تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى
(ئىككىنچى بۆلەك)
بىرىنچى بۆلىكىنى بۇ https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72445-1-1.html يەرگە كىرىپ كۆرۈڭ
2.جۈملە تۈرلىرى
تىلنىڭ ئالاقە قۇرالىلىق فونكسىيىسى جۈملىلەر ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.جۈملە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەمىن ئېتىدىغان تىل ماتېريالىنىڭ تۇتاش بىر بۆلىكىدۇر.جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان بىر پۈتۈن ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدۇ.
تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ.ئېنتۇناتسىيە بىلەن پائۇزا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
تۆۋەندە ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە تۈرلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرىمىز.
ھازىرغىچە ھەممە ئېتراپ قىلغان جۈملە تۈرلىرى تۈۋەندىكىچە:
جۈملىلەر مەنىسى ۋە قانداق مەقسەتتە ئېيتىلىشى،خەۋەرنىڭ خاراكتىرى،جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسى بويىچە ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە قانداق مەقسەت بىلەن ئېيتىلىشى بويىچە ،بايان جۈملە، سۇئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملە خەۋىرىنىڭ خاراكتېرى بويىچەئىسىم(ئىسىمداش) خەۋەرلىك جۈملە، سان خەۋەرلىك جۈملە، پېئىل خەۋەرلىك جۈملە،ئالماش خەۋەرلىك جۈملە، سۈپەت(سۈپەتداش) خەۋەرلىك جۈملە دەپ بەش خىلغا ياكى خەۋەرنىڭ رولى بۇيىچە ،كېسىم جۈملە ،ئىزاھ جۈملە، بايان جۈملە ۋە تەسۋىرىي جۈملە دەپ تۆتكە بۆلۈنىدۇ.
جۈملىلەر جۈملىنىڭ قورۇلمىسى بويىچە ئاددى جۈملە ۋە قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.ئاددى جۈملىلەر يەنە يىغىق جۈملە ۋە يېيىق جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.قوشما جۈملىلەر باغلىنىشلىق قوشما جۈملە ۋە بېقىندىلىق قوشما جۈملە دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
باغلىنىشلىق قوشما جۈملىلەر تەڭداش قوشما جۈملە،تاللاش قوشما جۈملە، ئىلگىرلەش قوشما جۈملە،تۇتاش قوشما جۈملە، قوشۇلۇش –ئايرىلىش قوشما جۈملە دىگەن تارماق جۈملىلەرگە بۆلۈنىدۇ.
بېقىندىلىق قوشما جۈملىلەر ئىگە بېقىندى جۈملە ، خەۋەر بېقىندى جۈملە ،تولدۇرغۇچى بېقىندى جۈملە،ۋاقىت-پەيت بېقىندى جۈملە، ئۇرۇن بېقىندى جۈملە، بۇرۇلۇش بېقىندى جۈملە، سەۋەپ-نەتىجە بېقىندى جۈملە، شەرت –قىياس بېقىندى جۈملە،ئوخشىتىش –سېلىشتۇرۇش بېقىندى جۈملە، مەقسەت بېقىندى جۈملە، ئۇلاش بېقىندى جۈملە دىگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ.بۇلاردىن باشقا يەنە تولۇق جۈملە، تولۇقسىز جۈملە، ئىگىلىك جۈملە ،ئىگىسىز جۈملە،ئاتاش جۈملە، بىر سۆزلۈك جۈملىلەر بار. بۇ كىيىنكى جۈملىلەر كونكىرىت نوتۇق شارائىتىدا ۋەكونتېكىستتا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.
يەنە جۈملە بىرىكمىسى بار «جۈملە بىرىكمىسى لوگىكىلىق باغلىنىشى كۈچلۈك بولغان جۈملىلەردىن ھاسىل بولغان بىر مەنىلىك مەركەزگە ئىگە ئەڭ چوڭ تىل بەلگىسىدۇر».
3.تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قولىنىلىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە:
. چېكىت
؟ سۇئال بەلگىسى
! ئۈندەش بەلگىسى
، پەش
؛ چېكىتلىك پەش
( ) تىرناق
« » قوش تىرناق
‹ › يالاڭ تىرناق
ــــ سىزىق
- سىزىقچە
: قوش چېكىت
... كۆپ چېكىت
ئەمدى ھەر بىر تىنىش بەلگنى قويۇش يوسۇنى ئۈسىتىدەئايرىم توختىلىمىز.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا motiwarlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-22 01:17 PM