كۈتۈش
(چىمەنگۈل ئاۋۇتقا تەقلىد ـــ قىش نۇسخىسى)
روھزات
ھەسرەتتە مۇزلاتتىم يالغۇزلۇقۇمنى،
تەقدىرنىڭ پايانى كۆرۈندى تاتلىق.
ئۈمىدلەر يېقىنلاپ كەلگەندە ئاستا،
نە ئۈچۈن يىراقلاپ كېتىدۇ شادلىق.
سوغۇقمۇ باقىدۇ ماڭا مۇڭ بىلەن،
ئىشەنچىم جاھىلدۇ شۇنچىلىك بەلكىم.
قەلبىمدە سەن يەنە تۇرىسەن ئىسسىپ،
يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم.
بىپەرۋا سۆزلىرىڭنى ئەسلىيەلەيمەن،
بىلىمەن كۆزلىرىڭ كۆيەر يىراقتا.
سىمايىم قېتىلار ئىسسىنماق بولۇپ،
ئۆتكەن قىش سەن ياققان ئوتقا پىراققا.
كۆزلىرىڭ كۆيىدۇ كىمنىڭ قەلبىدە،
قار پەسلى ھەممىنى قىلىدۇ بايان.
شۈبھىلىك ھېسلىرىم سۆزلىسە ئەگەر،
مۇڭ باسقان ئويۇڭدىن قىلىمەن گۇمان.
بۇ قارلىق دالىغا سىغمىغان ھەسرەت،
تۇرقۇمدىن قالىدۇ بەلكىم ئەنسىرەپ.
ئىسمىڭنى ئاتىغۇم كەلمەيدۇ جېنىم،
سوغۇقتا قالمىسۇن دەيمەن تەمتىرەپ.
ئۇپۇققا سوزۇلغان ئۇزۇن سېغىنىش،
قەلبىمگە مۇز كەبى كېتىدۇ تاراپ.
مېھرىمدىن ئېچىلسا يېڭى بىر ئالەم،
مەن يەنە قالىمەن يولۇڭغا قاراپ.
بۇ مىسرالار پېقىرنىڭ مەزكۇر ناخشىنى ياقتۇرۇش سەۋەبى بىلەن يېزىلغان، كۆچۈرۈلۈپتۇ دېمىگەيسىزلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 10:59 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-7 08:14 PM):
قەلبىمدە بىقارار تۇرىسەن ئىسسىپ،
يەنىلا مەن كەبى سۆيەلمەس ھېچكىم.