مەن بۇ ئەسىرىمنى قەلبىمدە چولپاندەك نۇرۇلۇق چاقنايدىغان ،
مىللەت شائىرى مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غا بېغىشلايمەن .
ئايرۇلغۇم يوق پەقەتلا سەندىن ،
نىچۈن بىزار بولىسەن مەندىن .
بارلىغىمنى ئاتايمەن ساڭا ،
نەزەر سالماي يۈرمىگىن ماڭا .
دەردتىن باشقا نەرسە بەرمىدىڭ ،
پاك سۆيگۈمنى ئەجەپ خارلىدىڭ .
ئۇچۇرسىمۇ سەندىن ياخشى قىز ،
يۈرۈكۈمگە سالالمايدۇ ئىز .
خاتا سۆيۈپ قالدىممۇ ياكى ،
ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايمەن گاھى .
ئالبومىمدا سېنىڭ سۆرىتىڭ ،
ئىگەللىدى قەلبىمنى سۆيگىڭ .
لالە يۈزۈڭ گۈلبەرگىسىدەك ،
سۇمبۇل چېچىڭ مەجنۇن تالىدەك .
ئىشىق ئوتۇڭ كۆيۈرەر دائىم ،
ئېيتسام تۇلا بۇ يۈرەك زارىم .
قاراشلىرىڭ جاننى ئالغىدەك ،
كۈلكەڭمۇ ھەم قۇش ناۋاسىدەك .
ئۇيقۇم كەلمەس سېغنىىپ سېنى ،
سېغىنغاندا نىگار سىەن قېنى .
ياش تۆكىمەن پەقەت سېنى دەپ ،
كەلسەڭچۇ يار تاتلىق ئەركىلەپ .
غۇنچىدەك پاك قەلبىڭ غۇبارسىز ،
سەنسىز ماڭا ھايات مەنىسىز .
ئۇۋال قىلما ماڭا مەلىكەم .
ئارزۇيۇم شۇ سەن بىلەن كۈلسەم .
روھىممۇ ھەم ساڭا تەئەللۇق ،
قەلبىمدە سەن چولپاندەك نۇرلۇق .
مىليونىر