چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر دېڭىزى» قازاقىستاندا
چىمەنگۈل ئاۋۇت كۆپنىڭ بىردەك ئېتىراۋىغا نائىل لېرىك شائىرەمىز.ياش شائىرلار ئارىسىدا چىمەنگۈلنىڭ شۆھرىتى ئاياللار ئىچىدىن ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئادىل تۇنىياز، ئەسقەر ياسىن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت، ئاسىمجان ئوبۇلقاسىملار بىلەن تەڭ قاتاردا ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە.شۇنىڭدەك ئۆزگىچە ئىپادىلەش ماھارىتى چىمەنگۈلچە پوئىزىيە ئېقىنىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئەلۋەتتە.
بۈگۈن مەن قازاقىستان ئۇيغۇر ساتىرىك يازغۇچىسى ئابدۇخالىق ماخمۇدۇف ئاكىنىڭ قولىدىن مۇھىم بىر ئامانەتنى ــ چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ قازاقىستان مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر دېڭىزى» ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.توپلام قاتتىق مۇقاۋىلىق،بەت چۆرىسى نەقىشلىك،70 گىرام ئاق قەغەزدە نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، مۇقاۋىدا بۇلۇتلار ئارا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئاق قۇلار توپى بىلەن بىر ساھىبجامال سۈرىتى كىرىشتۇرۈپ بېرىلگەن، كەينى مۇقاۋىغا چىمەنگۈلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھال ۋە رەسىمى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كىتابنىڭ تىتۇل قىسمىدا چىمەنگۈلنىڭ چىمەن دوپپا كىيگەن، چوڭ كۆزلىرى سالماق نەزەر تاشلاپ تۇرغان كۆركەم ئاپتۇر سۈرىتى بېرىلگەن. توپلام 2011-يىل 16-ئىييۇل نەشىرگە قول قويۇلغان بولۇپ،« تونۇردىن يېڭى چىققان ئىسسىق نان بۇ » دېدى ئابدۇخالىق ئاكا مەمنۇنىيەتتە. توپلامنىڭ نەشىر نومۇرىISBN 978-601-7272-28-9:، ئەينى زاماندا تىيۇپجان ئېلىيېفنىڭ تۇنجى توپلامىمۇ قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغانلىقى يادىمدىن كەچتى.
توپلامغا شائىرەنىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن،خاتىمە قىسمىدا مەسئۇل مۇھەررىرى ئالماسبېكنىڭ چىمەنگۈل ئىجادىيەتلىرىگە ئارنالغان «ئوتلۇق ئېھتىراس ۋە تەپەككۇر ساھىبەسى» سەرلەۋھەلىك 34بەتلىك ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان تەقرىزى بېرىلگەن. كىتابنىڭ «مۇھتىرەم شېئىرخان» دېگەن نەشر كىرىش سۆزىدىمۇ شائىرەنىڭ ئەمگەكلىرى يۈكسەك سۈپەتلەردە تەرىپلەنگەن.
ئابدۇخالىق ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، چىمەنگۈلنىڭ شېئىرلىرى خېلىدىن بۇيان قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ.قازاقىستاندىكى پەيزۇللا ئەخمەتۇف، ئابلىز ھېزىموف قاتارلىق نەشرىياتچىلار بىلەن چىمەنگۈلنىڭ قويۇق ئەدەبىي ئالاقىسى بار ئىكەن، بۇ توپلامنى ئۆز مەبلىغى بىلەن نەشر قىلدۇرغان ئالماسبېكمۇ چىمەنگۈل شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي مەپتۇنكارلىقىغا قايىل ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئىكەن، ئۇ چىمەنگۈلنىڭ ئەسەرلىرىنى چېلىقتۇرغان يەردە توپلاپ يۈرۈپ مانا بۇ توپلامنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.
مەزكۇر توپلامنى قولغا ئالغان چېغىمدا چىمەنگۈل ئەشۇ ئاق قۇلار كەبى ئوتتۇرا ئازىيا ئەدەبىيات ئاسمىنىدىن بالقىپ بىر كۈنلىرى دۇنياۋى مەشھۇر شائىرە بولۇپ قالىدىغاندەك سۆيۈنۈش ۋە ئارزۇلار ۋۇجۇدۇمنى تەۋرەتتى.بىزدە« ئەتىۋارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دەيدىغان سۆز بار. ئەدىبلىرىمىزنىڭ مانا شۇنداق غېمىنى يەۋاتقان يىراقتىكى قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
كىلىش مەنبەسى :
نىفىت بىلوگى