مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 823|ئىنكاس: 12

قانداق ياشاش ھەققىدە ئىز تىراپلىق خىياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 11:49:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
سالامدىن كىيىن ،ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ، توغرا نىيەت ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن.ئاندىن سىلەر بىلەن مۇنبەر يۈزىدە مۇشۇ خىياللىرىم ھەققىدە ئورتاقلاشماقچىمەن،ھازىر  ئۆزەمنىڭ مۇشۇ جۈرئەتسىزلىكى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغان بۇ قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
گەپنىڭ بېشىدا ئازراق نەقىل ئالاي،چۈنكى بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرغان ئەقىلىيە سۆزلەر ۋە كۈچۈرمىلىرىم.
ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ سەۋەبى...
بۈگۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان بۇھرانلارنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ۋىجدانلاردا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان رەھمەت ۋە شەپقەت تۇيغۇلىرىنىڭ يوقلىقى، كىشىلەرنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماسلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇلىرىنىڭ بولماسلىقىدۇر.
شەخسلەر ۋە جەمئىيەتلەر پەقەتلا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا ئويلايدۇ ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان مەنپەئەتنىڭ ھالال بولۇپ بولمىغانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاجىزلار ناھەقچىلىككە ئۇچراپ ئىزىلىدۇ. بۇلارنى قوغدايدىغان كۈچ يوق. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرشى ئالاغا ئۆرلەپ چىققان ئاھۇ ئەفغانلىرى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۈستىگە تىنچسىزلىق ئاپىتى بولۇپ چۈشىدۇ. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئاھى ـ
ئىنسانلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بۇ ئىزتىرابلاردىن قۇتۇلۇشىنىڭ چارىسى بارلىق ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەق، ئادالەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇلىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ھاكىم قىلىشتۇر.ئۇنداق بولمىغاندا بىزلەرنىڭ دۈچ كىلىدىغىنمىز-نەپسىنى يېڭەلەسلىك ۋە نەپسىگە قۇل بۇلۇپ ،ئاخىرى ئۆزىمىز قەدىرىگە يەتمىگەن نەرسىلەرگە زار بۇلۇشتۇر...
يۇقارقى مەزمۇندىن ئەقىللىق تورداشلىرىم بىزلەردە نىمە كەملىكىنى ،نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ بولدىڭىز ،لىكىن ئەمدى يەنە بىلمىسىڭىز ،تۇنۇپ يەتمىسىڭىز بولمايدىغان ،تۇرمۇشىمىزغا ئايرىلماس ھەمراھ بولىۋاتقان بىر نەرسە بار ،ئۇ بولسىمۇ ئىقتىساد،ھازىر باشقىلار ئەڭ كۈڭۈل بۈلىۋاتقىنى ،بىزلەر ئەڭ بىپەرۋا قاراۋاتقىنىمىزمۇ مۇشۇ مەسىللەر بولسا كېرەك ، بۇ توغرىسىدا بەزىلەر ئاللىقاچان ماڭا دەرىس بەرگۈدەك بۇلۇپ كەتكەن ،بۇلىشىمۇ مۇمكىن ،لىكىن بەزىلەر پىلانسىز ،مەقسەتسىز ئۆتۈپ كىلىۋاتقان بۇلىشىمۇ مۇمكىن ، بۇ يەردە مەن سىزگە ئۇلۇغۋار نىشانلارنى بەلگىلەپ ،مۇشۇ بويىچە ماڭسىڭىز مۇنداق ئادەم بولۇپ كىتىسىز دىمەيمەن ،بەلكىم مۇشۇ بويىچە توغرا نىشاندا ماڭسڭىز بەلكىم شۇ تىلەكلىلىرىڭىزگە يىتىشىڭىزگە سەل ئاسانلىق بوپ قالار دىگەن ئۈمىدتە بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
بۇ گىپىم ئارقىلىق ماڭا ئاتا-ئانام ۋە ئاتا- بوۋلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ھەقىقەتلەردىن بىر قانچىنى ئاددىي ،ھەر قانداق ئادەم ئويلىنىپ قۇبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ،ئەمەلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ ،سىزنى قايىل قىلالىسام دىمەككى ،قۇرۇق سۆز قىلمىغان بولىمەن...
1.‹‹نىمىنى خارلىساڭ ،شۇنىڭ خارلىقىنى كۆرىسەن››
تىمامدا ئىقتىساد نى مەر كەز قىلماقچى بولغاچقا بۇنى مەن مۇنداق چۈشەندۈرمەكچى ....بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئىسراپچىلىق بولىۋاتقىنى يەنىلا شۇ پۇل،شۇ ئىسراپچىلىقلار ئۈچۈن بىزنى جازالاپ ،بەزىدە بىزگە ئۆزىنى زار قىلدۇرۋاتقىنىمۇ شۇ پۇل....يوقلار ئىنتىلىدۇ ، بار بولغانلار قەدىرىگە يەتمەيدۇ...
ھەتتا بەزى ئەقلى چولتا قىز-ئاياللىرىمىز مودا قوغلىشىپ ،رايۇنىمىزنىلا ئالساق دىھقان سودىگەربازىرى....قاتارلىق ئەرزانراق بازارلاردىن 50~100 نەچچە يۈەنگە ئالغىلى بولغىدەك شۇنداق كىيىملەرنى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن نەچچە يۈز يۈئەنلەرگە ئېلىپ كەيسە كىيىدۇكى،شۇنچىلىك كاللا ئىشلىتىپ ،كىيىمنى مۇۋاپىقراق ئالاي ،قالغىنىنى ئىقتىساد قىلاي، بىر كۈنلەردە مۇشۇ پۇلنىڭ خارلىقى يىتىپمۇ قالارمۇ ....دىگەنلەرنى ئويلاپ قويمايدۇ.
يېزىدىن شۇنداق جاپادا پۇل تاپقان دېھقانلىرىمىز شەھەرگە كەلسە ،ھازىر بىر قىسىملىرى چىرايلىق پاكىز خۇتۇننى ئۆيدە تاشلاپ قۇيۇپ ،ئوماق بالىسىنى ئويلىماي ،ئەڭ مەينەت ،پاسكىنا ئىشرەت كوچىلىرىدا شۇ پۇللىرىنى 5يۈئەنلىك نەرسىنى 5~10 ھەسسىگىچە قىممەت باھادا ئېلىپ ،شۇ جاپاسىنى تەڭ تارىتقانلىرىنى ئويلاپ قويمايدۇ...
بۇ يەرگە كەلگەندە ھەسسىلەپ ئىسىت....دىيىشتىن ،شۇ ئاياللىرىغا ،بالىلىرىغا ،ئاتا-ئانىلىرىغا ئىچ ئاغىرتىشتىن باشقىسى قولىمىزدىن كەلمەيدۇ...ئەگەر قۇلۇمدىن كەلسە ،رىۋايەتلەردىكى سۇلايماننىڭ قالپىقى بولسا ،شۇنداق يەرلەرگە كىرىپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى ئۇدۇللۇق ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ،ۋە ئۆيىدىكىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەن بۇلاتتىم....لىكىن شۇلارمۇ شۇ پۇلنىڭ ،غازاڭدەك خەجلىۋەتكەن پۇللىرىنىڭ دەردىنى بىر كۈنلەردە خوپ تارتىدۇ...چۈنكى بۇ جاھان ئارغامچىسى ئۇزۇن ،شۇنداق تەڭشەلگەن جاھان...
2.ئەرلەردىكى ھاراقكەشلىك ۋە ئاياللاردىكى مودىكەشلىك...
بىز قاچانلاردىن باشلاپكى دىنىي تەربىيەلەردىن يىراقلاشتۇق ،ياتلاشتۇق ،شۇنىڭدىن بۇيان ھاراق بىلەن دوسىتلاشتۇق،بىر گەپ بار‹‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ ›› دەپ بەرھەق ،بۇنىڭغا ئىشەنمەيمۇ ئامالىڭىز يوق ،قارشى چىقىپمۇ چىقىپ بولالمايسىز ،چۈنكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئالىم ۋە پىسخولوگلار ئاللىقاچان بۇنى ئېلان مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى ،ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ ،نۇرغۇ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغاندىن كىيىن ھازىر ھۈكۈمىتىمىزمۇ كەسكىن چەكلەپ ،قاتناش قوراللىرىنى تارتىۋېلىشى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ئەمەسمۇ...
يەنە شۇ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ھاراق ئادەمنى ئاۋال دۆتلەشتۈرىدۇ ،ئاندىن مەرىتلەشتۈرىدۇ،ئىقتىساددىن ئايرىلىمىز ،كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۈرۈنۈشكە باشلايمىز،ياخشى ئىشلار ۋە ئىئانىگە ،ئۇرۇق-تۇۇققانلىرىمىزغا ياردەم قىلىشنى ئويلاشقان خىياللىرىمىز،ئۇلۇغۋار پىلانلىرىمىز سۇغا چىلىشىدۇ،ئاندىن ئاستا-ئاستا ھاراق بىزنى پەسلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ....
ئەرلەر ھاراقكەش بۇلىۋېلىپ ،تاپقان پۇللارنى ئاشۇنداق سۇرىۋەرسە ئاياللار قانداق قىلىدۇ ،ئېنىقكى ئۇلارمۇ ناھايتى دورامچى كىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سەن ئىچىپ يوقتىپ بولغىچە مەن ئۇچامغا ئارتىۋالاي دەپ ،باشقىلار ،مودىكەشلەر بىلەن بەسلىشىپ ،پۇل دىگەن بىچارىنى تازا سۇرۇيدۇ ،ھەتتا ئەرلەر قەرىزگە ھاراق ئېلىپ ئىچسە ،ئاياللارمۇ قەرىزگە كىيىم ئېلىپ كىيىدىكەن دەپ ئېنىق ئاڭلىدىم (ئىشەنمىسىڭىز سودىگەر بازىرىغا كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ)...شۇنىڭ بىلەن ئۆيلەردىن بوران ئۇچۇپ تۇرغان ،بۇنداق ئائىلىلەردىن ئىناقلىق ۋە ئورتاقلىق يوقالغان ،مۇھەببەت خىجىل بۇلۇپ كىتىپ قالغان ،بەركەت ئۇچقان بولىدۇ....
3.ئۆزىمىزنىڭ تاشقى سۈپتىگە ئەھمىيەت بىرىش ۋە ھالىمىزنى بەك چوڭ چاغلاش.
ھازىر ئىقتىسادىي سەۋيىىمىز ئۆستى ،تۇرمۇش ساپايمىز ۋە ئۆلچىمىمىز ئۆستى ،ئەمما بىز ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش›› نى ئۇنتۇپ قېلىپ ،بەزىدە يوتقان يىتىشمەي ، باشقىلارنىڭكىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇستەققىل قارشىمىزنىڭ ئورنىغا باشقىلارغا تاينىش قارشى ئالماشتى...
يەنى ئاددىي بىر مىسال ،مەن ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ، مۇشۇ يېقىنلاردىمۇ مۇئاشىم 2000 يۈئەندىن ئاشىدۇ ،لىكىن بىر قېتىم ئاياق ئالماقچى بۇلۇپ ،نەۋرە ئىنلىرىم بىلەن ،تۇققانلار بىلەن بىر نەچچە ئاياق دۇكىنىغا كىردۇق ،نەۋرە ئىنلىرىم تالىشىپ يۈرۈپ ،ئاخىرى تازا مودا ،تىماھتەك تۇمشۇقى ئۇچلۇق ئاياقلارنى 200نەچچە يۈئەندىن ئېلىپ كىيىشتى،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلەتكىنى ئاپىلىرى بەرگەن پۇل ئىدى،مىنىڭ كارتامدا 3000 يۈئەندىن ئارتۇق پۇل بار ئىدى،ئاخىرى ئۆزەم بىلگەن بىر ھەربىي دۇكانغا كىرىپ ،شۇنداق چىداملىق بىر كالا خۇرۇمى ئاياقنى 80 يۈئەنگە ئېلىپ ،ئۆيگە بارسام تۇققانلاردىن نەچچىسى ئالماقچى بولدى،ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا مەن شۇنداقراق يەردىن ئالايلى دىسەم ئۇنىمىغان ،بىر نەۋرە .ئىنىم بولىدىغان 700 يۈئەن مائاش ئالىدىغان ،ھېيىت كەلدى دەپ 200 نەچچە يۈئەنگە ئاياق ،250 يۈئەنگە چاپان...ئېلىپ شۇ مائاشىغا ئۈستى بېشىنى تېخى تۇلۇق ياپالماپتۇ....دىمەك بۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا ساماندەك،تاللا بازىرىدىن ،.......لاردىن ھەسسىلەپ قىممەت باھادا كىيىم سېتىۋالدىغانلار دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ ،پارقىرغىنىنى خەقلەر كۆرىدۇ .........
4.نىشانسىز ياشاش ،مەقسەت -غايىلەر ئېنىق بولماسلىق ؛،بەزىلەر ھاياتتا نىمە ئىش قىلىش قىلىش كېرەكلىگىنى بىلىپ ياشايدۇ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيەتلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ۋە تۆھپىلىرى ئارقىلىق مەنىلىك ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋەبۇنداق كىشىلەرنىڭ ياشاش مىزانى ،ۋاقىت قارىشى ۋە ئىقتىساد قارىشى ناھايتى ئېنىق بولىدۇ،لىكىن بۇ ساندىكى كىشىلىرىمىز كۆپ ئەمەس،كۆپ ساندىكى كىشىلەر تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ياشاش ۋەزىپىگە ئايلانغاندەك ،يەنە باشقىلارنى دوراپ ياشايدۇ،ئادەم ئۈچۈن مۇھىمى ،ھەق -ناھەق ۋە توغرا -خاتانى ئېنىق ئايرىپ ،غۇرۇر ۋە ۋىجدان بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بۇلۇپ ياشاش ،ياشاشلارنىڭ ئارسىدا مەنچە ئەڭ ياخشىسى،‹‹پولات قانداق تاۋلاندى››دىكى پاۋىل كورچاگىننىڭ بىر جۈملە مەشھۇر سۆزى بار...‹‹ئادەم شۇنداق ياشىشى كېرەككى ،ئۆز ھاياتىدا قىلغانلىرىدىن ئۈكۈنمىگىدەك....›› ياشاش كېرەك دەپ ،بىر گەپ بارغۇ ،بۇرۇنقى چوڭلار ،ھۇرۇن ،تىرىشماس ئادەملەرگە دەيدىغان ھېلىقى ‹‹...يارالمىشىڭ ئۆزەڭدىن ››،‹‹ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى›› دەپ ،بىزنىڭ ھاياتىمىزدا چۇقۇم مەلۇم نىشان بۇلۇش كېرەك،نىشان كۆز يەتكۈدەك ،باسقۇچلارغا بۈلۈنگەن ،دەل ئاشۇنداق نىشانلارنى قىلىپ ،شۇ بويىچە تىرىشىش ئادەمنى چۇقۇم مەنىسىز ،بىر خىللا ياشاشتىن ،مەنىلىك ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ ھەقتە يازغۇچى ئابدىرېھىم دۆلەتنىڭ ‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز›› كىتابىدا كۆرگەن مۇنداق بىر مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي.
بىر كىشى ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ تام قۇپۇرۋاتقان ئۈچ كىشىدىن نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ؛ بىرىنچىسى تام قۇپۇرۋاتىمەن دەپتۇ،ئىككىچنىسى ،پۇل تېپىۋاتىمەن دەپتۇ،ئۈچىنچىسى ئۆزگىچە بىر ئاددىي قۇرلۇش لاھىيەلەۋاتىمەن....دەپتۇ...ئەمدى سىز بۇ ئۈچ كىشىنىڭ كىيىنلىكىنى ھىس قىلىپ بولدىڭىز دەپ ،دىمەك سىزمۇ بىلىپ بولدىڭىز....
5. توردىن قانداق پايدىلىنىش ، مۇنبەرمەدەنىيىتنى قانداق قۇبۇل قىلىش.
تورغا يېڭى كىرگەندە ناخشا -مۇزىكا تىڭشايمىز ،چۈشۈرىمىز،رەسىم كۈرىمىز ساقلىۋالىمىز،ئاندىن چىچى نۇمۇر ئالىمىز ،دوسىت قۇشۇپ تۇنۇشىمىز ،پاراڭلىشىمىز، كىنو كۆرىمىز،بۇ جەرياندا بىز تورنى باشلىماي ،توردىكى ئۇلانىملارغا ئەگىشىپ نىمە يېڭلىق تۇيۇلسا شۇنى كۈرۈپ كىلىمىز، ...ئەمدى مۇنبەرگە كىلەيلى، كۆپىنچىمىز(مۇنبەرگە كىرىدىغانلار )توردا مۇنبەرنىڭ مۇنازىرە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئۆز كۆز قارشىمىزنى ئىپادىلىگەن شۇ ئارقىلىق توردىن ئىباردەت بۇ چەكلىمىسىز جەمىيەت داشۆسىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بۇلىىمىز،پىكىرلىشىمىز ،بەزىدە مىجەزىمىز زىللىشىپ قالغاندا ئالدىراپ كىتىپ ئۆز-ئارا خاپا بۇلۇشۇپمۇ قالىمىز...ھاھاھاھا....لىكىن ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق ، پەقەت شەخسىيەتچىلىك ۋە نەزەر دائىرىمىزنىڭ تارراقلىقى ۋە ھىسىياتقا بىرىلىپ كىتىش تۈپەيلىدىن ئازارلىشىپمۇ باقىمىز ،لىكىن چوڭ جەھەتتىن بۆكىمىزنى ساقچىلاردەك ئالدىمىزغا قۇيۇپ ئويلاپ باقساق ،ئانچە تالاشقۇدەكمۇ ئىش يوق ،زىددىيەتمۇ يوق ،پەقەتلا ئازراق چۈشىنىشمەسلىكنىڭ بۇ پەرىقنى چوڭايتىۋەتكەنلىكنىلا بايقايمىز ،ئەمەلىيەتتە كۈلۈپ ،ياكى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ باقساقلا ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشلارنىڭ يوقلىقىنى بايقايمىز،ئۆز- ئارا يول قويغانغا نىمە يىتىدۇ ،ئازراق تىل بىلىشىدىغان خەنزۇ يولداشلار بىلەنمۇ كىلىشىپ ئۆتىۋاتقان ئادەم نىمە دەپ ئىنچىكە تىللىرىمىزنىمۇ چۈشىنىشكىدەك ئادەملىرىمىزنى چۈشىنىشمەيمىز...يەنىلا تىىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىغا يەتمەيدۇ ،مۇنبەردە تېخىمۇ شۇنداق....
مەنچە توردىن مۇنداق پايدىلىنىش ياخشىمىكىن دەيمەن ،بىرىنچى ئۇلىنىش
http://www.ulinix.cn/دىن كىرىپ ،كۈندىلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى بىر كۈرىۋېتىپ ئاندىن ،مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ئەڭ ياخشى دەپ قارىغانلىرىڭىزدىن بىر ئىككىگە كىرىپ ،يېڭىلىقلارنى كۈرۈپ ئورتاقلىشىۋېتىپ ،ئاندىن مەخسۇس كومپىوتېر ۋە سودا ئۇچۇرلىرى ،ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدا بىلىملەرنى كۈرۈپ ،ئۆز كەسپىڭىزگە دائىر ئۇچۇرلار بار تور بېكەتلەرنى ئىزدەپ كۈرۈپ شۇ ئاساستا توردىكى تۇرمۇشىڭىزنى سەل قېلىپقا چۈشۈرۈپ ،سىز تورغا ئەگىشىپ ،چارچاپ نەتىنجىسىز توردىن چۈشمەستىن ئەكىسچە تورنى ئۆزىڭىزگە بويسۇندۇرۇپ ئۆتكىنىڭىز سەل ياخشىراق.

شۇنداق قىلىپ بىر قىسىم ئىچىمدىكى ئويلىرىمنى دەۋالدىم ،تورداشلار 30 ياشقا كىرىپتىمەن ،توردىمۇ كام دىگەندە 5~6 يىللار يۈرۈپتىمەن ،جەمىيەت ۋە توردا نۇرغۇن ئىشلارنى كۈرۈپ بىلىپتىمەن ،ئويلاپتىمەن ،ئەمدى سىلەر بىلەن بىر ئورتاقلىشاي دەپ ،تاققا- تۇققۇراق بولسىمۇ مۇشۇ نەرسىلەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىسىملىرىنى ئويلاپ ،ئاز بولسىمۇ بىر قىسىملاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ كىتەلىسىڭىز مەن شۇنىڭدىن خوش ،بىرگەپنى ئاڭلىغان ئىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار دەپ شۇڭا كۆرگەن -بىلگەنلىرىمدىن بىر قىسىمنى تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا سۇنۇپ كۆردۈم....

مەنبە:ئۆزەم ،دائىملىق خىياللىرىم.


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
APANDIM0903 + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
zvmrat + 88 خىياللار ئۈزۈلمىسۇن ،.
nawkeran + 50
fatima + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
Eltekin + 99 ئادەم ئاساس بولۇشى كې.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 657   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63062
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
APANDIM0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 01:15 PM
.‹‹نىمىنى خارلىساڭ ،شۇنىڭ خارلىقىنى كۆرىسەن›› بۇ سۆز ھ ...

ئەپەندىم گۈلۈڭىزنى تاپالماي يىغلاپ ماڭقىڭىز  ئېقىپ كىتىپتۇ  دە .....
ھا ھا ھا ھا

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى  يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا .................

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2380
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3594
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:28:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا تەھھىل قىپسىز.ھازىر ھەممە ئادەم ئۆزىنى ئويلاپ،‹‹يوقنىڭ دەردىنى بار بىلمەپتۇ››دېگەندەك بۇپ كەتتى.ھەم بىر قىسىم ئادەملەردە ئىقتىساتنى قانداق ئىشلىتىشكە پىلان يوق.‹‹بار چاغدا پولوڭ-پولوڭ،يوق چاغدا قاراپ ئولتۇرۇڭ››بۇلۇپ،پىلانسىز ئىش قىلىپ مودا قوغلىشىپ پۇلنى غەچلىمەيدىغان يەرلەرگە سەرىپ قىلىدۇ.
شۇڭا‹‹ ھەر كاللىدا ھەر خىيال ››دەپ،ئادەملەرنىڭ كۆز -قارشى، تەپەككۇرى،تۇرمۇشقا بولغان ھەر خىل تۈردىكى ئىشتىياقلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.سىز ئاز پۇل غەچلەپ ياخشى نەرسە سېتۋالسىڭىز باشقىلار كۆپ پۇل غەچلەپمۇ ياخشى نەرسە سېتۋالالمايدۇ.شۇڭا ئادەمدە كىچىكىدىن پىلان بۇلىشى كىرەك.پىلانلىق ئىش قىلغاندا ئىقتىساتمۇ يىققىلى تۇرمۇشنى باياشات ئۆتكۈزگىلى بۇلىدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15268
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6011 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...‹‹ئادەم شۇنداق ياشىشى كېرەككى ،ئۆز ھاياتىدا قىلغانلىرىدىن ئۈكۈنمىگىدەك....›› ياشاش كېرەك

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63062
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 01:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يىگىتلىرىمىز بارغۇ ، يانچۇقتا پۇلنىڭ تايىنى يوق تۆت - بەش يەردە قىز دوستنى تۇتىۋېلىپ كۈنلىرىنى لاغايلاپ شۇلار بىلەن كوچا چىڭداش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، دادىسى تېپىپ بەرگەن خىزمەتنى ياراتماي يا  ئۆزى تۈزۈكرەك خىزمەت تاپالماي يۈرۈۋاتقان.................

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى  يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا .................

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11222
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2056 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 02:59:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكرىڭىز مەندىن  بەتەر  چېچىلىپ كىتىپتىغۇ ،

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11392
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 03:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماڭ قېرىندىشم .... يېڭى تىمىللىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز  ...
داۋاملىق ئىزدىنىپ يېڭى-يېڭى تىمىلارنى ئانچە-مۇنچە يوللاپ تۇرغايسىز ...
:qiray18:qiray18:qiray18:qiray18:qiray18:qiray18

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 04:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوسىتلارنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت...
چېچىلىپ كەتكىنىگە ئۆزەممۇ ئىقرار...داۋاملىق تىرىشىپ چاچمايدىغانمۇ بۇلارمەن.
بەزى  جايلارنى  دوسىتلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇۋېلىشىنى سورايمەن.

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11428
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8190 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 04:37:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بىز ھازىر ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس ، خەق ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز . نىمىلا ئىش قىلساق ، خەق نىمە دەر ؟ دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىمىز . تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىكلىرىمىزمۇ يەنە شۇ خەق ئۈچۈن .بىر كۈنلەردە بىز ھەتتا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بۇلالماس بۇلۇپ قالارمىزمۇ ؟

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-22 04:52:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faeza يوللىغان ۋاقتى  2012-1-22 04:37 PM
بىز ھازىر ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس ، خەق ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز ...

راسىت دەيسىز ،بىراق بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغىنى يەنىلا ئاز ساندىكى يېقىن دوسىت، تۇققان ، ۋە ئاتا-ئانىمىز ...شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ توغرا دەپ قارىغان يولىدا  ماڭغىنىمىز ياخشىدەك قىلىدۇ...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش