قىز ؛ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئاللاھكە شۇكرى ياخشى .ئۆزىڭىزچۇ ؟ دىگەن ئۇ يىگىت شۇنداق بىرخىل مۇلايىم ھەم ئىللىق تۇيۇلۇپتۇ .
يىگىتمۇ بۇ قىزنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولغان ئاساستا پاراڭنى داۋام قىلىپتۇ .
يىگىت ؛ مۇبارەك نامىڭىزنى بىلىپ باققۇم كەلدى ! سورىسام بولارمۇ ؟
قىز ؛ مۇبارەك نامىم ئائشە . ئۆزلىرىنىڭچۇ ؟
يىگىت ؛ ۋوي سىلى ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى بولغان ئائىشە ئانىمىز بولۇپ قالمىغايلا يانا دەپ كۈلكە ئىپادىسىنى قىستۇرۇپ يوللاپتۇ .
قىز ؛ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ئائىشە ئانامدەك بولالمىساممۇ ھەر ھالدا بالىسى بولۇشقا يارايمەن دەپ خۇش بولغانلىق ئىپادىسىنى يوللاپتۇ .
يىگىت ؛ قايسى شەھەردىن بولىلىكىن بىلىشنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم ؟
قىز ؛ سىلنىڭ مۇبارەك ناملىرىنى تىخى ئاڭلىغىنىم يوق . جاۋاپ بەرمەي ساقچىدەكلا تەكشۇرۇپ كەتلىغۇ ئادەمنى دەپ كۈلكە چىراي ئىپادىسىنى قىستۇرۇپ ئەۋەتتى .
يىگىت ؛ ساقچى بولساممۇ سىلدەك مۇسۇلمان قىزلارنى تەكشۇرۇپ يۇرۇيدىغان ساقچىلار بولمايمەن دە . ئىسمىم مۇھەممەد !
قىز ؛ ۋوي سىلگىمۇ قۇرئاننى تەرجىمە قىلغان مۇھەممەدسالىھ داموللامنىڭ ئالدى ئىسمىنى قويۇپتۇ . قارىغاندا سىلمۇ ئوخشاشمۇ يا دەپ قانداق دىگەن چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ يوللاپتۇ .
يىگىت ؛ ئەگەر شۇ كىشىدەك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالىغان بولسام ئۆزۇمنى نەقەدەر بەخىتلىك ھىسابلار ئىدىم ھە !
قىز ؛ ئەپسۇسلامىسا . ئاللاھ شۇنداق ئىشلارغىمۇ مۇيەسسەر قىلار . سەۋىر قىلىپ شۇكرى قىلسىلىرى مۇرادلىرىغا يىتىپمۇ قالارلا !
يىگىت ؛ ئاللاھ دىگەنلىرىگە يەتكۇزەر . سىزنىڭمۇ ئائىشە ئانىمىزدەك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىرىغا ئىشىنىمەن !
قىز ؛ ماڭا نىمىشقا بۇنچىۋالا ئىشەنچ بىلەن بۇنداق دەيدىلا .
يىگىت ؛ بىلمەيمەن ، ئاللاھنىڭ ناملىرى بىلەن بۇنداق ياخشى سۆزلەرنى قىلسىلىرى مەن ئەمەس ساراڭمۇ ئىشىنە دەپ كۈلكە چىراي ئىپدىسىنى قوشۇپ يوللىدى .
قىز ؛ ۋوي ساراڭ نىمە دىسە ئىشىنىدۇ . بۇ مىنى ساراڭ دىگەنلىرىمۇ ياكى دەپ ئاچچىق چىراي ئىپادىسىنى قوشۇپ يوللىدى .
يىگىت ؛ ئوڭايسزلانغان چىراي ئىپادىسىنى يوللىغاچ خاپا بولماڭ . مەن ئەسلى بۇنداق دىمەكچى ئەمەس ئىدىم .
قىز ؛ ياقەي بۇنداق كەچۇرۇم سورىسىڭىز مەن ئەمەس ساراڭمۇ كەچۈرىدۇ سىزنى دەپ كۈلكە چىراي ئىپادىسىنى يوللىدى .
يىگىت ؛ خەپ . مەنمۇ ساراڭ بولدۇم . سىزمۇ ساراڭ بولدىڭىز مانا ئەمدە .
قىز ؛ چاخچاق قىلىپ قويدۇم . قايسى شەھەردىن بولىلىكىن ئۆزلىرى ؟؟؟
يىگىت تىگىمىز قەشقەردىن . لىكىن ھازىر ئۈرۈمچىدە تىجارەتچى . سىزچۇ ؟
قىز ؛ مەن قەشقەردىن . ھازىرمۇ قەشقەردە ،
يىگىت ؛ قارىغاندا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئوخشىمامسىز .
قىز ؛ سىز قانداق بىلسىڭىز .
يىگىت ؛ بىز قەشقەردىن ئايرىلىپ بۇ يەردە مۇساپىر بولساقمۇ يۇرتۇمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم ئۇ يەرنىڭ قانداق يەرلىكىنى ئادەملىرىنىڭ قانداقلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق دىدى .
قىز ؛ ھەنىم بولسا . مەن تىخى شۇ يەرلىك بولۇپلا كەتكەن چىغى دەپ قاپتىمەن .
يىگىت ؛ ياقاي . دەپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى .
قىز ؛ مەن چىقاي . ئىشىم چىقىپ قالدى . كىيىن پاراڭلىشامىز . خوش . ئاللاھقا ئامانەت !
يىگىت ؛ ۋوي نىمدا تىزلا . قاچان چىقىسىز يەنە دەپ خەتلەرنى يىزىپ بولغۇچە ئۇ قىز توردىن چۈشۈپ كەتتى .
يىگىت بۇندىن بۇرۇن بۇنداق قىزلار بىلەن ياخشى پاراڭلاشمىغانلىقىنى ئەسكە ئالغاچ . بۇنداق خوش دەپلا چىكەتكەن قىزلارنى ئۇتتۇرلا يۇيۇپ تاشلايتتى . لىكىن بۇ قىتىم ئۇنداق قىلغۇسى كەلمىدى . نىمىشقىكىن كۆڭلى خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ بۇرۇنقى ئۈچراتقان قىزغا بولغان ئازابىغا بىر ئاز ئارام بەرگەندەك بولدى .
شۇ پەيىتلەردە قىزمۇ ئانچى مۇنچە خىياللارنى قىلدى . ھەم ئۇ يىگىتنىڭ بۇرۇن كۆرگەن ھىلىقى يىگىتنىڭ بىلەن بىللە شەھەردىلىكىنى بىلگەندە يۇرىكى تۇيۇقسىز بىر خىل تىترەك كەتتى . لىكىن كۆپ ئويلىمايلا ئۆز ئىشىنى داۋام قىلدى .
يىگىت بولسا ئۆز پىراقىدا ئۇ قىزغا ئاشىق بولغىنىدىن مەيۇس كۈنلىرى زىرىكىش ئىىچىدە توردىن زىرىكىشنى تۇگۈتۈپ ئۆتكەن ئىدى .
قىز بولسا ئاللاھقا سىغىنىپ بۇ يىگىت مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم بولسا ھامىنى ماڭا ئۇچرىتىشىڭغا ئىشىنىمەن ئى ئاللاھ . سەۋىر قىلدى . لىكىن يۇرىكىدىكى كۆيۈك ئوتى پەسەيگەن ئەمەس ئىدى .
قىز شڭ تەرىقىدە بىر ھەپتە تورغا چىقمىدى .
مۇنبەردە بۇرۇنقىدەك كوردىنات ساقلاش قىلىپ تىمىنى يىزىپ ساقلاپ قويۇپ كىيىن يازغاننى شۇيەردىلا تەھرىرلەپ ئاخىرىنى يىزىو يوللايدىغان ئىقتىدار يوقمۇ بىلمىدىم . ساقلاش دىگەننى باسسا ساقلىنىدىكەن لىكىن . ئەسلىگە كەلتۇرۇش دىگەننى باسسا ساقلانغان تىمىلار قاتارى چىقمايدىكەن ، شۇڭا تىمىنىڭ داۋامىنى قايتا تىما قىلىپ يوللايمەن... مىنىڭچە 3 قىسىم بولارمىكى . ھەممىسى تۈگىگەندە بىر قىلىۋەتسەكمۇ بولدۇ .