توپلاپ ھەقىقىي بىلىم ئەھلىلىرىنى ھاقارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر جاناپ كىم ؟ تۆۋەندە بۇ توغىرلىق ئازراق پاراڭ قىلماقچىمىز . بۇ ماقالىدا بەزىلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشۇم مۇمكىن ئەمما شۇ گەپلەرنى دىيىش تولىمۇ زۆرۈر ھىسابلىدىم .
«شەكىل نەزىريىسى» دىگەن بۇ نەزىرىيە غۇلجا شەھەرلىك دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پىنسىيونىرى بولمىش قاسىم سىدىقنىڭ تەۋەللۇتى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاتالمىش «نەزىرىيە»دۇر . ئۇنداقتا نەزىرىيە دىگەن نىمە ؟ نەزىرىيە دېگىنىمىز ، قايتا – قايتا تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن چىقىرىلغان يەكۈندۇر . ئۇنداقتا مەزكۇر شەكىل نەزىريىسى تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققانمۇ ؟ قاسىم سىدىق قانداق تەجرىبە ئىشلىگەن ؟ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى قانداق تەجىربە ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى دىگەن تەجىربە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزىريىسىنى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق ، بەلكى شەكىل نەزىريىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر تەجىربىدۇر . شۇنداقلا بۇ تەجىربىنىڭمۇ نەتىجىسى كەسكىن ھەم ئېنىق ئەمەس . تەجىربىدە يەنىلا خاتالىق ۋە خاتالىق پەرقى ساقلانغان بولۇپ ، تەجىربە ئېلىپ بېرىش باسقۇچلىرى ۋە تەجىربە ئېلىپ بېرىش شارائىتى ساۋاتسىزلارچە پىلانلانغان بىر مېيىپ تەجىربىدۇر . شۇنى تولۇق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ، قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ئاتالمىش نەزىرىيىسى ھىچقانداق تەجىربە ئاستىدا بارلىققا كەلمىگەن ، پەقەت قاسىم سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئەسەلەر ئۈچۈن تولىمۇ ماس كېلىدىغان تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىققان . دېمەك بۇ ئاتالمىش «شەكىل نەزىرىيە» سىنى ، نەزىرىيە بولۇپ پۇت تىرەپ تورۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا «شەكىل سەپسەتە» سى دەپ ئاتاشقا مەجبۇرمىز ھەم شۇنداق ئاتاش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر شۇنداقلا تۆۋەندە شۇنداق ئاتايمىز .
«شەكىل سەپسەتە»سىنىڭ مۇشۇنداق غۇلغۇلا قوزغىيالىشى ھەتتا نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىشىدىكى سەۋەپ زادى قەيەردە ؟
بىرىنچىدىن ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مۇشۇ تەشۋىقاتنى ئۇرۇنلاشتۇرغان خادىملاردىن تارتىپ ، قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق ئوچرىك يازغان تالانتلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرمۇ ، فىزىكىدىن خەۋەرسىز كىشلەردۇر ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ياخشى ھىكايىلىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ، بىز ئەلۋەتتە قايىل . مۇساپىرلار قاۋىقى ، بۇرۇت ماجىراسى ، ساراڭ …. قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ھەقىقىي بىر يازغۇچى بولۇشقا لايىق ئەدىپتۇر . بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەككى، مەمتىمىن ھوشۇر فىزىكىچى ئەمەس . فىزىكا قانداقتۇر تەسەۋۋۇرلار ئاستىدا روياپقا چىقىدىغان ئەدەبىي ئەسەرمۇ ئەمەس . فىزىكا دىگىنىمىز يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا باراڭ ئاستىدا دۇتتار چالغاچ خاتىرىگە قوندۇرۋالدىغان سۆھبەت خاتىرسىمۇ ئەمەس . فىزىكا بولسا بىر ئەمەلىي پەن . فىزىكىدىكى بارلىق نەزىرىيىلەر قايتا – قايتا قىلىنغان تەجىربىلەردىن كىيىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . بىراق بۇ سەپسەتە مەمتىمىن ھوشۇردەك تالانتلىق يازغۇچىلار تەرىپىدىن ژۇرناللاردا تەشۋىق قىلىنغاندىن كىيىن جەمىيەتتە غۇلغۇلا بولۇپ كەتتى ، ھەممەيلەننىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن يازغۇچىنىڭ بۇ ئوچرىكى نۇرغۇن كىشلەرنى ئىشەندۈردى . ھەتتا ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىدەك نوپوزلۇق تېلېۋېزىيە ئىستانىسى بىر تۈركۈم ئىجتىمائى پەنچىلەرنى يىغىپ فىزىكا ۋە شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا قاسىم سىدىق ۋە ئۇنى گۇپپاڭچىلىرىنى زىيارەت قىلدى .( ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى شۇكى فىزىكا توغىرلىق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ۋە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي پەنچىلەردۇر.) دىيارىمىزدا تېلۋېزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ نوپوزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك كىشلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ھاياجان دولقۇنى يېتىپ كەلدى .
