ﺑﯩﺮ سوم پىلانى مەخسۇس
سەھىپىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور جامائىتى ،" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيتىنىڭ بارلىق خەيىر -ساخاۋەت يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىڭغا قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەم قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلگەنگە بەش يىل بولۇپتىكەن ،مانا مۇشۇ يېڭى يىل دەقىقىلىرى، سىزلەرگە بۇ پائالىيەتنىڭ 6-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ،تۈمەن شۈكرىلەر بولسۇنكى يېڭى يىلغا ئۇلاشتۇق .مېھرىبان قەلىپلەرگە يېڭى يىل سالىمىم بولسۇن .......
2010-يىلىدىن ئاشقان پۇل :3899.24 سوم (ئۈچمىڭ سەككىزيۈز توقسان توققۇزسوم يىگىرمە تۆت تىيىن )
بۇ يىل يىغىلغان پۇل :
مېھرىبانلىق پائالىيىتى كارتىسىغا يىغىلغان پۇل 8265.5سوم (سەككىز مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش بەش سوم ئەللىك تىيىن )
"بىر سوم پىلانى"غا 3000 سوم لازىم- دېگەن تېمىغا يىغىلغان پۇل جەمىي3701.12 سوم (ئۈچ مىڭ يەتتە يۈز بىر سوم ئون ئىككى تىيىن )بولۇپ ،پۇلنىڭ جەملەنگەن ۋاقتى تېما يېزىلغان كۈنىدىن تارتىپ 14-ئۆتكەبىرگىچە ،تەپسىلى ئەھۋالنى بىلىشنى خالىغۇچىلار شۇ ناملىق تېمىغا كىرگەي ،مۇشۇ سەھىپە ئاستىدا بار .
8265.5+3701.12= 11966.62 سوم
بۇ پۇلغا 2010يىلىدىن قالغان پۇلنى قاتساق :
11966.62+3899.24= 15865.86سوم (ئون بەش مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش بەش سوم سەكسەن ئالتە تىيىن )
ئەمدى 2011-يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان مېھرىبانلىق پائالىيەتلىرىنى يېزىپ ئۆتىمەن .ئىزچىل ياردەمدە بولۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بىرسى پۈتتۈردى ،ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ياردەم توختىدى ،يەنە بىر قىز داۋاملىق ئوقۇماقتا ،قالغان ياردەم ئوبىكىتلىرى باشلانغۇچ تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرى ،سەككىز نەپەر ،تورداشلارنىڭ يىللاردىكى پىكىر تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ يەردە ياردەم ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارا ئەيلىمەيمەن ،لىكىن بىلىشنى خالىغۇچىلارغا توردا بولسا بىر سوم پىلانى ئالبومى ،ھېسابات خاتىرە دەپتىرى ،ئىئانە دەپتىرى قاتارلىقلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى توردا ئەۋەتىپ بېرىمەن(كۆرۈپلا قالغايكى ،توردا تارقىتىپ يۈرمىگەي ،غورور بىباھا ) ،بورتالا شارائىتىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ ،ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قويىمەن .
1.بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئالىي ئوقۇلىدىكى سىڭلىمىزغا بىر يىللىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى 3015 سوم .
2.بورتالا چىندىل يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتى ۋە بەشتۆپە شۆبە مەكتىپىدىكى 7نەپەر بالىنىڭ ئىككى مەۋسۈملۈك تۇرمۇش ئوقۇش ياردەم پۇلى 1900 سوم .
3.پۇتى كۆيۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن توردا ئىئانە يىغىلغان قاغىلىق ناھىيىسىدىن كەلگەن بەش ياشلىق مەدىنەنىڭ دادىسىنىڭ كارتىسىغا بىر سوم پىلانى تورداشلىرى ھاۋالە قىلغان 1900 سوم پۇلنى ئۇرۇپ بەردىم ،رەسمىيەت ھەققى قېتىلىپ 1909.5سوم .
4.بورتالا ئوبلاسىتلىق سەھىيە مەكتىپىدىكى قىزغا 315 سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردۇق ،بۇ قىزنىڭ ئوقۇشى پۈتكەنلىكتىن 3يىل بېرىلگەن ياردەم توختىتىلدى .
5.بورتالا ئوتتوزبۇلاق بازىرى مەكپىتىدە ئوقۇۋاتقان قىزغا ئىككى مەۋسۈملۈك ئوقۇش ياردەم پۇلىغا 400 سوم بېرىلدى .
6. ئالدىنقى قۇردا دېيىلگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىك بىلەن ياردەم تەبىئىي توختىتىلغان قىزنىڭ ئورنىغا ئۇلاپ ، بورتالا 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىن يەنە بىر قىزنى بورتالا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومېتىتىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تاللىدىم ،ۋە 200 سوم مەۋسۈملۈك تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردىم .
7.ئەلكۈيى مۇنبىرىدا مۇراجەتنامىسى چىققان 2ياشلىق قىز ئايگۈزەلگە بىر سوم پىلانى تورداشلىرى ھاۋالە قىلغان 502.5 سوم پۇلنى ئەۋەتىپ بەردىم .
8.بورتالا تەۋەسىدىكى ئوسمانجان ئىسىملىك ،ئاق قان كېسىلى دەسلەپكى باسقۇچىدا داۋالىنىۋاتقان بالىغا بۇلتۇردىن تارتىپ مۇراجەتنامە يېزىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بولغان ئىدۇق .بورتالا تەۋەسىدىكى بىر قىسىم مېھرىبانلارنىڭ شۇ بالىغا بەرسىڭىز دەپ بىزگە ئىئانە قىلغان پۇلى 300 سومغا ،بۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسىگە تېگىشلىك ئۇن ماي قاتارلىقلارنى سېتىۋىلىپ ۋە ئۆزىمىز شەخسەن باشقا بويۇملارنى قېتىپ بۇ بالىغا 3 قېتىم ياردەم قىلدۇق .
9.ھەپتىلەر ئاۋال مۇراجەتنامىسى چىققان ،"ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان "روزىھاجى تۇرسۇن ئىسىملىك بالىغا تورداشلار ھاۋالە قىلغان 201سوم پۇلنى ئەۋەتىپ بەردىم .
10.بىر سوم پىلانىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە بورتالا توك ئىدارىسىدە قۇرۇلغان مېھرىبانلىق فوندىغا شەخسەن نامىمدىن 500 سوم چىقىرىپ ئىئانە قىلدىم ۋە بۇ پۇلنىمۇ بىر سوم پىلانى دائىرسىدە ھېسابلىدىم .
(بۇ يىلدا ئىدارە رەھبەرلىگى بۇ پائالىيەتنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى ،ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر سوم پىلانىنىڭ "ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار "پىروگراممىسىدا قويۇلىشىغا تۈرتكە بولدى ،ئىدارىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلەرنىڭ قىلغان ئىئانىسىمۇ 1000سومغا يەتتى .)
11.بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇرى مۇلازىمىتى ئۈچۈن 36 سوم ،يىللىق ھەققى ئۈچۈن 10 سوم ،تورداشلار كارتىغا ئەۋەتكەن پۇللاردىن بىزدىن تۇتۇلغان رەسمىيەت ھەققى 29 سوم ،جەمىئىي 75 سوم .
شۇنداق قىلىپ 2011-يىللىق قىلىنغان چىقىم :
9318 سوم (توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز ئون سەككىز سوم )
بۇ يىلقى بار بولغان پۇلدىن بۇ يىللىق چىقىمنى چىقىرىۋەتسەك تۆۋەندىكىچە ؛
15865.86-9318= 6547.86 (ئالتە مىڭ بەش يۈز قىرىق يەتتە سوم سەكسەن ئالتە تىيىن )
ھازىر كارتىدا بار پۇل 6778.16 سوم ،بانكا كارتىسىدا3 .230 سوم پۇل ئارتۇق چىقتى .بۇ ئېھتىمال پۇل ئۇرۇلغان لىكىن بانكا سېستىمىسى ياكى مېنىڭ يانفونۇم ئېتىك ياكى باشقا سەۋەپلەردىن قىسقا ئۇچۇر كەلمەي قېلىپ تىزىمغا ئېلىنمىغان پۇل بولۇشى مۇمكىن ،شۇڭا ئارتۇق چىققان بۇ 230.3 سوم پۇلنى 'بىر سوم پىلانى "مىزنىڭ 2012-يىللىق ئىئانە تىزىم جەدىۋىلىگە "نامسىز "دەپ يازدىم .
قىستۇرما ھېسلار :
ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتمەكتە،
،2006-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى" بىر سوم پىلانى" مېھرىبانلىق پائالىيىتى باشلانغان ئىدى ،مانا بۈگۈن ئۇ 7-يىلىغا قەدەم قويدى .
ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﻚ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺕ،ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥھەسسە ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻣﯧھرىبانلىق ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ،ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ مېھرىبان ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ بىلەن 6يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى .ئۇمۇ بەئەينى بىر بالا ئىدۇكى ئۇنى مانامەن سىز ،ئۇ ،ھەممەيلەن پەپىلەپ يۈرۈپ7ياشقا كىرگۈزدۇق .بۇ جەرياندا تالاي تەسىرلىك ئىشلار بولۇپ ئۆتتى ،بۇنىڭ شاھىدى بولۇپ خاتىرە ئالبوم ۋە ھېسابات خاتىرىسى تۇرۇپتۇ .
،ئۇشبۇ قۇرلانى كۆرۈپ ئولتۇرغان ھەر بىر جان ئۇنىڭ17ياشقا ،70ياشلارغا كىرىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ دەپ شەكسىز ئىشىىنىمەن .
خەيىر ، ﺗﻮﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﭗ بورتالا شەھرىدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پائالىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈپ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯧﮭﺮﻯ -ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺩﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ . "ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ " ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ....ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﺘﯘﻕ .....ﺗﺎﻻﻱ ﺩﯨﻠﻼﺭ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﻯ ،ﺗﺎﻻﻱ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﻼﻧﺪﻯ ......ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ،ﻣﻪﺩﯨﻴﮭﻪ ،ﺑﺎﺭﯨﻜﺎﻟﻼ ..... ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﻻﻕ ﺗﯜﯞﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻳﺎﯕﺮﯨﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ،ﺟﻪﻣﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ،ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺗﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﻼﻧﻼﺭ ﺗﯜﺯﺩﯗﻕ ....................
ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ، ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ "ﯞﺍﻱ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ "ﺗﻮﯞﺍ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﯟﺍﺗﺴﺎ ،ﺗﻮﺧﺘﺎ ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﯨﻢ ،ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،،،ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ 100 ﺳﻮﻡ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻤﯘ ،ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ ﭘﯘﻟﯘﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﯞﯗ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ ،ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﭖ ..ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﺎﻻ ﺑﯘ ،ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ "ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ "ﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺘﯩﯔ ،ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﯩﻨﯩﺘﯩﯔ .! ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍ .ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ،مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯓ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىئەت قۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى بەختىيار كۈندە ﺗﺎﻻﻱ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ يۈرەكلەر ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ........ﺩﻩﭖ ﻣﻪﺩﻩﺗﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ..........
2006 -يىلى 12-نويابىر كۈنى بىر سوم پىلانىغا يىغىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ ﭼﺎﭘﭽﺎﻝ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻗﺎﻳﻨﯘﻕ ﻳﯧﺰﯨﺴغا ئېلىپ بارغان ئىدۇق .ئەنە ئەشۇ مەسۇم بالىلارنىڭ خوشاللىقلىرى كۆز ئالدىمدا ....
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ "ﺋﺎﻛﺎﺷﻼﺭ ،ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ....ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ .........
ﺋﻪﻧﻪ ﮬﯧﻠﻘﻰ :ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺑﺎﻻﻡ ،ﻣﻪﻥ ﭘﺎﻻﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻣﯩﺴﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﻪﯞﺭﻩ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ .............ﺧﯘﺩﺍ ﻳﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ...ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭ .....
ﻗﻪﺩﯨﺮﺩﺍﻥ ﺗﻮﺭﺩﯨﺸﯩﻢ -ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ،ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻡ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ مېھرى مۇھەببەت زەنجىرى ياسىماقتىمىز .ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﻻﻱ ﻗﻪﻟﯩﺒﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ .............
ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﯕﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ ................
بىر سوم پىلانى توغرىسىدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئىككىنچى قانىلى «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار »پىروگراممىسى كۆرسەتكەن مەخسۇس فىلىمنى كۆرۈش مەنزىلى :
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=41778
(ئىزدىنىش باشلىرىنىڭ بۇ فىلىمنى ۋە خۇلاسىنى 7كۈن ئىزدىنىش مۇنبىرى باش بېتىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .)
بىر سوم پىلانى ئۈچۈن 3000 سوم لازىم دېگەن تېمىنىڭ كۆرۈش مەنزىلى :
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=6&ThreadID=42308#Inkas
2011-يىللىق خۇلاسە شۇنىڭ بىلەن ئاخىر لاشتى .دىيارىمىزدىكى ھەر قانداق تور بېكەتكە ئۇلانما قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
"بىر سوم پىلانى"مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ ئىجراچىسى ۋاپادارىم912
ئەسلى ئىسىم فامىلە :ئەيساجان نىزامىدىن .
بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى .
يانفون نومۇرى :13565777257
2012-يىلى 1-يانۋار 1دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم 912 خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى ...
ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆچۈرۈلدى.
ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ ئۇتۇغلۇق بولسۇن!