|
|
|
|
مۇنبەرداشلار ، ھەممىمىزگە مەلۇم ، زامان تەرەقىياتى ئۈزلۈكسىز يارىتىلىۋاتقان يېڭىلىقلار ، ئىجادىيەتلەر بەدىلىگە ئىلگىرلەپ ماڭىدۇ . ماركا ، كارخانىنىڭ ئوبرازىنى نامەيەن قىلىشتىكى بىرىنجى كۆزنەك . ئۇنۇڭ قانداق لايىھەلىنىشى مەلۇم دەرىجىدە شۇ كارخانىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا بۇ نۇقتىغا كەڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بىر يىل بۇرۇن يەنى 2011 - يىلى ، بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ، رايونىمىزدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان << ئىخلاس >> شىركىتىنىڭ ماركىسىنى باشقىچەرەك شەكىلدە لايىھەلەپ چىققانتىم . قارىسام كومپۇيوتېردا ساقلاغلىق ئىكىن . بۈگۈن شۇ لايىھەلىرىمنى مۇنبەرگە يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلۇدۇم . ماركا لايىھەلەش سەۋىيەم ئانچە يۇقۇرى ئەمەس ، ياخشى پىكىر - تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jaywalk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-4 01:11 AM
|
|
|
|
|
|