yoksu يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 02:44 AM 
بۇ ماركىڭىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەس بوپتۇ! سۆزۈمنى خاتا چۈش ...
سۇ پۇ ، مەنمۇ بىر لايىھەلىگۈچى دەپ چۈشەنچە بېرىپسىز . بۇمۇ سىزنىڭ نۆۋىتىدە ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن ؟! ياكى مېنى شۇنداق دىيىش ئارقىلىق ئۇسۇلغا چۈشۈرمەكچىمۇ بولۇۋاتقان بولۇشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ، قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇسۇلغىمۇ چۈشكەن بولاي لېكىن قارىشىمنى ئېيىتپ ئۆتىمەن :
ئىخلاسنىڭ دەيرا ، تاغلار بىرۈكتۈرۈلگەن ئاق رەڭ بىلەن كۆك رەڭ بىرىكتۈرۈلۈپ ئىشلەنگەن ماركىسىنىمۇ ئۆزگىچىلىكى بار . ئەمما سىز ئېسىڭىزىدە چىڭ تۇتۇڭ ! ماركا لايھەلەس ئۇستىسى - لايىھەلەشتىن بۇرۇن قىلىدىغان موھىم ئىشى شۇ كارخانىنى چۈشۈنۈش ، بىلىش . ئۇ كارخانىنىڭ خارەكتېرىنى ئىگىلەش ، ئۇقۇش . ئۇ كارخانا ، سوپۇن ياسامدۇ ، ئاتنىڭ تاقىسىنىمۇ ، ئايروپىلاننىڭ ماتورىنىمۇ ... مۇشۇلار شۇ لايىھەلىگۈچىنىڭ ئېڭدىن ئۆتۈشى كېرەك . شۇنداق ئىشلار سىللىنىڭ كاللىلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىش باشلىسىڭىز بولۇدۇ .
نۇقۇل ، ئۇ كارخانا ماركا لايىھلەپ بەرگىنىم ئۈچۈن نەچچە بېرەكەننى ئويلىماي ...............
ئۇنداق بولدىمۇ ئىشنىڭ تۈگەشكىنى شۇ .
قاراڭ لايىھەلىگۈچى بۇرادەر ، مەن بىر خىزمەتچى ، ماركا لايىھەلەش مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئىشىم ، ھەۋىسىم . سىزگە ئېيتىپ ئۆتۈپ كېتەي ، ماركا لايىھەلەش مېنىڭ قىلالايدىغان ئىشىمنىڭ بىرى ،مەن تېخى كارخانىنىڭ يىراق كەلگۈسى پلانىنىمۇ تۈزەلەيمەن ، ھەم ئەمەليەتكە تدبىقلىيەلەيمەن .
ئېسىڭىزدە يەنە چىڭ تۇتۇڭ ! ماركىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان فورمۇلىسى بولمايدۇ ، ئۇ قانچە ئاددىي ، قانچە جەلپكار بولسىلا بولدى . ئۇنۇڭغا زورلاپ دەريانى ، ئاينى ، يۇلتۇزنى .... مەمىتاخوننىڭ بېشىنى زورلاپ قىستۇرۇش بىھاجەت ، ئۇقتىلىمۇ !