ئالتۇن بازىرىدا تەڭشىلىش ئىلىپ بىرىلىدۇ
نىيۇرۇك قىممەت متاللار سودا بازىرىنىڭ 28-فىۋرال باھا كۆرسەتكۇچىدە ،ئالدىنقى ھەپتە چوڭ بىر ئۆسۇشتىن كىيىن ، يىنىك دەرىجىدە چۇشۇش ئەھۋالى كۆرۇلگەن .مۆلچەر قىلىنىشىچە ، يىقىندا تەڭشىلىشى مۇمكىن .
28-فىۋرال بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:15 كىيىن ، سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىلىشى نەتىجىسدە ، ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر ئۆسۇشكە ھازىرلىنىپ ، ئالتۇننىڭ خەلقىئارا بازاردىكى ھەر ئۇنسىيىسى 1783دوللاردىن ھالقىپ كەتتى .
كۈمۈش بولسا ، 36.21دوللارغا يىتىپ، بۇلتۇرقى 11-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى رىكورتنى ياراتتى .بۇ ئۆسۇشنىڭ نەتىجىسىدە ، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزغا ئاز بولمىغان مەنپەئەتلەر يىتىپ، كىشىنى خۇشاللاندۇرماقتا .
ئاسىيا بازىرىدىكى ئالتۇننىڭ ھەرگىرامى 361.45كە ئۆرلىىدى، كۈمۈشنىڭ ئاسىيا بازىرىدىكى ھەرگىرامى 7.34كە چىقتى .
ئىران ۋەزىيىتى ، نىفىت ئىكىسپورتىنى چەكلەش سىياسىتى ، سۇرىيە مەسىلىسى قاتارلىق خەلىقارا سىياسى سەھنىلەردە ، ئالتۇننىڭ ئۆسۇش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىدىغان "ھورمۇن" خارەكتىرلىك ئىشلارنڭ كۆپلەپ يۇز بىرىشى
بۇ يىلقى ئالتۇن سەھنىسىنىڭ يىڭى بىر ھالىتىنى قىياس قىلىشقا رىغبەتلەندۇرمەكتە .
كەلگۇسى ئىككىنجى پەسىللىك بازار يۆلىنىشىدە ، ئاز يۆلىنىشتە تەرەققى قىلىپ، ئاخىرقى مەزگىلىدە قاڭقىش ئىھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ .
ئالتۇن كۈمۈش بۇ قىتىملىق ئۆسۇشتىن كىيىن ، يىنىك ھالەتتە كەينىگە داجىشى مۇمكىن .غەب ئەللىرىنىڭ نىفىت ساھەسىنى كونتىرول قىلىش چارىسى ئۇنۇم بەرگەندەك قىلىدۇ . ئەمما ئىسرائىلىيە ئىرانغا داۋاملىق تۇردە قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتسا ، نىفىت ساھەسىدە يەنە بىر داۋالغۇش بولىشى مۇمكىن .