|
|
|
|
كاشتان ياڭقى كاشتان ياڭقى يەنە كاشتان دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۆرەكنى قۇۋەتلەش رولى بار . جۇڭيى تىبابىتىدە ، كاشتان مۆتىدىل يىمەكلىك بولۇپ ، ئاشقازاننى ئاسىراش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق ، شۇنداقلا بۆرەكنى قۇۋەتلەپ ، قاننى جانلاندۇرۇش ، قان توختىتىپ ئىشىقنى ياندۇرۇش رولى بار . كاشتان يۇقىرى قان بېسىم ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قىلىدۇ . ياشانغانلار دائىم كاشتان يەپ بەرسە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، كاشتاننى خام يىگەندە ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز ، پۇشۇرۇپ يىگەندە گاز بولۇپ ، شۇڭلاشقا كۆپ يىمەسلىك كىرەك .
چىلان چىلاننىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ ، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ ، ھەر 100 گىرامدا 243 مىللىگىرام ۋىتامىن C بار ، بۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا كالىي ئىلمېنىتى بار ، بۇ بولسا يۇقىرى قان بېسىم كىشىلەر يىسە ئەڭ پايدا قىلىدىغان ياخشى يىمەكلىك .
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك جاي شۇكى ، چىلان گەرچە ناھايىتى يىيىشلىك بولسىمۇ ، مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش كىرەك ، چۈنكى چىلاننىڭ پوستى قاتتىق بولۇپ ، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز . جىق يەۋالغاندا ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيانلىق بولۇپ ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ بولۇش ، قورساق ئىسىلىۋىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرىلىشىگىمۇ پايدىسىز .
قوي گۆشى قوي گۆشى بولسا دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يىمەكلىكىدىن بىرى ، قوي گۆشى باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا يۇمشاق ، ھەم باشقا گۆشلەرگە قارىغاندا ماي قاتارلىقلار ئاز . قوي گۆشىدە ئاقسىلنىڭ مىقدارى كۆپ ، ماي ئاز ، ۋىتامىن B1 ، B2 ، B6 ۋە تۆمۈر ، سىنىك قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن كۆپ . گۆش يۇمشاق بولۇپ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق ، قوي گۆشىنى كۆپ يىگەندە بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . قوي گۆشىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كالا گۆشىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ ، قىش ۋە كۈز كۈنلىرى يىيىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدۇ
.http://www.xjyiyao.tv/vis.asp?adid=286 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 11:30 AM
|
|
|
|
|
|