جۇڭگو پۇتبۇل مۇنبىرىدىكى قىمارغا قارشى دىلو
جۇڭگو پۇتبۇل مۇنبىرىدىكى قىمارغا قارشى دىلونىڭ پاش بولۇشى
ساختا توپ ، قارا ئۈشتەك چىلىش ، چىرىكلىشىش ... ئۆتكەنكى ئون يىل مابەينىدە بۇلار تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قاراڭغۇ جايدىن مانا ئەمدى پاش بولۇپ « ئاپتاپ» قا سىلىندى .
ج خ مېنىستىرلىكى 2009 – يىلى «25-ئاۋغۇست» مەخسۇس دىلو گورۇپپىسىنى قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ، ئىككى يىل مابەينىدە ، پۇتبۇل مۇنبىرىدە « قىمارغا قارشى» بوران – چاپقۇن ئەۋجىگە چىقىپ ، مۇشۇ ساھەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «ئاتتىن چۈشۈپ » ، جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىنىڭ كەسىپلەشكەن 17 يىل مابەينىدىكى كونا ئىللەت ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان قاراڭغۇلۇقنىڭ پەردىسى ئېچىلدى .
«كىچىك شەخىس» نىڭ «زور پۇتبۇل دىلوسى» غا چىتىلىپ قىلىشى
ۋاڭ شىننىڭ تورغا چۈشىشى «قىمارغا قارشى دىلو» نىڭ پاش بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى . ۋاڭ شىن ئەسلىدە شىنياڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ، كوماندىدىن چىكىنگەندىن كېيىن ، ئۇ توپ كوماندىسىنى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتى بىلەن شەنشى لۇخۇ كوماندىسى ، سىنگاپور گۇاڭيۈەن كۇلۇبى قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈردى .
2009 – يىلىنىڭ بىشىدا ، سىنگاپور ساقچى دائىرلىرى ۋاڭشىننىڭ سىنگاپور گۇاڭيۈەن كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە توپ مۇسابىقىسىنى كونتىرول قىلىش ، توپتا قىمار ئويناش چىتىشلىق دەپ ئۇنىڭغا قارىتا قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ ، جۇڭگو ساقچى دائىرلىرىنىڭ ۋاڭ شىننى ھەمكارلىشىپ تۇتۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى . 2009 – يىلى 4 – ئايدا ۋاڭ شىن لياۋنىڭ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلدى .
سوراق جەريانىدا ، ۋاڭ شىن ئۆزىنىڭ كۇلۇبنىڭ باش دېرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە توپ مۇسابىقىسىنى كونتىرول قىلىش ، توپتا قىمار ئوينىغان قىسمەن جىنايى قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى .
2009 – يىلى 25 – ئاۋغۇست ج خ مېنىستىرلىكى «قىمارغا قارشى» مەخسۇس دىلو گورۇپپىسىنى تەشكىللەپ ، جۇڭگو پۇتبۇل مۇنبىرىنى زىل – زىلىگە سالغان «قىمارغا قارشى» دىلونىڭ يوپۇقىنى ئاچتى . شۇ يىلى 10 – ئايدا مەخسۇس دىلو گورۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى گۇاڭجۇغا بىرىپ قىسقىغىنە 15 كۈن ئىچىدە گۇاڭدۇڭ قىران بۈركۈت (شيوڭيىڭ) كۇلۇبىنىڭ سابىق باش دېرىكتورى جوڭ گوجيەن ، گۇاڭياۋ پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ سابىق مۇۋەققەت باش دېرىكتورى قوشۇمچە كوماندا يىتەكچىسى گۇاڭجۇ پۇتبۇل جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى ياڭ شۈ قاتارلىق بەشەيلەننى ئارقا – ئارقىدىن تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىشقا ئىلىپ كەتتى . فەڭ گۇاڭمىڭمۇ بۇلار بىلەن بىرگە ئىلىپ كىتىلدى .
شۇ يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ، توپتا قىمار ئويناش ، ساختا توپقا ئەڭ كۆپ چېتىشلىق دەپ قارالغان ۋاڭ پو ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى . ۋاڭ پو بۇرۇن شەنشى گولى ، سەنشى لۇخۇ ، كۆكخوت قاتارلىق كۇلۇبلاردا باش دېرىكتور بولۇپ ئىشلىگەن .
ج خ مېنىستىرلىكىنىڭ 2009 – يىلى 11 – ئاي ۋە 12 – ئايدىكى مۇشۇ دىلونىڭ ئەھۋالىدىن كۆرسىتىلىشىچە ، ۋاڭ شىن قاتارلىقلار 2006 – يىلىدىكى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىكى قىسمەن مۇسابىقىلەرنى كونتىرول قىلىشقا چېتىشلىق بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا چىڭدۇ شې فىيليەن كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دېترىكتورى يوۋ كاۋىي ۋە باش مۇدىرى شۈ خوڭتاۋلار سودا پارىخورلىقىغا چېتىشلىق بولۇپ ، شۇنداقلا ئۇلار چىڭداۋ خاي لىفىڭ كوماندىسىنىڭ يىتەكچىسى ليۇ خوڭۋىي بىلەن بىرلىشىپ 2007 – يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن مەيدان مۇسابىقىلىرىنى كونتىرول قىلىشقا چېتىشلىق بولغان .
پۇتبۇل جەمئىيىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن «ئاتتىن چۈشىشى»
2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 20- كۈنى ئاللىبۇرۇن تۆت كىچىككەن 3 – نۆۋەتلىك پۇتبۇل ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى رەھبەرلەرنىڭ «يوقاپ» كىتىشى بىلەن يەنە ئارقىغا سۈرۈلدى . ئەمەلىيەتتە 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يىغىن ئاچقاندىن كېيىن نەن يوڭ قايتا كۆرۈنمىدى . 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تەنتەربىيە باش ئىدارىسى : نەن يوڭ بىلەن ياڭ يىمىننىڭ پۇتبۇل ھەركىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ، دەپ جاكارلىدى .
2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، نەن يوڭ ، ياڭ يىمىن ، جاڭ جيەنچياڭلار پارە ئىلىشقا چېتىشلىق دەپ قانۇن بويىچە قولغا ئىلىندى .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ رېپىر ۋە پۇتبۇل ۋاستىچىلىرى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى . 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى داڭلىق رېپىر لۇ جۈن ۋە خۇاڭ جۈنجىيلەر ساقچىلار تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلدى . 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى لۇجۈن ، خۇاڭ جۈنجىي ، جوۋ ۋىيشىنلەر كۇلۇپلار بەرگەن پارىنى قوبۇل قىلغانغا چېتىشلىق بولۇپ رەسمىي قولغا ئىلىندى .
يىرىم يىلدىن كېيىن ، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ساقچىلار جۇڭگو پۇتبۇل جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پۇتبۇل باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى شې يالوڭ ، سابىق دۆلەت پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ يىتەكچىسى ۋىي شياۋ خۈي ۋە سابىق رېپىرلار كومىتىتىنىڭ مۇدىرى لى دوڭشىن قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ قولغا ئىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىككى يىلغا سوزۇلغان قىمارغا قارشى دىلو سوت قىلىندى
2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قىمارغا قارشى دىلوغا سوت ئېچىلدى . شۇ كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» قانىلى بۇ دىلونىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بەردى .
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تېلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاڭ جيەنچياڭنىڭ پارە ئىلىش دىلوسىنى 19 – دىكابىر سوت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ پو ، لۇجۇن ، ياڭ يىمىن قاتارلىق باشقا جاۋاپكارلارغا تىلىن ۋە دەندۇڭ قاتارلىق ئىككى جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە سوت ئېچىلدى .
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بەش كۈن سوت ئېچىلغاندىن كېيىن دىلوغا چېتىشلىق سومما 10 مىليون يۈەندىن ، دىلوغا چېتىشلىق كۇلۇپلار 20 گە يەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى .
سوخو تورىدىن تەرجىمە قىلىندى .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 06:02 PM