ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! ئالتۇن بويۇڭلار سالامەت-ساغلام، بانكىدىكى پۇلۇڭلار كارامەت-باغلام بولسۇن ! ...
مانا مۇشۇنداق قۇتلۇق مىنۇتلاردا، «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئەقىدىنى كۆڭلىگە چىڭ پۈككەن ئەلداۋالىقلار، كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى، شۇنداقلا تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھوزۇرۇڭلارغا يەنە بىر يېڭىلىق- «
ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى» نى «بايراملىق سوۋغا» سۈپىتىدە سۇنۇپ تۇرۇپتۇ.
ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلاملىققا دائىر سەھىپىلىرى رەڭدار، مەزمۇنى مول، كەسىپچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، چىرايلىق لايىھىلەنگەن بەت يۈزى سىزگە ئازادىلىك بېغىشلىسا، ئىچىدىكى سەر خىل مەزمۇنلار سىزنى ساغلاملىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . مۇنبىرىمىزنىڭ يەنە مىكروبلوگ ، ھويلا ، گۇرۇپپا ئىقتىدارلىرى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى تورغا چىقىرالايسىز، باشقىلارنىڭ ساغلاملىق تېپىدىكى رەسىم، فىلىم، يازغان خاتىرىسىدىن تەڭ ھەمبەھىرلىنەلەيسىز، كۈندىلىك خاتىرە يازالايسىز، ھويلىڭىزنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان شەكىلدە بېزىيەلەيسىز، مۇنبەر كۆرۈۋاتقان ساقلىق سۆيەر تورداشلار بىلەن پاراڭلىشالايسىز، ئۆز ئارا سۆز قالدۇرالايسىز. ھەممىدىن مۇھىمى، ساغلاملىققا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنبەر يۈزىدە مۇتەخەسسىس دوختۇرلاردىن مەسىلىھەت ئالالايسىز ...
شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى ساغلاملىققا ئىنتىلىدىغان ساقلىق سۆيەر كىشىلەر ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىپ پايدىلىنىدىغان، دىيارىمىزدىكى بىر قەدەر نوپۇزغا ئىگە تېببىي مۇتەخەسسىسلەر، دوختۇر-ھەكىملەر توپلاشقان، سەھىيە ساھەسىدىكى دوستلار كەسپىي جەھەتتە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆگىنىدىغان، ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ئېسىل سورۇن، شۇنداقلا بىمارلارنىڭ نىداسىنى دوختۇر-ھەكىملەرگە ئۇلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى كېسەللىك تەشۋىشىدىن خالاس قىلىدىغان كاتتا سورۇن بولۇپ قالغۇسى!
تورىمىز بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبەرنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋەتتى. ساقلىق سۆيەر كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنى مۇنبەر توغرىسىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ، مۇنبەرنى بىز بىلەن بىرلىكتە تەڭ باشقۇرۇپ، تەڭ نازارەت قىلىشىنى، مۇنبەرنى ئۇيغۇرچە كەسپىي ساغلاملىق مۇنبەرلىرىنىڭ ھەقىقىي سەركىسى قىلىش ئۈچۈن تەڭ تىرىشىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز !
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىنىڭ ئادرىسى: http://bbs.eldawa.com/forum.php