مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3516|ئىنكاس: 32

قوشنامنىڭ ئايالى(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11364
تۆھپە نۇمۇرى: 1528
توردا: 3016 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەخلاقلىق خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق،ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ.ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .شاللاق خوتۇننى

نازارەت قىلسىمۇ كارغا كەلمەيدۇ،ئۇنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئىتنىڭ پوق يىيىشىنى توسۇش مۈكىن ئەمەس.

مانا  يېڭى ئۆيىمىزگىمۇ  كۆچۈپ كەلگىنىمىزگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر نەچچە ئاي بولدى ،دەسلىپىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىمدىن خۇشال بولغان بولساممۇ بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خۇشاللىقلىرىم گويا سۇغا چۈشكەن قاردەك غايىپ بولۇشقا باشلىدى.چۈنكى مەن بۇ بىناغا كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان بىز خەقتىن بىرەرىنىمۇ ئۇچرىتىپ  باقمىغاندىم.شۇ تۈپەيلى بىز ئۆينى سېتىۋېتىپ كۆچۈپ كەتمەكچىمۇ بولۇشقاندۇق.

    بۈگۈن خىزمەتتىن چۈشۈپ بالدۇرلا ئۆيگە قايتتىپ كەلگىنىمدە ئايالىم بىلەن بالىلىرىم قايتىپ كەلمىگەندى مەن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە كومپىيۇتېر ئالدىغا كېلىپ تور ئارىلاشقا باشلىدىم ۋە مىسرانىم تورىغا بېرىلگەن <<بىز قانداق ياشاۋاتىمىز>>دېگەن ماقالىنى ئوقۇشقا تۇتۇندۇم تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرۇقى جىرىڭلىدى ئىچىمدە ۋاي ئۆزلىرى ئېچىپ كىرىشسە بولمامدۇ ئادەمنى ئاۋارە قىلغۇچە دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئىشىك تەرەپكە خۇش ياقمىغان قىياپەتتە ماڭدىم.ئىشىكنى ئېچىپلا داڭ قېتىپ قالدىم ،چۈنكى ئىشىك تۈۋىدە ياداڭغۇ،ئىگىز بوي،قاڭشارلىق ،يارىشىملىق كىيىنىۋالغان بىرى تۇراتتى .بۇ كىمدۇ؟ئەمدى دېگەنلەر چاقماق تېزلىكىدە كاللامغا كەلدى :

_قانداق ئەھۋالىڭىز قېنى ئۆيگە مەرھەممەت  دېگىنىمچە ئۆي ئىچىنى ئىشارە قىلدىم بۇ ناتونۇش كىشىگە.

_  ئۇ ئۆيگە كىردى.مەن ئۇنى كىرسلوغا باشلاپ قويۇپ داستىرخان ھازىرلىدىم .

_بولدى-بولدى داستىرخان سالماڭ مەن ئۇزۇن ئولتۇرمايمەن دىدى ناتونۇش كىشى تەكەللۇپ قىلىپ.

_ھە قېىنى ئېلىڭڭە دىگىنىمچە داستىرخاننغا تەكلىپ قىلدىم ئۇنى ،ئۇ سەل قورۇنغان قىياپەتتە مىڭ تەسلىكتە داستىرخانغا قول ئۇزارتتى .چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىغاندىن كېيىن :

_مەن ئۇدۇلدىكى ئۆيدە ئولتۇرىمەن ئىسىمىم ئەنىۋەر بولىدۇ دىدى كۈلۈمسېرەپ تۇرۇپ.

_ناھايىتى ياخشى مەن تېخى بىز خەقتىن يوق ئوخشايدۇ دەپ ئۆينى سېتىۋېتىپ كۆچۈپ كېتىش خىايالىغا كەلگەندىم دىدىم جاۋابەن.

_ئەمدى موشۇ بىنادا بىز ئىككى ئائىلە بولدۇق دىدى ئۇ.ئارقىدىنلا قىزىم بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇدۇلدىكى ئۆيگە بىر ئۇيغۇر داداش كۆچۈپ كەپتۇ ئىككى بالىسى بارئىكەن دىگەندى ھېچ بىر كىرىپ چىقىشقا ۋاقتىم يەتمىدى ئالدىراشچىلىقتا  دەپ قىستۇرۇپ قويدى ئۇ.

_ناھايىتى ياخشى بوپتۇ بۇندىن كېيىن ئۆز ئارا كىرپ -چىقىش قىلىپ ئۆتىدىغان بولدۇق دىدىم خۇشاللىقىمدا.

_شۇنداق  <<قوشنا بولساڭ يۆلەك بول ،بولمىسا بېلەك>>دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ دىدى جاۋابەن ئۇ.بىز خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق بىر كەملەردىن كىيىىن كارىدوردا كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

_قىزىم بىلەن ئايالىم كەلگەن ئوخشايدۇ مەن چىقىپ باقاي  سىزمۇ ئۆيدىكىلىرىڭىزنى ئېلىپ چىقارسىز  دىگىنىچە ئورنىدىن قوزغالدى ئۇ مەن ئۇزۇتۇپ چىقتىم .ئىشىك تۈۋىدە 4ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چىرايلىق بىر قىز بىلەن مودا كېيىنگەن ئايال تۇراتتى  ئۇ ئىشىكىنى ئاچقاچ ئارقىغا بۇرۇلدى ۋە:

_سالامۇ ئەلەيكۇم !ياخشىمۇسىز دىدى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

_ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىم جاۋابەن.

_كۆچۈپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىغاندۇق ھېچ بىر كىرىپ چىقىشقا پۇرسەت بولمىدى ئالدىراشچىلىقتا دىدى ئايال چېقىر كۆزلىرىنى تىككەن قىياپەتتە.شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆيىگە كىرىپ كېتىشتى.ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى بىراق ئالدىراشچىلىقتا بىز بۇ قوشنىلار بىلەن ئىزدىشىپ بولالمىدۇق.

  ئاۋغۇست ئايلىرى ھاۋا تولىمۇ تىنجىق بىز خىزمەتتىن كەلگەندىن كېيىن ئەتىگەندىن بېرى سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغان بالىلارنى ھاۋالاندۇرۇش مەقسىدىدە سىرتاقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تەييارلانغاندۇق .ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلدى قىزىم يۈگۈرگىنىچە ئىشىكنى ئاچتى :

_دادىڭىز بارمۇ؟

_بار  ئۆيگە كىرىڭ دادا دىدى قىزىم.

_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگىنىچە قوشنام ئەنىۋەر قىزىنى يېتىلىگەن پېتى كىرىپ كەلدى .ئايالىم چاي تەييارلىدى .ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى .مەن جىمجىتلىقنى بۇزۇش مەقسىدىدە :

_ھە قانداق ئەھۋالىڭ خىزمەتلەر ئالدىراشمۇ سورۇدۇم ئۇنۇڭدىن.

_ئانچە ئەمەس،ئۆزۈڭلارنىڭچۇ ؟

_بىزنىڭمۇ شۇنداقلا دىدىم جاۋابەن.

_سىرتقا تەييارلىق قىلغانمۇ نېمە؟

_ھەئە،ئايلىنىپ كېلەيلى دىگەندۇق دىدىم جاۋابەن.

_تويغا ماڭغاندۇق بالىنى ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇڭ دىسەك ئۇنىمايۋاتىدۇ شۇنۇڭ ئۈچۈن قىزىڭىز بىلەن تۇرۇپ تۇرسۇنمىكىن دىگەندىم دىدى ئۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە.

_بولىدۇ دىدىم جاۋابەن:  

_  مەن ھەدەم بىلەن ئوينايمەن سەن كېتىۋەر كەچتىمۇ  ھەدەم بىلەن ئۇخلايمەن دىدى قىز خۇشال ھالدا.

شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ كوچىغا چىقتىم بىز خېلى ئايلاندۇق بىراق بالىلار ھارغىنلىق ھېس قىلغاندەك ئەمەسدى .مىڭ تەسلىكتە ئۇلارنى قايىل قىلىپ قايتىپ كېلىشتۇق.

تۈن نېسبىي بىلەن ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى مەن ئىشىكنى ئاچتىم ئەنىۋەر دەلدەڭشىگەن قىياپەتتە:

_بالىنى ئەپ چىقىپ كېتەي دىگەندىم دىدى.

_ئۇخلاپ قالدى ئەتىگەنلىككە چىقسۇن دىدىم مەن.ۋە ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدىم.

_بولدى خوش مەن كىرمەي كېيىن ئايرىم پاراڭلىشارمىز دىگىنىچە ئىشىكىنى مىڭ تەسلىكتە ئېچىپ كىرىپ كەتتى ئۇ.

ئەزان ۋاقتى بىلەن قىيا-چىيا ئاۋاز بىنانى بىر ئالدى نېمە بولغاندۇر دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئاستا چىراقنى ياقتىم .ئاۋاز قوشنامنىڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتاتتى .

_ھەي بۇزۇق نەگە باردىڭ؟

_كارىڭ نېمە ماز.ئۇلار بارچە ئاڭلىسۇن دىگەندەك ئاۋزىنىڭ بارىچە بىر -بىرىگە تىل سېلىشماقتا ئىدى.ئۇلارنىڭ جېدىلى پەسىيىدىغاندەك ئەمەسدى.بىر دەمنىڭ ئىچىدىلا قوشنىلار تەرەپ -تەرەپتىن چىقىشىپ ۋارقىراشقىلى تۇردى .ئىچىمدە ماۋۇلارنى قارىمامدىغان باشقىلارغا كىنو قۇيۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى دىگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم.شۇ ئەسنادا بىزنىڭ ئىشىكنىڭ قوڭغۇرۇقى بېسىلدى مەن خۇش ياقمىغان قىياپەتتە ئىشىكنى ئاچتىم ئىشىك تۈۋىدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر خەنزۇ بوۋاي تۇراتتى نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرغۇنۇمدا ئۇ:

_سەن كىرىپ ئۇنۇڭ جېدىلىنى ئارىلاپ قويساڭ بولمامدۇ؟دائىم دىگۈدەك موشۇنداق قىلىشىدۇ يا ئۆزىگە ئاراميوق،يا باشقلىلارغا بىر نەچچە ئاي بولغاندى جىمىپ قالغىلى تېخى كۆچۈپ كەتتىمىكىن دەپتىمەن دىگىنىچە ئىلتىجا نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى.

_ھازىر كىرىش سەل بېئەپ مەن ئەتىگەنلىككە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقاي دەپ ئۇنى يولغا سالدىم ،ھەممە غۇدۇراشماقتا قانداقتۇر بىر خىل گەپلەرنى قىلىشماقتائىدى. ئۇلارنىڭ جېدىلى بولسا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى ،جاراڭ-جۇرۇڭ ،قاراس-قۇرۇس ئاۋاز بىلەن ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار پۈتۈن بىنانى بىر ئالغاندى.

ئارىدىن بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپ كەتتى بىزمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسى جەھەتتىن كۆنۈپ قالغاندۇق.

ئەمدىلا كەچلىك تاماققا ئولتۇرغىنىمىزدا ئىشىك قوڭغۇرۇقى يەنە جىرىڭلىدى مەن ئىشىكنى ئېچىشىمغا ئىشىك تۈۋىدە قوشغنامنىڭ قىزى يېغلامسىراپ تۇراتتى ئۇ تىتىرەيتى نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا تۇرۇپ قالدىم ۋە:

_قېنى قىزىم ئۆيگە كىرىڭ دىدىم.

_داد ئاپام بىلەن دادام يەنە ئۇرۇشۇپ كەتتى ئاجرىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن دىدى قىز كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا.مەن دەرھال قىزنى ئۆيگە ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن ئايالىم بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىردىم .ئۆي ئىچى خۇددى ئوغرىكىرگەندەك قالايمىقانئىد.

_ھەي لاتا سېنىمۇ ئەر دىگىلى بولامدۇ؟يا پۇل تېپىشنى بىلمەيسەن

ئەتىدىن كەچكىچىلا شۇ ئىككى تال ئايلىقىڭنى پەش قىلىپلا ئۆتىسەن قاراپباقە باشقىلارنىڭ ئاياللىرىغا نەچچە ئون مىڭسوملۇق كىيىملەرنى كېيىپ يۈرۈشىدۇ .مەنچۇ؟ ئۇنىڭ ئاغزى بېسىلاي دىمەيتتى .ئەنىۋەر بولسا كىرسلودا تاماكىسىنى كۈچۈپ-كۈچەپ شوراشتىن باشقىنى بىلمەيتتى.

_ھەر قانچە ئىش بولسا ئالدىرىماي چىرايلىق پاراڭلىشىڭلار سىڭلىم

بالىمۇ قورقۇپ كېتىپتۇ قاراڭلار قوشنىلارنىڭ ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ

دىدىم ئايالغا.

_سىز بىلمەيسىز ئاكا بۇ نانقېپىغا تېگىپ قالغانلىقىمغا ئېچىنىمەن

بۇنىمۇ ئەر دىگىلى بولامدۇ؟كۈندە نەگە باردىڭ-نەدە تۇردۇڭ دەپ چاقچىدەك ئادەمنىڭ كەينىدىن يۈرگەن ،يەنە كېلىپ بۇ كېيىمنى نەدىكى پۇلغا ئالدىڭ ،ئۇ كىيىمنىچۇ دەپ سوتچىلاردەك ئادەمنى سوتلاپلا يۈرگەن،ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ،ئۈلۈشكۈن دوستۇمنىڭكىدە قونۇپ قالغاندىم  ئىزدەپ بارمىغان جايى قالماپتۇ

نومۇسۇمنى كەلتۈرۈپ ئايالنىڭ ئاغزى كۈيقاپنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىشقا باشلىدى مەن نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.

_ئاراڭلاردا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمىز لېكىن شۇنداق بولسىمۇ سىز ئايالكىشى بولغاندىن كېيىن بىرەر ئېغىز سۆزدىن قالسىڭىز ،مەنچە جېدەلدىن خالىي بولغىلى بولاتتى دىدى ئايالىم زەردە بىلەن .

شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ جېدىلى مىڭ بىر تەسلىكتە ئاياغلاشتى .

ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى بىنامۇ تېنىجىپلا قالدى .

   بۈگۈن ئۇرۇغ-تۇغقانلار بىلەن بىزنىڭكىدە يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق تۇغقانلارمۇ ئاساسەن كېلىپ بولغاندى ،ئىشىك يەنە چېكىلدى مەن ئىشىكنى ئاچتىپ قوشنام ئىشىك تۈۋىدە قىزىنىڭ قولىدىن تۇتۇقان ھالدا تۇراتتى .سالام-سائەتتىن كېيىن :

_خاپا بولمىغان بولسىڭىز قىزىم ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ تۇرسا بوپتىكەن مېنىڭ ئىشىم چىقىپ قالدى دىدى  تەسلىكتە .

_بولىدۇ دىدىم مەن ئىككىلەنمەيلا ۋە قىزىنىڭ قولىدىن يېتىلىگىنىمچە ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتىم.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى قوشنامنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى قوشنامنىڭ قىزىنى يېسلىغا ئاپىرىۋېتىپ خىزمەتكە مېڭىش كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى.مانا ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ پەيدا بولدى ۋە رەھمەت ئېيتقىنىچە قىزىنى ئەپ چىقىپ كەتتى شۇندىن ئېتىبارەن بىنا ئىچى تىنجىپلا قالدى مانا بۈگۈن يەنە يېڭى يىللىق تەييارلىق قىلىپ تۇراتتۇق تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغۇرۇقى جىرىڭلىدى قوشنام يەنە قىزىنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى مەن يەنە ئۇنۇڭ قىزىنىڭ قولىدىن  يرتىلىگىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .

كېيىن كىشىلەردىن ئاڭلىسام قوشنامنىڭ مودا ئايالى ،مودىدىن قالماسلىق ئۈچۈن  قويمىچىلىق جىنايىتى بىلەن 10يىللىق قاماققا ئېلىنىپتۇ .بىچارە قوشنام قىزىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن   قىزىنى  بىزنىڭكىدە قالدۇرۇپ قويۇپ ئايالىنى يوقلىغىلى بارغانئىكەن ھەي...(مەنبە ئۆزۈم)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-29 04:14 PM  


قۇشقاچ ئوۋلايمەن

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24402
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 1496 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە پايدىا تىگىدۇ بۇ ھىكايىدىن بىزگە ؟ ھېچ بىر تەربىيە خارەكتىرى يوق lekin yezilishi yaxshikan
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   owchi. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-29 03:38 PM  


كىنوخانىمىزدا ئەڭ يىڭى ئۆز تىلدىكى كىنولار بار ! http://padixah.blogbus.com/

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 892 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:40:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ كۆيۇمچان ئەر ئىكەن ،  ئۇبدان چۇشەندىم ، ئىملاغا دىققەت قىلارسىز !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3387
تۆھپە نۇمۇرى: 253
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:46:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بذنداق  ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ ، بولغۇلۇق سەبىي قىز بىلەن ئاۋۇ يۇمشاق باش ئەرگىلا بوپتۇ .   نىمە قىلىدۇ ئۇنداق دۇنياغا تويماس بېشەم خوتۇننى ~ ۋاقتىدىلا يولغا سالماي ، بېشىنى يەيتتى بىر كۈن ئەنە شۇنداق ... ھېلىمۇ يەپتۇ تويماس خوتۇن ............

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

كۆڭلۈڭ كۆتۈرگەننى ئەمەس ۋىجدان

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5369
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 4661 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىچ بولمىغاندا قوشنىلارنىڭ  باشقىلار نىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتمىگەن ئاساسدا تۇرمۇش كەچۈرشىنى بىلۋالسا بولدى ،
  قاچاندىن بىرى بىنا ئۆيدە ئولتۇردۇم ئاست-ئۈستى ئوڭ-سول تەرەپ تام قوشنا بولغاندىن كىينن تۇزۈك ئارام ئالغىلى بولمايدۇ . نەچچە قېتىم يىراقتىن مېھمانلار كەلگەندە چىققان جىدەلگە ئىيتىلغان گەپلارگە ئادەم ئوڭايسىزلىنىپ قالدىكەن قوشنىلارنىڭ ئىشىغا .
:L

ئادەم نىمىگە ئېرىششىنى ئويلىسا ، شۇ نەرسىگە قۇل بولۇپ ياشايدۇ.كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى،كىملەرگە خار بولمىغان؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52097
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 542
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2178 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:58:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:@:@:@:@

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5611
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1442 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 04:09:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەن ياخشى يىزىپ سىز

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1173 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 04:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ ئادەملەرگە نېمە دېگۈلۈك ئەمدى، پۇل، مەنسەپ، ئاۋۇنىڭ خوتۇنى ئۇنداقكەن، ماۋۇنىڭ ئېرى مۇنداقكەن دەپ يۈرگىچە شۈكرى قىلىپ، ئۆيىنى تۇتسىچۇ. ئاخىرى ئاشۇنداق بولاتتى. بولغۇلۇق ئاۋۇ بالىسىغا بوپتۇ، ئۆزىگىمۇ قىپتۇ ئۇ بىشەم خوتۇن.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72192
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2011-12-28
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 04:43:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرلىرى بىرخىل يۇمرىستىككەن.... ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن...:D

ئىنسان دۇنياغا ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3512
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5497
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 05:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:Q:Q:Q:Q

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش