مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ayasofiya

قۇرۇلتاي ۋەكىلى دېگەن مۇشۇنداق بولسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60471
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3324
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1148 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 04:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇرادەرلەر قاينىماڭلار بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلتاي ۋەكىلىنى سايلىمايدۇ ،تەيىنلەپ قۇيىدۇ  -شۇ،ھاكىم ،شۇجىلارغا ئۇخشاش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47818
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1090 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2012-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 02:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارجانبۇلاق ئەپەندى قاتارلىقلارغا:سىلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا دىققەت قىلغانلىقىڭلارغا تەشەككۇر! مەن بۇيەردە سىلەرگە رەددىيە بېرىش نىيىتىم يوق.بۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن ھەقىقەتەن بىر خەلق ۋەكىلى.شۇنداق بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مەن قۇرۇلتاينىڭ بىرقىسىم قانۇنىي تەرتىپلىرىنى خېلى بىلىپ قالدىم.شۇڭا،بۇيەردە بەزى ئۇقۇشماسلىق بولۇش سەۋەبىدىن خاتا پىكىرلەر ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە سىياسىي تەدبىرلىرىگە چېتىلىپ قالىدىغان خاتا مۇنازىرىلەر بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ،سىلەرنىڭ بىرقىسىم پىكىرلىرىڭلەرگە قارشى سۆزلەپ قويدۇم.توغرا چۈشەنگەيسىلەر.ئەمدى دىمەكچىمەنكى:قۇرۇلتايغا بېرىلىدىغان تەكلىپ-پىكىرلەر «تەۋسىيە»ۋە «تەكلىپ لايىھە»دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.ھەر ئىككىلىسىنى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆزلىرى قارار ماقۇللاش يولى بىلەن ئايرىيدۇ.تەۋسىيە دىگىنىمىز ئاساسەن تەنقىدىي پىكىر،تەكلىپلەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭ قويۇلىشىغا بەكمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ كەتمەيدۇ.ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ياكى ئىمكانىيىتىگە ئاساسەن بېجىرىدۇ ياكى جاۋاب بېرىدۇ.ئىمكانىيەت پىشىپ يېتىلمىگەنلىرى ياكى مۈمكىنچىلىك بولمىغانلىرىغا قارىتا ۋەكىللەرگە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە ئاكتىپ چارىلەر ئارقىلىق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېجىرىدۇ....ئەمما تەكلىپ لايىھىگە قارىتا قانۇندا بىرقىسىم تەلەپلەر بار(قانۇننى يەنىلا ئەشۇ خەلق ۋەكىللىرى ئۆز ھوقۇقىنى ئىختىيارىي يوسۇندا قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ ماقۇللىغان نەرسە.ئۇنى ھەرگىزمۇ دۆلەت ئورگىنى ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان نەرسە ئەمەس.).يەنى:1.قانۇنىيلىقى بولۇشى كېرەك.مەسىلەن:ۋەكىللەردىن قانۇندا بەلگۈلەنگەن ساندىكى ۋەكىللەر بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ قۇرۇلتاي يىغىنى بەلگۈلىگەن سۈرۈكتە  ئوتتۇرىغا قويۇشى،قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قۇرۇلتايدا ماھىيەتلىك قارار قىلىنغان بولۇشى لازىم .2.زۆرۈرلىكى بولۇشى كېرەك.يەنى شۇ ۋاقىتتا بېجىرمىسە بولمايدىغان ياكى كۆپچىلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتى چىقىش قىلىنغان بولۇشى(ھەرگىزمۇ تار مەنپەئەت ئاساس قىلىنماسلىق)كېرەك.....   3.مۈمكىنچىلىكى بولۇشى كېرەك.يەنى:شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق(ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقى يەنە قانۇندا بەلگۈلەنگەن)،مالىيە مۈمكىنچىكى قاتارلىق دائىرىىدە بېجىرگىلى بولىدىغان بولۇشى،دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ياكى سىياسىيسىغا خىلاپ ئىشلار بولماسلىقى لازىم.ئەڭ مۇھىمى شۇ قۇرۇلتايدىكى يېرىمدىن كۆپرەك ۋەكىلنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى....كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا قۇرۇلتاي بۇنداق تەكلىپلەرنى تەكلىپ لايىھە قىلىپ بېكىتىدۇ ۋە ئالاقىدار ئورگاننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.بۇلارنى بېجىرىشكىمۇ قانۇندا ۋاقىت تەلىپى قويۇلغان .ئەگەر بېجىرىلمىسە،ھەتتا تەلەپ ۋە سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىلمىسە ،شۇ ئورگاننىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.....مەسىلەن بىز يېقىندىكى بىر قېتىملق ناھىيە قۇتۇلتىيىدا 50-60پارچە تەۋسىيىنى قويغان .بۇنىڭدىن ئوننەچىسى تەكلىپ-لايىھە قىلىنغان .ھۆكۈمەت شۇيىلى 30مىليون يۈئەندىن ئارتۇق مەبلەغ ۋە كۆپلىگەن زېھنىنى چىقىرىپ بېجىرىپ بولدى .بۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز مەڭگۈلۈك پايدىغا ئېرىشتى.....مەن سىلەرگە چۈشەنچە بېرىمەن دەپ كۆپرەك سۆزلەپ قويدۇم.ئەپۇ قىلىڭلار.لېكىن مېنىڭ سۆزلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ھەرگىزمۇ بىرەر قۇرۇلتاي قاتارلىق دۆلەت ئورگىنىغا ياكى دۆلەت خىزمەتچىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.ئەگەر سۆزلىرىم دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا خىلاپ بوپ قالسا ياكى خاتا بوپ قالسا،تەنقىدىي كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇ ئارقىلىق بىلىمىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،خەلقنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ۋەكىللىك قىلسام.رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gurza تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-24 02:21 PM  


ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71842
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:32:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ قەۋەتتىكى تورداشنىڭ 5تۈرلۈك پىكىرى مېنىڭمۇ پىكىرىم،،،قوللايمەن،،،

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:57:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئىسمىنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتاين خوش بولدۇم ......  

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟
pumixqik بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1322
يازما سانى: 790
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11201
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 2600 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 10:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەرقېتىم شۇ ناخشا-ئۇسۇلچى ۋەكىلدىن نەچچىسى  پايتەخىتكە ساياھەتكە بېرىپ ، يۇقىرىغا  بىزنىڭ  باي-باياشات  تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىمىزنى  بىلدۈرۈپ ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە  چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش