شاۋقۇن

ئاددىي كىر دېسىمۇ چىقىرار شاۋقۇن ،
ھەيۋىسى ئوخشىماس ئەسلا دېڭىزغا .
چىرايلىق تەشتەكتە ئۆستۈرسەڭمۇ گۈل،
تۆھپىسى تەڭ ئەمەس كەڭرى ئېتىزغا.

جۈمەكنى ئاچساڭ ، سۇ چۈشەر شارقىراپ،
ۋە لىكىن شاقراتما ئەمەستۇر تۇربا .
كەچ بۇلۇپ ۋاقتىنچە قۇياش پاتسىمۇ ،
زۇلمەتتە جۇلالىق ئاينىڭ نۇرى با.

تەكلىماكان باغرىدا قۇملار كۆچىدۇ ،
گاھ پىلدىرلاپ گۈلخانلار يېنىپ-ئۆچىدۇ .
ئوخشايدۇ ھاياتلىق ئەشۇ گۈلخانغا ،
گاھى يېنىپ ، گاھىسى يانماي ئۆچىدۇ .

كىيىپ يۈرسەڭ كىر كىيىم يۈزىڭ چۈشىدۇ ،
كىر كىيىمنى كىۋىرىش ساھىل ئىشىدۇ .
غورۇر-ۋىجدان ئوخشىماس ئەسلا كىيىمگە،
سەل قارىساڭ مىللىتىڭنىڭ نامى ئۆچىدۇ !


ئىككىلى شېئىرىم قىسقا بولغاچقا بىر تېما شەكىلىدە يوللۇدۇم !

سەن ئۆزۈڭ

(قوشنامنىڭ ئايالى دېگەن تىمنى كۈرۈپ بېقىڭ !)
قوشنامنىڭ ئايالى

كىرىپ كۆڭۈل كەينىگە ،
ھەۋەس قىلىپ ھەممىگە.
ياشلىق غۇنچە گۈلۈڭنى ،
تۇزۇقتانمۇ سەن ئۈزۈڭ .

پەقەت ناسات ئاڭلىماي ،
كىيىنلىك ھەم ئويلىماي .
تا ئەبەدلىك بەختىڭنى ،
دەپنە قىلغان سەن ئۆزۈڭ .

بۇ دۇنيادا سەن پەقەت،
مودا قوغلاپ ياشىدىڭ .
يەتمىسە پۇل قوغلاشقا ،
خازان بولغان سەن ئۆزۈڭ.

ياشىساڭ سەن دۇنيادا،
ئىپپىتىڭ ئىمان بىلەن .
ئاچلىق يالىڭاچلىقتىن ،
ئۆلمەس ئىدىڭ سەن ئۆزۈڭ .


ئاپتۇرى :ئۆزۈم(مۇھەممەتئەلىجان ،چۇڭقۇرچاق)

ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 06:21 AM