مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1462|ئىنكاس: 17

مۇراجىئەتنامە(ئۇمۇرتقا سىلى بىمارىغا جىددى ياردەم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇراجىئەتنامە





  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولسۇن.

توختىخان مەتقۇربان(ئاچام ،قوشنىمىز ۋە دادامنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى) بىر نەچچە يىللاردىن بىرى كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان بولۇپ ، بۇ يىل (2011) 6-ئاينىڭ 15- كۈنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 11-12 - ئۇمۇرتقا ئارىسىدا سىل(تۇبىركۇليۇز ياكى جىخىر دەپ ئاتىلىدۇ) بار ئىكەن دەپ دېئاگنۇز قويۇلغان. ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇمۇرتقا سۆڭەكنىڭ كېسەل قىسمى 30،000(ئوتتۇز مىڭ ) يۈئەن قىممىتىدىكى پولات تاختا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغان. بىمار بۇ قېتىم 61كۈن كېسەلخانىدا ياتقان . بۇ جەرياندا 60،000(ئاتمىش مىڭ) يۈئەن كەتكەن. ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولۇپ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىققان بولسىمۇ ، ئەمما ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغان.( يەنى بىمار ئورنىدىن مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ ، باشقىلار ئۆرۈپ قويمىسا ئىككى يانغا ئۆرۈلەلمەيدۇ .) ئەكسىچە بارغانسىرى يامانلىشىشقا قاراپ مېڭىپ، بىمار ئىككى پۇتىنى باشقۇرالمايدىغان  ۋە سەزمەيدىغان ھالغا بېرىپ يەتكەن. مېنىڭ كۆرۈشۈمچە ئوپراتسىيە قىلغان ئورۇندا ۋە مېڭىدە  توسالغۇ يۈز بېرىپ ، نېرۋىلار خىزمىتىگە زىيان يەتكەن ، ئۆپكىدىمۇ كېسەللىك كېسەللىك ئوچىقى بار ئىدى. ئاكام(دادامنىڭ ئىنىسى) ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ ، ئۇلار ھەرىكەتنى كۆپ قىلىپ بەرسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دېيىشتىن باشقا گەپ قىلمىغان.ئارىدا موللىغا بىر قېتىم ئوقۇتتى.

    11- ئاينىڭ بېشىدا خوتەنگە ئاچىقىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، كېسەللىك ئورنىغا يىرىڭ يىغىلىپ، نىرۋىنى بېسىپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ، پالەچلىك كىلىپ چىققان دەپ نەتىجە چىقىرىلغان.

11-ئاينىڭ 23-كۈنى  ئۇلار ئۈرۈمچىگە ، يەنى ئىككىنچى دوختۇرخانىغا يول ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆپكىدە سىل چىققان ۋە بۇ سىل ئۇمۇرتقا ئارىلىقلىرىغا چۈشۈپ ئۇ يەرنى يىرىڭلاتقان يەنى ئۇمۇرتقا سىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ دېئاگنوز قويۇلغان ھەمدە ئۇلار بىمارنى كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىشنى بۇيرىغان. كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن ، بىر مەزگىل ئۆپكىنى داۋالاپ ئاندىن ئۇمۇرتقىنى ئوپراتسىيە قىلماقچى بولغان. بىر مەزگىل داۋالاش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بىمارنىڭ ئەھۋالى بىر خىل تۇرغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئۇمۇرتقىنى ئوپراتسىيە قىلىش قارارىغا كەلگەن. ئوپراتسىيەنى باشلاۋىرىش ،ھېساباتنى ئوپراتسىيەدىن كىيىنلا قىلىشقا دوختۇرلارنى ماقۇل كەلتۈرۈش ۋە   بۇ يەردە ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ پۇل يىغىش قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى بىلەن ئوپراتسىيە قىلىدىغان كۈنى (يەنى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى) 32،000(ئوتتۇز ئىككى مىڭ) يۈئەن دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە شۇ كۈنى ئوپراتسىيە قىلىنغان . ئوپراتسىيەدىن كېيىن ھېسابلىشىش ئارقىلىق دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇل 111،000(بىريۈزئون بىرمىڭ ) يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئاكاملارنىڭ دوختۇرخانىغا 60،000(ئاتمىش مىڭ ) يۈئەنگە يېقىن قەرزى چىققان.قەرز سەۋەبلىك دوختۇرلار ئوپراتسىيە قىلغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ داۋالاشنى توختىتىپ قويغان. ئۇرۇق تۇققانلار يەنە 10،000 (ئون مىڭ) يۈئەن يىغىش قىلىپ چىقارغان بولسىمۇ ئۇنى يەنىلا قەرزگە تۇتۇپ داۋالاش ئېلىپ بارمىغان. ئۇلار بىمارغا سىرتتىن ئۇكۇل ئەكىرىپ سالغاچ تۇرغان. ئالدىمىزدىكى جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدا ئىمامنىڭ دەۋىتى بىلەن پۇل يىغىش قىلىپ 8000(سەككىز مىڭ ) يۈئەننى چىقىرىپ بەرگەن.بىمارنىڭ ئەھۋالى ئوپراتىسيەدىن كېيىن ياخشىلىنىش ئەھۋالىدا بولۇپ پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلىگۈدەك بولغاندا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن داۋالىنىشى يېرىم يولدا توختاپ قالدى. بىر نەچچە كۈنگىچە بىرلەشمە داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرەر دېگەن ئۈمىتدە تۇرغان بولساقمۇ ئۇلار بىر بىمارنىڭ بىر يىللىق چىقىمىدىن پەقەت 50،000( ئەللىك مىڭ) يۈئەنلا كۆتۈرىدىكەن. بۇ پۇلدىن ھازىر ئۇلارنىڭ كۆتۈرىدىغان سوممىسى 17،000(ئون يەتتە مىڭ) يۈئەن ئەتراپىدىلا قالغان بولۇپ ، دوختۇرخانىغا تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزگە ھېسابلىغانبدىمۇ يەنە 40،000(قىرىق مىڭ) ئەتراپىدا قەرز قالىدىكەن، قەرز تۈگىسھە ئۇنىڭدىن باشقا داۋالىتىشلار ئۈچۈن يەنە بىر مۇنچە پۇل كېتىشى ئېنىق.  كونىلاردا <<تاما- تاما كۆل تولار>> دېگەن گەپ بار  ، بۇ مۇراجىئەتنامىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇشىنى ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.

توردا باشقىلارغا ئىئانە توپلاشقا قاتناشقان 2007- يىلىدىن بۇيان تۆرت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن خالىس نىيەت كىشىلەرنىڭ ياردىمىنى، شۇلار نەتىجىسىدە كېسەللىك ئازاۋى ۋە چارىسىزلىق ئىچىدە ئىڭراۋاتقانلارنىڭ شىپالىق تاپقىنىنى كۆردۈم ، ئەلۋەتتە شىپالىق ۋە ياردەم ئاللاھ تەرەپتىندۇر. ئىشىنىمەن ۋە ئۈمىد قىلىمەنكى تورداشلار بۇ قېتىممۇ مۇشۇ ئاجىزەگە ياردەم قولىنى سۇنۇشتىن باش تارتمايدۇ .ئاللاھ بەرگەك قوللىرىڭلارغا ۋە بەرگەن پۇللىرىڭلارغا بەرىكەت بەرگەي.

بىمارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:




中国农业银行:账号-6228483700722113117
   
دوختۇرخانا ئورنى : ئاپتونۇم رايونلۇق كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، تۆتىنچى قەۋەت ، بىرىنچى ياتاق .
تېلىفۇن نومۇرى: 18040920435(ئۈرۈمچى) ئالاقىلاشقۇچى: مەمەت چوڭ


ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

تۇغرۇل _ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﻗﯘﺵ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21736
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ، ھەدىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بەرگەي .
تاما - تاما كۆل تۇلار دىگەندەك ھەممىمىز ئاز - ئازدىن ياردەم قىلساق ھەدىمىزگە ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد ئاتا قىلغان بولىمىز . مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ خالىس ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ قارايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا بۇ ھەدىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بەرگەي

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71539
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3631
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:56:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرۇپ ئىچىم شۇنداق سىرلىدى.
ئاۋال ئاللاھتىن بۇ ئاچىمىزغا شىپالىق بىرىشىنى تىلەيمەن
.

ھەم مۇشۇ تىمىنى كۆرگەن ھەر بىر 5-ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان .دىنى ئىسلام.رەببى اللاھ بولغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ .مۇشۇنداق ئاجىزەلەرگە.دۇئا قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.سەۋەب قىلغۇچى ئىنسان.شىپالىق بەرگۇچى اللاھ...

شۇنداقلا.دوسلىرڭىز بىلەن بىرە ئىككى ۋاق تاماقنىڭ پۇلىسىنى تىجەپ مۇشۇلارغا سالىھ ياردەم قولىڭىزنى سۇنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.!..
مەنمۇ كۇچۇنمنىڭ يىتېشىچە ياردىمىمنى ئايىمايمەن ئەلۋەتتە.

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ،  شىپالىق بەرگەي ..........

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا مۇشۇ كىسەلگە شپالىق ئاتا قىلسۇن.،.....

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8152
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1848 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  اللاھ اسانلىق بەرگەي.

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2344
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئاسانلىق بەسۇن ، مۇشۇ كۈندە باشقلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنىغانلار بەك ئاز ، شۇنداق بولسىمۇ سزلەرگە ئاللاھ يۈلەك بولسۇن ! شىپالىق تىلەيمەن ، پىقىرمۇ ئاران كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇقۇشۇچى ، بولمىسا مەن ياردم قىلاتتىم ، باشقىلارنىڭ ياردەم قۇلىنى سۇنىشىنى سۇرايمەن  

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52448
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھدىن ئاچىمىزنىڭ كىسلىگە شىپالىق تىلەيمەن .   تىما ئىگسىگە سەمىمى مەسلىھەت ______ كىسەل  تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى ئىكەن ،شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ بىمارنىڭ داۋالىنىشغا ئىقتىزادى جەھەتتىن كۆپ ياردىمى بۇلدۇ ، ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ئاتچوت قىلىپ قالدى قىسىمىنى  يەنە شۇ تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بەلگىلمە بۇيچە  يەنە ئاتچوت قىلدۇ ، دىمەك  ھەمكارلىشىپ داۋالاش ۋە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بۇلۇپ جەمى داۋالىنىش چىقىمنىڭ ئاتچۇت قىلىنىش نىسپىتى 85% دىن يۇقىرراق بۇلدۇ .
    ئەگەر تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى دوختۇرخاندا يېتىپ داۋالىنىشتا ئالدىن تاپشۇردىغان پۇل بولمىسا يەنە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسگە ئىھۋالنى ئېيتىپ ئىلتىماس قىلسا ،خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى داۋالىنىشقا يىتەرلىك پۇلنى شۇ كىسەل ياتقان دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلشىپ شۇ كىسەلنى داۋالاش ھىسابىغا ئالدىن پۇل ئۇرۇپ بىردۇ ، كىسەل ئۇزى پۇل تاپشۇرماي تۇرۇپ داۋالىندۇ ، بالنىستىن چىققاندا ئالىشقا تىگىشلىك رەسمىيەتلەرنى تۇللۇق ئېلىپ يەنە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسگە ئۆتكۇزۇپ بىرىپ ھىساپلاشسا بۇۇلدۇ .  مانا بۇ ئاپتۇنۇم رايۇن يولغا قويغان تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى كىسەل داۋالىتىشتا بەھرىمان بۇلدىغان ئىشلىرى .         بۇخىل ئۇسۇلنى خىلى كۆپ ئادەملەر ئېنىق بىلمەيدۇ ، بىز تۇرغان يەردە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قىلغانلارمۇ بار . چۇنكى مەنمۇ خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن  ، شۇڭا سىزگە بۇ ئىشلارنى دىدىم.  ئاخىردا ئانىمىزنىڭ كىسلىگە ئاللادىن شىپالىق تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52448
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھدىن ئاچىمىزنىڭ كىسلىگە شىپالىق تىلەيمەن .   تىما ئىگسىگە سەمىمى مەسلىھەت ______ كىسەل  تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى ئىكەن ،شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ بىمارنىڭ داۋالىنىشغا ئىقتىزادى جەھەتتىن كۆپ ياردىمى بۇلدۇ ، ھەمكارلىشىپ داۋالاشتىن ئاتچوت قىلىپ قالدى قىسىمىنى  يەنە شۇ تۇرۇشلۇق ئۇرۇندىكى خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بەلگىلمە بۇيچە  يەنە ئاتچوت قىلدۇ ، دىمەك  ھەمكارلىشىپ داۋالاش ۋە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى بۇلۇپ جەمى داۋالىنىش چىقىمنىڭ ئاتچۇت قىلىنىش نىسپىتى 85% دىن يۇقىرراق بۇلدۇ .
    ئەگەر تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى دوختۇرخاندا يېتىپ داۋالىنىشتا ئالدىن تاپشۇردىغان پۇل بولمىسا غەم قىلمىسىمۇ بۇلدۇ ،يەنە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسگە ئىھۋالنى ئېيتىپ ئىلتىماس قىلسا ،خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى داۋالىنىشقا يىتەرلىك پۇلنى شۇ كىسەل ياتقان دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلشىپ شۇ كىسەلنى داۋالاش ھىسابىغا ئالدىن پۇل ئۇرۇپ بىردۇ ، كىسەل ئۇزى پۇل تاپشۇرماي تۇرۇپ داۋالىندۇ ، بالنىستىن چىققاندا ئالىشقا تىگىشلىك رەسمىيەتلەرنى تۇللۇق ئېلىپ يەنە خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسگە ئۆتكۇزۇپ بىرىپ ھىساپلاشسا بۇۇلدۇ .  مانا بۇ ئاپتۇنۇم رايۇن يولغا قويغان تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولغۇچى كىسەل داۋالىتىشتا بەھرىمان بۇلدىغان ئىشلىرى .         بۇخىل ئۇسۇلنى خىلى كۆپ ئادەملەر ئېنىق بىلمەيدۇ ، بىز تۇرغان يەردە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قىلغانلارمۇ بار . چۇنكى مەنمۇ خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن  ، شۇڭا سىزگە بۇ ئىشلارنى دىدىم.  ئاخىردا ئانىمىزنىڭ كىسلىگە ئاللادىن شىپالىق تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش