مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 4

قەلبىمدە شۇڭا ئۇ چولپاندەك نۇرلۇق (مۇۋەششەھ2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 01:58:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن  ئۆزگەرتىپ يازدىم  كەمچىلىك كۆپ پىكىر تەكلىپڭىزلەرنى ئايمىغايسىزلەر


مەن بۇ ئەسىرىمنى قەلبىمدە چولپاندەك نۇرۇلۇق چاقنايدىغان ،

مىللەت شائىرى  مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غا بېغىشلايمەن .



ئايرىدى جاھالەت ۋاقىتسىز بىزدىن .

نەۋقىران ئۇيغۇرۇم ئۇلۇغ شائىردىن .


بارىنى مىللەتكە ئاتىغان ئىدى  ،

ئۇيغۇرنى  ئويغان دەپ توۋلىغان ئىدى.


دەرد بىلەن ئېيتىلغان ئۇنىڭ سۆزلىرى  ،

ئىچىنى قايناتقان مىللەتنىڭ ھالى   .


ئۇيغۇر دەپ سوقاتتى ئۇنىڭ يۈرىكى ،

ئۇيغۇر دەپ توختىدى  شۇڭا تىنىقى .


خار بولدى مىللىتى ئويغانمىغاچقا ،

زار بولدى مىللىتى ئويلانمىغاچقا .


ئالتۇندىن بىباھا ھاياتى سۇلدى ،

شۇندىمۇ بۇ مىللەت يەنە شۇ پېتى  .


لال بولدى ئويغان دەپ سۆزلىگەن جېنى ،

تۆكىلدى ئۇيغۇر دەپ ھەم ئىسسىق قېنى .


ئىنتىقام ساداسى ياڭرىماي يەنە ،

كۆز يېشى بىلەنلا تىكلەندى قەبرە  .


قاغا ھەم قۇزغۇنلار شاد كۈلدى شۇدەم،

ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى قاپلىدى ماتەم  .


ئۇيغۇرۇرم قەلبىدە قالدى ئۆچمەس ئىز ،

قىزىل قان بېكارغا تۆكۈلمەس ھەرگىز.


يۈزمىڭ يىل ئۆتسىمۇ ئۇنتۇلماس تارىخ ،

ئۆزگەرمەي ساقلىندۇ پاكىتلار ئېنىق .


غۇنچىدەك شائىردىن ئايرىلدى مىللەت ،

مىسرالىرى جاراڭلار ئەبەدىي-ئەبەد.


ئۇيغۇر دەپ سوقاتتى ئۇنىڭ يۈرىكى .

ئۇيغۇر دەپ توختىدى شۇڭا تىنىقى .


روھىمۇ مىللەتكە بولدى تەئەللۇق ،

قەلبىمدە شۇڭا ئۇ چولپاندەك نۇرلۇق .


مىليونىر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 03:29 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 07:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىمدە سەن چولپاندەك نۇرلۇق  دېگن ئەسىرىمگە بەرگەن پىكىرلەرنىڭ ئىلھامىدا  بۇ مۇۋەششەھنى يازدىم
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-71015-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-2 07:07 PM  


ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12381
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32423
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 08:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قەلبىمدە سەن چولپاندەك نۇرلۇق››دېگەن شېئىرىڭىز مەزمۇن جەھەتتىن بىرەر قىزغا بېغىشلانغابندەك بولۇپ قاپتىكەن،بۇ شېئىرىڭىز مەرھۇم خەلقپەرۋەر  شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا دەل جايىدا بېغىشلىنپىتۇ......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 01:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىپلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزگەرىتكىنىڭىز ياخشى بۇپتۇ.

مانا بۇ شېئىرڭىز  ئابدىخالىق ئۇيغۇرغا بېغىشلانغان ياخشى ئەسەر بۇپتۇ.
ئىجادىيەتتە داۋاملىق تىرشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى ھۇجۇتقا كەلتۈرگەيسىز.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 06:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fatima يوللىغان ۋاقتى  2012-2-3 01:03 PM
تەكلىپلەرنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزگەرىتكىنىڭىز ياخشى بۇپتۇ.

...

رەھمەت

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش