مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1594|ئىنكاس: 33

‹‹سۇن ۋۇكوڭنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى››غا يېزىلغان جاۋاب خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57546
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1918
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 08:55:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹سۇن ۋۇكوڭنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى››غا يېزىلغان جاۋاب خەت
(فىليەتون)
ئاپتور: ۋاللى(Wall•E)
سۇن ۋۇكوڭنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-74223-1-1.html


040806.jpg


سۈن ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟
تۆنۈگۈن كەچتە مسرانىمغا چىققان ئىدىم ، سىزنىڭ مىسرانىمدا ماڭا ئوچۇق سۆيگۈ مەكتۇبى يازغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ سىزدىن بەك تەسىرلەندىم. مەن بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتنى تۇنۇيتۇم، خېتىڭىزنى شۇلار ئوقۇپ بەردى. خەتنى بەك ياخشى يېزىپسىز. سىزنىڭ مېنى ئەسلەپ تۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، لېكىن مەن سىزنى قۇبۇل قىلالمايمەن. سىزبىلەن توي قىلىپ بىللە ئۆتۈشۈم مۇمكىن ئەمەس. مەن ئالدىڭىزدا بەك خىجىل، سىز خېتىڭىزدە بۇرۇنقى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئېلىپسىز. ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، مەن سىزدىن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن. ئەكسىچە سىزنىڭ ماڭا ساۋاق بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. سىزدىن مىننەتتار بولىمەن.
ئەينى چاغدا مېنى ئۇرۇپ ئەسلىمگە كەلتۈرۈپ قويغان چاغدا، سىزدىن خاپا بولغاندەك قىلساممۇ سىزنىڭ چىچەن، كۆزىڭىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە، بارتۇرلىقىڭىزغا كۆيگەن ئىدىم. مەن كۆڭلۈمدە سىلەر نوم ئېلىپ قايتىپ كەلگەندە سىزنى ئىزدەيمەن، ئەگەردە مېنى قۇبۇل قىلسىڭىز، سىزگە تېگىپ  سىزگە سىزگە ئوخشاش شوخ، بۇدۇرۇق ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بېرىمەن، سىزنىڭ تامىقىڭىزنى ئېتىپ، كىر- قاتلىرىڭىزنى يۇيۇپ سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن دەپ گۈزەل ئارزۇلارنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم.   
سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ماھيىتىنى بىلىپ يەتكىنىڭىزدىن خوش بولدۇم. ئەينى چاغدا مەن تاڭسىڭ، باجى، شاسىڭلارنىڭ ماڭا يامان نىيىتى بارلىقنى بىر قاراپلا بىلگەن ئىدىم. پەقەت سىزلا ھاۋايى-ھەۋەسكە بېرىلمەيدىغان مەرت ئەركەك بولغاچقا مېنىڭ ئازدۇرۇش ھېلەم سىزگە كار قىلمىغان ئىدى. ئەملىيەتتە ئۇلار ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاندەك، مەندىن قورققاندەك قىلسمۇ مەن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ بولغان ئىدىم. ئۇستازىڭىز تاڭسىڭنىڭ ماڭا بەك تۇتۇلۇپ قالغۇسى بار ئىدى. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كەلسەم ئۇ خۇددى قويدەك ياۋاش بولۇپ، مېنىڭ ئۇنى تۇتۇپ كېتىشىمنى ئۈمۈد قىلاتتى. لېكىن ئۇدا ئۈچ قېتم مەن ئۇنى تۇتۇپ كېتەي دېگەندە سىز كېىپ قالدىڭىز ھەم مېنى ئەدەپلەپ قوغلىۋەتىڭىز. سىز ئۇستازىڭىزنىڭ بۇنداق خىيالى بارلىقىنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتىڭىز. شۇڭا سىز مېنى ئۇدا ئۈچ قېتم ئۇرۇپ قايتا بارالمايدىغان قىلىپ قويدىڭىز. ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ، شۇ چاغدا ئۇستازىڭىز تاڭسىڭ سىزدىن قاتتىق خاپا بولغان ئىدى. يەنە تېخى سىزنى قوغلىۋەتتى. سىز بۇلارنى ئۇستاز بەك رەھىمدىل بولغاچقا شۇنداق قىلدى دەپ ئويلاپ قالدىڭىز. ئەمىليەتتە ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس ئىدى. قايسى بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۆزى چۈشكەن مەھبۇبىسىنىڭ  باشقىلاردىن تاياق يېگىنىى كۆرۈپ چىداپ تۇرالايدۇ. ئۇستازىڭىز سىزنىڭ مېنى ئۇرغىنىڭىزنى كۆرۈپ، ماڭا ئىچى ئاغىرپ، ماڭا چىدىماي سىزنى قوغلىۋەتكەن ئىدى. ئويلاپ بېقىڭ، سىز دېگەن ئۇنىڭ چوڭ شاگىرتى، سىلەر نۇرغۇن جاپا مۇشاقەتلەرنى بىللە باشتىن كەچۈرگەن، مەن بولسام يولدا ئۇچىراپ قالغان بىر ناتۇنۇش ئايال، ئۇستازىڭىز بىر ناتۇنۇش ئايال ئۈچۈن شۇنچە قىلىپ كەتسە سىزچە بۇلار نورمال ھېسابلىنامدۇ؟ سىزگە دېسەم، ئۇستازىڭىزنىڭ بۇرۇنلا ماڭا كۆزى چۈشكەن ئىدى. لېكىن سىز دېگەندەك ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولغاچقا، ئۇچۇق-ئاشكارە بىرەر ئىش قىلالمىغان ئىدى. شۇ چاغدا سىزنىڭ مېنى ئۇرغىنىڭىزنى ئويلىسام سىزگە رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئۇ چاغدىكى مەن ھەقىقەتەن ئۇرۇشقا لايىق ئىدىم. نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ، باشقىلانى قاقشاتقان ئىدىم. سىزدىن ئەدىپىمنى يېگەندىن كېيىن قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن يامان ئىش قىلماي دۇرۇس ياشاشقا بەل باغلىدىم. شۇڭا مېنىڭ سىزدىن قىلچە ئاغرىنىشىم يوق. ئەكسىچە مەن سىزدىن مىننەتتار.
لېكىن كېيىنكى ئىشلاردا جىق ئۆزگىرش بولدى. ئاڭلىسام سىلەر نوم ئەكىلپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇستازىڭىز تاڭسىڭ رەھپەرلىك تەرپىدىن تۆھپىسى زور دەپ قارىلىپ، يۇقىرى دەرجىلىك ئورگانغا بىرىنجى قول رەھپەر بوپتۇ. باجىمۇ ئىشلارنى ئەتىراپلىق قىلىدۇ، نوم ئېكىلىشتە پۈتۈن ئىخلاسى  بىلەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، رەھپەرلىك بىلەن باشتىن-ئاخىر بىرلىكنى ساقلىغان، ئاز ئۇچىرايدىغان ئىختىساسلىق ياش كادىر دەپ قارلىپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسغا ئاساسەن ئاياللار خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ. شاسىڭنى ئارقاسەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن، ئىش قىلشتا ئەستاھىدىل دەپ مالىيە ئىدارىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇستازىڭىزنىڭ نوم ئەكلىش جەريانىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى تاڭ سۇلالىسى مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسى، تاڭ سۇلالىسى  خان خەمەتى گېزىتى، تاڭ سۇلالىسى كەچلىك گېزىتى، بۇددا ئىلمى قاتارلىق مۇھىم ئاخپارات ۋاستلىرىدا خەۋەر قىلنىپ، ئۇستازىڭىزنىڭ مىھرىبانلىقى، ئاقكۆڭۈللۈكى پۈتۈن سۇلالە تەۋەسىدە چوڭقۇر تەشۋىق قىلندى. ئۇتكەن يىلى ئۇستازىڭىز تاڭ سۇلالىسى خان جەمەتى تەرپىدىن تاڭ سۇلالىسنى تەسرلەندۇرگەن شەخس دەپ باھالىنىپ، تاڭسىڭ ئۇستازدىن ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ھەم تاڭسىڭ ئۇستازنىڭ تەلىماتىنى خان جەمەتىكىلەرنىڭ ھەركەت مىزانى قىلىپ بېكىتىپ، 1000يىلغىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنى بەلگىلىدى. يەنە تېخى تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ‹‹غەرپكە ساياھەت ››ناملىق تېلۋىزىيە تىياترنى قايتا-قايتا بەش قېتىم ئىشلەپ، تاڭسىڭ روھىنىڭ خەلىق قەلبىگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى. يېقىندا 5-قېتملىق ئىشلىگنى تېلۋۇزۇردا قويۇلۇپتۇ. ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باقارسىڭز. ئاڭلىسام ۋوللۇۋوتنىڭ تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، دەششەت پەيزى ئىشلەپتۇ. ئىچىدىكى ئالۋاستىلارغا ئاساسلىق ئۇيغۇرلار رول ئاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. تورخاندا كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ.  ئىشقىلپ ھازىر ئۇستازىڭىزنىڭ ئابرۇيى بەكلا ئۆسۈپ كەتتى.
پەقەت سىزلا مىجەزى ئەسكى باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتمەيدۇ، بوينى قاتتىق، ھاكاۋۇر ،ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دەپ قارلىپ، شەھەرلىك ئىسسقلىق پار شىركىتىگە ئىشچىققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپسىز. مەن بۇلارنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. نەچچە كۈن غاردىن چىقماي يىغلىدىم. سىزنىڭ پار قازانغا كۆمۇر سېلىۋاتقان، چىرايىڭىزنى كۆمۈرنىڭ ئىسى بېسپ كەتكەن سىياقىڭىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، چىدىماي يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. سىزدەك بىر  قولىدىن  ئىش كېلىدىغان، قانداق ئىش دېسە ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايدىغان، مەرت ئەزمەتنىڭ مۇشۇ كۈنگە قالغانلىقنى كۆرۈپ، چىدىماي يىغلاپ كەتتىم، يىغلاۋىرىپ ياشلىرىمۇ قۇرۇپ كەتتى. ئەينى ۋاقتىتتا سىزنى ئىزدەيمەن، سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتىمەن دېگەن خىيالىمدىن ئىقتىيارسىز ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن ئاستا- ئاستا قورۇق نام ئابرۇيغا، قەھىرمانغا چوقۇنۇپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوقلىقنى ھىس قىلدىم.  ئادەم دېگەن ئەملىيەتچىل بولىشى كېرەك ئىكەن. خىيال دېگەنگە  قوساق تويمايدىكەن.
سىزگە دېسەم مەن ھازىر ناھايتى ياخشى تۇرۋاتىمەن. مېنى ئەسكى ئىكەن دېسىڭىزمۇ مەيلى، سىز ماڭا كۆڭلىڭىزدىكى راس گەپلەرنى قىپسىز، مەنمۇ سىزدىن يۇشۇرماي . ھازىر مېنىڭ شەخسي داچام بار ، يەنە تېخى ئېسىل ماشىنامدىن بىر قانچىسى بار. يەنە بىر ئوغلۇممۇ بار. بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن سىزنىڭ پار تۇربا شىركىتىگە ئىشچى بولغانلىقىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سىزدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزدۈم. ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن. مەن سىزنىڭ دەردىڭىزدە نەچچە ئايغىچە ئاچ توق يۈردۈم، بىرەر ئىش قىلغۇممۇ كەلمەس بولۇپ قالدى. كېيىن قارسام غاردا ئۇن، ياغ ،گۆش قالماپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستكە قىش كەپ قالغان بولسىمۇ يېنىمدا بىرەر پاختىق چاپان ئالغىدەك پۇلمۇ يوق. مەن شۇ قېتم سىزدىن ئەدىپمنى يېگەندىن كېيىن، قايتىدىن ئادەم بولۇپ باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلمايدىغان، ھالاپ ئىشلەپ جان باقىدىغان بولغان ئىدىم، لېكىن خىزمەتتىن قېلىپ، تۇرمۇشتا بەك قىيلىنىپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن خەلىق ئىشلار ئىدارىسغا بېرىپ، قىيىنچىلىقمنى ئېيتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىشنى ئېيتىسام ئۇ يەردىكى بىر سېمىز كادىر - سېنىڭ ئستىلىڭدا مەسىلە بار، سەن دېگەن بىر بۇزۇق خوتۇن-دەپ، بىر مۇنچە سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى. ئامال يوق قايتىپ كەلدىم. بىر كۈنى غاردا يىڭنە ئىشى قىلىپ ئولتۇرسام ھېلىقى كۈنى مېنى تىللىغان خەلىق ئىشلار ئىدارىسىكى سېمىز كادىر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن يەنە تىللايىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ تۇرسام ئۇ- جېنىم ،ئاپپىغىم، قوقماڭ! ئۆتكەندە سىز ئىدارىغا كەلگەن چاغدا يېنىمدا باشقىلار بار ئىدى. ھازىر يۇقىردىن بەك تەكشۈرۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۆتكەندە دېگەنلىرىمنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، مەن سىزگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى رەسىميىتىنى بېجىرىپ قويدۇم ، بۇگۈن مېنىڭ غارسدا قونۇم قېلىشىمغا ماقۇل دەڭ-دەپ تۇرۋالدى. مەن ئۇنىڭ يامان نىيىتىنى بىلىپ ئۇنى غاردىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇپ شۇنچە تىرشساممۇ نەچچە كۈن ئاچ توق يۈرۈپ بەك ئاجىزلاپ كەتكەتچە ئۇنىغا كۈچۈم يەتمىدى. ئۇ ماڭا  قاراپ ھىجايغىنچە ماڭا ئېتىلىپ كەلدى. مېنىڭ كۈچۈم يەتمەي ھۇشۇمدىن  كېتىپتىمەن. بىردەمدىن كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام ئۇنىڭ بىلەن بىر يوتقاندا يېتىپتىمەن. قاتتىق ئازاپىلنىپ يىغلاپ كەتتىم. كېيىن مەن ئۇنىڭ ماڭا بەك ئاامىرقلىقىنى كۆرۈپ بولدىلا دېدىم. ئۇ ماڭا دائىم يېمەك ئىچمەك، پۇل دېگەندەك نەرسلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى. كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەردى. ئۇ ھەپتىدە بىر ئىككى كۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قالاتتى. كېيىن ئۇقسسام ئۇ جۇباجىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىكەن. جۇباجى خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ، يېزىدىكى نەۋرە ئىنىسىنى شەھەردىكى خەلىق ئىشلار ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ مېنى غاردا تۇرىۋېرىپ زېرىكىپ كەتكەنسىز- دەپ، چوكىلى دىسكوخانىسىغا ئاپاردى. مەن باشتا ئازراق قورۇلۇپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم، كېيىن ئۇ ماڭا ئۇسۇل-تانسا ئويناشنى ئۆگىتىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن زىرىكىپ قالساملا چوكىلى دىسكوخانىسىغا بېرىپ ئوينايدىغان بولدۇم. لېكىن بۇ يەردە ھەممە نەرسە  قىممەت ئىدى. جۇباجىنىڭ نەۋرە ئىنىسىمۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ئىزدىمەس بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ يەنە باشقا ئاياللار بىلەن ئىشى بارلىقنى بىلەتتىم. بىر كۈنى مەن چوكىلى دىسكوخانىدا بىر ئۇيغۇر يىگىت بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرسام، جۇباجىنىڭ نەۋرە ئىنىسى مېنى بىر يەرگە باشلاپ باردىغانلقىنى ئېيتتى. بىز باۋماغا ئولتۇرۇپ بىر ئېسىل نېھمانسارايغا كەلدۇق. بۇ يەردە مەن ئۇستازىڭىز تاڭسىڭنى كۆردۈم. ئۇ بۇرۇنىقىدىن ئاقىرىپ، ياشىرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن  قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلىپ كەتتى. مەنمۇ بەك ھاياجانلاندىم. ئىشقىلىپ  ھازىر ئۇ دېگەن كاتتا ئەرباپ، ئۇ ھازىر ئەينى ۋاقتتىكى - ۋۇكوڭ مېنى قۇتقۇزىۋال -دەيدىغان تاڭسىڭ ئەمەس  ئىكەن. ئارقىسىدا قارا كۆزەينەك تاقىغان مۇھاپىزەتچىسى خۇددى ئوبامانى قوغدىغاندەك مىنۇت- سىكىنۇت ئۇنى قوغداپ تۇردىكەن. ئۇستازىڭىز نومنى تولا ئوقوۋىرىپ ئاۋازى ئېچىلىپ كەتكەنمۇ قانداق، ھازىر ناخشىنى بەك پەيزى ئېيتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بىز كاتتا ئايرىمخانىدىكى كارائوكى زالىدا پۇخادىن چىققۇچە ناخشا ئېيتتۇق. ئۇستازىڭىزمۇ ئابلاجاننىڭ ناخشىلىرنى بەك ياقتۇردىغان ئوخشايدۇ.ئۇ ماڭا ئابلاجاننىڭ ‹‹ئوماق جانانىم›› دېگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ماسلىشىپ ئۇسۇل ئويناپ بەردىم. ئۇ كۈنى بىز شۇ يەردە قونۇپ قالدۇق ، ئۇ ماڭا سىز بۇرۇنقىدىمۇ بەك ئاقىرىپ گۈزەللىشىپ كېتىپسىز، سىز بىلەن بىللە ئۇخلىغىم بار دېدى، مەنمۇ رەت قىلمىدىم. كېيىن ئۇقسام ئۇ نېھمانساي ئۇستازىڭىزنىڭ ئىكەن.بىر قانچە كۈن ئۆتمەي ئۇستازىڭىز مېنى شۇ نېھمانسارايغا مۇئاۋىن دېرىكتور قىلپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن بىر مەزگىل شۇ يەردە ئىشلىدىم. قىلدىغان ئىشىم شۇ ئۇستازىڭىزنى كۈتۈش. باشقا چاغلاردا بازار ئايلىنىش، بانكا كارتامغا ھەر ئايدا نەچچە يۈز تۈمەن پۇل كىرىپلا تۇردۇ. نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۇستازىڭىز ماڭا باغانسىرى ئامراق بولۇپ كەتكىلى تۇردى. ئۇ ھازىر بۇرۇقىدەك ئامىتابا دەپ يۈرمەيدۇ. ھازىر ئۇ بەك شوخ، بەك قىزقچى.
ھەراس، دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن. ئۇستازىڭىز نوم ئېكىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھى بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئۇ ھازىر ماڭا:- ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھېسىيات قالمىدى. ئۇ خوتۇن ھازىر بەئەينى چىشى يولۋاسنىڭ ئۆزى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ دۆلىتىنى دېمىگەن بولسام، ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز توي قىلمايتىم. ئۇ ھەدىسىلا تېلفون خاتىرسىنى، چ چ خاتىرسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى. يەنە تېخى توي قىلىپ بالا تۇققاندىن كېيىن، ئۇ شۇنداق سەت سەمىرىپ كەتتى، بۇرۇنقى گۈزەل رۇخسارىنىڭ بىرمۇ قالمىدى. ھازىر ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا چىقىشتنمۇ نۇمۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم-دەيدۇ. ئىشقىلپ ئۇ ھازىر بىكار بولسلا مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ماڭا دەردىنى تۆكۈپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە:- ئەينى چاغدا سىزگە كۆڭلۈم چۈشكەن ئىدى، لېكىن يۇقىردىن بەك چىڭ تۇتقاچقا سىزگە ئوچۇق بىر نەرسە دېيەلمىگەن ئىدىم، شۇ چاغدا سىزنىڭ مېنى بۇلاپ غارغا ئېلىپ كېتىشىڭىزنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلغان ئىدىم، لېكىن ھە دېسىلا سۈن مايمۇن دېگەن قۇلاق كەستى سولتەك ئوتتۇرغا كىرۋېلىپ سىزنى ئۇرۇپ يارلاندۇرۇپ ئىككىمىزنى بىرگە بولغىلى قويمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سولتەككە بەك ئۆچ بولۇپ قالدىم، باشتا قوغلىۋەتسەم كەتكىلى ئۇنماي كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ كەتمەي تۇرۋالدى.  كېيىن قولىغا خەت يېزىپ بېرىپ، ئۈچ ئايلىق مائاشىڭنى قېتىپ بېرەي دېسەم ئاران كەتتى، ئۇ قاسماق مايمۇن نوم ئېكىلش جەريانىدا مېنى بەك قاقشاتتى. ئادەم  ئەمەس نېمە ئۇ، ئۇنىڭغا ھازىرغىچە ئاچچىقم بار- دەپ سۆزلەپ كەتتى.
ئويلاپ باقسام، ئۇستازىڭىز ماڭا نام-شەرەپتىن باشقا ھەممىنى بەردى دېسەممۇ بولىدۇ. مەن ھازىر ئۇستازىڭىز ماڭا ئېلىپ بەرگەن كاتتا داچىسدا تۇرۋاتىمەن. بۇلتۇر مەن ئۇستازىڭىغا بىر ئوغۈل تۇغۇپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ خوش بولۇپ كېتىپ، ئاق ئاتنى باۋماغا ئالماشتۇرۇپ ماڭا سوۋغا قىلدى. گەرچە مەن ئۇستازىڭىزنىڭ سىرتتا ئۆمۈچۈك خېنىم، ئاق توشقان خېنىم، يەنە بىرنېمە خېىم دېگەن كونا يېڭى ئاشنىلرىڭىنىڭ بارلىقنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرىۋىرىمەن.
سۈن ئەپەندى، سىزگە بۇلارنى دېسەم ھەرگىز خاپا بولماڭ. ھازىر جەمىئەت شۇنداق بولۇپ كېتىپتۇ. مېنى ناچار ئايالكەن دېسىڭىزمۇ مەيلى. سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر مەن سىز بىلەن ئۆتسەم، سىزگە تەگسەم، گەرچە ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ئايالى دېگەن نامغا ئېرىشكىنىم بىلەن خەجلەيدىغانغا پۇل، تۇردىغانغا ئىسسىق ئۆي، يەيدىغانغا ئاش بولمىسا ئۇنداق تۇرمۇشنى قانداقمۇ بەخىتلىك تۇرمۇش دېگىلى بولىدۇ. سىزمۇ بىلىدىكەنسىز، ھازىر ئۆي بەك قىممەت، ئۆي ئېلىشقا قۇربىمىز يار يەرمەيدۇ. بىز بىر ئۆمۈر غاردا ياشىساقمۇ بولماس؟! ھازىر شاپتۇلمۇ ئانچە پۇلغا يارماس بولۇپ قالدى. ھازىر كىشىلەر ساپتۇل مۇرابباسى يېمەيدۇ، قەھۋە ئىچىدۇ. سىزنىڭ بىر يىل شاپتۇل سېتىپ تاپقان پۇلىڭىزدىن ئۇستازىڭىزنىڭ ماڭا بەرگەن بىر كۈنلۈك تۇرمۇش پۇلى كۆپ. بۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭ، ھازىرچۇ پۇلىڭىز بولسىلا باشقىلار گېىپڭىزنى ئالىدۇ. سىزنى ھۆرمەت قىلدۇ، سىزگە چوقىنىدۇ، باشقىسى بىلەن كارى يوق. سىز چامباشچىلىق  كۇرسسى ئاچىمەن، كالتەك ئوينىتىمەن دەيسىز. مەنچە سىز يەنىلا بولدى قىلىڭ. كالتەك ئوينىتىشتا سىز يەنىلا جوۋجۆلۈنگە يەتمەيسىز ئۇ دېگەن قوش كالتەك ئوينىتىدۇ.
مېنىڭ سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم، ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسىراڭ. يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى. ئاڭلىسام يېقىندا ياشانغالارغا ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش قىلدىكەن. ھۇرۇنلۇق قىلماي بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىڭ. شاپتۇل يېگەندە تېرىسىنى سويىۋىتىپ يەڭ، ھازىرقى شاپتۇللاردا دېھقانچىلقى دوىسنىڭ قالدۇقى بار. يۇيۇپ چىقىرۋەتكىلى بولمايدۇ. ئاڭلىسام كالا دىۋە ئۆلۈپتۇ. تۆمۈر يەلپۈگۈچ مەلكە ھازىر قارلىقتىكەن. كېلەر ئايدا قىرىق نەزىرنى بەرگۈدەك .ئامال بار بېرىپ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ قويۇڭ.
تۆنۈگۈن  كەچتە چوكىلى دىسكوخانسىغا بارغان ئىدىم، بىر ئۇيغۇر يىگىت خېتىڭىزنى ئوقۇپ بەردى. بىز چوكىلىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدۇق. چوكىلى دىسكوخانىسىغا ئۇيغۇر يىگىتلەر دائىم كېلىدۇ، ئۇلار گەرچە پۇلى بولمىسىمۇ بەكلا مەرت، بىر ئايلىق تاماق پۇلىنى بۇ يەردىكى چوكانلارغا بىر كېچىدە خەجلەپ بېرىدۇ. ئۇلار بەك شوخ، بىز ئۇلار بىلەن بەك كېلىشىمىز.
سىزنىڭ مېنى ئەسلەپ تۇرغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ۋاقتىڭىز بولسا چىمەن تاغدا يۈرۈۋەرمەي، كۇچاغا بېرىپ پاختا چۆلەڭ، ھازىر نۇرغۇن ئادەم مۇشۇنداق قىلپ جىق پۇل تېپىپتۇ.
خەيىرخوش، سۈن ئەپەندى ،ئامان بولۇڭ!
ھۆرمەت بىلەن:
ــــ ئاپپاق خېنىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئاپتور: ۋاللى(Wall•E)   بېيجىڭ
ئاپتۇردىن:
پېقىرنىڭ بۇلارنى يېزىشتىكى مۇدداسى جەمىئەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى كۈلكىلىك ۋە ھەجىۋى ،بىمەنە ئۇسۇلدا قامچىلاش، جەمىئەتتىكى بىر قىسىم خەلىقنىڭ قېنىنى شوراپ، ھەققانىيەت تونىغا ئورىنۋالغان قان شورۇغۇچىلارنى سۆكۈش. ئەسەردىكى ئوخشىتىش ھېچقانداق بىر شەخىس ياكى گوروھقا قارتىلمىغان. پەقەت قىزقارلىق بولۇش ئۈچۈن بەزى يۇمۇرىستىك ۋە بىمەنە ئېلىمنىتلار قوشۇپ قويۇلغان، ئۇ ئارقىلىق جەمىئەتتكى ناچار ئىللەتلەرنى ئىچىپ بېرش مەقسىتىگە يەتمەكچى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە يۇمۇرسىتك تۇيغۇ ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان.
پىقىر ئەدەبى ئەسەر يېزىش سېپىغا يېڭى قەدەم قويىۋاتقان بولغاچقا ھەرخىل سەۋەنلىكلەردىن مۇستەسنا بولالماسلىقىم مۇمكىن. كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ئىجابى قاراشتا بولۇپ، قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن قەلىمىم ھارمىغان ئاساستا ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرگە ياخشى ئەسەرلەرنى  يېزىپ  تەغدىم قىلش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولاتتىم.
كېيىكى ئەسەر: سۈن ۋۇكونىڭ تورداشلارغا يازغان خېتى (يېزىلىۋاتىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hanaba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-18 09:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zapar + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

بېيجىڭغا كېلىدىغانلارغا خوشخەۋەر---›http://www.alsuyar.us/ads/bj.html

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7321
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1592 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بولۇپ كۆرگۇنۇمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن .
سۈن ۋۇكونىڭ تورداشلارغا يازغان خېتىغا تەقەززامەن .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما قىززىقچىلىقنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۇنۋۇكۇڭ قاچاندىن تارتىپ يازغۇچى بوپقالغاندۇ ئەمدى!

پۇلۇم بولغان بولسا كىتاپ سىتىۋالاتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىش  بوپ كىت پار دىغان  دۇ  دەي  مە  

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4659
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 6146 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇتىما ياخشى راۋاجلىنىپ كىتىپ بارىدۇ،ھارمىغايسىزلەر.داۋامىغا تەشنامىز!

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ساقلىۋالاي ھە ...ئىچىم پۇشقاندا ئوقۇپ كۈلەرمەن

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:34:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ساقلىۋالاي ھە ...ئىچىم پۇشقاندا ئوقۇپ كۈلەرمەن

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57546
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1918
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:36:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بېيجىڭغا كېلىدىغانلارغا خوشخەۋەر---›http://www.alsuyar.us/ads/bj.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38501
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1257
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز.

باشقىلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلسۇن دېسىڭىز ، ئاۋۋال سىز باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش