- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى«دۇنيا ئانا تىل» كۈن شەنىگە
ئەتە2012-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر تىلى » كۈنىدۇر.پېقىرنىڭ ئۇشبۇ كۈننى خاتىرلىشى تۇنجى قېتىم ،شۇنداقلا باشلىنىش قېتىمى بولۇپ قالغۇسى .پېقىر گەرچە ئانا تىلىمنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قوللىنىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ لىكىن يېزىقتا بۇتىلغا خېلىلا چالا ئىكەنمەن. مەن بۇ چالىلىقىمنى قىزىمنىڭ باشلانغۇچ 2-يىللىققاچىقىپ ، ئۇيغۇرچە تىل- ئەدەبىيات دەرىسى ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن، قىزىمنىڭ ئۇيغۇرتىلى دەرىسىگە يىتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھىس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەندە ئاناتىلىمنى پىششىقلاپ قايتا ئۆگىنىش ئىستىكى توغۇلدى.
بۇنىڭدىن مۇقەددەم 15 يىل بۇرۇن نەشىرقىلىنغان،ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى تۈزگەن « تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى» دىگەن كىتاپچىنى ، قەلەمكەشلىككە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن زامانلاردا سېتىۋالغان ئىدىم.كېيىن بۇ ھەۋەسمۇ ئەمەلگە ئاشماي ، بۇ كىتاپمۇ نەلەدىدۇ قالغان ئىكەن. بۇ يىل كونا-يېڭى كىتاپلارنى ئاختۇرۋاتسام بۇ كىتاپچە قولۇمغا چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بۇ كىتاپنى تورغايوللىسام ، بىرىنچىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىسىدە قالغۇدەك، ئىككىنچىدىن باشقا دوسىتلارنىڭ ئانا تىلىنى يېزىقتا ئىپادىلەشتە خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزەشتە پايدىسى بولار ،دەپ ئويلىدىميۇ لىكىن تورغا يوللاپ بولالمىغان ئىدىم. بۈگۈن،ئەتىكى« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى»كۈنى شەنى ئۈچۈن بۇ كىتاپچىنى قەتئى يوللاشنى قارار قىلدىم.كىتاپچە بۆلەكلەرگەبۆلۈپ يوللىنىدۇ.بۈگۈن تۇنجى بۆلىكى يوللىنىدۇ. بۇ كىتاپچىنى تۈزگۈچى ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تورغا يوللاشتا رۇخسەت ئالالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.ئەگەر ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندىم بۇ كىتاپچىنى تورغا يوللاشنى راۋا كۆرمىسە ،ماڭا ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش يوسۇنى
مۇندەرىجە
1. تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا
2. جۈملە تۈرلىرى
3. تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشيۇسۇنى
1) چىكىت(.)
2) سۇئال بەلگىسى(؟)
3) ئۈندەش بەلگىسى(!)
4) پەش(،)
5) چىكىتلىك پەش(؛)
6) تىرناق( () )
7) قوش تىرناق(« » )
8) يالاڭ تىرناق( ‹ › )
9) سىزىق( ـــ )
10) سىزىقچە( ـ )
11) قوش چىكىت( : )
12) كۆپ چىكىت( ... )
13) باشقا بەلگىلەر
14)
1.تىنىش بەلگىلىرى توغرىسىدا
تىل-ئىنسانلارنىڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى.
تىلئېغىز تىلى ۋە يېزىق تىلى دەپ ئىككىگە بكلۈنىدۇ.
يېزىقتاتىنىش بەلگىلىرى بولىدۇ.تىنىش بەلگىلىرى يېزىقنىڭ ئورگانىك تەشكىلى قىسىمىدۇر.
ئوي –پىكىرنى ۋە ئۇنىڭ قىسىم ،بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈشى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى دۇرۇس كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگىلەر سېستىمىسى تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
كىشلەر سۆزلىگەندە ،ئۆز مەقسىتىنى تۈرلۈك تىنىش،ئىنتۇناتسىيە، ئىما –ئىشارەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.يازغاندا ،تىنىش بەلگىلىرىگە تايىنىدۇ.ئېغىز تىلىدىكى ئۇرغۇ،تون، ئىنتۇناتسىيە(سۆز ئۇرامى)،پائۇزا(تىنىش)،ئاھاڭ ۋە باشقىلارنى يېزىق تىلىدا كۆرسىتىش –تىنىش بەلگىلىرىنىڭ خىزمىتى. تىنىشبەلگىلىرى بولمىسا ياكى تىنىش بەلگىلىرى توغرا قويۇلمىسا ،يېزىق تىلىدا بىر مۇنچەقالايمىقانچىلىق،ئۇقۇشماسلىقلار كىلىپ چىققان بولار ئىدى.
تىنىىش بەلگىلىرى كىشىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلايدۇ؛سۆز –جۈملىلەرنىڭ ئورامى ۋە تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ؛سۆز جۈملىلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە رولىنى كۆرسىتىدۇ؛سۆز جۈملىنى قىسقارتىدۇ؛ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئاسان چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرىدۇ.
بىزنىڭ بۇرۇنقى يېزىقلىرىمىزدا تىنىش بەلگىلىرى يوق ئىدى.مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مەتبۇئات ۋە نەشىرياتتا خەلقئارالىق ئاساسى تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشقاباشلىدۇق.تىنىش بەلگىلىرىنى مەكتەپلەرنىڭ تىل دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزدۇق.لىكىن،ئۇلارنىڭ قوللىنىشىنى كۆرسىتىدىغان تولۇقراق قائىدە- يۇسۇنلار تازا ئېنىق بولمىدى.تىنىش بەلگىلىرىنى قوللىنىشقا ئاتالغان بەزى قوللانمىلاردا يا ئۇنداق يا مۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلدى.شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنى قۇيۇشتا ھازىرغىچە ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلار،مەسلىلەر چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىش ئەلۋەتتە زۆرۈر.
تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار بار.
فىرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى تېئودور فونتانى بېرلىندا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ تۇرغان چاغلاردا ،بىر ياشنىڭ ژۇرنالغا ئەۋەتكەن بىر نەچچە كۇبلىت شېئىرىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. شېئىر تولىمۇ ناچار يېزىلغان ،ئۇنىڭئۈستىگە تىنىش بەلگىلىرىمۇ قۇيۇلمىغانىكەن. بۇ ياش ئۆز خېتىدە :«مىنىڭ تىنىشبەلگىلىرى بىلەن ئەزەلدىن خوشۇم يوق ئىدى،تىنىش بەلگىلىرىنى ئۆزىڭىز قويۇپ قۇيارسىز » دەپ يازىدۇ.تېئودور فونتانى ھېلىقى ياشقا شېئىرنى دەرھال قايتۇرۋېتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يازغان جاۋاپ خېتىدە؛«سىز بۇنىڭدىن كىيىن تىنىش بەلگىلىرىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شېئىرنى مەن يېزىپ قۇياي»دەيدۇ.بۇنىڭدىن بىز شېئىر بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنىڭ ئوخشاشلا زۆرۈرلىكىنى ،تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
بىز كىنو –تىياتىرلاردا ئۇلۇغ زاتلارنىڭ رادىسىتقا تىلگىرامما تېكىستلىرىنى ئاغزاكى ئېيتىپ بەرگەندە ،سۆز –جۈملىلە بىلەن تىنىش بەلگىلىرىنى بىللە ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈمىز ۋە ئاڭلايمىز.
تىنىش بەلگىلىرى بىلەن ئۇچۇر ئېلىشقان ئەھۋاللارمۇبار.ئاتاقىلىق فىرانسۇز يازغۇچىسى گيوگو مەشھۇر ئەسىرى«پاجىئەلىك دۇنيا» نى باشقا بىر شەھەردىكى نەشىرياتچىغا نەشىر قىلىشقا بەرگەندە،ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە ئۇچۇر كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ نەشىرياتقا پەقەت سۇئال بەلگىسى (؟) يېزىلغان تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. ئېنىقكى ئۇ بۇ نەشىرياتتىن«ئەسىرىم قانداق بولدى؟» دەپ سورىغان.نەشىرياتتىن پەقەت ئۈندەش بەلگىسى (!) يېزىلغان جاۋاب تاپشۇرۇۋالىدۇ.بۇمۇ ئېنىق. ئۇ نەشىريات« نەشىر قىلىنىدۇ» دىگەن.
سۆز تاللاپ جۈملە تۈزگەندە ،چۇقۇم تىنىش بەلگىلىرىنى ئويلىشىش كىرەك.تىنىش بەلگىلىرى قۇيۇلمىغاندا خاتادىن ساقلىنىشقا بولمايدۇ، ئوقۇرمەنلەر قايمۇقىدۇ،كۈتكەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ.
ماۋزىدۇڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە تىنىش بەلگىلىرىگە بەكمۇدىققەت قىلىدىكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ «ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيە مەسلىسى » دىگەن ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بابىنى ئاخىرقى قېتىم تۈزەتكەندىن كېيىن، يەنئەندە چىقىدىغان،« ئازادلىق » ژۇرنىلىنىڭ 40-سانىدا ئېلان قىلىشقا تاپشۇرۇپ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،مەركىزى ھەربى كومىتىت تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گوخۇادۇغا يازغان خېتىدە ئەسەرنىڭ كوررىكتۇرلىقىغا دائىر تەلەپلىرىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، يەنە« تىنىش بەلگىلىرىگە دققەت قىلىڭلار،بىرەرسىمۇ خاتا بولۇپ قالمىسۇن» دەپ ئېلاۋە قىلغان.
يۇقىرىدىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش ناھايىتى زۆرۈر. تىنىش بەلگىلىرى سىنتاكسىسنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى.ئۇ يەنە ئىستىلىستىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك. تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قوللىنىش ئۈچۈن، گىرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكا ئۆگىنىش لازىم.
داۋامى بار.............................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا motiwarlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-21 01:10 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-22 01:23 PM):
تەھرىرلىگىلى بولمىدى.دوسىتلار «چىكىت» دىگەننى« چېكىت» دەپ ئوقۇپ كەتسەڭلار!