ئىككىنچىدىن ، قاسىم سىدىق ئەتراپىغا يىغىۋالغان شاگىرتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەسەۋۋۇرغا باي كاللىىسى بىلەن ، قارىماققا ناھايتى ئورۇنلۇق گەپلەر بىلەن ساددا كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا كۈچىدى . بەس بەس بىلەن قاسىم سىدىقنى ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى مەدىھلەيدىغان ماقالىلارنى يېزىشىپ ، قاسىم سىدىقنى ھەتتا نىسبىيلىك نەزىريىسىنى پۇتلاپ يىقىتۋېتىدۇ دىيىشتىنمۇ يانماي ، ھارغۇچە نومۇسسىزلىق قىلىشتى . قاسىم سىدىققا ئوخشاش خەنزۇ ئەلپەنچى(يالاڭئاياق تەتقىقاتچى)لەرنىڭ تۇتامى يوق ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ كىشلەر چۈشەنمەيدىغان گەپلەر بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى . قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى بولسا كۆرەلمەس ، ئىچى قوتۇر ، ساختا ئىلىمدار دىگەن تۆھمەتلىرى بىلەن ئۇچىرغانلا يەردە ئازار قىلدى ھەتتا ئۇچراپ قالسا پاچىقىنى چاقىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشتى . قارىغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزىريىسىنى زورلاپ ئىتىراپ قىلغۇزسا كېرەك .
ئۈچىنچىدىن ، قايسى بىر تور بەتتە قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق گەپ بولۇپ ، پىكىر بېرىلگەن ھامان ئاللىقاياقلاردىندۇر قاسىم سىدىقنىڭ بىر توپ ئەگەشكۈچىلىرى نەسلى ئىسىل ئاپشاركىدەك پۇراپ تېپىپ كېلىدۇ دە ، تەشكىللىك ھۇجۇمنى باشلايدۇ . ئەيھانناس ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان تاكتىكىسىغا قارسىڭىز غەزەپلەنمەي تۇرالمايسىز . ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاش ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يىغلاش ، خۇمسىلىق قىلىپ تېنىۋېلىش ، پەسكەشلىك قىلىپ يېنىۋېلىش ، ئەبگالىق بىلەن چىشىغا تىگىش ، چاپلىشۋېلىپ يېنىغا كېلىش …. قاتارلىق خىلمۇ – خىل ئىپلاس تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆز بوياشقا شۇنچىلىك ماھىركى ساددا كىشلەرنى ئاسانلار قاپقانغا چۈشۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشۋالىدۇ . مەسلەن : بىلىكيار ، ئۆركەش ، ھەۋەسكار … قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭ ئادەمنىڭ غىدىقى كەلگۈدەك دەرىجىدە خوشامەتچىلىك قىلىپ دوست تارتىشىپ كېتىشى ۋە ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىگە نۇمۇسسىزلارچە ھۇجۇم قىلىشى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ .
مانا مۇشۇ جەرياندا مەزكۇر شەكىل سەپسەتىسى تەتقىقاتى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۈلگۈردى . ئەمما ھازىرغا قەدەر نەتىجە چىققىنى يوق . بىز يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز ؟ باشقىلارنىڭ مىللى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئادەم ئالداپ يۈرگەن ساختا ئىلىمدارلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە تەخىر قىلىپ تۇرامدۇق ؟
بولدى بەس !!! قاسىم سىدىق . سەپسەتىڭىزنى بازارغا سېلىپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن توختاپ قىلىڭ . ئىززىتىڭىزنى قىلغاننى بىلىڭ . مۇشۇ يەرگىچە بولسا يىتەر . ئۇيغۇرغا قىلغان ساختىلىقىڭىز ھامان ئاشكارا بولىدۇ . نەتىجە چىقمايدىغانلىقىغا كۆزىڭىز يىتىپ ۋاقىتنى سوزۇپ جاھىللىق قىلىپ ، سەپسەتەمنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالساملا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسىز ؟
http://www.izdinish.com/showpost.aspx?Page=8&ThreadID=42709#Inkas



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 03:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 03:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە،قادىخان،ئەمدى سىلى بىلەن مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىدا بىر گەپلىشىپ باقايلى، جۇما!.

ئەمدى سىللىرى دىيىلگەن گەپلەرنىڭ ھەر بىرىگە تەپسىلى ئىسپات كۆرسەتسىلە!.

سىلى ئۇزلىرى قۇناخۇنما،بولمىسا قۇناخۇننى باشلاپ كەلسىلە.ماۋۇ تېمىغا ئىگە بولىدىغان ئادەم ئۇزىنى مەلۇم قىلغاي!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 03:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 400
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 03:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى بولساممۇ تۆرىگە چىقىۋالايچۇ      

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32251
تۆھپە نۇمۇرى: 963
توردا: 3084 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 04:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بۇ خىل تېمىلارنى مىسرانىمدا ھەقىقەتەن كۆپ كۆرۈپ كەتتىم، ئەمەلىيەتتە «شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنى بۇ يەردە قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى بەك چوڭ ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي تەبىئىي پەن ئەھلىدىن بۇ تور بەتلەرگە زادى كىم چىقىۋاتىدۇ؟! چىقسىمۇ ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت قۇرۇق ھاياجان. قاسىم سىدىق ئەپەندى نەزەرىيەۋى ماقالىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ژۇرناللارغا بەرسە بولىدۇ. ئەمما چالا-پۇچۇق بىر نېمىلەرنى ئاڭلىۋالغان ھاياجان بالىلىرىنىڭمۇ بۇ يەردە قۇرۇق گەپ بىلەن باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى قۇرۇق گەپكە چىقىرىۋېتىشىنىڭ ئورنى يوق. كىممۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەدىكى بىر ئاددىي فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ 80نەچچە خىل كەشپىياتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.
   ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇنداق ئىككى خىل يۈزلىنىش بار. بىرى دەۋر تەرەققىياتى تېزلىشىپ، مائارىپ سۈپىتى يۇقىرىلىدى. يېڭىلارنىڭ سەۋىيەسى قېرىلارنىڭكىدىن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئۆستى. ئەمما ئۇۋىلىقنى ئىگىلەپ تۇرغان چوڭاملار ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەش، تۆمۈر تاۋاقنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ياشلارنىڭ كۈچىگە سەل قارىدى ياكى ئۇلارغا بولغان تەلەپنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق ئۆز ئەتراپىغا ياشلارنىڭ كېلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلدى.   يەنە بىرى، بىر ئۆمۈر تەجرىبە، ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللانغان پۇقراۋى تەتقىقاتچىلار ئەمەلىي نەتىجە جەھەتتە تەتقىقات ئورنىدىكى ئۇنۋان ئۈچۈن ماقالە جىجىپ ئولتۇرىدىغانلارغا قارىغاندا خېلى ئۇزاپ كەتتى. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەسلىھەلەرگە قۇلۇپ سېلىنىپ، باشلىق بىلەن باشلىقلار زىياپەتكە كەتكەندە، يېزىدىكى مەلۇم نامرات ئوقۇتقۇچى ئۆز تەپەككۇرى بىلەن قۇرغان تەجرىبە لايىھەسىنى قۇراشتۇرۇپ، كېچىچە ئۇخلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنۋان ۋە نەتىجە تەتۈر تاناسىپ تۈزگەندە، ئاتالمىش مەدەنىي كادىرلار ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپىدىغان ئاتالمىش باھالىغۇچىلارغا ئايلاندى.
   

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى. شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 05:02:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
15-قەۋەت:
قۇناخۇنغا :
1-سز قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزەرىيسنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىڭىزمۇ؟
2-سز فىزىكا كەسپى بىلىمىگە ئىگىمۇ؟ئىگە بولسڭىز،قايسى دەرىجىدە ئىزدەندىڭىز؟
3-سزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىلمى قىممىتى بار؟
4-سزچە بىر ئادەمدە ئىزدىنىش نىيتى بولۇپ،ئۇ خاتالىققا يول قويسا،ئۇنى چوقۇم چىققان يىرىگە تىقمىغۇچە بولدى قىلماسلىقىمىز-بىز دەۋاتقان بارەۋەرلىك ،دىموكراتىيە روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟
5-ئىجتىمائى پەندە ئوقۇغانلار-تەبئى پەندە ئىزدىنىشنى تاللىسا-كەسپى ئوقۇغانلار ئىچىتشنى تاللامدۇ؟

http://www.izdinish.com/showpost ... hreadID=42709#Inkas

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 05:06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
18-قەۋەت:
ئەمدى بولدى قىلىڭلا، چەكتىن ئېشىپ كەتتى.
بىر كىشىنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىمىز -(ئۇنى قۇللۇغىچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلار ،لىكىن قاسىم سىدىق ئۆزى ئەمەس )نوبېل مۇكاپاتى بىلەن باغلاپ، كەينىدىن يەنە ئۇنى ئۆزىمىز تىللاپ مەسخىرە قىلىپ يۈرمەيلى.

ئەگەر شەكىل نەزىرىيسىنىڭ خاتالىقىنى نوبىل مۇكاپاتى دىگەن گەپ بىلەن باغلاپ ئىسپاتلىغان بولسىڭىز ، بۇمۇ سىز مەسخىرە قىلۋاتقان تەسەۋۋۇر شۇ........ قاسىم سىدىق ئۆزى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گىپىنىمۇ دەپ باقمىغان،ھەم ئۇ بۇ ئىشلارنى نوبىل مۇكاپاتى ياكى شان شۆھرەت ئۈچۈنمۇ قىلمىغان ، بۇنى ئازاراق ئەقىل ئىگىسى بولسىلا بىلەلەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزى توغرا دىگەن ئىشنى ھاردىم تالدىم دىمەي قىلىۋاتىدۇ... مۇشنىڭ ئۆزى يىتەرلىك، ئىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشى بەلكىم ئۇنچىلىك مۇھىممۇ ئەمەس.
ئەمدى ئۇنى قوللايدىغان بىر قانچە ئاشقۇننىڭ كۆپتۈرمە گەپلىرى، ئۇشۇقىڭنى چاقىمەن دىگەن پوپوزىلىرى بىلەن بىز قاسىم سىدىق ئاكىمىزغا ئاھانەت قىلساق ئوغۇلىدىن قورساق كۆپىكى تارتىپ ياشانغان بوۋىسىغا ھۆرپەيگەندەك ئىش قىلمايلى.
ھىچ بولمىغاندا ئۇنىڭ قىلغانلىرى قانۇنغا خىلاپمۇ؟ ئىجتىمائى ئەخلاققا خىلاپمۇ؟
بولدى ئەمدى بىر ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى مۇشۇنچىلىك تالاشساق بولار... شەكىل نەزىرىيىسى بىر يەردە قىلىپ بىر ئاتا يوللۇق ئادەمنى ئۇنى بۇنى دىيىشىپ كەتمەيلى.

http://www.izdinish.com/showpost ... hreadID=42709#Inkas

گۇمان ئىماننى قا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3901
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6432
تۆھپە نۇمۇرى: 628
توردا: 3220 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 07:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەزەلدىن قاسىم قوشۇقنىڭ ماقالىسى ۋە نەزەرىيسىگە قىزىمايمەن ، نوچى بولسا خەلقئاراغا ئېلان قىلسۇن ، خەلقئارا ئالىملارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىىشغا ئېرىشسە ئاندىن ھېساپ ،
توقماق بۇرادەر مەن ئەزەلدىن مۇشۇ قاسىم قوشۇقنىڭ ئاقماس ماقالىلىرىغا قارشى ، بولسا مۇشۇ مۇنبەردىن پاك -پاكىز ئۆچۈرلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن .

گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ، ئۇماچ مېھماننى .

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 828
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 07:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم سىدىق ئاكا سىز ئەڭ ياخشىسى بۇ تەجىرىبىڭىزنى نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلىڭ. سىزنىڭ تەجىرىبىڭىزنى خەلىقارادىكى ئالىملار باھالاپ  قايىل بولسۇن، ئۆزىڭىزگە شۇنچە ئىشەنچىڭىز تۇرۇپ نىمىشقا خەلىقئاراغا ئىلان قىلماي نىمىشقا بۇ يەردە بۇ تەجىرىبىڭىزنى چۈشەنمەيدىغانلار بىلەن جىدەللىشىپ ئولتۇرىسىز. ئەگەر ئىلان قىلغىلى پۇلىڭىز بولمىسا ئۆي بىساتىڭىزنى سىتىڭ، ئۇمۇ يەتمىسە  بىز سىزگە ئىئانە توپلاپ سىزنىڭ ئىلان قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلايلى. ئەگەر  راستىنلا سىزنىڭ تەجىرىبىڭىز خەلىقئارادا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ قالسا، سىز كەڭ قورساق ئىسىل سۇپىتىڭىزنى نامايەن قىلىپ بىزنى كەچۇرۇڭ.   بىزگە سىزنىڭ تەجىرىبە  جەريانىڭز كىرەك ئەمەس، ئەمەلى نەتىجە كىرەك. خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنىڭ تەجىرىبىڭىزنى خەلىقئارا ئىتراپ قىغاندىن كىيىن تەجىرىبە جەريانىڭىز دەرىسلىك كىتاپلارغا چوقۇم چىقىدۇ، شۇچاغدا سىزمۇ تەجىرىبە جەريانىنى مۇنبەرگە يوللاپ ئاۋارە بولمايسىز، ئۇ چاغدا بىز  تەجىرىبە جەريانىنى مۇنبەردىن ئەمەس دەرىسلىك كىتاپلاردىن ئوقۇپ ئۈگنىمىز ئەمەسمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pak-nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 07:29 PM  


ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 928
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2252
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 07:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانا بۇ«ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ»ئەمەس!

قاسىم سىدىق


مۇنبەر دىگەندە ئىلىم-پەنگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلەر،مۇنازىرىلەر بولماسلىغى كىرەكمىدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 07:38 PM  


نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1517
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 08:54:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياق ، ئىلىم - پەنگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يوللىماڭ دېگەن گەپ ئەمەس .
سىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىسىز .
ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا ساتار چالساق ئىنىقكى بىزنىڭ كەسىپى ماھارەتلىرىمىزنىڭ قىممىتى بولمايدۇ .
كالىغا تاتلىق مۇراببا بەرسىڭىز ، ئۇ بۇنىڭغا ئۆزى يەپ ئادەتلەنگەن سىسىق ئالمىدەكلا پوزىتىسىيدە قارايدۇ .
سىز  فىزىكىدىن يېتەرلىك ئىلىمى يوق ، شىئىر - قوشاق يېزىشنى ئوبدان بىلىدىغان بىر توپ  ئىجتىمائىيچى كىشىلەر ئارىسىدا بوغۇلۇپ قالغۇدەك سۆزلىسىڭىزمۇ ، بۇ ھامان ئورۇندا مارش بۇيرۇقىغا قەدەم ئالغاندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەتىجىسى مېنىڭ ئىسمىم بىلەن تۈگەللىنىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نــۆل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 08:55 PM  


باشلىنىش نۇقتىمىز ھەم نۆل ، ئاخىرلىشىش نۇقتىمىزمۇ ھەم نۆل ،  شۇڭا ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز نۆل .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش