مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4164|ئىنكاس: 74

ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 09:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېينىشتىيىننىڭ  {تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەريىسى}نىڭ لوگىكىلىق خاتالىقى


يىتەكچىلەر:شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتى مۇدىرىيەت رەئىسى غۇپۇر يۇنۇس، فىزىكا لىكتورى پەتەمخان مەڭنىك.  {شىنجاڭ  ئۇنۋېرستېتى  ئىلمى ژورنىلى}نىڭ  مۇئاۋىن باش تەھرىرى،دوتسىنىت ئابدۇروسول كىچىك ئاخۇن.  ئاپتورلار 1 ،ھاكىم غېنى-تۇرپان ئايدىڭكۇل  ، يالقۇن  روزىئاتۇش،ئادىل مەمەت{ پەيزىۋات }، تۇردى ئۇمەر كەلپىن  ،ئارزىگۇل قېيىم توخسۇن  

ئاساسلىق مەزمونى؛
{1} تار مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزەريىسىنىڭ 1-مەزمونىنى 2-مەزمونى تامامەن ئىنكار قىلىدۇ، بۇ دەل ئېينىشتىيىندىن تارتىپ پۇتۇن دۇنيا فىزىكىچىلىرىنىڭمۇ بۇ نەزىريەنى تۇلۇق چۇشەنمەيدىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ.
{2} تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ ماكان-زامان  ئۇلچىمى بىر ئۇلچەملىكتىن بولۇپ جەمى 2ئۇلچەم،لېكىن بۇنى 1916يىلى ئېينىشتىيىن يەنە ئۇزى ئىنكار قىلىدۇ.شۇنداقلا ئىنكار قىلغانلىغىنى مانا بىز بايقىدۇق.
{3}ماسسا -ئېنىرگىيە فورمۇلىسىدىن كۇرۇشكە بولۇدىكى،نيوتون بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ مىخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلىغان بولسا،ئېينىشتىيىن بارلىق ماددا شەكىللىرىنى ماددىنىڭ فىزىكىلىق ياكى خىمىيەلىك  شەكلىگە يىغىنچاقلىغان.  
{4}-{تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيىسى}ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ،ئالىملار بىكارغىلا خوشال بولۇشۇپ،نيوتوننىڭ مۇتلەق ماكان -زامان قارىشى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى دەپ قارىغان،لېكىن ئېينىشتىيىندىن كېيىن ئىسپاتلانغان قاراش مىكرو زەرىچىلەر دائىرسىدە بولۇپ،نيوتوننىڭ لوگىكىسى بىلەن بۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىنىڭ ئورتاقلىغى يوق.يەنى بۇلارنىڭ ئىككىسى ئىككى گەپ.
ھالقىلىق سۇزلەر ؛ نيوتون ، ئېينىشتىيىننىڭ ۋە سىتىفون خوكنىڭ  ماددىنى مۇئەييەن بىرلا خىل شەكىلگە يىغىنچالاش لوگىكىسىدىكى ئوخشاشلىق ،بۇ ئىدىيالىزىمنىڭ تىپىك ئىپادىسى، ماركىسىزىمنىڭ {بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنۇش پىرىنسىپى}نى دۇنيا بويىچە ئورتاق دەرسلىك قىلىشنىڭ زۇرۇرلىگى، بىزگە مەلۇم،فىزىكا ئىلىمى پۇتۇن دۇنيادىكى نەچچە مىليارت  ئاھالىنىڭ  ئورتاق دەرسلىگى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى  ماركىسىزىمدىن كۇپ  ئۇزۇن.بۇنىڭدىكى سەۋەپ دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۇلەتلەرنىڭ جەمىيەت تۇزۇلمىسى ئوخشاش ئەمەس.  بىز كوپ ئادەم  ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق ماركىسىزىمنىڭ بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنۇش پىرىنسىپىنى  پۇتۇن دۇنيا ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئۇزگەرتسە، نىسپىلىك نەزىريەسىدىكى  نۇرغۇن بىمەنە قاراشلاردىن ساخلىنىپ قالغىلى بولىدىغانلىغىغا پاكىت تاپتۇق.  .بۇلار  تۇۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل.
1- بىز ئادەتتە دەرسلىكلاردە  تەبىى پەن بىلەن ئىجتىمايى پەندىكى  ماددا ئۇقۇمىنى بىر خىل ئەمەس دەپ قارايمىز. لېكىن بۇنى 1905يىلى ئېينىشتىيىن ئىنكار قىلغان،يەنى ئۇ {تار  مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى چۇشەندۇرۇش ئۇچۇن {قوش كېزەكلەر سەپسەتىسى}نى  ئوتتۇرغا قويغاندا ،ئادەمنىڭ نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەتتە ھەركەت قىلغاندا ،ئۇنىڭ ئۇمۇرىنىڭ ئادەتتىكىدىن ئۇزۇن بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان،ئەگەر ھايۋاناتلارمۇ شۇ نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن ئۇچسا ،ئۇنىڭمۇ ئۇمۇرى ئۇزۇن بولىدۇ،مانا بۇ دۇلىتىمىزدىكى تۇنجى پادىشاھ  چىنشىخۇئاڭدىن باشلاپ ئىزلەپ كېلىۋاتقان   قېرىماسلىقنىڭ يەنە بىر يېڭى رېتسىپىنىڭ تېپىلغانلىغىنىڭ ئىسپاتى.  ماركىسىزىملىق پەلسەپەدە  ئادەم بىلەن ھايۋاننى  ماددا دەيمىز،ئېينىشتىيىن بولسا جىسىم دەيدۇ.لېكىن بۇ ھۇكۇم تاكى ھازىرغىچە  فىزىكلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىغان.
2-بىز ئالدىنقى ماقالە { كېمبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى خىرىستىئان دىنى ئىنىستىتوتى دىققەت قىلمىغان نيوتوننىڭ  لوگىكىلىق خاتالىغى}دا كۇرسۇتۇپ ئوتكەنگە ئوخشاش، ماددا بىلەن ھەركەت ئايرىلمايدۇ . شۇنىڭ ئۇچۇن بارلىق ماددا شەكىللىرىنى نيوتونغا ئوخشاش ماددىنىڭ مىخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاش تەبىى ھالدا  ماددا بىلەن ھەركەت تامامەن ئايرىم تۇرىدۇ، دىگەن خاتالىققا ئېلىپ بارىدۇ.دەل مۇشۇ قاراش نيوتوننى تەڭرىنى چاقىرىشقا مەجبۇرلىغان،بولمىسا نيوتوندەك دۇنياۋى ئالىم قانداق قىلىپ بۇنداق تۇۋەن دەرىجىلىك خاتالىقنى ئوتكۇزىدۇ ،ھەم بۇ قاراشقا تاكى  ھازىرغىچە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىدىغانلار .ئېينىشتىيىنغا قارىساقمۇ ،بۇ زات بۇ خاتالىقنى100يىل بۇرۇن يەنە بىر  قېتىم تەكرارلىغان.ئەگەر نىسپىلىك نەەرىيىسىنى توغرا دىسەك ، ماركىسىزىملىق پەلسەپەنى تامامەن خاتا دىگەن بولىمىز. مەسلەن ،ئادەتتىكى پەلسەپەدە {ئادەم بىر ئېقىمغا ئىككى قېتىم كىرەلمەيدۇ}دىيىلىدۇ،يەنى سىز بىر ئېقىنغا بۇرۇن بىر كىرگەن بولسىڭىز ،يەنە بىر كىرگەندە،ئۇ ئەسلىدىكى ئېقىن بولماستىن يېڭىلانغان ئېقىن بولىدۇ، لېكىن { تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەريىسى}دە ھەركەتنىڭ سۇرئىتىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش ئارقىلىق ھەتتا تەڭرىمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى نىسپىلىك نەزىريەسىدە قىلغىلى بولىدۇ،يەنى ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.شەرتى ھەرىكەتنىڭ سۇرئىتى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلىشىشى كېرەك{ئەلۋەتتە ھازىر نۇر تېزلىگىدىن يۇقۇرى تېزلىك بايقالدى}.لېكىن بۇنىڭدا سۇرئەت نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا ،نيوتون ئوتتۇرغا قويغان جىسىمنىڭ  ماسسىسى{ يەنى زىچلىغى بىلەن ھەجىمى}نىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىغىنى  ھىساپقا ئالمايدۇ.مەسلەن ،جىسىمنىڭ تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا ، راكىتانىڭ ماسسىسى،راكىتا ئىچىدىكى بارلىق جىسىملارنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.باشقا ئامىللارنى دىمەي تۇرايلى ،ئادەمنىڭ 0.5كىلوگىراملىق يۇرىكى ئەسلىدىكىدىن 80-90ھەسسە  يوغىناپ  كېتىدۇ.يەنى 40-50كىلوگىرامغا چوڭلايدۇ،بۇنداق بولغاندا ھەرقانداق بىر دوختۇر بۇ ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ئۇلۇپ بولغانلىغىنى سىزگە كەسپى ئەخلاق نۇختىسىدىن ئېيتىپ بېرىدۇ. لېكىن{ تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى} دە بولسا،راكىتا ئىچىدىكى بۇ   ئادەم ناھايىتى ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ.ئېينىشتىيىن بۇ قارىشىنى تېزلىك ۋە ماسسا فورمۇلىسى ئارقىلىق ئىنكار قىلىدۇ،لېكىن ئۇزى سەزمەيدۇ.   نىسپىلىك نەزىريەسى{ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى }ۋە {كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}دەپ ئىككى خىلغا بولىنىدۇ،  شۇنداقلا بۇ نەزىريە بىلەن كۇۋنت مىخانىكىسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ  ئىككى ئاساسى تۇۋرىكى دەپ قارىلىدۇ . كۇرۇشكە بولۇدىكى تىببى ئىلىم بىلەن تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى زىت كېلىدۇ.لېكىن پۇتۇن دۇنيا توغرا دەپ قاراۋاتقان نىسپىلىك نەزەرىيىسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق،يەنىلا ئۇز گېپىنى يۇرغۇلۇتىۋېرىدۇ.بۇنى مائارىپتىكى كەسپى ئەخلاق نۇختىسىدىن  چۇشۇنۇش  پەقەت مۇمكىن ئەمەس.
3-نىسپىلىك نەزەرىيىسىنى خاتا دىيىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، بىز ماركىسىزىمنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئېنگىلسنىڭ{ھەركەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىگىنى بايقىدۇق.يەنى مۇشۇ ئاساستا {ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى } نىڭ  مەلۇم قىسىملىرىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ .ئېنگىلىسنىڭ19-ئەسىرنىڭ 40يىللىرى ئۇتتۇرغا قۇيغان مىخانىك ھەرىكەت،فىزىكىلىق ھەرىكەت،خىمىيەلىك ھەرىكەت ، بىئولوگىيەلىك ھەرىكەت ۋە ئىجتىمايى  ھەركەت قاتارلىق 5خىل ھەركەت شەكلىدىكى ھەرىكەت  شەكىللىرى  ئاددىدىن مۇرەككەپكە قاراپ تىزىلغان بولۇپ ،يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەركەت شەكلى بولغان ئىجتىمايى ھەرىكەت شەكلى،بىولوگىيەلىك ھەرىكەت قاتارلىقلار  تۇۋەن دەرىجىلىك ھەركەت شەكلى بولغان مىخانىك ھەركەت ،فىزىكىلىق ھەركەت ۋە خىمىيەلىك ھەركەت شەكىللىرىدىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن،ھەم بۇ ئاددى ھەركەت شەكىللىرىنى  ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ.تۇۋەن دەرىجىلىك ماددا ۋە ھەركەت شەكلى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەركەت ۋە ماددا  شەكلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقى قىلىشىدىكى ماددى ئاساس.
شۇنىڭ ئۇچۇن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك شەكلىنى تۇۋەن دەرىجىلىك شەكلىگە يىغىنچاقلاپ قويۇشقىمۇ ،شۇنداقلا تۇۋەن دەرىجىلىك  ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركەت شەكلىنى  يۇقۇرى دەرىجىلىك شەكلىگە  كۇتۇرۇشكىمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل قاراش  نيوتون قانۇنلىرى پەيدا بولۇپ ،170يىلدىن كېيىن ئېنگىلس تەرىپىدىن   ئوتتتۇرغا قويغان،بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا   نيوتون قانۇنلىرى تەڭرىنى ئاساس قىلغانلىغى،يەنە كېلىپ ئىجتىمايى ھەرىكەتنى مىخانىك ھەرىكەتكە يىغىنچاقلىغان بولغانلىغى ئۇچۇن،ئەسلىدىكىدىن تەرەقى قىلىشى كېرەك ئىدى،چۇنكى مىخانىك ھەرىكەت چۇشەنچىسى بىلەن ئىجتىمايى ھەرىكەتنى چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ.
4-بىزنىڭ  بۇ كونا مەسىلىنى  بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ،  نيوتونغا ئۇخشاش بارلىق ھەرىكەت شەكىللىرىنى ھەركەتنىڭ مىخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى ئېينىشتىيىننىڭ {تار مەنىدىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}دىمۇ  ئەكس ئېتىدۇ.يەنە كېلىپ بۇ خىل  ئىدىيە بىرنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ھازىرغىچە مونوپول قىلىپ كەلدى.مەسلەن ،ماسسا ۋە ئېنىرگيە فورمۇلىسىغا قارايدىغان بولساقلا بۇنى چۇشۇنەلەيمىز، {ئېنىرگىيە= ماسسا ‹كوپەيتىش}  نۇر تېزلىگىنىڭ كۇۋادىراتى}،‹بۇلارنى فورمۇلا شەكلىدە ئالالمىدۇق›.بۇ فورمۇلا ئارقىلىق قۇياشنىڭ ئېنىرگىيەسىنىڭ ،ئاتوم بومبىسىنىڭ ئېنىرگىيەسىنى چۇشەندۇۇرگىلى بولىدۇ.لېكىن ماسسىنىڭ كۇرسۇتۇدۇغىنى خۇددى نيوتون بارلىق جىسىملارنى مىخانىك سائەتكە يىغىنچاقلىغان بولسا،ئېينىشتىيىن ئاتومنىڭ يادروسىغا  ياكى ئاتومغا يىغىنچاقلايدۇ . بىلىشىڭئىز كېرەككى ،ئاتوم بىلەن ئادەم ۋە ھايۋانات پەرق قىلىدۇ،بۇلارنىڭ كۇچىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارىسىڭئىز بولمايدۇ.  {كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ئالىملار ئىسپاتلىدى،بىز بۇ مەقالىدە تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ ئاساسى لوگىكىلىق خاتالىغىنى مۇزاكىرە قىلىمىز.
5-تار دائىردىكى نىسپىلىك نەزىريەسى مۇنداق ئۇ ئۇچ مەزموندىن تۇزۇلگەن.
1- جىسىم نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلغاندا ،ماكان قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ .
2-جىسىملار ھەركەت تېزلىگىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ،ماسسىسىنىڭ ئېشىپ بارىدۇ ۋە ھىساپلاش فورمۇلىسى.
3-مەزمون   ئېنىرگىيە  تەڭ  ماسسا ۋە نۇر تېزلىگىنىڭ كۇۋادىراتىنىڭ كۇپەتمىسى .
4- بىز ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدىمۇ 1-ۋە 2-مەزمون بىر -بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ دىگەن.
‹جىسىم_ئادەم } نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلغاندا دىگەن مەزموندىنلا كۇرگىلى بولىدىكى ،ئادەممۇ بىر جىسىم ،فىزىكا جىسىم دەيدۇ ،ماركىسىزىم ماددا دەيدۇ.ئەمىليەتتە بۇ بىر گەپ.نيوتون ئىككىنچى قانۇنىدا جىسىمنىڭ تېزلىنىشى ماسسىغا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ، بۇ قانۇننى توغرا دەپ قارىغان ۋاختىمىزدا نىسپىلىك نەزىريەسىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇمىز.چۇنكى  ماسسىسى بولمىغان فوتون نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلالىغان بىلەن ئىنسانلار نۇر تېزلىگىدە ھەركەت قىلالمايدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ دىگىنى ئەگەر ئىلىم- پەن تەرەقى قىلىپ ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەندە،  ئۇ نۇر تېزلىگىگە يېقىن تېزلىك بىلەن ھەركەت قىلالايدۇ،دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھەركەت قىلغۇچى ماددىدا  ماكان {شۇ ماددىنىڭ ئۇزۇنلۇغىلا قىسقىرايدۇ،‹ئىگىزلىك ۋە كەڭلىكتە ئۇزگۇرۇش بولمايدۇ،شۇڭا بۇلارنى ھىساپقا ئالمايمىز›،زامان-مۇشۇ جىسىم ئىچىدىكى ۋاقىت ئاستا ئۇتۇدۇ،؟ فىزىكا ئالىملىرى ھازىرقى زامان پەن -تېخنىكىسىنىڭ  تەرەقى قىلىشىغا،  تەجىربە ئۇسكۇنلىرىنىڭ  ئىلغارلىشىشىغا  ئەگىشىپ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق  تەجىربىلەر،  نىت مەنىدىكى نىدپىلىك نەزىريەسىنىڭ  2-مەزموننىڭ توغۇرلىغىنى دەلىللىگەن ،يەنى پىروتوننىڭ تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە يېقىنلاشقاندا  ،ئۇنىڭ ماسسىسى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.  بۇ دىمەكلىك  تەجىربە نەتىجىسىدە پروتوننىڭ ھەجىمى بىلەن زىچلىغى ئەسلىدىكىدىن 100ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بولىدۇ،شۇنداقلا  نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن ھەركەت قىلغان زەرىچىلەرنىڭ يىمىرلىشىمۇ ئادەتتىكىدىن ئاستا بولغان. ئينىشتىيىن بۇ زەرىچىنىڭ ئورنىغا ئادەمنى ئالماشتۇرۇپ قارىغان،ھازىر پۇتۇن دۇنيانى قاپلىغان ئېينىشتىيىنچىلارمۇ بۇ قاراشتا،ئەگەر پروتون بىلەن ئادەم تەڭ يۇقۇرى سۇرئەتتە ھەركەت قىلسا قانداق بولىدۇ ، دەل بىز دىگەندەك  0.5كىلوگىراملىق يۇرەك ئەسلىدىكىدىن 80-90ھەسسە چوڭلايدۇ.ئېينىشتىيىن ياكى ھازىرقى زامان فىزىكا ئالىملىرى بۇ ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ،تىببى ئىلىم بولسا بۇ ئادەمنىڭ ئاللىقاچان ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىغىنى جاكالايدۇ،بۇنى فىزىكا ئالىملىرى ئېتىراپ قىلمايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن ئېينىشتىيىن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇق ئالىملارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ،بۇ باھانى بەرگۇچىلەرنىڭ بايىقى پاكىت بىلەن پەرۋايى پەلەك.
5-نىسپىلىك نەزىريەسى ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ ئاساسى تۇۋرۇكلىرىنىڭ بىرى بولغانلىغى ئۇچۇن،بۇ  فىزىكا ساھاسىنى مونوپول قىلغان.بۇنى بىز ھازىرقى زاماندىمۇ كۇرۇپ تۇرۇپتىمىز.مەسىلەن، قۇياش سېستىمىسى بىلەن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئارلىقى 4.3 نۇر يىلى  بولۇپ، سۇرئىتى ئەڭ يۇقۇرى دەپ قارالغان{ھازىر بۇنىڭدىنمۇ تېزلىك بايقالدى،ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۇشۇنۇشى ئۇچۇن يەنە ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريەسىنى مىسال قىلىمىز}نۇرنىڭ سىرتقى سەييارىلەرگە يېتىپ بېرىشى  ئۇچۇنمۇ 4.3يىل ۋاقىت كېتىدۇ.  ئەنگىلىيە كېمبېرىج ئۇنۋېرستېتىنىڭ فرافېسسورى سىتىفېن خوك يېقىندا {ئالەمگە تۇتاشقان مەخپى قۇرۇلما}دىگەن ئەسىرىدە ،بۇنچىلىك ئارىلىقنى بېسىپ بولۇش ئۇچۇن ،ئىنسانلار ھازىرقى ئۇچۇش تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا 50000 يىل ۋاقىت كېتىدىغىنىنى،ئەگەر ئانتى ماددىنى ئالەم راكىتاسىنىڭ يېقىلغۇسى قىلغاندا بولسا ،بۇنچىلىك ئارلىقنى 6يىلدا تاماملىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇ ئالىممۇ ئادەم  نور تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن ھەركەت قىلغاندا ،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەجىمى بىلەن زىچلىغىنىڭ ئاشىدىغانلىغىنى ھىساپقا ئالمىغان.  قىزىقارلىغى شۇكى، تىببى ئىلىمنىڭ ئاساسى قانۇنلىرى بۇنى دائىم ئىنكار قىلىدۇ،لېكىن فزىكىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق.
6- نىسپىلىك نەزەريىسىنىڭ ماكان ۋە زامان  ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئىلمى ئاساسى يوق.  چۇنكى نىسپىلىك نەزىريەسىدىكى ماكان-زامان بىر ئۇلچەملىك ماكان  ۋە بىر ئولچەملىك زامان قارىشى بولۇپ بۇ ماركىسىزىملىق پەلسەپە  ۋە فىزىكىدىكى   ئوچ ئولچەملىك ماكان ۋە بىر ئولچەملىك-زامان  ئۇقۇمى بىلەن  تامامەن قارمۇ قارشى،بۇ خۇددى نيوتون بىرىنچى قانۇنى بىلەن فىزىكىدىكى كۇچ ئۇقۇمىنىڭ بىر-بىرىگە تامامەن قارمۇ -قارشى ئىكەنلىگى بىلەن ئوخشاش.يەنى نىسپىلىك نەزىريەسى پەيدا بۇلۇپ تاكى ھازىرغىچە خۇددى نيوتون قانۇنلىرىنىڭ بىرەر فىزىكىچىنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسى لوگىكىنى چۇشەنمىگەندەك ،   پۇتكۇل دۇنيادىكى بارلىق ئالىملارغىچە ھىچكىم  {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نى   تۇلۇق چۇشەنگەن ئەمەس . بۇنى مۇنداق مىسال ئارقىلىقمۇ چۇشۇنىمىز:   {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}دىكى 2 ئۈلچەم مۇنداق،يەنى {ھەركەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ ،شىكالىنىڭ قىسقىرىشى} دىكى شىكالىنىڭ قىسقىرىشى ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقارغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇ يەردى جىسىمنىڭ كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى مەۋجۇت  ئەمەس.ماكاننىڭ بىر ئۇلچەملىكلىكلىگى دەل مۇشۇ.سائەتنىڭ ئاستىلىشىش مەسىلىسى بولسا،فىزىكلار بۇنى مۇنداق چۇشەندۇرۇدۇ.يەنى بايىقى مىسال ،زەرىچىلەرنىڭ تېزلىگى تېزلەتكۇچ تەرىپىدىن تېزلىتىلگەندىن كېيىن  ئۇلارنىڭ يىمىرلىشى ئەسلىدىكىدىن ئاستا بولغان.يەنى فىزىكلار ئادەمنى ئاساسى زەرىچە دەپ قارىغان.بۇلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى تامامەن يوققا چىقارغان،ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىنى  بۇلسەك  ئەڭ ئاخىرى  ئاساسى زەرىچىلەرگە بۇلۇنىدۇ ،ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ ھەركىتى فىزىكىلىق ھەركەت كاتوگىرىيەسىگە كىرىدۇ،ئىنسانلارنىڭ ھەركىتى بولسا ئىجتىمايى ھەركەت كاتوگىرىيەسىگە كىرىدۇ،يەنى فىزىكلار ئىجتىمايى ھەركەتنى فىزىكىلىق ھەركەتكە يىغىنچاقلاپ چۇشەندۇرۇدۇ،بۇ ماركىسىزىملىق  لوگىكىغا خىلاپ،لېكىن فىزىكىدا ماركىسىزىمنىڭ دىگىنى ھىساپ ئەمەس. يەنە كېلىو بۇ يەردە مەركىسىزىملىق ئىلمى قاراشنىڭ ئىلمى ئىكەنلىگىنى تىببى ئىلىممۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
7-ئېينىشتىيىننىڭ كىشىلەر تېخى بايقىمىغان ،فىزىكىغا ۋە پەلسەپەگە قوشقان توھپىسى بولسا ، ئۇ 1905- يىللىرىلا  فىزىكىدىكى ماددا قارىشى بىلەن ماركىسىزىمدىكى ماددا قارىشىنى  بىرلىككە كەلتۇرۇپ بولغان.يەنى ئالەم راكىتاسى نۇر تېزلىگىگە يېقىن سۇرئەت بىلەن  ھەركەت قىلغاندا ئېلىكتىر ماگنىت مەيدانى تەرىپىدىن كۇونتۇرول قىلىنىدىغان ئادەم بەدىنىنىدىكى سائەتنىڭ ئاستا ئوتۇدىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ،مۇشۇ ئارقىلىق ئادەم ئوزۇن ياشايدۇ دەپ{قوشكېزەكلەر  سەپسەتىسى}نى ئوتتۇرغا قويغان ،بۇ تەلىمات {تار دائىردىكى  نىسپىلىك نەزىريەسى}نى چۇشەندۇرۇشتە تازا ياخشى مىسال بولغان،بۇنىڭ بىلەن سان- ساناقسىز ئىلمى فانتازىيىلىك ھىكايىلەر ،كىنولار،قونچاق فىلىملەر مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ ئەدىبى ئوبىرازى تېخىمۇ جەۋلان قىلغان،پارلىغان.يەنە كېلىپ ،نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا ماددىنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نوختۇسىنىڭ بولىدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان.بۇ نەزىريە {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى}نىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس سالغان.بۇ نەزىريە  بىزنىڭ {ماركىسىزىملىق ماددا كاتوگورىيەسى-ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى } دىگەن  ئىلمى قارىشىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ناھايىتى كۇچلىك دەلىل بىلەن تەمىن ئەتكەن .  .
بىز ئەسلىدىكى فورمۇلىنى كۇرۇپ باقايلى،.........   
8- ئەسلى گەپكە كەلسەك،نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا ،ماكان قىسقىراپ ،زامان ئۇزىرايدۇ،يەنى راكىتا  ئىچىدىكى ئادەم ئۇزۇن ئۇمۇر كۇرۇدۇ.دىمەك ،بۇ يەردە سۇپەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان  بىرنەچچە تۇرلۇك ماددا شەكلى بار بۇلۇپ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم راكىتاسىنىڭ ئىچىدە بۇلۇپ،ئولار ئادەم،ھايۋانات،ئۇسۇملۇك ۋە ئالەم راكىتاسىغا ۋە ئادەم ،ھايۋانات،ئوسۇملۇكلەرگە كىرەكلىك بولغان تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى بولۇپ ، ئادەتتىكى مەيداندا تۇرۇپ قارىساقمۇ بۇنى چۇشۇنۇش ناھايىتى ئاسان.  
دېمەك ئېينىشتىيىننىڭ« قوش كىزەكلەر تەلىماتىغا ئاساسلانغانددا، ئالەم راكىتاسىنىڭ ماسسىسىلا  ئەمەس ،بەلكى پرۇتون بىلەن تەڭ ماڭغان ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنسانلار ،ھايۋانات،ئۇسۇملۇك ،ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسمۇ ئەسلىدىكىدىن  80-90ھەسسە چوڭلايدۇ،لېكىن ئالەم راكىتاسى بۇزۇلمايدۇ. ئالىملار پروتوننىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ،لېكىن راكىتا، ئادەم ،ھايۋانات ،ئۇسۇملۇك ۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭلىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . چۇنكى ئېتىراپ قىلسىلا {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيسى}نىڭ ماھىيىتى ئاشكارا بولىدۇ.
9-ئېينىشتىيىن 1905يىلى 5پارچە ماقالە ئېلان قىلغان، بۇلارنىڭ بىرى 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.بۇ نەزىريە نۇرنىڭ ھەم زەرىچىلىك ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىگى ئىدى.ئېينىشتىيىن بۇ مۇكاپات سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى ئايالىغا بەرگەن ، ئېنىرگىيە ،ماسسا ،نۇر تېزلىگى كۇۋادىراتى ھەققىدىكى نەزىريە بولسا،  1945-يىلى ياپونىيەنىڭ خىروسىما ئارىلى بىلەن ناگاساكى ئارىلىدا پارتىلىغان 2دانە ئاتوم بومبىسى ھاسىل قىلغان غايەت زۇر ئېنىرگىيە نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ 3-  قانۇنىڭ تۇغۇرلىغىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن بۇ ئىسپاتلاشمۇ  ئاتوم دائىرسى بىلەن چەكلىنىدۇ ،بايا دەپ ئوتكەندەك،ئادەم ۋە ئىنسانلارنىڭ ئېنىرگىيە كۇچىنى ھىساپلاشقا ماس كەلمەيدۇ.ئاتوم ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ھازىرقى دۇنيادىكى ئاساسى ئېقىم بولۇپ ،بۇنىڭ يارىتىدىغان ئىقتىسادى ئۇنىمى ئىنتايىن يۇقۇرى.ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا  نىسپىلىك نەزىريەسەنىنىڭ 1ۋە 2-مەزمونىدىكى كېلىشتۇرگىلى بولمايدىغان زىدىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.  بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېنىق چۇشۇنىشى ئوچۇن،پۇتۇن دۇنياغا تۇنۇشلۇق بولغان مىسال ئالايلى،ھازىرقى {خەلىق}گېزىتىنىڭ مۇاۋىن باشلىغى بولۇپ ئىشلەۋاتقان لىاڭ خېڭ تۇزگەن ،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان {ماتىماتىكا-خىمىيە—فىزىكىدىن ئاممىباپ لىكسىيە}دىگەن كىتاپنىڭ554 بېتىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىگە ئائىت مىسالنى كۇرەيلى.{قارىماققا ئىنتايىن,ئىشەچىسىز كۇرىنىدىغان ‹سائەتنىڭ ئاستىلپ ،شىكالىنىڭ قىسقىرىشى›،بۇ دىگەەنلىك ،ھەركەت قىلىۋاتقاندىكى سائەت ،تىنىچ تۇرغان ۋاقىتقا قارىغاندا ئاستا ماڭىدۇ،گەز شكالىسىمۇ قىسقىراپ قالىدۇ،بىز ئادەتتە دائىم تۇۋەن تېزلىكتىكى ھەركەتتە- ئۇنى ھىس قىلالمايمىز،لېكىن، شىكالا سېكىنۇتىغا260000كىلومېتىرلىق تېزلىك{يەنى 0.87ھەسسە نۇر تېزلىگى } بىلەن ھەركەت قىلغان ۋاقىتتا ،بىر مېتىرلىق گەز قىسقىراپ يېرىم مېتىر بولۇپ قالىدۇ.يەردە بىر سائەت ئوتسە،ھەركەتتىكى سائەت ئاران يېرىم سائەت ماڭغان بۇلىدۇ.بىر ئادەم ئەگەر فۇتون راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ،ئالەمنى ساياھەت قىلغان بولسا،ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن  ئۇغلۇنىڭ قېرىپ ،چاچلىرىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىگىنى .ئوزىنىڭ يەنىلا ئاۋالقىدەك ياپياش تۇرغانلىغىنى كۇرۇپ ھەيران قالىدۇ.بۇنداق سىناقنى بىز  ئەلۋەتتە قىلالمايمىز.ئەمما  ئوخشاش قانۇنىيەتلىك سىناق ئارقىلىق ھەركەتتىكى سائەتنىڭ ئاستىلاپ قالىدىغانلىغانى ئىسپاتلاپ چىقىشقا تامامەن بۇلىدۇ،ئالدىنقى بىر نەچچە باپتا ،بىز ئاتۇمنىڭ رادىوئاكتىپلىغىنى سۇزلىگىنىمىزدە ،نىمىنىڭ {يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى} ئىكەنلىگىنى-بىلگەنىدۇق. مەلۇم بىرخىل ئېلېمېنتار زەرىچىلەرنىڭ{ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى} ئۇزگەرمەيدۇ،شۇنىڭ  ئۇچۇن بىز ئۇنى ‹سائەت› دەپ قارايمىز،نىسپىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ،ھەركەتتىكى زەرىچىلەرنىڭ تىنىچ تۇرغان زەرىچىلەرگە نىسبەتەن يېرىم  يىمىرلىش دەۋرى ئوزۇناراق بۇلۇشى كېرەك،تەجىربىلەر ئسپاتلىدىكى ،ئاكسېلېراتۇردىن چىققان تېزلىگى نۇر تېزلىگىگە  يېقىنلاشتۇرۇلغان زەرىچىلەرنىڭ يىمىرلىشى ھەقىقەتەن باشقا زەرىچىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولغان. بۇنى بىز نەزىريىۋى تەجىرىبە قىلىپ  كۇرسەكمۇ بولىدۇ .ھازىرقى زامان تەجىربە فىزىكىسىنىڭ ئاتىسى گالىلېي بولۇپ ،ئۇ تەجىرىبىدىن ئوتكەن پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ .شۇنىڭ ئۇچۇن بىز توغرا  تاناسىپلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئالەم راكىتاسىنىڭ ئومومى قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ماددا شەكىللىرىنىڭ  ئۇزگۇرىش ئەھۋالىنى بايا دىگەندەك نەزىريەۋى فىزىكا ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھىساپلاپ كۇرەيلى  .  ئالدى بىلەن ئۇزۇنلىغى 10مېتىرلىق ئالەم  راكىتاسىغا ئالەم راكىتاسى بىلان ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتا بىر شىكالە باغلايمىز.ئادەم  ئالەم  راكىاسىغا ئۇلتۇرۇپ سىكىنوتىغا  260مىڭ كىلومېتىرلىق  سۇرئەت بىلەن ئۇچقاندا ئالدى بىلەن 10مېتىرلىق راكىتا ۋە شكالە   قىسقىراپ 5مېتىر بولۇپ قالىدۇ ،بىز بۇ يەردە پەقەت شكالە قىسقىرايدۇ،راكىتا قىسقارمايدۇ دەپلا قاراپ كەلدۇق.ماكان دىگەن مۇشۇ راكىتانىڭ ئۇزۇنلىغى،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى بولۇپ ،شىكالىنىڭ قىسقارغانلىغى راكىتانىڭمۇ قىسقارغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ .بۇ راكىتا ئىگىزلىگى ۋە كەڭلىگىنىڭمۇ  كېمەيگەنلىگىنى كۇرسۇتۇدۇ.بۇ دەل ماكان قىسقاردى دىگەن سۇز.ھەم بۇ قاراش راكىتانىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىغىنىمۇ ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز ئىچىگە لىق سۇ قاچىلانغان 10مېتىرلىق گۇەنزىنى سىقىپ قىسقارتىپ بېقىڭ،ئىچىدىكى سۇ نەگە ئاقىدۇ.ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك،راكىتانىڭ ئۇزۇنلىغىنىڭ يېرىمى  كۇيۇپ تۇگەمدۇ ياكى ئۇپىراپ كىتەمدۇ،ئىشقىلىپ،يوقاپ كېتىدۇ.بۇ ئالەم راكىتاسىدىكى ئاھەم 1يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ،ھىلىقى قېرىپ كەتكەن بالىسىنى كۇرۇپ ھەريان قالغاندا بولسا، ھەممىسى يەنىلا ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ،دىمەك ئالەم راكىتاسى ،ئىنسانلار،ھايۋاناتلار ،ئۇسۇملۇكلەرۋە باشقا تۇرمۇش لاۋازىمەتلىكلىرى ھەم ئۇزىرايدىغان ،ھەم قىسقىرايدىغان رېزىنكىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ، ئەلۋەتتە بۇ  نىسپىلىك نەزىريەسىدىن باشقا ھىچقانداق بىر لوگىكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .لېكىن نيوتون ۋە ئېينىشتىيىنلارنىڭ لوگىكىسى كىلاسسىك فىزىكا بىلەن ھازىرقى زامان فىزىكا دۇنياسىنى مونوپۇل قىلىپ تۇرغانلىغى ئۇچۇن  بۇنىڭدىن گۇمان قىلىدىغان بارلىق نەزىريەلەرنىڭ ھەممىسى چەتكە قېقىلىدۇ.   يەنە كېلىپ نىسپىلىك نەزىريەسىدىن باشقا ھىچقانداق بىر پەندە  بىر ئۇچەملىك ماكان ۋە بىز ئۇلچەملىك زامان مەۋجۇت ئەمەس .
10-مەسىلە،بىز لىياڭ خېڭ  ئەپەندىنىڭ مىسالى بىلەن ھىساپلاپ  كۇرسەك ، ئادەم ئالەم راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ سىكىنۇتىغا 260مىڭ كىلومېتىرلىق  سۇرئەت بىلەن ماڭغاندا ھەركەتتىكى سائەت 30 مىنۇت ماڭغان بۇلىدۇ، يەنى يەر يۇزىدىكى سائەت   1يىل ماڭسا ،ئالەم راكىتاسى ئىچىدىكى سائەت 6ئاي ماڭغان بولىدۇ،بۇ خىلئەھۋالدا  {قوش كېزېكلەر نەزىريەسى}گە ئېلىپ كەلسەك ،ئىنىسى فۇتۇن راكىتاسىغا ئولتۇرۇپ ئالەمنى بىر ئايلىنىپ كەلسىمۇ فۇتون راكىتاسى ئىچىدىكى ۋاقىت يەر يۇزىدىكى ۋىقىتقا قارىغاندا تەخمىنەن6  ئايدىن سەل قىسقا بولىدۇ،ھەرگىز ئېينىشتىيىن دىگەندەك 25 يىل  بولمايدۇ.بۇمۇ نىسپىلىك نەزىريىسىنى بىرەر كىشىنىڭ تېخى چۇشەنمىگەنلىگىنىڭ ئەمىلى پاكىتى.ئەلۋەتتە ھازىر نۇرغۇن ئالىملار پاكىتلار ئارقىلىق   ئېينىشتىيىننىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنى بايقىدى،بىزنىڭ ماقالىمىز بولسا ماركىسىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ ،ئۇلارمۇ بايقىمىغان يېڭى نەسسىلەرنى بايقاش بولدى،بولمىسا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى بۇ يەرگە كۇچۇرۇپ قويۇشنىڭ زۇرۇريىتى نىمە؟                                                                                                  
3-مەسىلە :{ماسسا ۋە تېزلىك}فورمۇلىسىغا ۋە فىزىكا ئالىملىرىنىڭ پروتون ئۇستىدە ئېلىپ بارغان تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا ،ئالەم راكىتاسىنىڭ ئۇزۇنلىغى ھەرىكەت جەريانىدا قىسقارماستىن ئۇزۇرۇشى كېرەك،چۇنكى ماسسا چوڭلىسا ئونىڭ ئوزۇنلىغى ،كەڭلىگى ۋە ئىگىزلىگى ئەسلىدىكىدىن ئېشىپ ماڭىدۇ ،ماكان  ئۇزارسا راكىتا بۇزۇلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، فوتون راكىتاسىنىڭ  نۇر تېزلىگىگە يېتىشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.مانا بۇ ماركىسىزىملىق ئىلمى دۇنياقاراش.ئەلۋەتتە ماركىسىزىمغۇ ئىلمى دۇييا     قاراش، دىمەك بىزغۇ نىسپىلىك نەزىريەسىنىڭ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىگىنى پاكىتلار بىلەن كۇرسۇتۇپ ئوتتۇق.ئۇنداق بولسا ،لوگىكىغا ئۇيغۇن بولغان نىسپىلىك نەزىريەسى بارمۇ؟ئەلۋەتتە بار،شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا  ،ھەممىمىزنىڭ قۇياشقا قارشى چىقىشىمىزنىڭ زۇرۇريىتى يوقتە ،ئەلۋەتتە.     
بۇ ماقالە بۇرۇن دۇلەت دەرىجىلىك ژورنال{تور بايلىغى}دا ئېلان قىلىنغان،كېيىن نۇرغۇن دوستلار،ساۋاقداشلار ،خىزمەتداشلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ  نۇرغۇنلىغان ئۇخشىمىغان پىكىرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،بۇ پىكىر ئېقىملىرى ئاساسەن   ئېينىشتىيىننى   قوللۇغۇچىلار،ماركىسىزىمنىڭ {بىرنىڭ ئىككىگە بۇلۇنىشى}بويىچە پىكىر قىلغۇچىلار،  ،ماتىماتىكىلىق لوگىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر، تىببى نوختىدا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر بولۇپ ،پىكىرلەر ئۇزلۇكسىز كېلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ پىكىرلەرنىڭ ئايىغى زادىلا ئۇزۇلمىدى،ماقالىنى تۇلا تولۇقلاپ،ئوزگەرتىپ ھېرىمپمۇ قالدىم،بۇنداق بولغاندا مۇشۇ 3يىلدا ئالدىن كەلگەن پىكىرلەر ئاساسىدا ئوزگەرگەن  قىسمىنى تورداشلارغا يوللاشنىڭ زۇرۇرلىگىنى باشقا ئاپتورلار قايتا-قايتا تاپىلىدى،بۇنىڭ بىلەن {بولدىلا ،مۇسۇلماندارچىلىقمۇ  ئاستا -ئاستا دەيدىغان}  سۇز بارغۇ،تورداشلارمۇ بۇ ماقالىنى بىر كۇندىلا چۇشۇنۇپ كېتەلىشى يەنى پۇتۇنلەي چۇشۇنۇپ كېتەلىشى تەسكە توختايدۇ دەپ قاراپ بۇنى تورغا يوللۇدۇق، ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سەمىمى ،ئىجابى ۋە سەلبى پىكىرلەرنى بەرگەن  دۇستلار مۇنۇلار: شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دوكتۇر،فرافېسسور نۇرشات{بۇ ئۇستاز مېنىڭ يېزا ئەگىلىك ئۇنىۋېرىستېتىدىكى ئۇقۇتقۇچۇم}،شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم پىلانلاش ئىشخانىسىدىن  تەتقىقاتچى ئەكپەر،ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ئىدارىلەر پارتىكومىدىن مەمتىمىن{تۇرپان}، تۇرپان شەھەرلىك يار يېزا دوختۇرخانىسى قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شەمشات دورىخانىسىدىن  ئادىلە غېنى{بۇ مېنىڭ ئۇز سىڭلىم}، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدىن دوتسىنىت غېنى ئابدىگۇل ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى سېستىما ۋە ماتىماتىكا پەنلىرى  ئىنىستۇتىنىڭ  مۇئاۋىن باشلىغى،ماتىماتىكا دوكتۇرى،فرافېسسور ئابدۇرىشىت ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىنىستىتوتىدىن دولقۇن ئابدۇللا  ،{شىنجاڭ پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى}نىڭ  باش تەھرىرى ،فرافېسسور ئالاۋىدىن ئابدۇرېيىم {ئاتۇش} ، ئاپتونوم رايونلۇق  يېزا ئىگىلىك بانكا پارتىيە مەكتىۋىدىن ئەخمەت رەخمىتۇللا{كەلپىن}،خوتەن قاراقاش ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن غۇجى ئابدۇللا ناسىر،بۇگۇر ناھىيە ئاق ساراي بازارلىق ھۇكۇمەتتىن زاكىر ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئادىل مەمەت،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ  باشلىغى،دوكتۇر، فرافېسسور  كېرېم ئېلى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك  ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىدىن بەكرى{تۇرپان قارىغوجا}، ، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن تىببى پەنلەر   ماگىستىرى پەرىدە غۇپۇر،شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدىن مۇنىرە غۇپۇر،شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تۇرلەر باشقارمىسىدىن باشقارما باشلىغى قاھار ياسىن{كورلا}، شىنجاڭ ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئورنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان{چوچەك} ،شىنجاڭ ئادىل -پاك ئادۋۇكاتلىق ئۇرنىدىن ئادۋۇكات ئاسىپجان ياسىن{ئاتۇش}،  شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى مالىيە باشقارمىسىدىن ئادىل سىيىت، {شىنجاڭ ياشلىرى }ژورنىلىدىن ئەسەت مەسئۇت {گۇچۇڭ}،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرلۇش بانكىسىدىن  ئالى مۇخبىر گۇشۇيگېن،ئۇرۇمچى شەھەرلىك  مائارىپ ئىدارىسى ئاساسى مائارىپ باشقارمىسىدىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى دوتسىنىت سادىقجان سايرام{قۇمۇل}،ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا {شىنجاڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى }ژورنىلىدىن تەھرىر نىجات سوپىيوف{ئۇرۇمچى}،بىڭتۇئەن بانكىسى ئۇرۇمچى شەھەر تارمىغىدىن شۇھرەت ئابدۇقادىر{غۇنقا چاپچال} ،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلۇمىدىن   دوتسېنت  ئەكپەر{غۇلجا}، ئۇرۇمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلىمىدىن  دوتسېنت يالقۇن{قۇمۇل}،تۇلۇق ئوتتۇرا  سىنىپ بۇلىمىدىن خەنزۇ تىلى ئۇقۇتقۇچىسى مەرھابا ، خىمىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئەلىشىر، تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى ھەبىبە،ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىسى مېھرىگۇل  ، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى گۇلزار، ئەدبىيات ئۇقۇتقۇچىسى خۇشتار، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى قەيسەر  ،{شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى} تەھرىر بۇلىمىدىن سەمەتجان{لۇكچۇن}،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن مۇھەممەت باغراش{كورلا}.  ياسىنجان ئابدۇشكۇر{شايار} ،شىنجاڭ تېلۋىزىيەسى 9-قانالدىن ئادىلجان ئابلىمىت{پىچان}،تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ئالىم ئىمىن،تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە باشلىغى  بارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ھەبىبۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىغى نېجىم ئابلەق.ئورمان پونكىتى مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇسمان،تۇرپان ۋىلايەتلىك  تېخنىڭ كېڭئەيتىش پونكىتىدىن ئۇمەر،تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋى يار يېزا پونكىتىنىڭ  مۇدىرى باۋدۇن  زىياۋۇدۇن، يېزا ئامانەت كوپىراتىۋى ئايدىڭكۇل  پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى،قۇمۇل شەھەرلىك سىياسى كېڭئەش مالىيە بۇلۇمىدىن  ئابلىز ئوسمان ،تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۇل ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەتىنياز مەڭنىك ،ئەخمەت مەمتىمىن،مەكتەپ مۇدىرى ئېلى توختىنىياز ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇل نېجىم،سىكرىتار غېنى ئابلىمىت.ئوقۇتۇش تەتقىقات رايونىدىن مەخمۇت ھەبىبۇل ،مەمەت نىجىمدىن ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن، باۋدۇن سىراي،نىياز ئېزىز،ئەنۋەر ئامىسلىم،غاپپار غۇپۇر،شىنجاڭ سۇ ئېلىكتىر مەكتەپتىن پەتتار مەمەت ئۇرۇنچى شەھەرلىك تېلىگىراق ئۇلاپ -يەتكۇزۇش ئىدارىسىدىن مەمەت سەيدۇل،ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭئەشتىن ياسىن رىشىت،پىچان ناھىيە لەمجىن بازىرى مۇئاۋىن باشلىغى {نوىتىدا تۇرۇپ ۋەزىپە ئۇتەۋاتقان  ياپونىيەدە ئۇقۇپ ماگىستىرلىقنى تاماملىغان  غېنى نېيىم،نېفىت دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر ئەخمەت مەمەت،سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېيىم، بۇلاق تاغ رايونلۇق خەلق ھۇكۇمەتتىن ئادىل ياسىن ،شىنجاڭ شېنخۇا گۇروھىدىن ھامۇت مامۇت قاتارلىقلار بولۇپ  ، تالاش تارتىشلار ئۇزۇلۇپ قالمىدى،كېيىن يەنە تېخىمۇ سەرخىللاشقان ماقالىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.،،،،دىمەك داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1-ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم خەنزۇچە 89-بەت.                          
2-مۇشۇ كىتاپ 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت.
3-دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتابلىرى.
4 -<كەڭ دائىردىكى >ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيىسى›-‹ئېينىشتىيىن› بىكىتى.
5-‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرخانىسى ئەخمەت  مەمەت
‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى2000-يىلى نەشىرى
6-‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›
7-بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسى 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم《ئالەم ۋە ئىنسانلار〉.
8-‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك.
9-يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .
10-ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.
11-‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرىياتى يېڭى يېزىق نەشىرى
12-ئەدەبىيات فاكولتىتى‹ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر - مەرھۇم يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان.
13-ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامېرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.
14-ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›‹15›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭخېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.-----
2012-يىل 1-ئاي



شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61687
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5378
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 691 سائەت
تىزىم: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:12:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بارمۇ تېخى~كېيىنكى نۆۋەت كىمنىڭ؟

ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:21:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىشقا دارۋىننىڭ لوگىگىلىق خاتالىقى توغرىسدا ئىزدەنمەيسلەر؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22176
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3255
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 5724 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:39:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيۇتۇننىڭ گىپى تۇگىدىمۇ خېلى قىززىۋاتاتتى بولمىسا .:qiray15:qiray15

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر بىردەم نىيوتوننىڭ، بىر دەم ئىينىشتىيىننىڭ نەزىريەلىرنى تۇلا سۈكۈپ يۈرگۈچە ئاۋال ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىنى ئوبدان بىر تەتقىق قىلىڭلارچۇ. مەنمۇ بىر فىزىكىچى تىماڭلارغا دىققەت قىلىۋاتىمەن! ۋاقتنىڭ قىسلىقىدىن بىر نەرسە يېزىپ بۇلالمىدىم سىلەرگە ئاتاپ! سىلەرگە تەكلىپ ئاۋال بۇ ئىككىسىنىڭ قانۇن ۋە نەزىريىلىرىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ تۇلۇق ئىگەللەپ ،چۈشۈنۈپ بۇلۇپ ماڭا ھايت دەڭلار قالغان گەپنى شۇ چاغدا دىيىشىلى!
بولمىسا نىيوتون قانۇنلىرىنى ئۈزەڭلار چۈشنەلمىگەن، يەكى چالا پۈچۈق چۈشەنگەن ئاساستا مۇنبەردا قالايمىقان سۆزلەپ نۇرغۇنلىغان مۇشۇ قانۇنيەتلەرگە چۈشەنچىسى ئاجىز بولغانلارنى ئازدۇرماي!
  مەنمۇ سىلەرنىڭ مەقسىدىڭلارنى چۈشەنگەندەك قىلىمەن! گەپ ئارتۇق كەتكەن بولسا رەنجىمەڭلار باشقا گەپ بولسا چچ دا ئايرىم پاراڭلىشايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بأرة تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 12:06 AM  


ئىتتىپاقلىق كۈچ!

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:58:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەي ، قايسى كۈنى نىيوتۇن دېگەن كىمۇ دەپ سورىسام بىرسى باققال دېدى . ھە چۈشەندىم دېسەم ئەمدى بۈگۈن ئىينىشتىيىن دەپ بىرسى چىقىپتۇ . ئۇ نېمىنى خاتا قىپتۇ ؟ بۇ نېمە ئىش قىلدىغان ئادەم ئەمدى ؟ ئاشپەزما...:qiray11؟

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

تامغان تامچة تاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 599
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11725
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 10144 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2014-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:03:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقىسسى مۇشۇ تىمىنىڭ ئۈزىمۇ بېشى ئاخىرىنى بىرىنچى قۇرى ئىككىنچى قۇرىنى ئىنكار قىلىدىكەن!

ئىتتىپاقلىق كۈچ!

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:26:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hazniqi يوللىغان ۋاقتى  2012-1-14 11:21 PM
نېمىشقا دارۋىننىڭ لوگىگىلىق خاتالىقى توغرىسدا ئىزدەن ...

ئىزدىنىۋاتىمىز،لېكىن بۇنى  ھەقتە ئىزدىنىدىغان ئادەملەر بەك كۇپ ئىكەن،باشقىلارنى دوراپ نىمە قىلىمىز،

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:29:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kizilyulgun يوللىغان ۋاقتى  2012-1-14 11:39 PM
نىيۇتۇننىڭ گىپى تۇگىدىمۇ خېلى قىززىۋاتاتتى بولمىسا .:qi ...

سەل ئارام ئالايلى،دىققىتىمىزنى يەنە بىر تىمىغا يۇتكەيلى،بۇنى پۇتۇن دۇنيا 100يىلدەك تالاش-تارتىش قىلىشقان،مەسىلىنىڭ مېغىزىنى تاپالمىغاندەك تۇرۇدۇ،بىز دائىم ئۇزىمىزنى كەمسىتىۋەرمەيلى،جەڭ ئاخىرلاشماي تۇرۇپ يالتىيىپ قالىدىغان ئىش نەدە باركەن،

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 12:32:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akimarzigul يوللىغان ۋاقتى  2012-1-15 12:26 AM
ئىزدىنىۋاتىمىز،لېكىن بۇنى  ھەقتە ئىزدىنىدىغان ئادەم ...

دارۋىننىڭ لوگىگلىق خاتالىقىنىمۇ ماركىسزمدىن پايدىلىنىپ ئاغدۇرامىسلەر :qiray9

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش