|
|
|
|
بىر كۈرۈپ ياخشى كۈرۈش
(ياۋايى ئىجادىي ئەسىرى)
بىرىچى قىسمى ؛ https://uyghur-archive.com/misranim/thread-70051-1-1.html
ئىككىنچى قىسمى ؛ https://uyghur-archive.com/misranim/thread-70170-1-1.html
مۇھەممەد سەھەردە ئورنىدىن باردۇر تۇرئۇپ بامداد نامىزىنى ئوقۇپ ، دۇئانى خىلى ئۈزۈن قىلغاندىن كىيىن ئاستا كۈندۈزلۇك ئىشلىرىنى قىلىپ كەچلىك بىكار بولىدىغان ۋاقىتلارنى كۈتۈپ ئولتۇردى . دۇككاندا بىكار ۋاقتىدا ئاستا ئائىشەگە ئۈھۈر يازدى .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، قانداقراق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى ئارام ئاپسىزمۇ دەپ ئۈچۈرنى يوللىغاندىن كىيىن ئۈنىڭ ئۈچىرىنى ساقلىدى ، لىكىن خىلى ئۈزۈن ۋاقىتتىن كىيىن ئاندىن ئۈچۈر قايتتى .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئاللاغا شۇكرى ياخشى ! ئۈزىڭىزچۇ ؟ مەن دەرسىمنى ئوقۇپ بولۈپ ئاندىن سىزگە خەت يازاي ھە ! دەپ ئۈچۈر قايتقان ئىدى .
....................................
بۇنىڭدىن مۇھەممەد بىر ئاز غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ، بولىدۇ . دەپلا يىزىپ قويدى . ئۇ ئويلىغان كەچمۇ بولدى . ھەم تىلفۇندا مۇڭداشقۇنى ئىچىپ قويۇپ ئولتۇردى . تاك تاك تاك دەپ ئاۋاز بىلەن ئائىشە چىقتى .
خۇشاللىقىدا خىلى گەپلەرنى بىر يازىمەن دەپ ؛ ئەسسالامۇئەلەيكۇم . قانداق ئەھۋالىڭىز . كۈنلىرىڭىز ياخشى ئۆتتىمۇ دەپ يىزىۋاتسا خەت كەپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن يىرىمىدا يوللىۋىتىپلا قايلىسا ئائىشەمۇ ئوخشاش ئۈچۈر يازغان گەپ !
شۇنىڭ بىلەن ئىچىدە بىرنى كۈلىۋىتىپ سالام قايتۇردى . يەنە ئىككەيلەن تەڭلا سالام قايتۇرغان بولۈپ ئىككىلەيلەن يەنە كۈلگەندەك ئىپادىنى يوللىدى . ھەر ئىككەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن قىز ئۈچۈر يىزىپ ؛ ئاباي ئۈچۈر يازغاندا دەرس تەكرار قىلىۋاتاتتىم . خاپا بولمىغانسىز ھە دىدى . .
يىگىت ؛ كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ . ياق دىسەم يالغان بولىدۇ . ئازراق دەپ جاۋاپ بەردى .
قىز ؛ كەچۇرۇڭ .بۇندىن كىيىن شۇنداق بولۈپ قالسا توغرا چۇشىنەسىز دىدى .
يىگىت ؛ بىلىۋالدىم . ئەمدى توغرا چۇشىنىمەن .
قىزمۇ رازىمەنلىك ئاساستا خوش بولغانلىق ئىپادىسىنى يوللىدى .
شۇ تەرىقىدە ئۇلار شۇنداق قىزغىن قىزىقارلىق ئىشلاردا پاراڭلاشقاچ ۋاقىتنىڭ بۇنداق تىز ئۆتكىنىنى سەزمەي قالدى .
.........................
..........................
شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئاي ئۆتتى . ئۇلار بىر بىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۈرەتتى . بەزەندە ئانچى مۇنچە سوقۇشسىمۇ ، كىمدىن ئۆتكەن بولسا كەچۈرۈمنى بىر بىرىدىن تالىشىپ يۈرۈپ بىردەمدىلا يەنە كۈلكىگە ئايلىناتتى . ئىشقىلىپ ناھايىتى خۇشال ئۈتكەن ئىدى .
بۇنىڭ بىلەن قىز ھەپتىدە ياق كۈندە كەچتە چىقىدىغان بولدى . كۈندۈزى دىققىتى چىچىلىپ دەرىستە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا چىكىنىپ كەتكىلى تۇردى .
يىگىتمۇ دۇككاندىن قايتسىلا ساقلاپ تۇرۇپ چىققاندا پاراڭلىشىپ دىگەندەك ئۆتتى . دوسلىرى چاقىرسىمۇ چىقمىدى . دوسلىرىمۇ ئۈنىڭدىن خاپا ئىدى .
...............................................
كىيىن قىز كۈڭلىدە ئەندىشە يۈز بەردى . بىز بۇنداق يىقىن ئۆتتۇق دەپ بۇنداق قىلساق ئىككىلا تەرەپكە ياخشى بولمىغىنىدەك . قىزمۇ يىگىت بىلەن بىر مەسلەھەتلىشىش كىرەكلىكىنى ئويلاپ . يىگىتكە ئۈچۈر يازدى . كەچتە سىزگە گىپىم بار دەپ ئۈچۈر يوللاپ قويدى .
يىگىتمۇ بولىدۇ دەپ ئۈچۈر ياندۇرۇپ بولۈپ ، نىمە گىپى باردۇ دىگەنلەرنى ئويلىدى .
كەچمۇ بولدى ................
قىز بىلەن يىگىت تىلفۇندا بىرەر سائەتچە كۈرۈشكەندىن كىيىن ، ئىككەيلەن كۇندە كۈرۈشمەيدىغان قىزمۇ ھەپتىدە 2 3 قىتىم چىقىدىغان بولدى . يىگىتمۇ ئۆز تىجارىتىنى ھەم ئىبادىتىنى قىلىدىغان بولدى .
شۇنداق قىلىپ بۇلار ئانچە يىقىن بولۈپ كەتمىدى .
.........................چۈنكى ...............
ھەقىقى مۇھەببەت ئارىسىدا يىقىن بولۈش ھەم بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتىشى نىكاھتىن كىيىن بولغىنى ياخشىلىقىنى . ھازىر ئۆزىمىزنى ياخشى تۇتساق ھەقىقى ئائىلە قۇرغاندىن كىيىن ، ئاللاھ بىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىمىزغا كاپالەت بولىدۇ ...
سەن ئۆز نەپسىڭنى ھەم ئۆزۇڭنى تۇتالىساڭ كىيىن مەن ساڭا ئۈندىن ئارتۇق نىئمەت ئاتا قىلىمەن دىيىلگەندەك ھەدىسلەر بار ئەمەسمۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار ئۆزىنى تۇتىۋىلىشتى .
..................................................
..........................................................
.................................................................
لىكىن ئاللاھنىڭ سىنىقى يەنە باشلاندى .
قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى . لىكىن دادىسى ئەلچىلەرگە چىرايلىق جاۋاپ بىرىپ قايتۇردى ، چۈنكى قىز تىخى ئوقىۋاتقان ئىدى . بولمىغان بولسا ئىشنىڭ چوڭى يۈز بىرەتتى .
قىز بۇ گەپنى يىگىتكە قانداق دىيىش كىرەكلىكىنى بىلەلمىدى . ئويلىنا ئاخىرى كىيىنرەك دىيىش قارارىغا كەلدى .
شۇ تەرىقىدە مۇھەممەد ھەم ئائىشە ھەر كۈرۈشكەندە خۇددىي سۇغا تەشنا بىلىقلەردەك شۇنداق ئازادە ھال مۇڭلىشىپ كۈنلىرى ئۆتىۋەردى .
............................................
لىكىن قىزنىڭ دەرىسلىرىمۇ بىر يەگە باردى ھەم 18 گە كىرىپمۇ قالغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەلچى كىرگەنلىك ئىشىنى ھەم ئۆزىنىڭ ھازىر ئۈگىنىۋاتقان كىتابىنىڭمۇ ئاياغلىشىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى دىدى .
يىگىت سۇكۇناتقا چۈمدى . قىزمۇ ئۈنىڭ خەت قايتۇرماي تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ، ئۇنى قىيناپ قويغانلىقىنى بىلدى . بولدى كۈڭۈلسىز ئىشلارنى دىمەي... ئاللاھ تەقدىرىمىزنى قوشمىدىمۇ قانداق بىلمىدىم دىگەندەك گەپلەرنى يازدى .
يىگىتمۇ جاۋابەن . ياق ئۇنداق دىمەڭ . بۇنداق ياخشى كۈرۈشكەن ئىككى كىشىنىڭ رىزقىنى قوشمايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن . ئاللاھقا ئىشىنىڭ دەپ قىزغا تەسەللىي بەردى .
قىزمۇ ؛ بولىدۇ ، ئاللاھقا ئىشىنىلى دىدى .
شۇنىڭ بىلەن بۇگۇن ئۇلار ئانچە پاراڭلاشمايلا خەير دىيىشىپ چىقىپ كىتىشتى .
......................................
يىگىت شۇنىڭ بىلەن كەچتە ياتقاچ . ئەمدى مەن قانداق دەي . دادامغا مەن توي قىلىمەن دەيمۇ . ياق قانداقمۇ بۇنداق دىيەلەي . دادام رايىمغا باققىنى بىلەن مەن بۇنداق دىسەم قانداق بولىدۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدى .
قىزمۇ ئەنسىرمەي دىسىمۇ يەنە كۈڭلىنىڭ بىر يەرلىرى شۇ سۇئاللار چىرمىۋالاتتى .
شۇ ۋاقىتتا توساتتىن قىز ھەم يىگىتنىڭ ئۆيىدىكى ئەتىگىنى سارايدىغان سائەت ئىككىلەيلەندە كەچتە سايرىدى .
مۇڭلۇق ئەزان ئاڭلانغىلى تۇردى . ئاللاھۇ ئەكبەر !!!!!!!!
ھەر ئىككەيلەن خۇددىي ئەمدى ئەقلىنى تاپقانداق بىز بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرمەيلى ، پەقەت ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا قىلساق كىيىنكى ئىشلىرىمىزنى ئالاھقا تاپشۇرساق ئاللاھ بىزنى نائۇمىد قويمايدۇ دىگەنلەر كۈڭلىگە كەلدىدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇغا كەتتتى .
بىرنەچچە كۇندىن كىيىن ئۇلار كۈرۈشتى .
قىز ھەقىقەتەن خۇشال ئىدى .
شۇ خۇشاللىقىنى تىزراق ئىيتىشنى ئويلايتتىيۇ لىكىن يەنىلا ئۆزىنى تۇتىۋالدى .
ئۇلار يەنە كۈرۈشتى ، شۇنداق خۇشاللىق ھالدا كۈرۈشتى . يىگىت يەنىلا دىمىسۇن قىيمىغاندەك يۇرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى بىر خىل ئىدى . لىكىن قىز بولسا شۇنداق خۇشالدەك تۇراتتى ،،
پاراڭلىشىۋىتىپ يىگىتكە بىر ياخشى ئىش بار دىدى ،
يىگىت ؛ قىنى دەڭە نىمە ئىش ؟
قىز ؛ دادام بىلەن ئالدىنقى كۇنى پاراڭلاشتۇق . ماڭا ئەلچە كىرگەن توغرىسىدا دەپ يىزىپ ئەۋەتىپ ئاخىرنى يازاي دەۋەتسا يىگىتنىڭ نىمە . ئۇنداق دىمەڭ دەپ كۈڭلى يىرىم بولغانلىق چىراي ئىپادىسىنى يوللىدى .
قىز يەنە ؛ گىپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمامسىز . دادام ساڭا ئەلچىلەر كىردى . لىكىن مەن سىنىڭ ئۆزۈڭ خالىغان يىگىت بىلەن توي قىلىشىڭنى قوللايمەن . سەن رازى بولغاندىن كىيىن ئاندىن سىنىڭ ئىشىڭنى ئويلىشىمىز دىدى دەپ ئەۋەتتى ..
يىگىت شۇ ۋاقىتتىكى خۇشاللىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . كىچىك ئىنسى ئاكا نىمە بولدى ساڭا دەپ ھەيرانلىق نەزىرىدە قارىدى ،،.
خۇشاللىق دەپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى . تالاغا چىقىپ ئائىشەگە تىلفۇن سايراتتى . لىكىن بىسىۋەتكەن ئىدى .
ئاندىن ئۆيگە كىرىپ يەنە مۇڭداشقۇچنى قوزغاتقاندا ئائىشەدىن خەت كەلگەن ئىدى .خەتتە ؛ ئۆيدە مەن ھازىر قۇلايسىز دىگەن ئۈچۈر كەلدى .
شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەننىڭ ئوقۇسىزلىققا توسالغىغا دۇچ كەلگەندە ئاللاھنى ئەسلەپ ئاللاھتىن تىلەپ ، ئۆزىنى يوقاتماي ، قىلغان ياخشى ئىش ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا كاپارەت بولدى .
...........................................
.............................................
................................................
ئۇزاق ئۆتمەيلا يىگىتنىڭ دادىسى توي ئىشىنىڭ گىپىنى چىقاردى . شۇنىڭ ئىككىلەيلەننىڭ ئىشلىرى پۇتتى .
قىز 19 يىشىدا يىگىت 21 يىشىدا ئاتا ئانىسىنىڭ قوشۇلىشى ئاستىدا ئىنساق ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان . گۇناھلاردىن ساقلايدىغان . ئۆزىنى پاكلايدىغان نىكاھ قىلدى .
ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ھەقىقى بەخىتلىك ئىسلامىي ئائىلە قۇردى . تۇنجى پەرزەنتى قىز تۇغۇلدى .
ئىسمىنى نەفىسە قويدى !!!!!!!!!!!
.........................................
..............................................
.....................................................
ھىكايە تامام !!!
خۇلاسە ؛ ھەقىقى ئىسلامىي مۇھەببەتنىڭ بىر بىرى بىلەن يىقىن بولىشى نىكاھتىن كىيىن بولىدۇ . ھەرگىز بىربىرىنى ياخشى كۈرۈش جەريانىدا بىللە چۆگىلەش ياكى ئايلىنىش ، بىللە تاماق يەپ كۇندە كۈرۈشۈشتىن بولمايدۇ .
شۇڭا ئۆزىمىزنى دەڭسەپ كۈرۈپ ، نىمىنى خاتا قىلىۋاتىمىز نىمىنى توغرا قىلىۋاتىمىز ئويلىنىپ ، ھەر قانداق ئىشنى قىلىڭ بىر خاپىلىقتىن كىيىن بىر خۇشاللىق ، بىر مەغلۇبىيەتتىن كىيىن بىر غەلبە سىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ . لىكىن سىزنىڭ شۇ خۇشاللىق-خاپىلىق ۋە مەغلۇبىيەت-غەلبىگە بولغان توغرا كۈز قاراش قىلغان ئىشلىرىڭىز ئاللاھكە شۇكرى ئىيتىش ھەم سەۋىر قىلىش بىلەن بولىدىكەن . سىزنىڭ ئازغىنە خاپىلىقىڭىزدىن كىيىن مەڭگۈلۈك خۇشاللىق ، كىچىككىنە مەغلۇبىيەتتىن كىيىن كاتتا غەلبە سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .
شۇڭا مەغلۇبىيەت ۋە ئازاپتا ئاللاھكە سەۋىر قىلشىنى غەلبە ۋە خۇشاللىقتا شۇكرى دىيىشنى ئۇنۇتماڭ !!!
مەنبە؛ ياۋايى ...
بەزەن ئىملا خاتالىقىدىن ساقىد بولۈش تەس ئىكەن . تۈزۈتۈپ ئوقۇپ چىقارسىلەن ھە !
|
|
|
|
|
|