مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3239|ئىنكاس: 64

زەيپانە ئەرلەر ۋە مەردانە ئاياللار ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2017
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24470
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 02:35:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئـــــىـــلاۋە

ئىشقىڭ بىلەن ، سەگەك تۇرۇپ ئۆرىگىن تارىخ بېتىنى ،
ئۇچرىتىسەن نى مەرت ئوغلان ، جۇۋانلارنىڭ ئېتىنى ...


52222.jpg



زەيــپــانـــە ئـــــەر

كىتىپ باراتتىم ،كۈندۈز كوچىدا ،
يېتىپتۇ بىر ئەركەك يول ياقىسىدا .
گۆپۈلدەپ پۇرايدۇ ئۇنىڭ تىنىقى ،
بىر ئىت چۆرگىلەپتۇ ئارقىسىدا ...

بىر قاراپ يالتايدىم ئۇنىڭ تۇرقىغا ،
خېلىلا چوڭايغان ھەم ئۇنىڭ يېشى .
< ئاھ ، ئىسىت > دەپ قالدىم ئاشۇ مىنۇتتا ،
قاپقارا بۇرۇتلۇق ، ئەگىمدۇر قېشى ...

سىزىم يوق ھىچقانداق غەملىرىمۇ ھەم ،
پۇشۇلداپ تىنىپتۇ چوڭ - چوڭ نەپەستە .
كەيىپتىن سولانغان ئۇنىڭ ۋىجدانى ،
چىقالماي زارلىنار بەلكىم قەپەستە .

چىرايلىق يۈزلىرى بولۇپتۇ توپا ،
كىيمىمۇ ھەم شۇنداق بويىدىن باشقا .
شەيتاندىن كۆرەمدۇق ئەجىبا بۇنى ؟
مۇيەسسەر بولدىمۇ ئۇ چاغ ئالداشقا ...

قارىدىم دەرھاللا ئۇدۇل دۇكانغا ،
ئولتۇرار بىر كىشى تاماكا شوراپ .
< نىمىشقا > بوپ قالدى خىيال تىمىسى ،
بىر توقام خىياللار كاللامنى ئوراپ .

ئەتراپتا بار ئىكەن باشقا ئادەملەر ،
بىلندى ماڭا ھەم مازاق  قىلغاندەك .
ئۇ چاغ ، ئۇ ئەمەس يولدا ياتقىنى ،
خۇددى مەن ، ئۆرتەندىم يۈرەك تىلغاندەك ...

شۇنداق بىر سۇئالنى سورىغىم كەلدى ،
ئانىسى نەدىدۇر ئاشۇ ئىنساننىڭ .
< ئوغلىڭىز يېتىپتۇ سەتلىشىپ يولدا ،
پايدىسى بولدىمۇ ئەجىر قىلغاننىڭ ؟

ئاپئاق سۈتىڭىز كۈچ بولغانتىغۇ ،
ئەڭ چوڭ تەربىيچى بولغان ئىدىڭىز ؟
كاپىتان خۇددى سىز ، ئوغلىڭىز كىمە ،
بۇ دۇنيا ، تۇرمۇش ھەم خۇددى بىر دېڭىز > ...

بوپ قالار دىگىنىم بەلكىم ئانىغا ،
خۇددى بىر چوڭچىلىق ، ئاتتىكاچىلىق .
مىسالى بۇ مىنىڭ شۇ ئەركەك ئۈچۈن ،
ئۆز غورۇر ، ۋىجداننى تەلەپ قىلغانلىق .

مــــەردانـــە ئــايـــال

غىچىرلاپ چىقىدۇ يىقىمسىز ئاۋاز ،
ماڭىدۇ بىر ھارۋا يېلى يوق مىجىق .
جاھان ئاپتىپى چۈشۈپ زىمىنغا ،
ئادەملەر كوچىدا بولغاندەك تىجىق .

ھارۋىنىڭ ئۈستىدە ئاق ، قارا گازىر ،
تىترەيدۇ يىنىكلا سىلكىنىپ شۈنچە .
باشقىچە تەسىرات بەردىغۇ ماڭا ،
ئىتتىرگەن ئايالغا بىر قارىغۇچە  .

نۇمۇسمۇ سىزگە ھەم ماڭا ئۇ ھارۋا ،
< ئىتتىرىپ ماڭ  > دىسە كۈندۈز كوچىدا .
تۇيغۇمىز نىمە دەر بىزگە پىچىرلاپ ،
تەسىرى ،  پەقەتلا ئويلىغۇچىدا ...

ئاياللار كوچىدا قىلسا تىجارەت .
ئويلىدىم بىر قانچە نوقتىدا تۇرۇپ ،
< توختا > دىدىم مەن ئۆزۈمگە شۇئان ،
ئىجابىي تەرەپكە كەلدىم قايتۇرۇپ .

بەلكىم ئۇ ئەرسىزدۇر ياكى بىر يىتىم ،
ئانىسى كىسەلدۇر ۋە ياكى ئىرى .
تاشلىساق بۇنى بىز ئەتراپقا بېقىپ ،
يىشىلەر تۇرمۇشنىڭ بۈنچىكى سىرى .

كوچىدا مېڭىشى گۇناھ بولارمۇ ؟
بۇ سۇئال قويۇلار بەلكىم باشتىراق .
رېستۇران ، قاۋاقتا چېپىپ يۈرگەندىن ،
مىڭ ئەۋزەل ، بۇ ئىشى مەنچە ياخشىراق .

پارقىراق ماشىنا قىلىدۇ سىگنال ،
< مىنى كۆر > دىگەندەك يوللاردا ماڭغاچ .
< گازىرچى > سۆرەيدۇ ئەسكى ھارۋىنى ،
جان بېقىش پەرمانى ئۇنى بەك تاڭغاچ .

ئەمەستۇر ئۇ ئۈچۈن بۇمۇ بىر شەرەپ ،
كوچىدا تىجارەت قىلسىمۇ دائىم .
مۇرادى بولغىيدى بىر كۈنى ھاسىل ،
ھەربەندە ياخشى كۈن ، كۆرسۇن ئىلاھىم .

بولدىلا دىدىم مەن جىقمۇ ئويلىماي ،
پىشانە ھەر كىمنىڭ جاھان ئايلىنىپ .
قانداقلا ياشايلى ئاخىرى ھەركىم ،
ئۆلۈمگە بىر ئەزا بولار سايلىنىپ ...

سېـــلـىــشتــۇرمـــــا ...

ھەي توۋا ، قايتىدىن قوزغالدى خىيال ،
كۆرمەمسەن بىر ئەركەك بىرى مەزلۇمدۇر .
مانا ، ياشاش ئۇسۇلى ئىككى ئىنساننىڭ ،
ئويلانساڭ بۇمۇ چوڭ ساڭا تەلىمدۇر .

بىر سائەت ، بىر مىنۇت ، بىر يەردە كۆردۈم ،
مۇشۇنداق مەنزىرە ، سېلىشتۇرمىنى .
بىرىگە ياغدۇردۇم ئالەمچە نەپرەت ،
كۈيلىگىم كەپ قالدى يەنە بىرىنى .

ئەي ئەركەك قوپساڭچۇ ، ئۆرە ئورنۇڭدىن ،
كۆرگىنە گازىرچى ، يەنە ئۆزۈڭنى .
نە ئۈچۈن زەيپانە دىدىم مەن سىنى ،
ئاڭلايچۇ جاۋابىڭ ، سەۋەپ ، سۆزۈڭنى .

ساق مېڭىپ كىرگەنسەن < خانە > گە بەلكىم ،
شۇ جايغا ئەپچىقىپ كىملەر تاشلىدى ؟
سەن ئۈچۈن ئەتراپتا كۈلسە بەزىلەر ،
بەزىلەر ئاھ ئۇرۇپ يۈرەك ياشلىدى .

ئويلىساڭ بولاتتى تىگىگە يىتىپ ،
بىر كۈنلۈك كەيىپ ئۇ كۆڭۈلگە تايىن .
خار قىلىپ ئۆتمىسەڭ بولاتتى بۇنداق ،
ھاياتىڭ گۈل كەبى كەلگەن ئاتايىن .

ئەي ئايال بولۇپسىز نامدا < گازىرچى > ،
< ئىچەرمەن > ئالدىدا سىز بىر مەردانە .
ئۇقۇشماي بەزىلەر بەلكى تۇرمۇشنى ،
قىلىدۇ سىز ئۈچۈن نەچچە ئەپسانە .

ئۇ ياتتى تولغۇنۇپ يەرنى باخاشلاپ ،
ئۆتتىڭىز يېنىدىن قەدەملەر سېلىپ .
سىز ئۈچۈن يازىمەن بەلكى بىر رومان ،
قالىدۇ قوللىرىم ئۇ چاغدا تېلىپ .

ياشاڭ ، تىرىشىڭ ئەتىڭىز ئۈچۈن ،
سىزگە يار بولغىيدى ھالال تىجارەت .
ئاشۇنداق زەيپانە ئەركەكلەر ئۈچۈن ،
بولغايسىز ئالدىدا ئۇلارغا ئىبرەت .

خــــــۇلاســـــــە !

تۇغۇلماق تەس ئىكەن ياشىماق ئۇندىن ،
بۇ  دۇنيا  بولۇركەن خۇددى بىر سىناق .
ئەقلىمىز ئىشلىمەي قالغاندا بىزنىڭ ،
بولۇركەن ھەممە ئىش بىزگە بىر قىلتاق .

ئاددىي ياشىماق بەزىمىز ئۈچۈن ،
بەك ئاسان بولىدۇ چۈنكى بىز ئاددىي .
قەلب ،كۆكسىمىز بولسا بىر كىتاپ ،
تىنىمىز ، ۋارىقى ، بويۇمى ماددىي .

شوخ ئۇچار كەپتەرلەر سامادا شۈنچە ،
قاراڭغۇ ، زەيكەشتە ئۇۋلايدۇ چاشقان .
بىر ئۇچى باغلانسا < گازىرچى > غا تىز ،
بىر ئۇچى دومسىيىپ < مەس > كە  تۇتاشقان .

قانچىسى بار زادى مۇشۇنداق ئەردىن ،
ئەيمىنمەي ياشايدۇ  ئاۋۇ ئايالدىن .
قۇتۇلسا دەيمەنغۇ شۇ خىل ئەركەكنى  ،
كۈن پاتقان ، تەقدىرى ، سوغۇق زاۋالدىن ...

ئېرىقنى كۆرگەندە سۇ بار ئىچىدە ،
ھۆل بولماي ئۆتىمەن ئۇندىن ئاتلىسام .
< مەقسىدىڭ نىمە ھەي > دىمىگىن مىنى ،
بۇ يەرگە ئەكىلىپ تازا داتلىسام .

ئازىدۇ دىمىگىن گەپ سۆزلىرىدىن ،
يازىمەن كۆرگىنىم ئاڭلىغىنىمنى .
كەچۈرگىن دوسىتلىرىم بىرنى چۈشۈرۈپ ،
بىرىنى ئالەمچە داڭلىغىنىمنى .

2012 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
( دىيارى يەكەن )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-18 02:35 PM  


52222.jpg
ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
بېھزات + 500 ئەركەك...
umidwar99 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
shoruq + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 150 ماختاشقا تېگىشلىك
ziyaratqi2 + 10 دەلىل ئىسپاتلار تولۇق.
takderdax + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك
aruzu + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
nazila998 + 108
sazguri + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
kurax114 + 50

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 955   باھا خاتىرىسى

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2017
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24470
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:42:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
يۇقارقى سۈرەت تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن تارتىلغان ، تۈنۈگۈن كەچ مىسرانىم مەخسۇس ئەزالار توپىدىكى بىر قىسىم تورداشلارغا يوللانغاندىن كىيىن ئوخشاش بولمىغان تەسىر قوزغىدى .

ئەزالار توپىدا دىمەكچى بولغىنىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمىدىم .
شۇڭا ئاخىرى بولماي ، دىمەكچى بولغىنىمنى يېزىپ سۈرەت بىلەن بىرلىكتە يوللىدىم .
قانداق تەھلىل قىلىش ئۆزۈڭلارغا باغلىق .

سۈرەتكە ئىنچىلىك بىلەن قارىساڭلار ئوخشاش زامان ، ئوخشاش ماكان ، ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئوخشىمىغان ئىككى ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ يىتەلەيسىلەر !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6170
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5299 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:59:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرىن ئاپرىن! تېمىڭىز بەك ئوبرازلىق،تېتىمىلىق چىقىپتۇ،رىئاللىقنى ئەينەن سۈرەتلەپسىز،ھارمىغايسىز قېرىندىشىم،داۋاملىق تىرىشىڭ،ئىسىل تىمىلىرىڭىزغا تەشنابىز.

