مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2565|ئىنكاس: 53

سۇن ۋۇكوڭنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى(فىليەتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57546
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1918
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 08:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇن ۋۇكوڭنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى

(فىليەتون)

6752703111acddac1b4cff15.jpg

سالام سىزگە ئاقسۆڭەك(白骨精) خېنىم، ياخشى تۇرۋاتامسىز؟

مەن سىزدىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن. تۆنۈگۈن مەن تاڭسىڭ ئۇستازنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. خەتنى نەچچە قېتمى ئوقۇپ چىقتىم.  راست گەپنى قىلسام  خەتنى كۆرۈپ قاتتىق ئۇيغۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم. مەن چىمەن تاغدىكى پاخال كۆرپەمنىڭ ئۈستىدە يېتىپ كۆپ ئويلانىدىم. نۇرغۇن ئشلارنىڭ تېگىگە يەتتىم. مەن نەچچە يۈز يىل ياشاپ، ئەرشنى مالىماتاڭ قىلىپ، ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە ھېچنىمەم يوق ھالەتتە تۇرۇپتىمەن. نەچچە يۈز يىللق ئۆمۈرۈم بىكارغا ئۆتكەندەك ھېس قىلىم قالدىم. ئويلاپ باقسام، ئۇستاز مېنى يەنىلا ئۆز كۆرىدىكەن. ئۇ خېتىدە بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىدىن مەن بەكمۇ مىننەتار.

غەرىپكە (ھىندىستان) بېرىپ نوم ئېكىلىش ئەمەليەتتە يۈرىن سۇلتان بىلەن ئاۋالىكسۇرا تاكاگاتۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن پىلانلىغان ئىش ئىكەن. مەن ئويلىساممۇ نوم ئەكىلىش ئۇنداق تەس ئىش ئەمەستى. مەندەك بىر ئاسماندا موللاق ئېتىپ، بۇلۇت مىنپ يۈرىدىغان ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئۈچۈن بىرەملىكلا ئىش ئىدى. لېكىن بۇيەردە بىر ئىش بار ئىكەن. تاڭسىڭ ئۇستاز يۇقىردىن بەلگىلەنگەن، ئۆستۈرۈلمەكچى بولغان ياش كادىر، ئۇنىڭ ئۈستىكە ئۇستازنىڭ ئۇنىۋانى، خىزمەتكە چوڭ تۆھپىسى بولمىغاچقا ئۇنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىردە ناھايتى قىيىن ھېسابلىنىدىغان، ئەملىيەتتە قابىليىتى بار ئادەم بىردەمدە پۈتتۈردىغان نوم ئەكىلىش ئىشىغا قويغان ئىكەن. يەنە تېخى ئۇستازنى يولىدا تاماقتىن قىينىلىپ قالدۇ، يولدىن ئېزىپ قالىدۇ دەپ، مەن، باجى ،شاسىڭ قاتارلىق ئىلگىرى يۇقىردىكىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان گۇناھكارلارنى ئۇنىڭغا مۇھاپىزەتچى قىلپ قويغان ئىكەن.

بىز يولدا ئۇچىرغان توققۇز يەردە توققۇز سەكسەنبىر مۇشكىلاتلارمۇ ئاۋالىكسورا ئۇزىنىڭ ئايغۇنىنىڭ ھېسابلىغۇچىسى بىلەن، كۆپ  باش قاتۇرۇپ پىلانلاپ چىققان ئىكەن. بىز نەگە بارساق ئۇ شۇ يەردىكى چىن- ئالۋاستىلارغا فېيشىن(飞信) بىلەن ئۇچۇر يوللىۋىتىپتكەن. شۇڭا بىز نەگىلا كەلسەك ئالۋاستىلار يەدىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئالدىمىزدا پەيدا بولغانىكەن. يۇقىردىكلەر تاڭسىڭ نومنى ئاسانلا ئېىپ كەلسە تۆۋەندىكىلەر قايىل بولمايدۇ دەپ بىر مۇنچە چۈپىرەندا ئالۋاستىلارنى يىغىپ كېلىپ ،ئۇلارغا كۈنلىكىگە 80كويدىن بېرىپ، بىزگە ئاۋارىچىلىق تىپىشقا ئەۋەتىپتىكەن. ئەمىليەتتە تاڭسىڭ ئۇستا ناھايتى بىخەتەر ئىگەن . بىز بەگىلا بارمايلى ئاۋالىڭسورا بىزنىڭ بارغان تۇرغان يەرلىرىمىزنى بىلىپ تۇراتتىكەن. مەن نېمىشقا شۇنداقتۇ دەپ ئۇيلىسام ئەسلىدە ئۇستازنىڭ كاساياسىدا مەقپى تىڭشىغۇچ ، بېشىدىكى قالپىقىدا مەخپى تېلكامىرا بار ئىكەن ئىدۇق. ئۇستاز يۇقىرنىڭ بۇيرۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سىرلارنى ئاشكارلىماپتىكەن. بۇنى مەن تېخى بايالا ئۇقتۇم . شۇڭا ئۇستاز نۇرغۇن  گۈزەللەر ئۇنىڭغا ياماشسىمۇ  نېمىشقا ئۇلاردىن شۇنچە قاچىدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇلارنىڭ ئەمدى چۈشەندىم. ئەسلى ئۇستاز ئۆزنىڭ يامان ئىشلىرنىڭ كامىراغا چۈشۈپ قېىشىدىن قورقۇپتىكەن.

ئاۋالكسورا ھەرقېتم بىز خەتەرگە يۇلۇقۇپ، بىز ئۇستازنى قۇتقۇزالماي، ئىش چوڭىغا چىقاي دېگەندە قول ئاستىدىكى خادىملارنى ئەۋەتىپ يا بولمىسا ئۆزى بىۋاستە كېلىپ، مەركەزنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئالاھىدە قورالى بىلەن چىن ئاۋاستىلارنى بىر دەمدە ئۇجۇقتۇراتتى.

ئۇچاغلاردىكى جىنلار ئىچىدە سىزدەك ئارقا تېرىكى يوق، ئۆزى يەككە چىققان كىچىك جىنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسى دېگۈدەك بىرەر ئەۋلىيانىڭ ئىت- مۇشۈكى يا بولىمسا قوللىرىدا ئەۋلىيالارنىڭ ئەنگۈشتىرى بار ئىدى .بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇلارغا قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمەن؟! بىزىدە مەن تاقابىل تۇرۇپ، ئالۋاستىلارنىڭ تازا ئەدىپىنى بېرىۋاتسام ئۇلارنىڭ ئېگىسى كېلىپ، ـ ۋۇكوڭ ، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلغىن،مەن ئۇنى ئېىپ كېتەي ـ دەپ تۇرۋالىدۇ. ئۇلار دېگەن يۇقىردىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى رەھپەرلەرنىڭ دوس-بۇرادەرلىرى يا بولمىسا باشقا ساھەدىكى رەھپەرلەردىن تۇرسا  مەن قانداقمۇ ئۇلارنىڭ گېپىنى يىرالايمەن؟! مەن شۇ سىزدەك ئېگى-چاقىسى يوق، يىگانە جىنلارنىڭ ئۇرۇپ ئاچچىقمنى چىقىرىمەن.

  مەن ئەسلىدە يول بويى جىن ئاۋاستىلارنى يوقۇتۇپ، ئۇستازنى ياخشى قوغدىساملا رەھپەرلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرشەلەيمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كىم بىلسۇن، نوم ئېلىپ كېلىپ ئېچىلغان خۇلاسە يىغىنىدا بارلىق تۆھپىلەر ئۇستازغا تەۋە بولدى. بىزگە بىر قۇردىن يېڭى كىيىم تارقىتىپ، ئازتولا نام-ئاتاقمۇ بەرگەن بولدى. يەنە ئۇستاز مېنىڭ بېشىمدىكى ئالتۇن چەمبىرەكنى ئېلىۋىتىپ مېنى ئازاتلىققا ئېىشتۈردى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مەندىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى رەسمى خىزمەتكە ئېرشتى. مەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولىمدى. بىر نەچچە قېتىم چىمەن تاغقا يېقىن جايدىكى خەلىق ئىشلار ئىدارسىغا برىپ، ئۆزۈمنىڭ نوم ئەكىلىشكە قاتناشقان، پىشقەدەملەردىن ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام، ئۇيەردىكىلەر مېنى ـ سەن نوم ئېكلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەۋلىيالارنىڭ يېقىنلىرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپسەن، يەنە تېخى نوم ئەكىلىش جەريانىدا دائىم ئاتىكاچىلىق قىلپ، ئىنتىزامغا بوي سۇنماپسەن، ساڭا ھېچقانداق خىزمەت ۋە ئۇنىۋان بېرىلمەيدۇ. سېنڭ ئەرىشنى مالىمان قىلغىنىغا بېرىلگەن جازا تېخى يىنىك بولۇپ قالدى. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەكچى ئىدى. لېكىن سېنى ئۆلتۈرگىلى بولمىغاچقا ئامالسىز قويىۋىتىشكە مەجبۇر بولدۇق. سەن تېخى مۇشۇنچىلىك تۇرغىنڭغا خوش بولساڭ بولىدۇ ـ دەپ، مېنى يولغا سالدى. مەن ئۇ يەردىن قايتىم كېلىپ، چەمەن تاغدا شاپتۇللۇرۇمغا سۇ قويۇۋاتسام ئىككى كادىر كېلىپ، مېنى تاڭ سۇلالىسى بىخەتەلىك ئىدارىسى چىمەن تاغ رايۇنلۇق شۆبە باشقارمىسىغا ھەپتىدە بىر بېرىپ سىياسى ئۆگىنىش قىلسەن، 10مىڭ خەتلىك تەسىرات ماقالىسى يازىسەن، بەش يۈز يىل بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭغا ھەپتىدە بىر تۆۋىنامە يازىسەن دەپ يالاپ كەلدى. مەن گەرچە بىرەر كۈن مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولساممۇ، ۋاقتى كەلگەندە لاتا قۇزۇق يەرگە پېتىپتۇ دېگەندەك، چىداپ تۇرۇپ 105025خەتلىك تەسىرات ماقالىسى يېزىپ ئاران قۇتۇلدۇم. مۇشۇ چاققىچە ئۇلارنىڭ ماڭا يازدۇرمىغان نەرسىسى قالىمدى. توي خېتى بىلەن مۇھەببەت خېتىدىن باشقا ھەممىنى يازدۇردى دېسەممۇ بولىدۇ. گەرچە كاللامدىكى ئالتۇن چەمبىرەكنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن، يەنە بىر كۆرۈنمەس روھى جەمبىرەك روھىمنى سىقىپ تۇردىغان بولۇپ قالدى. نوم ئېكىلىش جەريانىدا نۇرغۇن يۇقىرى دەرجىلىك ئەۋلىيالارنىڭ بالا-چاقا، ئىت- مۈشۈكلىرنى ئۇرۇپ، يارلاندۇرۇپ قويۇپ ئەمدىلكتە ئۇلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدىم.

مەن بۇرۇن ئىشلارنى بەك ئاددى ئويلاپتىكەنمەن. مەن پەقەت باجىلا قىز چوكانلارغا ئامراق، ئۇستاز دېگەن دۇرۇس ئادەم، ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ دەپ ئۇستازغا قاتتىق ئىشىنىپتىكەنمەن، لېكىن ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۈپ، ھەممىنى چۈشەندىم. نوم ئەكىلىش سەپىردە مەن ئۇستازنىڭ ئامانلىقدىن ئەنسىرەپ تۇرغاندا، ئۇ ئاياللار دۆلىتىنىڭ شاھى، ئاق توشقان ئاۋاستى، ئۆمۈچۈك ئالۋاستىلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ، مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىكەن   . ئۇ چاغدا ئۇستازنىڭ يۇقىردىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلمىغان ئىكەن. ئەگەر بۇ ئىشلار ئامىركىدا يۈز بەرگەن بولسا ئېغىر چىرىكلىك بولۇپ ھېسابلىنىپ قاتتىق جازالىناتتى.

مانا بۇ كۈنلۈكتە مەن ھېچنىمەم يوق تۇرۇپتىمەن. مانا مېنى ھەقىقى پۇرۇلتارىيات دېسە بولىدۇ. ھازىر مەندە نىمكەش بولسىمۇ بىرەر كومىپىيۇتىر يوق. بۇخەتنى مەن چىمەن تاغنىڭ يېنىدا ئېچىلغان تورخاندا ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن. تېلفۇنۇممۇ رەڭسىز ئېكىرانلىق مۇتۇروللا، ئېكىرانى بەك قاسماق بولۇپ كەتكەچكە ئۇچۇر كەلسىمۇ كۆرەلمەيمەن. ئەسلى سىزگە ئۇچۇر يوللاي دېگەن. لېكىن سىزنىڭ يا تېلفۇم نۇمۇرىڭىزنى يا كىيۇ كىيۇ نۇمۇرىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەسلى ئۆزۈم ئۇچۇپ سىزنى ئىزدىسەم بىردەمدىلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارايلايتم. لېكىن ھۆكۈمەت شەخسىلەرنىڭ ئاۋاياتسىيە قوراللىرنى ئىشلتىشى مەنئى قىلنىدۇ دەپ تۈزۈم چىقارغاچقا ئۇچۇشقا ئامالسىز قالدىم.

ھازىر ئۆي باھاسى بەكمۇ ئۆرلەپ كەتتى. كىرىمىم تۆۋەن بولغاچقا ئۆي ئېلىشقا ئامالسىز قالدىم. ئىلاجىم يوق يەنىلا شۇ چىمەن تاغىدىكى سۇ پەرى غارىدا تۇرۋاتىمەن. بۇيەرنىڭ مەنزىرسى گۈزەل بولغىنى بىلەن قوساق تويمىسا بۇ مەنزىرلەر ئادمنىڭ كۆزىگە يەنىلا سەت كۆرۈنىدىكەن. ھازىر مەن بۇرۇنقىدىن بەك ئۇرۇقلاپ كەتتىم. ئويلاپ باقسام يېشىممۇ بىر يەرگە بېىپ قاپتۇ. ئۆتكەندە بىرى كېلىپ، ھايۋاناتلار باغىچىسىدا مايمۇنلار ساناتوريىسى ئېچىلدى ،بارامسىز دەپ كەپتۇ. قاتتىق ئاچچىقم كەلدى. گەرچە مەن مايمۇن بولساممۇ مېنىڭمۇ غورۇرۇم باردە، نەچچە يۈز يىل ئاسماندا ئۈچۇپ، ئەركىن ئازادە ياشاپ، ئەمدىلىكتە قەپەزگە كىر دېسە ماڭا ئېغىر كەلمەمدۇ؟!

مەن بەك كۆپ ئويلاندىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ياش ۋاقتىلىمدا بەك شوخ ياشام ئائىلە،خوتۇن-بالا دېگەنلارنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ قويماپتىمەن. ھازىر بەك يالغۇزلۇقتا قالدىم. چىمەن تاغدىكى باشقا مايمۇنلار يۇقىردىن تۆۋەن كاپالەت پۇلى بېرىدىكەن دەپ كېتىپ قېلىشتى. ھازىر مېنىڭ بىردىنبىر خىيالىم  بىر ئۆيلىنىۋالسام، سەت بولسىمۇ بىر خوتۇنۇم بولسا، بىر ئىككى بالام بولسا، ئۇلار چوڭ بولغاندا خەقلەر بۇ كىمنىڭ بالىسى دېسە، ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ باللىرى دېسە مەنمۇ نامىمنىڭ ئۆچۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۈرەكلىرىم يايراپ كەتكەن بولاتتى.

ئويلاپ باقسام ئىككىمىز ئېلىشمىغىچە تېپشماس تېگەندەك ئۇرۇشۇپ تۇنۇشۇپ قالدۇق. مەن كۆرگەن قىز چوكانلار ئىچىدە مەن سىزگە ئەڭ قايىل. سىز بىر ئاجىز ئايال بولسىڭىزمۇ، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئاقسۆڭەك رىستۇرانىنى قۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئىگلىك تىكلىدىڭىز. سىزتولىمۇ غەيرەتلىك. سىز باشقا ئاياللاردەك ئەمەلدارغا، باشلىقلارغا خوشەمەت قىلماي، ئۆز تىرشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدىڭىز. سىز بەك تىرشچان ،ۋپادار. ئويلاپ باقسام بىز مەك ماس كېلىدىكەنمىز.ئويلاپ باقسام  سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدىكەنمەن. مەن شوخ،سىز رومانتىك،مەن تۈز كۆڭۈل، سىز ئاق كۆڭۈل. يەنە كېىلپ سىزنىڭ يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. ئەمدى توي قىلۋالمىسىڭىز قىرى قىز بولۇپ ئولتۇرۇپ قالىسىز. ئەگەر قوشۇلسىڭىز توينى ئاددىراق قىلايلى . ھازىر ھەممە نەرسە قىممەت بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، توغرا چۈشىنەرسىز. سىزنىڭ ئاق سۆڭەك غارىغا بېرىپ تۇرساقمۇ ياكى مېنىڭ چىمەن تاغدىكى سۇ پەرى غارىدا تۇرساقمۇ بولىدۇ. ئىشقىپ مېنىڭ سىزنى بېقىپ، بەخىتكە ئېرشتۈرۈكە ئىشەنچىم بار. بىز كېيىن چىمەن تاغدا شاپتۇر مۇراببا زاۋۇتىدىن بىرنى قۇرساق، رايون ئەۋزەنلىكىنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئېكىلوگىيە ساياھەچىلكىنى تەرەققى قىلدۇرساق، مەن بكار بولۇپ قالغان چاغلاردا چامباشچىلق كۇرسى ئېچىپ ،قۇشۇمچە كىرىم قىلساممۇ بولىدۇ. ئۆتكەندە يېڭى ئىشكەنگەن ‹‹غەرىپكە سايەھەت›› فىلمى تېلۋۇزۇردا قويۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن، ياشلار كالتەك ئوينىتىشقا قىزقىشقا باشلىدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،كۇرسا ئاچسام ،خېلى كۆپ كىرىم قىلالايمىز.

سىزنىڭ قانداق ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز بولسا مەن سىزنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن. خۇدايىم بۇيرىسا كېيىن پىلانلىق تۇغۇت قانچە قاتتىق بولۇپ كەتسىمۇ ئامال قىلىپ  بىر-ئىككى بالىلىق بولساق، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتساق، چوڭ بولغاندا ئۇلارنى چىڭخۇا ئونۋىرسىتىتى، بېيجىڭ ئونۋىرسىتىتىدا ئوقۇتۇپ ئەمەلدار قىلساق، بىزدەك قارقوساق بولۇپ قالمىسا، بىز ماڭغا ئەگرى-توقاي يولدا مېڭىپ قالمىسا ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى.

بۇلار مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم. سىزگە بولغان سېغىنىشىم بەك كۈچلۈك بولغاچقا بەزىدە قايناپ، بەك جىق سۆزلەپ قويدۇم. توغرا چۈشىنەرسىز. سىز قانداق ئويلىدىڭىز بۇنى مەن بىلمىدىم، جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. مەن مەكتەپتە ئوقۇمىغاچقا ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى يازالمايمەن. ئۇيغۇرچىنى ئۆزۈم قىزقىپ ئۆگىنىۋالغان. ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەش مودا بولىۋاتىدۇ . شۇڭا خېتمىنى ئۇيغۇرچە يازدىم. ئەگەر ئوقۇيالماي قىلسىڭىز مەركىزى مىلەتلەر ئونۋىرسىتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار .شۇلارغا دېسىڭىز سىزگە ئوقۇپ بېرىدۇ.ئۇيغۇرچىنى كېيىن مەن سىزگە ئۆگىتىپ قويىمەن.

سىزنىڭ قەشقەرنىڭ ئانارىدەك ئوماق لەۋلىرىڭىزنى ئاقسۇنىڭ ئالمىسىدەك ئوماق يۈزىڭىزنى بەكمۇ سېغىندىم .سىزنى بالدۇراق كۆرۈشكە ئىنتىزارمەن.

بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ماڭا قانداق گەپلىرىڭىز بولسا مىسرانىم مۇنبىرغا كىرىپ تېما يوللىسىڭىز بولىدۇ. مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دوسلۇرۇم.

ھۆرمەت بىلەن:

ــــ چىمەن تاغدىكى  سۈن ۋۇكۇڭ (ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا)

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى

(ئاڭلىشىمچە بۇكۈنمۇ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئىكەن)

ئاپتور: ۋاللى(Wall·E)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hanaba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 08:32 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Eltekin + 99 مەتبۇئاتقا بەرگۈدەك ئ.
begana + 100 ئۆزگىچە ئۇسلۇب

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 199   باھا خاتىرىسى

بېيجىڭغا كېلىدىغانلارغا خوشخەۋەر---›http://www.alsuyar.us/ads/bj.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:03:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھې ھې ھې نىمىلەرنى يېزىۋەتكەنسىز جاپا چىكىپسىز رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7297
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:17:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەپتۇ...كەپتۇ!....ھا....ھا...ھا...

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6163
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 4369 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:47:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاملىشىپتۇ، ئادەمگە زوق بېرەلەيدىغان ،مەنىلىك، ئىسىل تىما بوپتۇ.

@كىمنى سۆيسەڭ ھە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8694
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 1678 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:07:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

@كىمنى سۆيسەڭ ھەقىقى سۆي ئالدىمىغىن@ @ رَّحْمَنِ ارَّحِيم بِسْــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّحِيم@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 572 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىللىق كۈلكەمنى بىراقلا كۈلىۋالدىم

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11792
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5681 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا قاملاشتۇرۇپسىز جۇمۇ ، بەك قىزىقارلىق چىقىپتۇ

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:30:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭسېڭ ئەسلېدە تېلكامېراغا چۇشۇپ كېلېشتېن قورقېپتېكەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7123
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقارلىق بوپتۇ،بۇ ئاقسۆڭەك خېنىمنىڭ جاۋاپ خېتىنى قاچان كۆرەمىز ئەمدى؟

كىبىر نىمە قومۇشتىن سوراڭ،پۆپۈكىنى مىۋە دەر ئىمىش.ئەگەر پۆپۈك مىۋە ئاتالسا،نە ئاتىلار شاخ ئەگكەن يىمىش؟

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 1489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 94463
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1962 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتۇپ ئۆزگىچە چىقىپتۇ...

ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل، ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش