ئاسانمۇ
دىلدا يانسا مۇھەببەت مەخپىي كۆيمەك ئاسانمۇ،
قاراپ تۇرۇپ كۆزۈڭگە كۆيدۈم دېمەك ئاسانمۇ،
سۇمبۇل چېچىڭ مەجنۇن تال كۆزلىرىڭ ھەم بۇلاقتەك،
ئويلاپ قالدىم مەن سېنى ھۆر پەرىمۇ ئىنسانمۇ.
چۈش كۆرسەملا ھۆر پەرى پەقەت سېنى چۈشەيمەن،
كۆرگەن ھەربىر چۈشۈمدە سېنى كۆرمەك ئاسانمۇ،
قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن ئەمدى تاتلىق لىۋىڭنى،
سۆيەلەرمەن نىگارىم بال لىۋىڭگە قاچانمۇ.
ئۇنمىساڭمۇ ئۇنىماي زورلاپ تارتىپ قولۇڭدىن،
گىرە سېلىپ بېلىڭگە سۆيۈپ قويسام يامانمۇ،
كۆز ئالدىمدا سەنلا بار كۆرۈنمەيدۇ باشقا قىز،
كۆرۈنمەيدۇ ھەتتاكى ئاسمانمۇ يەر جاھانمۇ.
سېنى ياخشى كۆرىمەن قۇبۇل قىلغىن كۆڭلىمنى،
گۇناھكاردەك ئالدىڭدا ئۆتۈنمىكىم ئاسانمۇ،
قۇبۇل قىلماي كۆڭلۈمنى خارلىساڭ گەر سۆيگۈمنى،
قان ياش تولغان كۆز بىلەن بەخت تىلەش ئاسانمۇ.
ئاپتورى: مىليونىر
نىمانچە كۆيىمەن يۈرەكى تاشقا
قېلىچمۇ كەسمەيدۇ ئېگلەن باشنى ،
ياخشى سۆز ئېرىتەر ھەتتاكى تاشنى .
كۆرمىدىم دۇنيادا تا ھازىرغىچە ،
نىگارىم سېنىڭدەك يۈرەكى تاشنى .
مەن ساڭا ئاشىق بوپ تارتىم كۆپ جاپا ،
كۆرمىدىم سېنىڭدى مېھىر ۋە ۋاپا .
سۆيگۈمنى خارلايسەن قەدرىمنى بىلمەي ،
شۇندىمۇ كۆيىمەن سەن باغرى تاشقا .
نىمانچە كۆيىمەن سەن باغرى تاشقا ،
تۆرەلدىممۇ يا كۆيۈپ ياشاشقا .
نىمانچە ئاجىزمەن سېنىڭ ئالدىڭدا ،
ئيتساڭچۇ كۆيگىنىم بولدىمۇ گۇناھ .
ئاپتورى مىليونىر
ياشاشقا باھەنەم بار بولدى مېنىڭ
سەن بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇزاق مۇڭدۇشۇپ ،
ياشاشقا باھەنەم بار بولدى مېنىڭ .
زىمىستان ئىدىغۇ ئۆتكەن ھەركۈنۈم ،
تۇنجى رەت باھارىم بار بولدى مېنىڭ .
بىچارە ، ئاۋارە ، ئۈمىدسىز ئىدىم ،
ھاياتتا ئارمانىم بار بولدى مېنىڭ .
كۆڭلۈمدە قۇياشتەك پارلىدىڭمىكىن ،
زۇلمەتتەك كۆڭلۈممۇ يورىدى مېنىڭ .
بەرگىنى سۆيىدۇ شەبنەم تامچىسى ،
سۆيۈشكە گۈل بەرگىم بار بولدى مېنىڭ .
ئاشىقلار ۋىسال دەپ ئوتقا كىرىدۇ ،
كىرمەككە نىشانىم بار بولدى مېنىڭ .
قارلىغاچ سايرايدۇ مەشۇقى بىلەن ،
شىرىن سۆز نىگارىم بار بولدى مېنىڭ .
خالىساڭ نىگارىم ئىشەنسەڭ ماڭا ،
ئاخىرقى تاللىشىڭ بولايمۇ سېنىڭ .
ئاپتورى مىليونىر
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-67113-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 11:01 PM