مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1316|ئىنكاس: 17

جاھاندا ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 11:18:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جاھاندا يۈرەكتىن قىزىل نەرسە يوق .

ئاغىنە دوست ياردەك ئىجىل كىشى يوق .

ئېسىلى نىمە دەپ سورىساڭ مەندىن ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .


ئاغىنە دوست بىلەن ئىچسەڭ ھاراقنى  ،

ئۇنتۇيسەن ئازاپنى ،دەرتنى پىراقنى  ،

يېقىن قىلار سەندىن مىڭ يىل يىراقنى ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .


يۇۋاش بولساڭ قورقساڭ  ئەگەر ھەممىدىن ،

تېتىغىن ھاراقنىڭ ئېسىل تەمىدىن  ،

قورقمايسەن شۇندىلا يولۋاستىن ،شىردىن ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .


تولدۇرۇپ ئىچىسەن يوغان چىنىدە ،

دەلدەڭشىپ ماڭىسەن قارا كېچىدە ،

مەست بولۇپ ياتىسەن قۇسۇق ئىچىدە ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .


كۈلكەڭگە  قوشۇدۇ بىر مۇنچە كۈلكە ،

قىلىدۇ بەزىدە  ھىلىگەر تۈلكە  ،

شۇم ھاراق چاپىدۇ بېشىڭغا كەكە ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .


بىر رومكا ئىچسەڭلار قىلار سېنى مەست ،

مەست دېگەن ئادەملەر ئىچىدە ئەڭ پەس ،

ھەممىنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەك بولار تەس ،

جاھاندا  ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .



مىليونىر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-29 11:18 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رىشتەم + 20 خوشە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 11:52:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: جاھاندا ھاراقتىن ‹‹ئېسىل ››نەرسە يوق .

مۇھەببەت شئېرلىردىن بىر قانچە (3)


سېنى قايتا سۆيەلەرمەنمۇ

بىز ئايرىلدۇق ،ئايرىلدۇق بۈگۈن  ،سېنى قايتا كۆرەلەرمەنمۇ .
بۇرۇنقىدەك مەھكەم قۇچاقلاپ ،سېنى يەنە سۆيەلەرمەنمۇ  .

ماس كەلمەيمىز  دېگەن شۇ سۆزۈڭ ،سېنى مەندىن ئايرىدى گۈلۈم .
بارىم ئىدىڭ نىگارىم مېنىڭ ،سېنى كۆرمەي يۈرەلەرمەنمۇ  .

كېتىپ قالدىڭ خوش دەپلا ئاستا ،باغرى تاشلىق قىلدىڭغۇ ماڭا ،
مەنمۇ سەندەك باغرى تاش بولۇپ،كۆز ياش قىلماي كېتەلەرمەنمۇ  .

ئىزدەپ بارسام نەچچە رەت  سېنى ،دېدىڭ   ئەمدى ئۇنۇتقىن مېنى ،
تۇنجى سۆيگەن نىگارىم سېنى ،شۇنچە ئاسان ئۇنتالارمەنمۇ .

باشقا بىرنى سۆيۈپ قال دەيسەن ،ئۆز بەختىڭنى ئىزدىگىن  دەيسەن ،
مېنىڭ بەخت تاجىم سەن ئۆزۈڭ ،باشقا بىرنى سۆيەلەرمەنمۇ .

سېغىنىمەن يۈرەكتىن يىغلاپ ،بال لىۋىڭگە سۆيگەن مىنۇتنى ،
قانداق ئۇنتاي ،ئۇنتاي مەن سېنى،سېنى قايتا سۆيەلەرمەنمۇ  .

مىليونىر


باشقا بىرنى سۆيۈپ قالسام  بولاتتى  

پاك مۇھەببەت سۆيگۈمنى خارلىغاندىن  ،
ۋىژدانسىزىن سۆيگۈ تىلەپ زارلىغاندىن ،
ئەلەم بىلەن ئازاپ بىلەن ياشىغاندىن  ،
باشقا بىرنى سۆيۈپ قالسام  بولاتتى  .

كۈلسەممۇ گەر چىن قەلبىمدىن كۈلەلمەي ،
ئۆلەي دېسەم ئۆلەي دېسەم ئۆلەلمەي ،
ياشىغاندىن سۆيگۈنۈمنى سۆيەلمەي ،
باشقا بىرنى سۆيۈپ قالسام  بولاتتى  .

تېنىم ساق قەلبىم كېسەل يۈرگىنىمدىن ،
دەرت يۇتۇپ نام نىشانسىز ئۆلگىنمدىن ،
باغرى تاش ۋىژدانسىزنى سۆيگىنىمدىن ،
باشقا بىرنى سۆيۈپ قالسام  بولاتتى  .

مىليونىر


تويۇڭ بولسا ناۋادا گۈلۈم

قان ياش تۆكۈپ قالىدۇ كۆڭلۈم ،
پاك سۆيگۈمگە كېلىدۇ ئۆلۈم ،
دەرت ئەلەمدە ئۆتەر ھەر كۈنۈم ،
تويۇڭ بولسا ناۋادا گۈلۈم .

كېلەر ماڭا ئاخىرقى ھىجران ،
پاك سۆيگۈممۇ  بولۇدۇ ۋەيران ،
ئازاپ ئىچرە چېكىمەن پىغان ،
تويۇڭ  بولسا ناۋادا گۈلۈم

بەخت دېگەن ناتۇنۇش ماڭا ،
دەرىمگە ھەم تېپىلماس داۋا  ،
ئۆلۈمگىمۇ قىلمايمەن پەرۋا ،
تويۇڭ   بولسا ناۋادا گۈلۈم

بەخت بول دەيمەن يەنىلا  ،
سېغىنىمەن پەقەت سېنىلا ،
جەننەت ماڭا دوزاق تۇيۇلار ،
تويۇڭ  بولسا ناۋادا گۈلۈم .

مىليونىر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-67113-1-1.html


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-68525-1-1.html


ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38221
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1708 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە راسا مەست بۇلۇپ يازغاندەكمۇ قانداق...ھە:qiray6       چاخ چاخ جۇما.........باللا.

ئۆلۇم..،،،،،،،،،،..؟؟
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3051 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 12:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27738
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1987
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:05:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17:qiray17

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 01:26:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىليونىر ئەپەندىم شېئرلىرڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، بۇلۇپمۇ بىرىنچىسى ماڭا بەك يارىدى( بەزى ئادەملەر نىمىشقا بىلمەيدىغاندۇ دەيمەن.ھاراقتىكى جۇ بىلەن چۇشقىدىكى جۇنى)

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3082
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9023
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچمىسەك ياشلىقتا قويمىسا ھەۋەس،
مەي ئىچسەك خەقلەرگە كۆرۈنسەك ئەلەس.
ئازراق ئىچسەك كەيپى يوق،توشاق ئىچسەك مەس
قامەتلىك تېنىمىز يەردە قالسا ھەس
جاھاندا ھەممىدىن ھاراق ئىچمەك تەس.

كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بۇلاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16334
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 4043 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 02:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىر ماڭا ئانچە يارىمىدى . چۈنكى باش ئايىغىنىڭ مەزمۇنى بىردەك ئەمەس بېشىنى ئۇقۇسا ھاراقنى ئىچكەننى ماختىغاندەك ئايىغىدا ھاراقنى ئىچكەننى ئەيىبلىگەن . بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

دىن دېمەڭ روھىيەتتۇر.
پەلسەپە دېمەك پاراسەتتۇر،
ئېلىم -پەن دېمەك ئەقىلدۇر.
ئۇلار مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئۈچ شېخى،مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈچ بەلگىسى.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48243
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 3051 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2013-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 04:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمالمايمەن،
قۇرئانسىز بىر نىشان كۆزلىيەلمەيمەن.
پولاتتەك پاكىتلار تۇرسا ئالدىمدا،
بوۋامنى مايمۇن دەپ سۆزلىيەلمەيمەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش