گەرچە سىزگە سۈت تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىن (黄曲霉素) نىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى ناتونۇش بىلىنسىمۇ، ئەمما راك پەيدا قىلغۇچى سۈتنىڭ ئىشىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. سۈت تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىن دەل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىدۇر.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ئارقىمۇ-ئارقا مەسىلە چىقىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەل سۈتچىلىك كارخانىلىرى دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. چەتئەل كارخانىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر دۆلىتىمىز سۈتچىلىك كارخانىلىرى «ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قېچىپ،چېكىنىپ قوغدىنىش» ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنىڭ سۈتچىلىك كارخانىلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قىيىنغا توختايدۇ، ئەلۋەتتە.
دۆلىتىمىز ماركىلىرى يەنە ‹سۇغۇق›مۇئامىلىگە ئۇچرىدى
مېڭنيۇ سۈتى تەركىبىدىكى ئافلاتوكسىننىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئىشى ئاشكارلانغاندىن كىيىن، مېڭنىيۇ سۈتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈپ كەتتى. «دۆلەت كارخانىسى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈشچە، بېيجىڭدىكى چوڭ تاللا بازارلىرىدىكى سۈت سېتىش رايونلىرى بۇرۇن پۈتۈنلەي مېڭنىيۇ سۈتلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ھازىر ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان ياكى ئورنىنى باشقا مەھسۇلاتلار ئالغان .
بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى ۋۇمېي تاللا بازىرىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇل خادىمنىڭ دېيىشچە، مېڭنىيۇ ئىشلەپ چىقارغان باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ئانچە ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمى سېتىلىش مىقدارى تەسىرگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە، مېڭنىيۇلا ئەمەس باشقا ماركىدىكى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان سۈتلەرمۇ زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، سېتىلىش مىقدارى ناھايىتى ئازلاپ كەتكەن .
زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، راك پەيدا قىلغۇچى سۈت قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن كىشىلەرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلارغا بولغان تايىنىشى كۈچەيگەن. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭدىكى كارىفور قاتارلىق چوڭ تاللا بازارلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ياكى سۈت سېتىۋالغاندا چەتئەلنىڭ ماللىرىنى بەكرەك تاللىغان .
بېيجىڭ خەيدىيەن رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ خانىمنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، ئۇنىڭ بىر ياشقا كىرگەن بالىسى ھەر ئايدا 900gلىق ئىمپورت قىلىنغان سۈت پاراشوكىدىن 3 قۇتا ئىچىدىكەن. بۇنىڭ باھاسى 800 نەچچە يۈەن بولۇپ، گەرچە ئىمپورت قىلىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىمۇ يىمەكلىك بىخەتەرلىك ئامىللىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما جاۋ خانىم يەنىلا چەتئەل ماللىرىنى تاللاشقا مايىلكەن. «چەتئەلنىڭ ماللىرىغا مەستانە ئەمەسمەن، ئەمما سېلىشتۇرغاندا يەنىلا مۇتەخەسسىسلەر تەۋسىيە قىلغان ، ئىمپورت ماللارنى تاللايمەن» دەيدۇ ئۇ .