كېچە تۈن ھەر قان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21160
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3865
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 2264 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:00:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ يەردە بىرسى ئىشتىنىغا سىيىپ قۇسۇققا مىلىنىپ ياتامدۇ نېمە

كېچە تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، قۇياش ھامان چىقىدۇ .

پەزىلەت-قەلىبنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49373
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1879
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2170 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز شېرخان،ناھايىتى ئوبرازلىق ياخشى چىقىپتۇ،ئاپرىن!!!

گۈزەللىك ئىزدىمە ئۇ سەندە،بەخىت ئىزلىمە ئۇ سېنىڭ قولۇڭدا...........

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1921
تۆھپە نۇمۇرى: 207
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:12:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ۋۇ  تىما ھەقىقەتەن  ئىسىل  يىزىلىپتۇ  .خوش بولدۇق .مىنىڭ بىرتەكلىۋىمنى  ئاڭلاپ بېقىڭ  .بولسا  رەسىمنى  ئۈچۇرۋاتسىڭىز بولغىدەك .مۇنۇ  شىئىر بەك ئىسىلكەن .ماۋۇ رەسىم  يەنە تور دۇنياسىدا  تاراپ  .ئويغۇرنىڭ ھەممىسى  ئىچىپ  مەس لىڭدەيدە ياتىدۇ  .دىگەن ئۇقۇم بىرىپ  قويمىسۇن دەيمەن .لىكىن  بومىنىڭ  شەخسى پىكىرىم. توغرا چۈشۇنۇڭ .يەنىلا تىما ئىگىسىنىڭ  پىكرىگە ھۇرمەت قىلىمىز ..داۋاملىق  ياخشى تىمىلار ئۈزۇلمىسۇن قۇلىڭىزدىن

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2017
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24470
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:18:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kurax114 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 11:12 AM
ما ۋۇ  تىما ھەقىقەتەن  ئىسىل  يىزىلىپتۇ  .خوش بولدۇق .مىن ...

ئەسلى رەسىمنىڭ ئېنىقلىقى خىلى يۇقىرى ئىدى ، مەن ئېنىقلىقنى چۈشۈرۈپ ، رەسىمنىڭ يۈزىنىمۇ كىچىكلىتىپ مۈشۈنچىلىك قىلىپ يوللاپ قويدۇم .
ئاۋۇ ياتقان ئادەمگە بەكراق دىققەت قىلمىسا كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەچ ئىككەيلەننىڭ چىرايى تونىغىسىز ھالەتتە ...
سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى مەنمۇ ئويلاشقان ئىدىم ، بىراق بۇ رەسىمگە ھەر قارىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كىيىن قانداق ياشىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلىدىكەنمەن .
شۇڭا تورداشلارنىڭمۇ ئاز تولا تەپەككۇرى ئويغىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمۈتتە بۇ رەسىمنى قىستۇرۇپ قويدۇم .

تۆۋەندىكى تورداشلارنىڭ پىكىرىگە قاراپ باقايلى ، راستىنلا سىز دىگەندەك تەسىر پەيدا قىلىدىغان بولسا ئۆچىرۋىتەمىز .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77178
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:31:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ماۋۇ تىما، مەن ئەر دەپ ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ ئاياللارنى خارلايدىغان، ئەمما مەس بۇلۇپ خۇدىنى يۇقىتىپ كوچىلاردا يىتىپ قىلىپ لالما ئىتلار تۇمشۇقلىرىنى يالاپ «ھاببا»ئىتىپ قويسا تېخىمۇ ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاپ كىتىدىغان  ئەركەكلەرئۈچۈن  ئويلانغىدەك ئىسىل تېما بوپتۇ

ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇنلاركەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qin.tumur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-18 11:42 AM  


فىلىم ئشلەش ھەۋە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5411
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4363 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:45:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

مېيىپلارQQتوپى_168315469

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33150
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10024
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2011-3-8
ئاخىرقى: 2012-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:49:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋاتنىڭ كوچىسىمۇ نېمە بۇ

مېيىپ بوپ يارالغان بولساممۇ بىراق ،
نەپرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن .
ۋىجدانىم ھۆكۈمران بولسىمۇ گەرچە ،
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش