مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 962|ئىنكاس: 13

يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18511
تۆھپە نۇمۇرى: 927
توردا: 2172 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:27:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش


234.jpg

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان، سىقىلىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوندا پاراڭلىشىش، ئالاقە قىلىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپەيگەچكە، ئىختىيارسىز بۇنداق پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن.

ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، مىكرو بىلوگلارغا يازما يوللاش، دوست ئىزدەش، توردىن مال سېتىۋېلىش... قاتارلىق مەشغۇلاتلار يان تېلېفوندىلا بېجىرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى.خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى يان تېلېفون ئابۇنتلىرى 5 مىليارد 280 مىليونغا يېتىپ، يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن.سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2011- يىلى 8-ئايلىق ئالاقە كەسپى ئومۇمىي ئەھۋالى» دا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنتى 940 مىليونغا يېتىپ، يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.8كە يەتكەن.بىر قېتىملىق بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 34 ياشتىن 52 ياشقىچە بولغانلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە 50 ياشتىن ئاشقان ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفون نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىگىلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.يان تېلېفونغا بېقىنىش گەرچە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن.تەن سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسى، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يان تېلېفونغا زىيادە بىقىنىۋېلىش كىشىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش، چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىدىكەن.پىسخىك ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يان تېلېفونغا بېقىنىش كېسىلى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي مېھىر -مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن:خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يان تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ بۇ كېسەلگە «گىرىپتار»بولغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ. باشقىلار بىلەن كۆپرەك يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، كۆپرەك دىققەتنى يان تېلېفوندىن باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى ئازايتىڭ.ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئىچىش ۋەجىدىن يان تېلېفونغا بېقىنىپ قالغان بولسىڭىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ، ساياھەت قىلىش، سىرتلاردا سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىڭ.ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە يان تېلېفونغىلا تايىنىۋالماي، گېزىت كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-31 11:30 PM  


قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ، ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

بەدەلسىز مۇۋەپپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35279
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 1886 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تىلىفۇننىڭ زىينىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمىز.تىلىفۇن ئىشلەتمىگەن زامانلار ئەڭ ساپ،ئەڭ شىرىن ،ئەڭ ....ئەڭ  زامانلار ئىدى.ھازىر ئىشلەتمەيلى دىسەكمۇ ئامال يوق.ماكان،زاماننىڭ ئىھتىياجى.

بەدەلسىز مۇۋەپپىقيەت بولمايدۇ.

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 901
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1285
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5656 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ كىسەلگە گىرىپتار بوپ قالدىممۇ نىمە؟ مانا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تىلفۇنۇم توخـاپ قاپتىكەن پۇل قاچىلاشقا سىرتقا چىقىشقا  ئەپسىز قالدىم.شۇ تاپنىڭ  ئكزىدە شۇنچىلىك تىت-تىت بوپ  كىتىۋاتىمەن....

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئازاپلىرىم،مېنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12222
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8919 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  خەۋەر كۆرۈش ئۈچۈن تېلفوندا تورغا كۆپرەك چىقىمەن..بۇ خىل كېسەل مەندىمۇ بار بۇلۇشى مۇمكىن~~~:qiray12

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

www.xjhiyal.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70477
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:44:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامراق بۇلا مەنچىلىك ئامراق بولماس ھېچكىم

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5619
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4628 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 11:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇنچە ئەمەس، ئاساسەن سۆزلىشىشكە ئىشلىتىمەن، باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەم بىردەمدىلا چارچاپ قالىدىكەنمەن! بىراق يانفۇنۇمنىڭ بىر مىنۇتمۇ توختاپ قېلىشىنى خالىمايمەن!:qiray13

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22249
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5250 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:15:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يانفۇنۇم كەچتە توختاپ قالغان بولسا ئىچىم تىتىلداپ ، بىئارام بۇلۇپ ئۇخلىيالمايتىم ... ھازىر بىرەركۈن يېنىمدا يوق بولسىمۇ ھېچقانداق تۇيۇلمايدىغان بۇلۇپ قالدى ... ئەمما يېنىمدا بار بولسا ئۇخلىغاندا بېشىمدا ، باشقا ۋاقىتتا قۇلۇمدا تۇرىدۇ ... كۆتۈرىۋېلىپلا يۈرگەچكە تولىسى ئاشخانىدا ، كىيىم كىچەك دۇكانلىرىدا ، ساتىراچخانىدا ، بەزىدە تاكسىدا ئۇنتۇپ قالىمەن ، ئىنسابلىقراقلىقى تىلفۇن ئۇرسام ئەكىلىپ بىرىدۇ ، بولمىسا يۈتتى دىگەن گەپ ... يىلدا ئاز بولغاندا ئۈچ يانفۇن يۈتتۈرىۋاتىمەن ھازىر ... ھازىر ... nokia 1200c  ئىشلىتىۋاتىمەن ، يۈتۈپ كەتسە غەم يوق ، ئالاقىلىشىدىغان نۇمۇرلىرىم زاپاسلانغان ... رەڭلىك  ئۇچۇر يوللىغانلار ئۆزى زىيان تارتىدۇ ... :qiray14

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7447
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 6958 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:34:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يان تىلفۇن كىسىلى شۇنداك خەتەرلىكمىدۇ؟

كۇكۇيۇن

يارى يوقنى دەڭلار بىچارە !!!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13664
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىمۇ باركەن بۇ كىسەل ئاپلا ......

شائېر قەدىمدىن كەلگەن گۆدەك دانا ياكى كەلگۈسىدىن
كەلگەن ئەقىللىق ساراڭ .

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11021
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5353
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 03:02:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭلاشقا مەن تېفۇن ئىشلەتمگەن :qiray124:qiray124:qiray124

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش