umud28 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-1 12:49 AM 
مەن ئاخشام 7.49دىن سېتىۋىتىپتىكەنمەن. پايدىسى چىققان ئ ...
  ئالدىنقىسىنى سىتىۋەتكىنىڭىز ياخشى ئىش بوپتۇ . ئەمما ئۆرلەش مەزگىلىدە نىمىشقىمۇ بازارغا چىققانسىز قىرىندىشىم . مەن يازمىلىرىمىدا ئەسكەرتىپ كىلىۋاتىمەن ، ئۆرلەش يۆلنىشىدە مال سىتىۋالماڭ دەپ ... مانا مۇشۇنداق ئىش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى ..
 
   ئەمما بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ . ئەگەر كۈمۈش تىرەك نۇقتىسى 7.05 تىن چۇشۇپ كەتمىسە ، يىقىنقى مەزگىل ئىچىدە ، ئەسلى يۆلنىشى بويىچە تەرەققى قىلىدۇ .  بۇ يىلقى كۈمۈش يۇقىرى نۇقتىسى 10.12 گە يىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە . شۇڭا سەۋىرچان بولۇڭ ، كۆپ دەسمايە بىلەن بازارغا چىقماڭ .ئۆزىڭىزگە زىيادە بىسىم بولۇپ قالىدۇ .
   تۆنۇگۇن مۇناسىۋەتلىك توربىكەتلەرنىڭ يازمىلىرىدا ، كۈمۈش بازىرىنىڭمۇ تەڭشىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق ماتىرىيال تاپقانىدىم ، ئەپسۇس ، ئازراق شەخسى ئىشلار تۇپەيلى يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم .
   « كۈمۈش يىقىنقى 2-پەسىل ئىچىدە ،35.7~34.86  ئەتراپىدا بولىشى پەرەز ئىنتايىن يىقىن . »  چچ غا چىقسىڭىز بۇ ماتىرىيالنى سىزگە يوللاپ بىرەي !