جۇڭگو پۇتبولچىلىقى بۇ مەرەزدىن قۇتۇلسا ئاندىن يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى:
12-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇھىم خادىمى جاڭ جيەنچياڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيېنىڭ شەھرىدە قانۇن سورىقىغا تارتىلدى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مەخسۇس مۇئاۋىن رەئىسى شيې يالۇڭ، نەن يۇڭ، سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يىمىن، سابىق داڭدار رېپىر لۇ جۈن قاتارلىق پۇتبول ساھەسىدىكى بۇ كونا ئاكاملارمۇ بىر-بىرلەپ قانۇن سورىقىغا تارتىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. سۈرلۈك ھەم ئۆتكۈر ئەدلىيە پىچىقى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ئۆسكەن زەھەرلىك مەرەزنى كىسىپ تاشلاپ، ئىپلاسلىق ۋە مەينەتچىلىك بىلەن تولغان بۇ مەنپەئەت زەنجىرىنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ تاشلىدى.
شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جېڭى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.چىرىكلىككە قارشى ئېچىلغان بۇ جەڭنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ يامانلارنىڭ جاجىسىنى بېرىپ ياخشىلارنى كۆتۈرۈشتەك ئەخلاق مەنىسىگە ئىگە بولۇش، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى بۇ چاتما دېلولار بىزنى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان كونا كېسەلگە تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قاراشقا دەۋەت قىلىدۇ؛ ناۋادا بىز بۈگۈننى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى دېسەك، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىمۇ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.
پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈچ مۇئاۋىن رەئىسى تارتىپ چۈشۈرۈلدى، دېلوغا چېتىلغانلار ئون نەچچىگە يەتتى، دېلو ئا دەرىجىلىكتىن ب دەرىجىلىككىچە بولغان 10غا يېقىن پۇتبول كۇلۇبلىرىغا، يەنە بىر قىسىم يەرلىك پۇتبولچىلىقنى باشقۇرۇش مەركەزلىرىگىچە چېتىلدى... سوت جەريانىنىڭ تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈگۈچلەرمۇ بارا-بارا ئايان بولدى: جۇڭگو پۇتبولچىلىقى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىزىغا سېلىنىش داۋامىدا، بازار ئىگىلىكى ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك قانۇن ئىدار قىلىش روھى، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈم تىزگىنى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كەم بولغانلىقى سەۋەبلىك پۇتبولچىلىق چوڭ مۇھىتى تولىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن. كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرى چوڭ ئۈمىد باغلىغان جۇڭگو پۇتبولچىلىقى تۈرلۈك مىتىلەرنىڭ ھارام پايدا ئىزدەپ تاپىدىغان ئىسسىق ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالغان. پۇتبولچىلىق بىر سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش، مۇسابىقە باشقۇرۇش ۋە مەشىق تۈزۈلمىسى جەھەتتە، بولۇپمۇ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە قانۇن-نىزام ئىشلىرى جەھەتتە پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغان، بولۇپمۇ دۇنيا پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىنمۇ بەك ئارقىدا قالغان.
پۇتبول __ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بىر تەنھەرىكەت تۈرى، جۇڭگودا پۇتبول ھەۋەسكارلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ. ھۆكۈمەتتىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە ھەممەيلەن جۇڭگو پۇتبولىنى قىزغىن سۆيىدۇ ۋە قوللايدۇ، بىزدە پۇتبولچىلىقنىڭ روناق تاپماسلىقىغا ھېچقانداق ئاساس يوق. 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ 2009-يىلغىچە بولغان بۇ ۋاقىت «ساختا توپ، دو تىكىش، قارا پۇشتەك» ئەدىگەن مەزگىل بولدى. بۇ مەزگىل سەل ئۇزاقراق بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇ ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ. ساغلاملىشىش، قېلىپلىشىش، بازارلىشىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىيات نىشانى يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
بىز بىر نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بۈگۈننى ئەسلەپ، قەھرىتان قىش كۈنىدە ئېچىلغان بۇ سوتنىڭ جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ قايتا جانلىنىش يولىدىكى ئىللىق باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەككەن، دەيمىز.(مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/158504/15194257.html