|
|
|
|
يىلتىز
ئامېرىكىلىق مەشھۇر نېگىر يازغۇچى،‹‹يىلتىز››قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى ئالېكس خالېي 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان.‹‹يىلتىز››ناملىق بۇ كىتاب ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت ئاتا قىلغان،ئۇ بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن 12يىل ئىزدەنگەن.بۇ كىتاب 1976-يىلى نەشىر قىلىنغان،تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئافرىقا،ئەنگىلىيە،ئامىركا جايلاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەمەلىي تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارغان،ئاپتۇر ئۇنى يېزىشتا نۇقۇل تار دائىرە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،بىر نەسەبنىڭ ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىنى،بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ ئافرىقىدىكى ئەركىن تۇرمۇشى،ئامىركىدىكى ئېچىنىشلىق قۇللۇق تۇرمۇشى ۋە ئاخىرىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش جەريانىنى ئىنچىكە ۋە بەكمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلىگەن.بۇ رومان نەشىر قىلىنىپ،1977-يىلى كىنۇ قىلىپ ئىشلەنگەن،بۇ تېلىۋۇزۇرنى كۆرگۈچىلەر بىر مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن.بۇ كىنۇنىڭ تارىخىي چىنلىقى بولسۇن ياكى ئىشلىنىشى شۇنداق ياخشى،مەن بەك ياقتۇرۇپ كۆرگەن كىنۇلارنىڭ بىرى.شۇڭا،مەن بۇ كىنۇنى مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم
مەنبە:56كىنۇ تورى.
|
|
|
|
|
|