بۇ تەكلىپ ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
ناۋادا مەن ئاشۇنداق بىر ھوقۇققا(قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ تەكلىپ پىكىر بېرىش ھوقۇقىغا) ئېرىشىپ قالسام، مۇنداق 5 تۈرلۈك پىكىرنى سۇناتتىم.
1- ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشى، داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، دەرستە ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقان، ھەرقانداق يەردە ئوقۇسا داۋاملىق ياخشى ئوقۇيالايدىغان، باشقا ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ئەمەس، بەلكى دىيارىمىزدا تازا ياخى ئوقۇيالمايۋاتقان، ئاشۇ ياخشى شارائىت، كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىلارغا ئىرىشەلىسە ياخشى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ ئوقۇتۇپ بېرىشىنى، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، يىلدىن-يىلغا چىكىنىپ كىتىۋاتقان ئوقۇتۇش سۈپتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشلىشىنى، يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ بىقىشنى تەلەپ قىلاتتىم.
2- بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنى خەلقئارالىق پۈتۈكلەرگە يازغاندا پىنيىن بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ياكى ئىسىملىرىمىزنىڭ تاۋۇشىنى مۇمكىن قەدەر ئۆزگەرتىۋەتمەي، ئەسلىسىگە سادىق ھالدا ئېنگىلىزچە يېزىشنى، مەسىلەن: مۇھەممەتنى maimaiti دەپ ئەمەس، Muhemmet شەكلىدە يېزىشنى تەلەپ قىلاتتىم.
3- ھازىر شىركەتلەر، كارخانىلار ماركا، ئىسىملارنى يازغاندا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يازغاندىن باشقا يەنە لاتىنچە يېزىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ يېزىلغان خەتلەر ئىنتايىن ئۆلچەمسىز، قائىدىسىز يېزىلىۋاتىدۇ، بۇ چوقۇم
تىل - يېزىق كومىتېتى بىكىتكەن ئۆلچەم بويىچە يېزىشقا نازارەت قىلىپ، خاتا يېزىلغان، ئۆلچەملىك بولمىغان خەتلەرنى توغرا يېزىشقا، توربەت ناملىرىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئۆلچەملىك بولمىغانلىرىنى تەستىقلىماسلىقنى تەلەپ قىلاتتىم.
4- يەرلىكتە ناھاقچىلىققا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان پۇقرالار يۇقۇرىغا ئەرز قىلغىلى ماڭسا، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كىلىدىغان، يۇقۇرى ئورۇنغا پۇقرانىڭ دەرت ئەھۋالىنى دېگىلى قويمايدىغان بىوگىراتلارنى قاتتىق جازالاپ، پۇقرانى يۇقۇرىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى، قانۇن بويىچە ئىش قىلمىغان، يۇقرىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئەينەن ئىجرا قىلمىغان ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالاشنى، پۇقرانىڭ يۇقۇرى ئورۇنغا بولغان ئىشەنچىسىنى كېمەيتىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلاتتىم.
5- يۇقۇرى ئورۇنلاردىكى رەھبەرلەرنىڭ پۇقرالار بىلەن سىردىشىدىغان خەنزۇچە ئېلخەت ساندۇقىدىن باشقا، ئۇيغۇرچە خەت ساندۇقىنىڭمۇ بولىشىنى، پۇقرانىڭ يۈرەك ساداسىنى مۇشۇ يول ياكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىززىق لىنىيە تېلفۇنى ئارقىلىق بولسىمۇ تىڭشاپ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلىشىنى تەلەپ قىلاتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-18 10:21 PM