ئامېرىكىلىق مەشھۇر نېگىر يازغۇچى،‹‹يىلتىز››قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى ئالېكىس خالېي 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.ئۇنىڭ جاپا-مۇشەققەت،ئىزدىنىش،ئىجادىيەت ۋە شان-شۆھرەت بىلەن خارەكتىرلەنگەن ھايات مۇساپىسى ئاخىرلاشتى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىدىكى گېزىت-ژۇرناللار بەس-بەستە تەزىيە ماقالىرىنى ئېلان قىلىپ،‹‹يىلتىز››ناملىق رومانى ئارقىلىق كىشىلەرگە كۆڭۈللۈك ۋە ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كەلگەن،ئامېرىكا نېگىرلىرىغا يىلتىزىنى تۇنۇتقان بۇ مەشھۇر يازغۇچىنى خاتىرلەشتى.
ئالېكس خالېينىڭ ئىسمى ئۇنىڭ ‹‹يىلتىز››ناملىق ئەسىرى بىلەن زىچ باغلانغان بۇلۇپ،بۇ ئەسەر ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن.ئۇ 1976-يىلى نەشىر قىلىنغان بۇ رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 12يىل ئىزدەنگەن،تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئافرىقا،ئەنگىلىيە،ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان،نۇرغۇن ئارخىپ ۋە ماتىرىيال باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرگەن،ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھىرىدە ئەينى يىللادىكى نېگىر قۇللارنى يۆتكەپ سېتىشقا ئائىت خاتىرە-ھۆجەتلەرنى تېپىپ ئوقۇغان.‹‹يىلتىز››نەسەبنامە خارەكتىرلىك رومان بولسىمۇ،ئاپتۇر ئۇنى يېزىشتا نوقۇل تار دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان،بەلكى ئىنتايىن كەڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا بىر نەسەبنىڭ ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىنى،بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى ئەركىن تۇرمۇشى،ئامېرىكىدىكى ئېچىنىشلىق قۇللۇق تۇرمۇشى ۋە ئاخىرىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش جەريانىنى ئىنچىكە ھەم بەكمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلىگەن.پۈتكۈل ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئۇزاققا سۇزۇلغان ئىجتىماھىي بەختسىزلىكلىرى،مىللىي ئىزدىنىشلىرى،خورلۇققا،ھاقارەتكە تولغان ھايۋان كەبى تۇرمۇشى؛ئىنسانىي ھوقۇقى،تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرى؛قۇللۇقنىڭ قارا زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،ئىنسانىي ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن،بۇ تارىخىي روماننىڭ ئېلان قىلىنىشى چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كەڭ ئىجتىماھىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ساھاسى ۋە ئەدەبىي ئوبزۇر ساھاسىنىڭ ‹‹يىلتىز››رومانغا بەرگەن باھاسى بىردەك ياخشى بولغاچقا،بىر يىلدىن كېيىن،يەنى 1977-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت كىتاب مۇكاپاتى كومىتېتى ھەممە كىشى كۆزىنى تىكىپ تۇرغان پرېست مۇكاپاتى تارىخ تۈرىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىنى‹‹يىلتىز››غا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.بۇنىڭ بىلەن خالېينىڭ ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى ئورنى مۇقىملاشقان.
بۇ رومان نەشىر قىلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن،ئامېرىكا رادىئۇ شىركىتى تەرىپىدىن ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن ‹‹يىلتىز››دېگەن نامدا تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەن.بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قۇيۇلۇشى ئامېرىكا جەمىيىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغان.ئامېرىكا نېگىرلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ،ئىنسانىي غورۇرۇىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈش،ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يېتىش،شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئىجتىماھىي تەرەقىياتىغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسىدىن پەخىرلىنىش ھېسىياتىنى قوزغىغان.شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ‹‹خالېي قىزغىنلىقى››ۋە‹‹يىلتىزىنى ئىزدەش››قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقىپ،ئامېرىكا نېگىرلار ئارىسىدىلا ئەمەس،ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدىمۇ ‹‹مەن كىم››تېمىسىدىكى ئىزدىنىش ئۇمۇملاشقان.كىشىلەر بەس-بەس بىلەن ئارخىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ماتېرىيال ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزى ۋە ئەجدادىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ئىزدىگەن.ئالېكس خالىي ئاشۇ كۈنلەردە تەكلىپ بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي دېڭىز قىرغىقى بويلىرىغا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىگەن.ھەر كۈنى تەخمىنەن 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ خاتىرىسىگە ئىمزا قۇيۇپ بەرگەن.ھەر ھەپتىدە توننىلاپ خەت تاپشۇرۋالغان.نۇرغۇن كىتابخانىلار مەخسۇس خالېينىڭ ئەسەرلىرىنى ساتىدىغان پۇكەي ئاچقان.تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى،‹‹يىلتىز››تەسۋىرلىگەن،نېگىرلارنىڭ توي قىلغان چاغدىكى سۈپۈرگىدىن ئاتلاشتەك ئافرىقىچە قەدىمىي ئادىتى ھازىرقى ئامېرىكا نېگىرلىرى توي قىلغان چاغدا تەقلىد قىلىدىغان ئۇسۇلغا ئايلىنىپ قالغان.ئەۋجىگە چىققان ‹‹يىلتىزى››ىنى ئىزدەش قىزغىنلىقى ئالدىدا،خالېي نۇپۇزلۇق ئەرباپ سۈپىتىدە ھازىرقى زامان ئامېرىكا ياشلىرىنى ئۈچ ئىشنى قىلىشقا دەۋەت قىلغان.ئۇنىڭ بىرىنچىسى،جەمەتىدىكى يېشى چوڭ ئادەمنى تېپىپ،ئۇلاردىن جەمەتىنىڭ تارىخىنى ئاڭلاش؛ئىككىنچىسى،ئىشكاپ،ساندۇق،بالىخانا،گەمىلەرنى ئاختۇرۇپ سالا خەت ۋە باشقا خاتىرىلەرنى تېپىپ جەمەت تارىخىنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن،ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ھەربىر ئادەمگە بىر پارچىدىن سوۋغا قىلىش؛ئۈچىنچىسى،جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹قانداشلىق تۇيغۇسىنىڭ بىر تۈرلۈك سېھرىي كۈچى بار...يىغىلىش ئادەمگە جەمەتىنىڭ غەمخۇرلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلاندۇرىدۇ››.نەتىجىدە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ جەمەت تارىخىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلغان.‹‹يىلتىز››قىزغىنلىقى ئامېرىكا ئىجتىماھىي تۇرمۇشىنىڭ باشقا ساھالىرىگىمۇ بۆسۈپ كىرگەن.
يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمغا ئەزەلدىن سەزگۈر بۇلۇپ كەلگەن ئامېرىكا مائارىپ ساھاسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىغان.سىتاتىستىكىدىن قارىغاندا پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە 270تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ‹‹يىلتىز››نى ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزگەن،ھەتتا بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹يىلتىز››دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرغان.‹‹يىلتىز››ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى زاتلارنىڭ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان پارىڭىغا ئايلىنىپ قالغان.‹‹يىلتىز››غا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ساياھەت ئىشلىرى جانلىنىپ كەتكەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،ئالېكس خالېينىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان كەنت-ئافرىقىنىڭ گامبىيىدىكى چەت،قاقاس جۇفۇلى كەنتى بىر مەزگىل ساياھەت رايۇنلىرىغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن‹‹يىلتىز››قىزغىنلىقى تېزلىك بىلەن چەتئەللەرگە تارالغان.بۇ ئەسەر ئىلگىرى- كېيىن بۇلۇپ 37تىلغا تەرجىمە قىلىنغان.تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگۈچىلەر بىر نەچچە مىليارد كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن.‹‹ۋاشىنگۇتۇن پوچتىسى گېزىتىنىڭ بىر ئوبزۇرچىسى ‹‹يىلتىز››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ھەققىدە ‹‹يىلتىز››ئىرقىي مەدەنىيەتنىڭ خەندىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،پۈتۈن مەملىكەت تاماشىبىنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى››دېگەن.‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى››‹‹يىلتىز››نىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى ۋە قۇيۇلغانلىقى ‹‹ئەدەبىيات،تېلىۋىزىيە ھادىسىسى››ۋە ‹‹جەمىياتشۇناسلىق ھادىسىسى››دەپ كۆرسەتكەن.مەلۇم بىر ئەدەبىي تەنقىدچى ئالېكس خالېي‹‹ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ سىمۋولى››بۇلۇپ قالدى دەپ ئاتىغان.‹‹جەۋھەر››ژۇرنىلى ئالېكس خالېينى ئامېرىكىنىڭ ‹‹دۆلەت گۆھىرى››دەپ ئاتاپ،تېخىمۇ يۇقۇرى باھا بەرگەن.بوش زۇڭتۇڭ 1989-يىلى ئۇنىڭغا ئامېرىكا دېڭىز مۇداپىيە قۇشۇنى تەتقىقات ئاكادېيىسىنىڭ سەرەپ مىدالىنى بەرگەن.چۈنكى ئۇ،1939-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە 20يىل ئامېرىكا دېڭىز مۇداپىيە قۇشۇنىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن.
ئالېكس خالېي 1921-يىلى تۇغۇلغان.گەرچە ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ دېپلۇمى بولسىمۇ،قارا تەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئاشپەز بۇلۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان،كېيىن ئۇ جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى مۇخبىر ۋە يازغۇچى بۇلۇپ،‹‹بايۋەچچى››،‹‹تەرمىلەر››ژۇرنىلىغا ماقالە ئەۋەتىپ تۇرغان.ئۇ بەزىدە نامراتلىشىپ ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەي قالغاندىمۇ،يەنىلا بوشاشماي يېزىقچىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان.ئۇ1965-يىلى ‹‹ماركوم ماك Xبىلەن سۆھبەت ئاساسىدا يېزىلغان بۇ كىتاب 60-يىللاردا ئامېرىكىدىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب بۇلۇپ قالغان.دۇنيادىكى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.ئۇ‹‹يىلتىز››دىن كېيىن يەر ئاستى تۆمۈر يولىدىن قاچقان نېگىر قۇللارنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹يەنە بىرخىل مىلاد بايرىمى››ناملىق روماننى نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇنىڭغا ئەڭ زور دۇنياۋى شۆھرەت ۋە ئامەت ئېلىپ كەلگىنى يەنىلا‹‹يىلتىز››ناملىق رومان بولدى.ئۇ بىر كېچىدىلا مەشھۇر شەخسكە ۋە مىليۇنىرغا ئايلىنىپ قالدى.ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان تېلېگراممىلار ئۈزۈلمىدى.ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق نۇتۇق ھەققى ئون نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولدى.ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى ئامېرىكا ئەدەبىيات تارىخى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى،‹‹يىلتىز››دۇنيا ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى بىر نۇرلۇق مەرۋايتىت بۇلۇپ قالدى.خۇددى ۋاشىنگتۇن پوچتىسى››گېزىتىنىڭ بىر ئوبزۇرچىسى ئېيتقاندەك:‹‹بەزىلەر تارىخنى كۆچۈرىدۇ.بەزىلەر تارىخنى يارىتىدۇ.ئالېكس خالېي بولسا تارىخنى كۆچۈرگەن ھەم ياراتقان ئادەم››.
مەنبە:يالقۇن رۇزىنىڭ ‹‹تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما››دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 02:51 AM